ئۆزۈم ئۈچۈن

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-03 15:31:01

سۈيۈملۈك ئۆزۈم ئۈچۈن 1. سۈيۈملۈكۈم مەن سەن بۈگۈندىن باشلاپ ئۆزۈڭدىن پەخىرلەنگىن، ئۆزۈڭ ئۈچۈن ياشىغىن، ئۆزۈڭنى سۆيگىن، چۈنكى ساڭا ئىچ ئاغرىتىدىغان ئادەم يوق 2.سۈيۈملۈكۈم مەن : ئېتىبارسىز ئىشلارغ...

    سۈيۈملۈك ئۆزۈم ئۈچۈن

     

    1. سۈيۈملۈكۈم مەن سەن بۈگۈندىن باشلاپ ئۆزۈڭدىن پەخىرلەنگىن، ئۆزۈڭ ئۈچۈن ياشىغىن، ئۆزۈڭنى سۆيگىن، چۈنكى ساڭا ئىچ ئاغرىتىدىغان ئادەم يوق

    2.سۈيۈملۈكۈم مەن : ئېتىبارسىز ئىشلارغا بەك ئېتىبار بېرىپ كەتمە، سۇنىڭ ئېقىشىغا قاراپ ئىش تۇتۇشنى بىلىۋال. چۈنكى دۇنيا مۇشۇنداق باراۋەر ئەمەس، سەن دائىم ئېتىبار بېرىدىغان شەئىيلەرنىڭ ئالدىدا داۋاملىق قەدىر قىممەتسىز بولۇپ قالىسەن.

    3. سۈيۈملۈكۈم مەن: ئۆزۈڭنى مەڭگۈ قىيناپ يۈرمىگىن، مەسىلەن تاماق يىمەيدىغان، يىغلايدىغان، ئۆزۈڭنىڭ ئىچىنى سىقىدىغان، ئىككىلىنىدىغان ئىشلار. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەخمەقنىڭ قىلىدىغان ئىشى.

    4. سۈيۈملۈكۈم مەن: ئەقىللىقراق بولغىن، دائىم ئەتراپىڭدىكىلەردىن دۆتلەردەك سۇئاللارنى سورىما، ئۇمۇ بىر بىمەنىلىك.

    5. سۈيۈملۈكۈم مەن: ئەگەر كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ قالسا، بېرەر بۇلۇڭلارغا ياكى يوتقاننىڭ ئىچىگە بېشىڭنى تىقىپ راسا يىغلىۋالغىن.  ساڭا باشقىلارنىڭ ھېسداشلىقى لازىم ئەمەس،  يىغلاپ بولغاندىن كېيىن يەنە كۈلۈپ ياشىيالايسەن.

    6. سۈيۈملۈكۈم مەن: ئۆزۈڭنى كەيپىياتىنى تەڭشەشنى ئۆگىنىۋالغىن، ھېچكىم ھېچكىمگە قەرز ئەمەس، شۇڭا سېنىڭ باشقىلارغا خالىغانچە خۇيلىنىشىڭغا ئاچچىقلىنىشىڭغا يولۇڭ يوق.


    7. سۈيۈملۈكۈم مەن: سېنىڭ رايىڭ يانسا مەيلى، لېكىن ھەممىدىن ئۈمىد ئۈزسەڭ بولمايدۇ. سەن باشتىن ئاياق بۇنىڭغا ئىشىنىشىڭ كېرەك « tomorrow is another day ».    مەن  ئىنگىلىزچە بىلمىگەنلىك  بۇ مۇشۇنداق قالدى.  ئەيىبكە بۇيرىمىغايسىلەر  ھې ھې ھې


    8. سۈيۈملۈكۈم مەن: سەن باشقىلارغا تاينىۋېلىشنى ئويلىما ھەمدە  پەۋقۇلئاددە ئارزۇ-ئۈمىدلەر بىلەن بىرىنچى ۋاقىت ئىچىدە  باشقىلارنىڭ ئالدىڭغا پەيدا بولىدۇ دەپ خىيالمۇ قىلما.


    9. سۈيۈملۈكۈم مەن: مەڭگۈ ئېسىڭدە بولسۇنكى ئاسانلىقچە كىشىگە ۋەدە قىلما،  ۋەدە قىلغان ئىكەنسەن مەسئۇليەتلىك قەرزدارى بولۇپ قالىسەن.


    10. سۈيۈملۈكۈم مەن: بۇ دۇنيادا تارىخ كەتسە  كەلمەيدۇ لېكىن ئۆتەلمەيدىغان دىيىشكىلى بولمايدىغان ئىش يوق.

    11. سۈيۈملۈكۈم مەن: باشقىلار ساڭا ياخشى مۇئامىلە قىلسا، سەن ئۇنىڭغا ئاشۇرۇپ ياخشى مۇئامىلە قىل، باشقىلار ساڭا ياخشى مۇئامىلە قىلمىسا، سەن ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىل. چۈنكى بۇ سېنىڭ ئۇنىڭغا تېخى ياخشى بولاللمىغانلىقىڭنى بىلدۈرىدۇ.

    12. سۈيۈملۈكۈم مەن: ئەمەلىيەت مەيلى قانچىلىك ئېچىنىشلىق قانچىلىق چىداپ تۇرغۇسىز بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سەن ناھايىتى جاھىللىق بىلەن بۇ پەقەت  بىر ئالدىڭدىكى ۋاقىتلىق قاراڭغۇلۇق دەپ بىلگىن.

    13. سۈيۈملۈكۈم مەن: سەن ئەسلىمىنى قويۇپ بەر، ئۇنتۇپ كەت، يىپى ئۈزۈلگەن لەگلەكتەك،  ئۇنى قويىۋەت،  ئۇ ئۇچۇپ يىراقلارغا كەتسۇن،  بۇنداق قىلغىنىڭ  ئۆزۈڭنى قويىۋەتكەنگە باراۋەر.

    14. سۈيۈملۈكۈم مەن: پۈتۈن دۇنيادا سەندىن پەقەت بىرىلا بار، ساڭا ھەۋەس قىلىدىغان بىرمۇ ئادەم قالمىغان تەقدىردىمۇ ، سەن يەنىلا ئۆزۈڭنى ياخشى قەدىرلىشىڭ، سۆيىشىڭ كېرەك. ھەقىقىي ئۆزۈڭ بولۇشقا تىرىشىشىڭ كېرەك.

    15. سۈيۈملۈكۈم مەن: ئەتراپىڭدىكى ساڭا ھەمرا بولىۋاتقان ھەربىر ئادەملىرىڭگە ياخشى مۇئامىلە قىل، چۈنكى مۇھەببەت بەلكىم ۋاقىتلىق بولسىمۇ لېكىن دوستلۇق مەڭگۈلۈك.

    16. سۈيۈملۈكۈم مەن: سەن چوقۇم مۇھەببەتتىن باشقا يەنە مۇشۇ زېمىندا پۇت دەسسەپ تۇرالايدىغان نەرسىنى ئىزدىگىن.
    17. سۈيۈملۈكۈم مەن:سەن داۋاملىق ئارزۇ ئۈمىدلەر بىلەن ئاسمانغا قاراپ قويغىن. سەن مۇشۇنداق تەلپۈنگىنىڭدە يەرگە چۈشۈشنىمۇ ئويلىشىپ قويغىن.


    18. سۈيۈملۈكۈم مەن: ئۆزۈڭنىڭ تۇيغۇسىغا ئىشەنگىن، باشقىلارنىڭ چىشىغا تەگمە، باشقىلارمۇ سېنىڭ چىشىڭغا تەگمىسۇن.


    19. سۈيۈملۈكۈم مەن: مەڭگۈ باشقىلار بىلەن خۇپىيانە ئارلاشما،  سەن ئارلىشىپ بولالمايسەن.


    20. سۈيۈملۈكۈم مەن: ئۇدارسىز مۇقامغا چۈشۈپ قالما، بەزى ۋاقىتلاردا قەيسەررەك بولىشىڭ كېرەك. بوزەك قىلىنغان ۋاقتىڭدا، چوقۇم يېڭىۋېلىشىڭ كېرەك. لېكىن ئۆچەكىشىپ قالما، كۆزى كىچىك ئادەملەر ئۆزىنىڭ سەنىمىدە مېڭىۋەرسۇن، ئىچ ئاغىرىتىش بەزىدە سېنى ئالىيجاناپ قىلىۋېتىدۇ.


    21. سۈيۈملۈكۈم مەن: خۇشال بول، شوخ بول، ئىگىلمەس بول، مۇلايىم بول، بۇ سېنىڭ خاراكتىرىڭ بىلەن مۇناسىۋەتسىز.


    22. سۈيۈملۈكۈم مەن: ئۆزۈڭگە ئېشەنگىن، ھەتتا ئۆزۈڭ بىلەن مۇھەببەتلەش، ھەر ۋاقىت ئۆزۈڭنى  قىممەتلىك ھەممىگە ئېرىشەلەيمەن دەپ ئاگاھلاندۇرغىن.

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر