گۈل ساتقۇچىنىڭ پەلسەپىسى

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-02-27 04:20:00

گۈل ساتقۇچى ماڭا: «بارلىق ئاق رەڭلىك گۈللەرنىڭ ھەممىسى تولىمۇ خۇشبۇي، باشقا رەڭلىك گۈللەرنىڭ خۇش پۇرىقى يوق دېيەرلىك» دەپ كېلىپ، مۇنداق خۇلاسە چىقاردى: «ئادەممۇ خۇددى شۇنىڭغا ئوخشايدۇ، قان...

       گۈل ساتقۇچى ماڭا: «بارلىق ئاق رەڭلىك گۈللەرنىڭ ھەممىسى تولىمۇ خۇشبۇي، باشقا رەڭلىك گۈللەرنىڭ خۇش پۇرىقى يوق دېيەرلىك» دەپ كېلىپ، مۇنداق خۇلاسە چىقاردى: «ئادەممۇ خۇددى شۇنىڭغا ئوخشايدۇ، قانچىكى ئاددىي ـ ساددا ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسى شۇنچىكى خۇش پۇراق بولىدۇ».
       گۈل ساتقۇچى ماڭا: « تۈنپۇراقگۈلنىڭ ئەمىليەتتە كۈندۈزىمۇ خۇش پۇرىقى بار، بىراق بىز ئۇنى ئانچە ھېس قىلالمايمىز» دېدى ۋە مۇنداق خۇلاسە چىقاردى: «كۈندۈزدە ئادەملەرنىڭ زېھنى چېچىلاڭغۇ بولغاچقا، تۈنپۇراقگۈلنىڭ پۇرىقىنى ھېس قىلالمايدۇ، ئەگەر كىشلەر كۈندۈزدىمۇ زېھنىنى مەركەزلەشتۈرەلىسە، تۈنپۇراقگۈل، دارچىنگۈللىرىنىڭ ھەتتا تومۇز كۈنلىرى چېڭقى چۈشتىمۇ خۇش پۇراق چاچىدىغانلىقىنى ھېس قىلالايدۇ. ئادەملەرمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بىز نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى يېنىمىزدا ئادەم قالمىغاندىلا ھىس قىلىمىز».
       گۈل ساتقۇچى ماڭا:«ئەتىگەندە نېلۇپەرگۈلى سېتۋالماقچى بولسىڭىز، چوقۇم پورەكلەپ ئېچىلغانلىقىنى تاللاڭ»دېدى ۋە مۇنداق خۇلاسە چىقاردى:«نېلۇپەرگۈلى سەھەردە ئېچىلىدۇ، ئەگەر ئۇ سەھەردە ئېچىلالمىسا، چۈشتە ياكى كەچتە ئېچىلىشى مۇمكىن ئەمەس. ئادەملەرمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ، بىر ئادەمنىڭ ياشلىقىدا سۈلكىتى بولمىسا، ئوتتۇرا ياش ياكى ياشانغاندا، تېخىمۇ سۈلكىتى بولمايدۇ». 
        گۈل ساتقۇچى يەنە ماڭا:«گۈل قانچە قىممەت بولسا شۇنچە ئوڭاي توزۇيدۇ» دېدى ھەمدە « گۈل قانچە قىممەت بولغانسېرى شۇنچە ئوڭاي توزۇيدۇ، بۇ گۈل سېتىۋالماقچى بولغان كىشگە قارىتىلغان : «ياشلىق ئەڭ ئوڭاي توزۇيدىغان گۈلگە ئوخشايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مەزگىلدە ئەڭ چىرايلىق ئېچىلىشقا ، ئەڭ ياخشى خۇشپۇراق تارقىتىشقا تىرىشىڭ، ياشلىقنى قەدىرلەڭ »دەپ خۇلاسە چىقاردى.
       گۈل ساتقۇچى ئاخىرىدا ماڭا: «ھەرقانداق ئەتىرگۈلنىڭ تىكىنى بار» دېدى. ئۇ مۇنداق خۇلاسە چىقاردى:«بۇ خۇددى ھەر قانداق بىر ياراملىق ئادەمنىڭ خارەكتىرىدە سىز ياقتۇرمايدىغان تەرىپى بولغانغا ئوخشايدۇ. شۇڭا قانداق قىلىپ تىكىنىنى قوبۇل قىلىشنى شۇنداقلا تىكىنىنىڭ سانجىلىشىدىن ساقلىنىشنى، شۇنداقلا ئۆز تىكىنىڭىزنىڭ سۆيگىنىڭىزگە سانجىلىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ».
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق