توشقان بىلەن تاشپاقىنىڭ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى

يوللىغۇچى : rukiya يوللىغان ۋاقىت : 2014-11-17 19:31:01

توشقان تۇغۇلۇشىدىنلا ئىنتايىن يۈگۈرۈك كېلىدۇ؛ تاشپاقا تۇغۇلىشىدىنلا يۈگۈرۈشنى بىلمەيدۇ، پەقەت ئاستا-ئاستا ئىلگىرىلەيدۇ. بۇ ئۆزگەرمەس ھەقىقەتتۇر!

     
    توشقان بىلەن تاشپاقىنىڭ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى
    نى كۇاڭ
    ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، «توشقان بىلەن تاشپاقىنىڭ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى» بىر تۈرلۈك قائىدىگە سىغمايدىغان مەسەل. چۈنكى، توشقاننىڭ ھەرقانچە ئۇيقۇسى كەلسىمۇ، ھەرقانچە ھۇرۇنلۇق ۋە ئېزىلەڭگۈلۈك قىلسىمۇ، مۇقەررەركى، تاشپاقىدىن تېز يۈگۈرەيدىغانلىقى ھەممەيلەنگە بەش قولدەك ئايان.
    توشقان تۇغۇلۇشىدىنلا ئىنتايىن يۈگۈرۈك كېلىدۇ؛ تاشپاقا تۇغۇلىشىدىنلا يۈگۈرۈشنى بىلمەيدۇ، پەقەت ئاستا-ئاستا ئىلگىرىلەيدۇ. بۇ ئۆزگەرمەس ھەقىقەتتۇر! مەزكۇر مەسەلدە تاشپاقىنىڭ تىرىشچانلىقى، توشقاننىڭ بوشاڭلىقى ئارقىلىق، بۇ پولاتتەك ھەقىقەتنى ئۆزگەرتىش مەقسەت قىلىنغان. شۇغىنىسى، بۇ بىھۇدە ئاۋارىگەرچىلىك.
    بۇ دۇنيادىكى نۇرغۇن ئىشلارنى نوقۇل تىرىشچانلىققا تايىنىپلا ھەل قىلىپ كەتكىلى بولمايدۇ. ئالايلۇق، بەزى كىشىلەر بەزى ئىشلارنى ئاسانلا ئىشقا ئاشۇرالايدۇ، بەزىلەر تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ ئىشقا ئاشۇرسا، يەنە بەزىلەر ھەرقانچە تىرىشچانلىق كۆرسەتسىمۇ ھېچبىر نەتىجىسى بولمايدۇ. ئوخشاشلا دۇنيادىكى نۇرغۇن نەرسىلەر بەزىلەردە تاغدەك دۆۋلىنىپ كەتسە، بەزىلەر ناھايىتى كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئازراق بىر قىسىمىغا ئېرىشەلەيدۇ، يەنە بەزىلەر ھەرقانچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپمۇ، زەررىچىلىك نەرسىگە ئىگە بولالمايدۇ.
    شۇڭا، ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ھېچقانداق ئىشتىن رەنجىپ يۈرمەڭ، ھېچقانداق بىر ئىشنىڭ رەنجىگۈچىلىكى يوق.
    بۇ ئالەمنىڭ ئىشلىرى ئەسلىدىنلا مۇشۇنداق.
    «تەرمىلەر» ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىللىق 7-سانىدىن ئېلىندى.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر توشقان