ساقلاپ بېقىڭ

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-04-10 18:39:40

ئەگەر ئاچچىقلانماقچى بولساڭ دەررۇ ئىپادىلىمە، يىگىرمە تۆت سائەت ساقلا. يىگىرمە تۆت سائەتتىن كېيىن ئاندىن ئۆزۈڭ قىلىشنى خالىغان ھەر قانداق بىر ئىشنى قىل.

     
    ساقلاپ بېقىڭ
     
    ۋېي تىشياڭ
     
    بىرەيلەن ئەسلەپ مۇنداق دېگەنىدى: ئۇنىڭ دادىسى ئۆلۈپ كېتىش ئالدىدا، ئۇنىڭغا ناھايىتى مۇھىم بولغان ھايات ھەقىقىتىنى ئېيتىپ بېرىپتىكەن: «ئەگەر ئاچچىقلانماقچى بولساڭ دەررۇ ئىپادىلىمە، يىگىرمە تۆت سائەت ساقلا. يىگىرمە تۆت سائەتتىن كېيىن ئاندىن ئۆزۈڭ قىلىشنى خالىغان ھەر قانداق بىر ئىشنى قىل. باشقا بىرسىنى ئۇچۇقداپ قويماقچى بولساڭمۇ بولىدۇ، ئەمما چوقۇم يىگىرمە تۆت سائەتتىن كېيىن ھەرىكەتكە كەل.»
    ئۇ كىشى يەنە مۇنداق دېدى:
    -مەن بۇ گەپنى بەك ياقتۇرىمەن، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن غەزەپ-نەپرەت مېنى ئازابلىيالمىدى، چۈنكى مەن چوقۇم يىگىرمە تۆت سائەتتىن كېيىن ئاندىن جاۋاب بېرىمەن ئەمەسمۇ، بۇ چاغدا ئۇ ئىش ئاللىقاچان ئۇچچىغا چىققان ئەخمەقلىكتەك ھەتتا گۆدەكلىكتەك تولىمۇ كۈلكىلىك بىلىنىدۇ. بەزىدە تېخى قارشى تەرەپنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ، ئۇنىڭ توغرىدەك ھېس قىلىمەن-دە، رەھمەت ئېيتىمەن تېخى.
    «توختاپ تۇرۇش» كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى توقۇنۇشنى پەسەيتكۈچى، بەزىدە ئىنكاسىمىز بەك تېز بولۇپ كېتىپ، ئاسانلا قول ياندۇرۇپ، ئوڭايلا گەپ ياندۇرۇپ تەگىشىپ، تاكاللىشىپ قالىمىز، نەتىجىدە يىغىشتۇرغىلى بولمايلا قالماستىن، بەلكى كىشىنى ئۆمۈرلۈك پۇشايمانغا قويىدىغان ئىش كېلىپ چىقىدۇ.
    ساقلاپ بېقىڭ، شۇنىڭدا ئاچچىقىڭىز ئۆزلۈكىدىن يېنىپ قالىدۇ.
    ساقلاپ بېقىڭ، شۇنىڭدا ھوش-كاللىڭىز سەگەك بولىدۇ.
    ساقلاپ بېقىڭ، شۇنىڭدا جاۋابى ئۆزلۈكىدىن پەيدا بولىدۇ.
    مەنبە: «تەرمىلەر» ژۇرنىلى 2013-يىللىق 12-سان
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.