شىركەت خادىملىرى ئۈچۈن ياخشى ئادەتلەر

يوللىغۇچى : Nazaket يوللىغان ۋاقىت : 2007-07-18 09:35:00

ياخشى ئادەتلەر 1. قارىغۇلارچە ئىش قىلماسلىق ، ھەر قانداق ئىش قىلغاندا مەلۇم بىر مەقسەت ۋە ئېنىق نىشاننى كۆزلەپ تىرشىش كېرەك . 2. قارار چىقارغاندا كەسكىن بولۇش، قارارنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلگەن...

    ياخشى ئادەتلەر

    1. قارىغۇلارچە ئىش قىلماسلىق  ، ھەر قانداق ئىش قىلغاندا مەلۇم بىر مەقسەت ۋە ئېنىق نىشاننى كۆزلەپ تىرشىش كېرەك .

    2. قارار چىقارغاندا كەسكىن بولۇش، قارارنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلگەندە ئەتراپلىق ئويلىنىش كېرەك .

    3. باشقىلارنىڭ سۆزىگە سەۋرچانلىق بىلەن قۇلاق سېلىش ۋە ئەقىل - ئىدراك بىلەن مۇئامىلە قىلىش .

    4. قىلدىغان ئىشىنىڭ مۇھىملىقى ۋە جىددىيلىكىگە قاراپ « كۈندىلىك پىلان » تۈزۈپ ۋاقتىنى شۇ پىلان بويىچە مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك .

    5. ئۆزى ياخشى كۆردىغان ئىش بىلەن شوغۇللىنىش كېرەك .

    6. بىلىم ۋە ماھارەتنى داۋاملىق تولۇقلاپ تۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك .

    7. شېرىن ئارزۇ - خىياللار ئارقىلىق ئۆزىنى رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرۇش كېرەك .

    8. خىزمەت بىلەن ئارام ئېلىشنى ياخشى بىرلەشتۈرۈپ ، سالامەتلىكىنى ئاسراش كېرەك .

    9. مۇستەقىل ئىدىيە، كۆز قاراش ۋە مۇستەھكەم ئېتىقاد بولۇش كېرەك .

    10. مەغلۇبىيەتكە سەۋەب ئىزدىمەي ، بەلكى قىينچىلىقلارنى يېڭىشنىڭ چارە - ئاماللىرىنى ئىزدەش كېرەك . مەغلۇپ بولغۇچىلار قىلىشنى خالىمىغان ئىشلارنى قىلىشقا جۈرئەت قىلىش كېرەك .

     

    مەنبە : « شىنجاڭ ياشلىرى » ژورنىلى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق