دانالار ھېكىمەتلىرى

يوللىغۇچى : Nazaket يوللىغان ۋاقىت : 2008-08-13 17:19:00

دانالار ھېكىمەتلىرى تەربىيىنىڭ كارامەت رولى بىزگە قانداق ياشاشنى ۋە قانداق ئادەم بولۇشنى تونۇتقانلىقىدا. ‏- تاگور بالىلار ئۆگىنىشكە تېگىشىلىك بىر پەن بار، ئۇ بولسىمۇ ئادەم بولۇش بۇرچى. - تول...

    دانالار ھېكىمەتلىرى

      تەربىيىنىڭ كارامەت رولى بىزگە قانداق ياشاشنى ۋە قانداق ئادەم بولۇشنى تونۇتقانلىقىدا.
        ‏- تاگور
    بالىلار ئۆگىنىشكە تېگىشىلىك بىر پەن بار، ئۇ بولسىمۇ ئادەم بولۇش بۇرچى.
        - تولىستوي
    ئۆزۈڭنىڭ ئىشتىھاسى بولمىسا تامىقىڭنى ئەيىپلەپ يۈرمە
        - تاگور 
    چىداملىق بولۇش بارلىق ئەقىل - پاراسەت ۋە ئىقتىدارنىڭ ئاساسى
        - باۋلۇ
    قارىتىدىكى بىلىم
     چوڭ - كىچىك شاھتىن باشقا 52 قارتا بىر يىلنىڭ 52 ھەپتە بولىدىغانلىقىنى، تاپان، غىش، قاغا، چىتىرلار بىر يىلنىڭ تۆت پەسىلگە بۆلۈنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. قارتىنىڭ ھەر بىر قولدىكىسى 13 دانە بولۇپ، ئۇ ھەر پەسىلنىڭ 13 ھەپتە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا قارتىدىكى قىزىلى كۈندۈزنى، قارىسى كېچىنى، قارتىدىكى K شاھقا، Q خانىشقا J شاھزادىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

    غايە توغرسىدىكى ھېكمەتلەر
     غايىنىڭ ئىنسانلارغا ئېلىپ كېلىدىغان بەخىت - سائادىتى ئىنسانلارنىڭ غايىگە ئىگە بولۇشنىڭ مۇقەررەرلىكى
         - تولىستوي
     غايىسىز ئادەم روھسىز تەن
     غايە - يول كۆرسەتكۈچى نۇرلۇق چىراغ، غايە بولمىسا، مۇقىم نىشان بولمايدۇ، نىشان بولمىسا تۇرمۇشمۇ بولمايدۇ.
         - تولىستوي
     غايە پاكىتتىن يۇقىرى تۇرىدۇ
         - بالزاك
     غايە بىلەن ھەرىكەت بىرلىشىشى كېرەك. بۇنى سۆزلەپ قويغان بىلەن بولمايدۇ. مۇھىمى ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتۇر .
         - لۇشۈن 

     

     ئىرادە - بىر ئىنساننىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكى
     ئەڭ زور نامرانلىق ئىقتىدارسىزلىق، ئەڭ زور پەسكەشلىك ئىرادىسىزلىك.
     مەسئۇلىيەت - ئۆز ئىشىغا بولغان مۇھەببەت دېمەكتۇر.
     ئەڭ چوڭ بىمەنىلىك - مەنىسىز ئىشلار ئۈچۈن جاپا چېكىش.
     ئەتىكى ئىشنى ياخشى قىلىشنىڭ بىرىدىنبىر ئۇسۇلى بارلىق زېھنىڭىز ۋە ئەقىل - پاراسىتىڭىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ بۈگۈنكى ئىشنى جايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنداڭ.
     بىشارەت - ئىنسانىيەتنىڭ رادارى .
     ئەڭ چوڭ بىمەنىلىك - مەنىسىز ئىشلار ئۈچۈن جاپا چېكىش .
     ئۈمىد - ئازابقا چېلىنغان مۇزىكا .
     بىپەرۋالىق ۋە ھورۇنلۇق - جان ۋە تەننىڭ ھەقىقىي مۇزلىشى .
     گۇمانلىنىش كەمچىلىك ئەمەس، لېكىن گۇمانلىنىپ ھۆكۈم چىقارماسلىق - كەمچىلىك .


     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق