ئىنەك بىلەن توپاق

يوللىغۇچى : muzatocli يوللىغان ۋاقىت : 2008-03-27 14:56:00

ئىنەك بىلەن توپاق (مەسەل) قېرى ئىنەك بىلەن ئۇنىڭ توپىقى ئىبادەتلىرىنى تۈگىتىپ تەڭرىگە ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇ-تىلەكلىرىنى بايان قىلدى. - ئى، ئۇلۇغ تەڭرىم، خوجايىنىمنىڭ تېنىنى ساق، ئۆمرىنى ئۇزاق قىل...

    ئىنەك بىلەن توپاق (مەسەل)

           قېرى ئىنەك بىلەن ئۇنىڭ توپىقى ئىبادەتلىرىنى تۈگىتىپ تەڭرىگە ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇ-تىلەكلىرىنى بايان قىلدى. - ئى، ئۇلۇغ تەڭرىم، خوجايىنىمنىڭ تېنىنى ساق، ئۆمرىنى ئۇزاق قىلغايسەن، -دېدى ئىنەك چىن ئىخلاسى بىلەن. -ئەي، ھەممىگە قادىر تەڭرىم، مېنى خوجايىننىڭ ئارغامچىسىدىن تېز راق ئازات قىلغايسەن، -دېدى توپاقمۇ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلگەن ھالدا. ئانىسى توپاقنىڭ تىلەك سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئاچچىقنى باسالماستىن ئۇنىڭ بېقىنىغا كېلىشتۈرۈپ بىرنى ئۈستى. -نېمە دەپ شۇملۇق تىلەۋاتىسەن ئەي نائەھلى، -دېدى قېرى ئىنەك، - ئەگەر خوجايىندىن ئايرىلساڭ سېنى كىم باقىدۇ-ھە؟! -ھىم، بېقىپتىمىش تېخى، تەييار ئوتنى يەپ، تەييار سۇنى ئىچىپ، ئەركىن- ئازادە ياشاۋاتقان تاغدىن تۇتۇپ ئەكىلىپ، موزاي تاپالمىسۇن دەپ، ئۇرۇقدېنىمنى پىچىۋەتكەن ئۇ ئەبلەخنىڭ ئۈلۈمىنى تىلىسەممۇ ئازلىق قىلىدۇ. قېرى ئىنەك بىر ئاز مۇلايىملاشتى. - شۇنداقتىمۇ، بىزگە يۇمشاق سامان، قۇرۇق پاسار بېرىۋاتقان خوجايىندىن ئاغرىنساڭ بولمايدۇ-دە. -ئانا، سەن بەك ئۇنتۇلغاق ئىكەنسەن، سەن يەۋاتقان سامان بىلەن پاسار تېرىيدىغان يەرنى كىم ساپان تارتىپ ئاغدۇردى! كىم سۆرەم تارتىپ يۇمشاتتى! يەردىن چىققان ئۆنچە بىلەن پاسارنى كىم ياغاچ ھارۋا تارتىپ توشىدى!مۆڭگەنلەرنى كىم تۇلۇق تارتىپ يۇمشاتتى!سېنىڭ ئاپپاق سۈتلىرىڭنى كىم سېغىپ ئىچىپ، سېتىپ خەجلەۋاتىدۇ!ئاكام نى كىم ئۆلتۈرۈپ، يەپ كەتتى! بىر يىللىق دېھقانچىلىقتىن سەن نېمى گە ئېرىشتىڭ! خوجايىن نېمىگە ئېرىشتى!ئانا، سەن بوۋامغا يات مو زاي تۇغۇشتىن باشقا ھېچنىمىنى بىلمەي كەلدىڭ. قايسى كۈنى مەن خوجايىننىڭ مېنى بىرنەچچە ئاي بورداپ سەمىرتىپ، ئاندىن ئۆلتۈرۈپ يىيىش توغىرلىق ئايالى بىلەن قىلىشقان سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قالدىم. قېرى ئىنەك ئۆزىنىڭ بىر ئۆمۈر ياشىغان بولسىمۇ بايا توپاق ئېيت قان مەسلىلەر ھەققىدە پەقەتلا ئويلىنىپ باقمىغانلىقىغا ئاچچىق خۇر سىنىپ ئېغىر پۇشۇلدىغىنىچە گېلىدىكى ساماننى كۆشەپ تۇرۇپ قالدى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق