كىتاب ھەققىدە ھېكمەتلەر

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-24 08:14:27

كىتاب ھەققىدە ھېكمەتلەركىتاب — ئىنسانلار دۇنياسىنى بىلىش، دۇنيانى ئۆزگەرتىشتەك ئۇزۇن يىللىق كۆرەش ئەمەلىيىتى جەريانىدا بارلىققا كەلتۈرگەن ئەقىل – پاراسەت جەۋھىرى. بىر ياخشى كىتاب بىلەن ئۇچر...

    كىتاب ھەققىدە ھېكمەتلەر


    كىتاب — ئىنسانلار دۇنياسىنى بىلىش، دۇنيانى ئۆزگەرتىشتەك ئۇزۇن يىللىق كۆرەش ئەمەلىيىتى جەريانىدا بارلىققا كەلتۈرگەن ئەقىل – پاراسەت جەۋھىرى.

     بىر ياخشى كىتاب بىلەن ئۇچراشسىڭىز بىر ياخشى دوست ياكى بىر ئالىم بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇپ، گۈزەل ئەتىنىڭ، پارلاق يېڭى ھاياتنىڭ چىرتىيوژىنى سىزىۋاتقاندەك ئىپتىخارلىق ھېسسىياتتا بولىسىز.

    ئۆي ۋە ھۇجرىڭىز ھەر قانچە ھەشەمەتلىك بېزەلگەن بولسىمۇ، لېكىن بىرەر پارچە كىتاب بولمىسا، خۇددى سۈيى يوق كۆلگە ئوخشايدۇ.

    بىرەر پارچە كىتاب بولمىغان ئۆي گۈل يوق باغقا ياكى يېشىللىق يوق تاغقا ئوخشايدۇ.

     بىرەر پارچە كىتاب بولمىغان ئۆي ئادەمسىز بازارغا ئوخشايدۇ. كۆچۈرۈپ يۆتكەش ياخشى ئىش ئەمەس.

    بىرەر پارچە كىتاب بولمىغان ئۆي بىر تالمۇ يۇلتۇز يوق قاراڭغۇ ئاسمانغا ئوخشايدۇ.

    بىرەر پارچە كىتاب بولمىغان ئۆي ھېچقانداق ئۇچار قۇش بولمىغان جىمجىت ئورمانلىققا ئوخشايدۇ.

    بىرەر پارچە كىتاب بولمىغان ئۆي سېمىز پاقلان گۆشىدە قايناتقان، ئەمما تۇزى يوق شورپىغا ئوخشايدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.