شەخس ۋە كوللېكتىپ

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-04-11 18:05:47

-شامال بىر تامچە سۇنى قۇرۇتتى، تۇپراق بىر تامچە سۇنى سۈمۈرۈپ ئۆزىنىڭ قىلىۋالدى، قۇياش نۇرىدا ئۇ پارغا ئايلاندى، بىراق بۇ بىر تامچە دېڭىزغا قوشۇلغان بولسا، ئۇ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەن بولار ئىدى


    شەخس ۋە كوللېكتىپ
     
    ئۇستاز شىرەگە بىر تامچە سۇ تېمىتىپ شامالچىنى ئېچىۋەتتى، گۈررىدە چىققان ئىسسىق شامال، بۇ بىر تامچە سۇنى بىردەمدىلا قۇرۇتۇۋەتتى؛ ئۇستاز ئاندىن يەرگە بىر تامچە سۇ تېمىتىۋېدى، يۇمشاق تۇپراق سۇنى بىردەمدىلا قۇرۇتۇپ يوقاتتى؛ ئۇستاز كۈن نۇرى تازا چۈشۈۋاتقان يەرگە سۇ تېمىتىۋېدى، كۈچلۈك قۇياش نۇرى ئۇنى بىراقلا پارغا ئايلاندۇرۇپ غايىب قىلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ شاگىرتىغا قاراپ:
    -تامچە سۇنىڭ تەقدىرىنى كۆرۈڭ. ناۋادا ئۇنى قۇرۇتۇپ قويماي ساقلاپ قالماقچى بولساڭ، قانداق قىلىشىڭ كېرەك؟-دەپ سورىۋېدى، شاگىرتى خېلىغىچە باش چۆكۈرۈپ ئويلانغان بولسىمۇ، ئۇستازىغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرەلمىدى.
    -شامال بىر تامچە سۇنى قۇرۇتتى، تۇپراق بىر تامچە سۇنى سۈمۈرۈپ ئۆزىنىڭ قىلىۋالدى، قۇياش نۇرىدا ئۇ پارغا ئايلاندى، بىراق بۇ بىر تامچە دېڭىزغا قوشۇلغان بولسا، ئۇ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەن بولار ئىدى، شۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئادەم ھەر قانداق چاغدا بۈيۈك ئىشلارنى قىلىپ بولالمايدۇ، ناۋادا سەن مۇۋەپپەقىيەت قازانماقچى بولساڭ، ئۇنداقتا باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىشنى بىلىشىڭ كېرەك. بىزدە: «يالغۇر دەرەخ ئورمان بولماس» دەيدىغان ھېكمەت بار، سەن ھەر قانچە قۇدرەتلىك بولۇپ كەتسەڭمۇ، ئىتتىپاقلاشقان بىر توپقا مەڭگۈ رەقىب بولالمايسەن!
    مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.