قۇملۇقتىكى ئككى دوست

يوللىغۇچى : PARI يوللىغان ۋاقىت : 2009-01-28 19:32:00

قۇملۇقتىكى ئككى دوست ئىككى دوست قۇملۇققا سەپەرگە چىقىپتۇ. سەپەر جەريانىدا ئۇلار كىچىككىنە بىر ئىش ئۈچۈن جېدەللىشىپ قېلىپ،بىرى يەنە بىرىنى بىر شاپلاق ساپتۇ.تاياق يىگەن بالا ئنتايىن خورلۇق ھىس...

     قۇملۇقتىكى ئككى دوست

        ئىككى دوست قۇملۇققا سەپەرگە چىقىپتۇ. سەپەر جەريانىدا ئۇلار كىچىككىنە بىر ئىش ئۈچۈن جېدەللىشىپ قېلىپ،بىرى يەنە بىرىنى بىر شاپلاق ساپتۇ.تاياق يىگەن بالا ئنتايىن خورلۇق ھىس قىلىپ ،چېدىر سېرتىغا چىقىپ،قۇمنىڭ ئۈستىگە>:بۈگۈن مېنىىڭ قەدىناس ئاغىنەم مېنى بىر شاپلاق سالدى<دەپ يىزىپ قويۇپتۇ. ئۇلار يولنى داۋاملاشتۇرۇپ، بىر بوستانلىققا كەلگەندە، شاپلاق يىگەن بالا دەرياغا چۈشۈپ كىتىپ، تۇنجۇقۇپ قالغىلى تاس قاپتۇ.تەلىيىگە يارىشا دوستى ئۇنى قۇتقۇزۇپ قاپتۇ. ئۇ بالا قۇتقۇزۋىلىنغاندىن كىيىن، خەنجىرىنى چىقىرىپ تاشنىڭ ئۈستىگە>:بۈگۈن دوستۇم مېنىڭ ھاياتىمنى قۇتقۇزۇپ قالدى<دېگەن خەتنى ئويۇپتۇ. بۇنىكۆرگەن دوستى قىزىققان ھالدا:>مەنسىنى ئۇرغاندا قۇمغا خەت يازغانىدىڭ.ئەمدى نىمە ئۈچۈن تاشقا خەت ئويىسەن؟<دەپ سوراپتۇ. ئۇ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:>دوستىن رەنجىگەندە،ئاسان ئۇنتۇلۇپ كىتىدىغان جايغا يىزىشىمىز كېرەك. ياردەمگە ئېرىشكەندە بولسا،كوڭلىمىزنىڭ چوڭقۇر قېتىدا ساقلىشىمىز كېرەك.ئۇنى بوران-چاپقۇنمۇ ئۆچۈرۋىتەلمەيدۇ<دەپتۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق