دىپلوماتلارنىڭ « مەخپىي قورالى 1 »

يوللىغۇچى : yesimen يوللىغان ۋاقىت : 2008-09-24 21:09:00

دانالىق قىلىش 1972- يىلى 5- ئايدا، ئامېرىكا سوۋېت ئىتتىپاقى باشلىقلىرى موسكۋادا ئىستراتېگىيىلىك قوراللارنى چەكلەش كېلىشىمى ئىمزالاش توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. سۆھبەتتىن كېيىن ئامېرىكا دۆلەت ...

    دانالىق قىلىش  

         1972- يىلى 5- ئايدا، ئامېرىكا سوۋېت ئىتتىپاقى باشلىقلىرى موسكۋادا ئىستراتېگىيىلىك قوراللارنى چەكلەش كېلىشىمى ئىمزالاش توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. سۆھبەتتىن كېيىن ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى ئالاھىدە ياردەمچىسى كېسىنگېر بىر مېھمانخانىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىپ، بىللە كەلگەن مۇخبىرلارغا ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيىلىك قوراللارنى چەكلەشكە دائىر تۆت كېلىشىمنى ئىمزالاش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغان.
    يىغىندا ئۇ ئەتراپىغا قارىغاچ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ، قىزىقچىلىق قىلىپ مۇخبىرلارغا: ‹‹ سوۋېت ئىتتىپاقى ھەر يىلى تەخمىنەن 250 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلەپ چىقىرىدۇ›› دېگەن.
    ئامېرىكا مۇخبىرلىرى بۇنى ئاڭلاپ:‹‹ ئۇنداقتا بىزچۇ؟ بىزنىڭ يوشۇرۇن باشقۇرۇلىدىغان بومبىمىز ۋە (خەلق ئەسكىرى) بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىمىز قانچىلىك؟›› دەپ سورىغان.
    بۇ شۈبھىسىزكى بىر قىيىن سوئال بولۇپ، كېسىنگېر ئەلۋەتتە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەر يىلى ئىشلەپ چىقىرىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ سانىنى ئاشكارىلىغانىكەن، ئۇنداقتا بۇ سوئالغا جاۋاب بەرمىسە، ئادالەتسىزلىك قىلغانلىق بولاتتى، شۇنداقلا دىپلوماتىيە يوسۇنىغىمۇ ئۇيغۇن كەلمەيتتى. ئەگەردە جاۋاب بەرسە، ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭ سانىنى ئېيتىپ قويۇپ، مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويغان بولاتتى. شۇنىڭ بىلەن مۇخبىرلار ئۇنى قانداق جاۋاب بېرەركىن دەپ قۇلىقىنى دىڭ تۇتۇپ تۇرغاندا، دېسىنگېر مۈرىسىنى قىسىپ قويۇپ، يۇمۇرلۇق ھالدا:‹‹ مەن ھازىر ئورۇنلاشتۇرۇلۇۋاتقان(خەلق ئەسكىرى) بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ قانچىلىكلىكىنى بىلمەيمەن، ئەمما يوشۇرۇن باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ سانىنى بىلىمەن، شۇغىنىسى، بۇ مەخپىيەتلىكمۇ، ئەمەسمۇ ئۇقمايمەن›› دەپ جاۋاب بەرگەن.
    بۇنى ئاڭلاپ مۇخبىرلار: ‹‹ بۇ مەخپىيەتلىك ئەمەس›› دەپ توۋلاشقان.
    شۇنىڭ بىلەن كېسىنگېر ياندۇرۇپلا:‹‹ بۇ مەخپىيەتلىك ئەمەسمۇ؟ ئۇنداقتا سىز ئېيتىپ باقمامسىز؟›› دەپ سورىغان. شۇنىڭ بىلەن مۇخبىرلار بۇ قايتۇرما سوئالىدىن ئۇجۇقۇپ، نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي، پەقەتلا كۈلۈپ قويۇپ بولدى قىلغان.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق