ياشلار ئۇچۇن 101 ھىكمەت

يوللىغۇچى : AlsuyarHasan يوللىغان ۋاقىت : 2009-06-01 12:36:00

ياشلار ئۈچۈن 101 ھىكمەت بىر ئادەم بار بولۇپ قوشنىسى بىلەن دائىم جېدەللىشىپلا ئۆتىدىكەن، ئۇنى ئىچ - ئىچىدىن ئۆچ كۆرىدىكەن. بىر كۇنى ئۇنىڭ كالىسى يوقاپ كىتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى قوشنىسىدىن ...

         ياشلار ئۈچۈن 101 ھىكمەت 

        بىر ئادەم بار بولۇپ قوشنىسى بىلەن دائىم جېدەللىشىپلا ئۆتىدىكەن، ئۇنى ئىچ - ئىچىدىن ئۆچ كۆرىدىكەن. بىر كۇنى ئۇنىڭ كالىسى يوقاپ كىتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى قوشنىسىدىن گۇمانلىنىپتۇ. ئويلىغانسىرى شۇنچە گۇمانلىق تۇيۇلۇپتۇ. بىر نەچچە كۇن ئۆتكەندىن كېيىن، كالا ئۆزلىكىدىن قايتىپ كەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا قوشنىسى ئوغىرى ئەمەستەك تۇيۇلۇپتۇ. سەن ئېھتىمال كالا يوقۇتۇپ ياكى كالا ئوغۇرلاپ باقمىغان بولۇشۇڭ مۇمكىن. ئەمما،بۇ ھېكايە ساڭا مۇھىم ئىككى ئىشنى چۈشەندۇرۇپ بېرىدۇ :
        بىرىنچىسى، ئادەم ھەرگىز ئاداۋەت ساقلىماسلىقى كېرەك. سەن بىراۋىنى كالا ئوغىرلىدى دەپ پەرەز قىلساڭ، ئۇ كۆزۇڭگە ئوغرىدەكلا كۆرىنىدۇ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە كالا قايتىپ كەلسە، ئۇنىڭغا بولغان گۇمانىڭ ئاندىن يوقايىدۇ.
        ئىككىنچىسى، شۇنىسى يامانكى، بىز ھاياتىمىزدا ھەمىشە باشقىلار تەرىپىدىن «كالا ئوغىرلىغان » دەپ ناھەق ئەيىپلىنىپ قالىمىز، ئەگەر كالا ئۆزلىكىدىن قايتىپ كەلمىسە، بىز بىر ئۆمۈر باشقىلارنىڭ نەزىرىدە نەزىرىدە كالا ئوغرىسى بولۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن. شۇڭا، ھەرقانداق ئادەمدە ئۆزىگە نىسبەتەن ئىشەچ بولىشى كېرەك. سەن كالا ئوغىرلىمىغان بولساڭ ، لېكىن باشقىلار يەنىلا سېنى كالا ئوغىرلىدى دەپ تۇرىۋالسا، ئىسىڭدە بولسۇنكى، بۇنىڭلىق بىلەن ئۆزۇڭنىڭ دۇنياغا بولغان تۇنۇشۇڭغا نۇقسان يەتكۇزىۋالما.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.