پۇل تېپىش مۇۋەپپەقىيەت قازانغانغا باراۋەرمۇ

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-02-14 17:42:29

ئالىكساندىر بروك ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى رۇسىيەلىك. ئو كىچىكىدىنلا ئىسكىرىپكىغا قىزىقاتتى، شۇڭا مۇزىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىغا كىرىپ ئوقۇشنى ئارزۇ قىلاتتى.

     
    پۇل تېپىش مۇۋەپپەقىيەت قازانغانغا باراۋەرمۇ
     
    ئالىكساندىر بروك ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى رۇسىيەلىك. ئو كىچىكىدىنلا ئىسكىرىپكىغا قىزىقاتتى، شۇڭا مۇزىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىغا كىرىپ ئوقۇشنى ئارزۇ قىلاتتى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئامېرىكىدا مۇزىكا ساھەسىدە جان باقماق بەك تەس بولغاچقا، بروكنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ مۇزىكا ئۆگىنىشىگە قارشى تۇردى. ئاخىرىدا بروك ئاتا-ئانىسىنىڭ رايىغا بېقىپ، مۇزىكا ئىنىستىتۇتىغا كىرىش ئارزۇسىدىن ۋاز كەچتى ۋە كولومبىيە سودا ئىنىستىتۇتىغا كىرىپ، سودا باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇدى.ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، بروك سودا ساھەسىگە قەدەم باستى، كۆپ كىرىم يارىتىدىغان تاۋارلارنى تۇتتى، گەرچە بۇ مەزگىلدە بروك خېلى كۆپ پۇل تاپقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ زادىلا خۇشال بولالمىدى، خىيالىغا ئىسكىرىپكا چالغان قىياپەت كىرىۋېلىپ، ئاخىرىدا مۇشۇ كەسىپتە ئۇتۇق قازىنىدىغاندەك تۇيغۇدىلا يۈرىدىغان بولۇپ قالدى.27 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىدە بروك ئازراق پۇل تاپقاندىن كېيىن، خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ ياۋرۇپادا مۇزىكا ئۆگىنىش قارارىغا كەلدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى تۆت يىلدا بروك ۋىيېنادا ياشىدى، بۇ تۆت يىلدا ئۇ پۈتۈن زېھنىنى مۇزىكا ئۆگىنىششكە قاراتتى. گەرچە تۇرمۇشى يالغۇزلۇق ۋە قىيىنچىلىق ئىچىدە ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن روھىي جەھەتتە ئۇ بەكمۇ خۇشال ئىدى. ھەر كۈنى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئىشنى قىلغاچقا، ئۇ خۇشال ياشاۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولاتتى. ئامېرىكىغا قايتقاندىن كېيىن ئۇ ئالاھىدە تالانتى بىلەن بوستون مۇزىكا ئەترىتىدە باش ئىسكىرىپكىچى بولدى، كېيىن پۈتكۈل ئامېرىكا تونۇيدىغان مۇزىكانتقا ئايلاندى. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئۇ مۇنداق دېگەنىدى:
    -ناۋادا مەن سودا ساھەسىدە تەر ئاققۇزۇۋەرگەن بولسام، ئۇنداقتا چوقۇم مىليونېرلارغا ئايلىنىشىم مۇمكىن ئىدى، بىراق بۇنىڭ ئۈچۈن ئىسكىرىپكا چېلىش ئارزۇيۇمدىن ۋاز كېچىشىمگە توغرا كېلەتتى، بىراق ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا، روھىي جەھەتتىكى ئېھتىياجدىن مەھرۇم بولۇپ، ھەر قانچە كۆپ پۇل تاپقىنىم بىلەنمۇ ئەھمىيىتى بولمايتتى، ھەتتا ئۆمرۈمنى ئەپسۇسلۇق ئىچىدە ئۆتكۈزگەن بولاتتىم.
    بۈگۈنكى كۈندە بىز پۇل تېپىش بىلەن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئارىسىغا باراۋەر بەلگىسى قويىدىغان بولىۋالدۇق، شۇ سەۋەپتىن نۇرغۇن ئادەم ھاياتىدىكى قىممىتى بار نەرسىلەردىن ۋاز كەچتى، ھەتتا بەزىلەر پۇل تېپىش ئۈچۈن غايەت زور بەدەلگە بەرداشلىق بەردى، شۇنداق دېيىشكە بولىدىكى، ھەممە  ئادەمدە دېگۈدەك روھىي ئېھتىياج بولىدۇ، روھىي جەھەتتىكى بۇ ئېھتىياج قانسا، بىز خۇشاللىق تاپىمىز-دە، بەخت ۋە ئىشەنچكە تولىمىز، ئەمەلىيەتتە بۇ نەرسىلەرنى پۇلغا سېتىۋالغىلى بولمايدۇ.
    پەرھات ئەمەت تەرجىمىسى
    مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.