ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىق قابىلىيتى توغر

يوللىغۇچى : Nazaket يوللىغان ۋاقىت : 2007-06-08 09:39:00

باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېزىقچىلىق قابىليتى توغرسىدا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تىل - ئەدەبىيات دەرسى ئاساسلىق دەرسىلەرنىڭ بىرى بولۇپ ، ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىي ، ئەقلىي ، جىسمانىي ،...

    باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېزىقچىلىق قابىليتى توغرسىدا

    باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تىل - ئەدەبىيات دەرسى ئاساسلىق دەرسىلەرنىڭ بىرى بولۇپ ، ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىي ، ئەقلىي ، جىسمانىي ، گۈزەللىك جەھەتلەردە ئەتراپلىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ سوتسىيالىزىم ئىشلىرىنىڭ ياراملىق ئىز باسارلىرىنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ . يېزىقچىلىق - تىل - ئەدەبىيات دەرسنىڭ ئەڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى ، ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشتە جەزمەن بېسىپ ئۆتۈش زۆرۈر بولغان يول . ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىق قابىليتىنى يېتىلدۈرۈشتە تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش لازىم .

    1. ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىققا بولغان تونۇشنى ئۆستۈرۈش كېرەك . باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېزىقچىلىققا بولغان تونۇشى يزەكى بولىدۇ. شۇڭا ، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا بۇ ھەقتىكى تەربىينى كۈچەيتىپ ، ئۇلارغا يېزىقچىلىقنىڭ تۇرمۇش ۋە خىزمەتتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ يۇقىرى يىللاردىكى ئوقۇشىنى غەلبىلىك تاماملاشنىڭ مۇھىم ئاساسى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش لازىم .

    2. ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىققا بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇرۇش لازىم . مەكتەپ ئىچىدە قەرەللىك ھالدا يېزىقچىلىق كۇرۇژۇكلىرىنى تەشكىللەپ ، ئۇنىڭ مەزمۇنىنى مول ، رەڭدار ، جانلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىق پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاش ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇلارنى چۆچەك ، ھېكايە ، مەسەللەرنى كۆپ ئاڭلاش ، كۆپ ئوقۇش ، كۆپ سۆزلەش ھەمدە ئوقۇغان ھېكايە ، چۆچەكلەردىكى ماقال - تەمسىللەر ، پاساھەتلىك سۆز - ئىبارىلەر ۋە مەزمۇنلۇق ئابزاسلارنى كۆچۈرۈپ كېلىشكە تاپشۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ يېزىقچىلىققا بولغان قىزىقىشنى ئاشۇرۇش لازىم .

    3. كونىلاردا « كىتابنى كۆپ ئوقۇساڭ ئەقىل تاپىسەن » دېگەن گەپ بار . كۆپ ئوقۇش ، كۆپ مەشىق قىلىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىق ئىقتدارىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ئۇسۇلى . ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتابنى كۆپ ئوقۇشقا يېتەكلەپ ، ئۇلارنى كىتابنى ئوقۇپ بولۇپ تەسىرات سۆزلەشكە ، قايتا بايان قىلىپ بېرىشكە تەشكىللەش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلەش ، يېزىش ئىقتدارىنى ۋە تىل بايلىقىنى ئاشۇرۇپ ، ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىش لازىم .

    4. ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىپ كەلگەن ماقالە ، ئەسەرلىرىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقىش لازىم . ئوقۇتقۇچى تاپشۇرۇققا بېرىلگەن ماقالە ، ئەسەرلەرنى ۋاقتىدا يىغىۋېلىش بىلەن بىللە يەنە تەپسلىي كۆرۈش ئارقىلىق ساقلانغان مەسلىلەرنى ۋاقتىدا تۈزىتىپ ، ئۇلارنى داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلەشكە ئىلھاملاندۇرۇش لازىم .

     

    ئاپتورى : يېزا ئىگىلىك 3- شى 53- تۈەن 3- مەكتەپتىن ئايىنساگۈل تۇرسۇن .

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق