ھاياتىمىزغا پايدىلىق تۆت كەلىمە سوز....

يوللىغۇچى : YultuzAy يوللىغان ۋاقىت : 2008-12-04 12:31:00

بىر ياش ياشانغان دانىشمەندىن ئىلىم تەھسىل قىلغىلى بېرىپتۇ. ئۇ دانىشمەندىن: مەن قانداق قىلسام ئۆزۈممۇ خوشال بولىدىغان، باشقىلارغىمۇ خوشاللىق ئاتا قىلالايدىغان ئادەم بولالايمەن، دەپ سوراپتۇ. ...

      بىر ياش ياشانغان دانىشمەندىن ئىلىم تەھسىل قىلغىلى بېرىپتۇ. ئۇ دانىشمەندىن: مەن قانداق قىلسام ئۆزۈممۇ خوشال بولىدىغان، باشقىلارغىمۇ خوشاللىق ئاتا قىلالايدىغان ئادەم بولالايمەن، دەپ سوراپتۇ. دانىشمەن ئۇنىڭغا قاراپ: مەن ساڭا تۆت كەلىمە سۆز ئوگۈتۈپ قوياي دەپتۇ. بىرىنچىسى،ئۆزۈڭنى باشقىلار دەپ بىلگىن، سەن بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۇرەلەمسەن؟ دەپتۇ. ئۇ بالا:سىز ماڭا ئازابلانغان ۋاقتىڭدا ئۆزۈڭنى باشقىلار دەپ بىلسەڭ ئازابىڭ يىنىكلەيدۇ، خۇشاللانغان ۋاقتىڭدا ئۆزۈڭنى باشقىلار دەپ بىلسەڭ، بەك خوشال بولۇپ كېتىپ مەغرۇرلىنىپ كېتىشتىن ساقلىنالايسەن، دىمەكچىمۇ؟ دەپتۇ.
      دانىشمەن بېشىنى لىڭشىتىپ بالىنىڭ گېپىنىڭ توغرىلىقىنى تەستىقلاپتۇ.ئىككىنچى كەلىمە سۆز، باشقىلارنى ئۆزەڭ دەپ بىلگىن، بۇنى قانداق چۈشىنىسەن دەپتۇ. بالا ئويلىنىۋالغاندىن كىيىن: باشقىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئاسان كۆرگىلى، باشقىلارنىڭ كېلىشمەسلىكىگە ھەقىقى ئىچ ئاغرىتىپ، ئەڭ ئېھتىياجلىق ۋاقىتتا ئۇلارغا ياردەم بەرگىلى بولىدۇ، دىگەنلىكمۇ؟دەپتۇ.
       دانىشمەن بالىنىڭ ئەقلىدىن سۆيۈنۈپ توغرا ، توغرا،   ئۈچىنچىسى، باشقىلارنى يەنىلا باشقىلار دەپ بىلگىن، دەپتۇ. 
        -بۇ سۆزنىڭ مەنىسى ھەرقانداق ئادەمنىڭ مۇستەقىل كۆز قارىشى بولغىنىدەك، باشقىلارنىڭ شەخسىيىتىگە ھۆرمەتلەش، ھەرقانداق ئەھۋالدا باشقىلارنىڭ مەركىزى رايونىغا بوسۈپ كىرمەسلىك كېرەك، دېگەننى بىلدۇرەمدۇ؟ دەپتۇ بالا.
      دانىشمەن قاقاقلاپ كۈلگىنىچە:ناھايىتى ياخشى،ياخشى. تۆتىنچىسى، ئۆزۈڭنى ئۆزەڭ دەپ بىلگىن. بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەك بەك تەس، سەن ئالدىرىماي ئاستا ئاستا چۈشىنىۋالغىن، دەپتۇ.
      بۇ تۆت كەلىمە سۆز ئوتتۇرىسىدا بەك كۆپ توقۇنۇش ۋە زىددىيەتلەر بار ئىكەن، مەن قانداق قىلسام ئۇلارنى بىرىكتۈرەلەيمەن، دەپ سوراپتۇ بالا. بۇ بەك ئاددى، بۇنىڭغا بىر ئومۇرلۇك ۋاقتىڭ ۋە كەچۈرمىشىڭ كېتىدۇ ،دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ دانىشمەن. بالا ئۇزاق ۋاقىت ئويلانغاندىن كېيىن قول قوشتۇرۇپ رەھمەت ئېيتىپ خوشلىشىپتۇ.
      كىيىن بۇ بالا يىگىتلىك دەۋرىنى ئۆتكۈزۈپ مويسىپىتقا ئايلىنىپتۇ. بۇ دۇنيادىن خوشلىشىپ خېلى يىللاردىن كىيىن كىشلەر دائىم ئۇنى ئەسلىشىدىغان بوپتۇ. كىشلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى «ئۇ بىر دانىشمەن ئادەم،ئۇ دائىم خوشال يۈرەتتى، باشقىلارغىمۇ خوشاللىق ئاتا قىلالايدىغان ئادەم ئىدى» دېيىشىدىغان بوپتۇ..
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق