ئاشخانا ئۈزۈندىلىرى

يوللىغۇچى : nfisa يوللىغان ۋاقىت : 2014-03-11 15:29:26

بىر تال يېڭى يۇلتۇز بايقىغاندىن كۆرە، بىرتۈرلۈك يېڭىچە قورۇمىنى ئىجاد قىلىش ئىنسانىيەتنىڭ بەخت-سائادىتىگە تېخىمۇ پايدىلىق.


    ئاشخانا ئۈزۈندىلىرى

    رام ئانتېر مۇ بۇرىيا ساۋلان [فرانسىيە]

     
    * دۆلەتنىڭ تەقدىرى خەلقنىڭ قانداق غىزالارنى يەۋاتقانلىقى بىلەن ئۆلچىنىدۇ.
    * سېنىڭ قانداق نەرسە يېگىنىڭگە قاراپ، قانداق ئادەملىكىڭنى بىلگىلى بولىدۇ.
    * بىر تال يېڭى يۇلتۇز بايقىغاندىن كۆرە، بىرتۈرلۈك يېڭىچە قورۇمىنى ئىجاد قىلىش ئىنسانىيەتنىڭ بەخت-سائادىتىگە تېخىمۇ پايدىلىق.
    * ئىنسانىيەت بارلىق جانلىقلار ئىچىدە ئاچارچىلىق ۋە ئۇسسۇزلۇقنى تارتمىغان ئەھۋال ئاستىدا، يېمەك-ئىچمەك خۇشاللىقتىن بەھرىلىنىدىغان تۈر.
    * ئات-ئۇلاغلار يەم-خەشەك يەيدۇ، ئادەم تاماق يەيدۇ، شۇغىنىسى ئەقىللىق ئادەملەرلا غىزالىنىش سەنئىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.
    * قورۇما-تاماقلار تىلنىڭ بارلىققا كېلىشىدىمۇ بەلگىلىك تەسىرگە، ئاڭ بولمىغاندىمۇ تىلنىڭ سىپتىلىقى جەھەتتە ئاز-تولا رول ئوينىدى. بۇ كىشىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك يىغىلىشىنىڭ سەۋەبى بولۇپلا قالماي، يەنە غىزالىنىۋاتقان ياكى غىزادىن كېيىنكى ئازادە كەيپىيات كىشىلەرنىڭئىشەنچى ۋە سۆز قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق.
    *  گاسترونومىيە (تائاملار ئىلمى) نىڭ بۇرچى بىزنى تېخىمۇ ئازادە، تېخىمۇ كۆڭۈللۈك ياشاشقا ئىگە قىلىشتۇر.
    * ئۇنىڭ بىلەن مۇھەببەت تېخىمۇ شېرىن بولىدۇ، دوستلۇق تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىدۇ، دۈشمەنلىك پەسىيىپ، ئىشلار تېخىمۇ ياخشى يۈرۈشىدۇ. ئۇ ھايات چېغىمىزدا بىزگە كىشىنى مەڭگۈ زېرىكتۈرمەيدىغان ھۇزۇر ۋە لەززەت تۇيغۇسى بېغىشلايدۇ.
    مەنبە: «تەرمىلەر» ژۇرنىلى 2014-يىللىق 2-سان
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئادەم تەقدىر بەخت