تەپەككۇر مېۋىلىرى

يوللىغۇچى : qunduz يوللىغان ۋاقىت : 2007-04-05 03:11:00

تەپەككۇر مېۋىلىرى 1.رىقابەتچىسى يوق ئادەم بىر بولسا ھەممىدىن كۈچلۈك ،بىربولسا ھەممىدىن ئاجىز ئادەمدۇر.2.كۆز ئالدىڭدىكى دۈشمەن -ۋاقتىڭنى زايە قىلۋاتقان ئادەمدۇر.3.سالاپەت كىيىم-كېچەكتىن،كامالەت ...

    تەپەككۇر مېۋىلىرى

    1.رىقابەتچىسى يوق ئادەم بىر بولسا ھەممىدىن كۈچلۈك ،بىربولسا ھەممىدىن ئاجىز ئادەمدۇر.

    2.كۆز ئالدىڭدىكى دۈشمەن -ۋاقتىڭنى زايە قىلۋاتقان ئادەمدۇر.

    3.سالاپەت كىيىم-كېچەكتىن،كامالەت كىتاپ-ژورنال ۋە ئەمىلىيەتتىن كېلىدۇ.

    4.ئەمەلى ھەركەت -مۇناردەك ئاشكارە تۇرغان ھەقىقەت.

    5.پۇلدار ئايغا ئوخشايدۇ: بىردە ھىلال ،بىردە يېرىم ،بەزىدە تۇلۇن ،بەزىدە يوق؛ ئالىملار كۈنگە ئوخشايدۇ:ھەمىشە ئىللىق ،ئسسىق ،نۇرلۇق .يۇرۇق.

    6.مىنىڭچە ،دۇنيا ئۈچ خىل كىشىدىن تەركىپ تاپقان:بىرى،ئۆزى ئويلىغاننى قىلالايدىغانلار؛يەنە بىرى،باشقىلارنى دورىيالايدىغانلار،ئۈچۈنچى بىر خىلى بولسا ،ئويلاشقىمۇ دوراشقىمۇ ،جۈرئەت قىلالمايدىغانلار .

    7.تارىختا نام قالدۇرۇپ ،شۆھرەت  قازانغۇچىلار نىڭ كۆپۇنچىسى ئەڭ دەسلەپ باشقىلارنى ئۈزىگە ماسلاشتۇرۇشقا تىرىشماستىن،بەلكى ئۆزى دەسلەپ باشقىلارغا قانداق ماسلىشىشنى بىلگەن  كىشلەردۇر.

    8.ۋاقىتنىڭ  قىممىتى شۇيەردىكى ،ئۇ تۈنۈگۈن بەرگەننى بۈگۈن  بەرمەيدۇ.

    9.(1)كېچە -ئۆز قوينىغا  ئىنساننىڭ تالاي شەرمەندىلىكىنى يوشۇرغان.

    (2)كېچە - جەسەتلەر بىلەن تولغان مەھشەرگاھ.

    (3)كېچە -مۇۋاپىقيەت ۋە مەغلۇبىيەت ئۇرىقىنى ساقلايدىغان بالياتقۇ.

    (4)كېچە - ئازغۇن ئىنسانلارغا ھايۋاناتلار دۇنياسى ،ھايۋانلارغا  ھەم شۇ.

    (5)كېچە- دەرت -ھەسرەت تارتقۇچىلارنىڭ ئازاپ يېشىنى خەقتىن يۇشۇردىغان خالى جاي.

    (6)كېچە - تەتقىقاتچىنىڭ تەجىربىخانىسى، ھارغان پۇقرالارنىڭ ئارامگاھى ،كەيىپ -ساپاچىلارنىڭ ئىشرەتخانىسى،تەقۋادارلارنىڭ سەجدىگاھىدۇر.

    10.ئادەم ئازاپلانغاندا بىر بولسا  ئۈزىنى چۈشىنىدۇ،بىر بولسا ئۆزگىدىن نەپرەتلىندۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق