دەرەخ سايىسى (پاراسەت ھېكمەتلىرى)

يوللىغۇچى : rukiya يوللىغان ۋاقىت : 2014-11-17 16:20:22

-بۇ دەرەخنىڭ كېرىكى يوق، چۈنكى بۇ دەرەخنى ھېچنىمىگە ئىشلەتكىلى بولمايدۇ، بۇ دەرەخنىڭ شېخىنىڭ ھەممىسىدە مۇنەك بار، بىرمۇ تۈز شېخى يوق، شۇڭا بۇ شاخلارنى تۈۋرۈك قىلغىلىمۇ بولمايدۇ؛ بۇ شاخلارنى كۆيدۈرگىلىمۇ بولمايدۇ،

    دەرەخ سايىسى (پاراسەت ھېكمەتلىرى)
     
    ئۇستاز بىلەن شاگىرتلىرى بىلەن ئورمانلىقتىن ئۆتۈك كېتىۋېتىپ، نەچچە يۈز ياغاچچىنىڭ چوڭ بىر ساراي سېلىش ئۈچۈن ياغاچ كېسىۋاتقانلىقىنى، پۈتكۈل ئورمانلىقتىكى ھەممە دەرەخنىڭ كېسىلىپ پەقەت بىرلا دەرەخنىڭ كېسىلمىگەنلىكىنى كۆرۈپتۇ. ئۇستاز شاگىرتلىرىنى نېمىشقا ھەممە دەرەخنىڭ كېسىلىپ پەقەتلا بىرلا دەرەخنىڭ كېسىلمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى سوراپ كېلىش ئۈچۈن ياغاچچىلارنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپتۇ.
    -نېمىشقا بۇ دەرەخنى كەسمىدىڭلار؟- دەپ سوراپتۇ شاگىرتلاردىن بىرى ياغاچچىلاردىن.
    -بۇ دەرەخنىڭ كېرىكى يوق، چۈنكى بۇ دەرەخنى ھېچنىمىگە ئىشلەتكىلى بولمايدۇ، بۇ دەرەخنىڭ شېخىنىڭ ھەممىسىدە مۇنەك بار، بىرمۇ تۈز شېخى يوق، شۇڭا بۇ شاخلارنى تۈۋرۈك قىلغىلىمۇ بولمايدۇ؛ بۇ شاخلارنى كۆيدۈرگىلىمۇ بولمايدۇ، چۈنكى بۇ شاخلارنى كۆيدۈرگەندە چىققان ئىش زەھەرلىك، بۇ دەرەخنىڭ قەتئىيلا كېرىكى يوق،- دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ياغاچچى.
    شاگىرتلار قايتىپ بېرىپ ئۇستازىغا بۇ دەرەخنىڭ كېسىلمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ. ئۇستاز شاگىرتلىرىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كېتىپتۇ ۋە :«سىلەر دەل مۇشۇ دەرەخكە ئوخشاش بولۇڭلار ، ئەگەر سىلەر بۇ دۇنيادا مەۋجۇد بولۇپ تۇرىمىز دەيدىكەنسىلەر، چوقۇم مۇشۇ دەرەخكە ئوخشاش بولۇشۇڭلار كېرەك، مۇشۇنداق بولغاندىلا باشقىلار سىلەرگە زىيان يەتكۈزمەيدۇ. ئەگەر بۇ دەرەخنىڭ شېخى تۈز بولغان بولسا، ئاللىبۇرۇن كېسىلىپ ئۆي جاھازلىرى ياسىلىپ بولغان بولاتتى؛ ئەگەر بۇ دەرەخ شېخى غەيرىي، چىرايلىق بولغان بولسا بازارغا ئاپىرىپ سېتىۋېتىلگەن بولاتتى، پەقەت مۇشۇ دەرەخ شېخىغا ئوخشاش قەتئىيلا كېرەكسىز بولغاندىلا، ھېچقانداق زەخمىگە ئۇچرىمايدۇ».
    شاگىرتلار ئۇستازىنىڭ گېپىدىن ئەجەپلىنىپ: «ئۇنداقتا بىز جەمئىيەتكە تۆھپە قوشمىغان بولمامدۇق؟» دەپ سوراپتۇ.
    -«ئەجەبا تۆھپە قوشۇشتا پەقەتلا تەسەۋۋۇرغا تايانسىلا بولامدۇ؟ ئەگەر بۇ دەرەخ ناھايىتى ئېگىز، چوڭ ئۆسسە نۇرغۇن ئادەملەر بۇ دەرەخنىڭ سايىسىدا سايىدىيالايدۇ ئەمەسمۇ؟»
    كىيىن بۇ دەرەخ بارغانسېرى چوڭلاپتۇ، بۈك-باراقسان ئۆسۈپ، نۇرغۇن ئادەملەر بۇ دەرەخنىڭ ئاستىدا سايىداپتۇ.
    («پاراسەت ھېكمەتلىرى»دىن، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دىن ئېلىندى)
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر دەرەخ