ئىستاكان ۋە ئادەم

يوللىغۇچى : guzal110 يوللىغان ۋاقىت : 2014-04-08 17:33:05

ئادەم ھاياتتا ھەر خىل كەچمىش ۋە ئىشلارغا دۇچ كېلىپ تۇرىدۇ، بىراق باشتىن-ئاخىرى ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇپ بولالمايدۇ.


    ئىستاكان ۋە ئادەم
     
    پىروفېسسور بىر ئىستاكان لىق سۈت قۇيۇپ ئوقۇغۇچىلاردىن: «بۇ نېمە؟» دەپ سورىۋېدى، ئوقۇغۇچىلار: «سۈت!» دەپ جاۋاب بېرىشتى؛ پىروفېسسور يەنە بىر ئىستاكانغا لىق ياغ قۇيۇپ: «بۇچۇ؟» دىۋېدى، ئوقۇغۇچىلار: «ياغ!» دەپ جاۋاب بېرىشتى؛ پىروفېسسور شىرەگە بىر قۇرۇق ئىستاكاننى قويۇپ: «ئەمدى بۇ نېمە؟» دەپ سورىۋېدى، ئوقۇغۇچىلار «ئىستاكان» دېيىشتى.
    -مانا كۆردۈڭلار!-دېدى پىروفېسسور ئاخىرىدا،-پەقەت ئىستاكان قۇرۇق چاغدىلا، ئاندىن ئادەملەر ئىستاكانغا دىققەت قىلىدۇ ۋە «بۇ دېگەن بىر ئىستاكان» دەيدۇ، شۇنىڭغا ئوخشاش ئادەمنىڭ قەلبى پىشقان قاراش، بايلىق، ھوقۇق ۋە ئىمتىيازغا لىق تولغان چاغدا، ئادەم ئاللىقاچان ئۆزىگە تەۋە بولماي قالىدۇ. شۇنداق، ئادەم ھاياتتا ھەر خىل كەچمىش ۋە ئىشلارغا دۇچ كېلىپ تۇرىدۇ، بىراق باشتىن-ئاخىرى ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇپ بولالمايدۇ.
    مەنبە: «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» دىن ئېلىندى
    ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئەسەر ئاللاقاچان ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونىغا يوللىنىپ بولغان! ئوكيان قامۇسىغا ئەگىشىپ سەرخىل مەزمۇنلاردىن ۋاقتىدا بەھرىمان بولۇڭ، ئىزدەش نامى: okyanqamus
     \
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.