بارلىقىمىزنى بالىلارغا بېغىشلايلى !

يوللىغۇچى : Nazaket يوللىغان ۋاقىت : 2007-06-11 19:06:00

بارلىقىمىزنى بالىلارغا بېغىشلايلى ! ( باش ھەرپى « ب » دىن باشلانغان سۆز ئويۇنى ) بالىلار - بۈگۈنىمىزنىڭ باھارى ، بىزنىڭ بەرىكىتىمىز ، بېھساب بايلىقىمىز. بالىلار بولغاچقىلا بىزنىڭ بۈگۈنىمىز بە...

    بارلىقىمىزنى بالىلارغا بېغىشلايلى !

    ( باش ھەرپى « ب » دىن باشلانغان سۆز ئويۇنى )

    بالىلار - بۈگۈنىمىزنىڭ باھارى ، بىزنىڭ بەرىكىتىمىز ، بېھساب بايلىقىمىز. بالىلار بولغاچقىلا بىزنىڭ بۈگۈنىمىز بەخىتلىك .

    بىز بولساق بىلىم بۇلىقىدىن بالىلارغا بال بەرگۈچىلەرمىز . بىلمگەننى بىلدۈرۈپ ، بوغۇنلارنى بۈيۈكلۈككە ، بىپايان بەخىت بوستانلىقىغا باشلىغۇچىلارمىز.

    بىراق ، بىزنىڭ بەزى باغۋەنلىرىمىز بالىلارنىڭ بەزىبىر بالىلارچە بەلگىلىرىدىن بىزار بولۇپ ، بارلىقىنى بالىلارغا بېغىشلاشتەك بۈيۈك بۇرچىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيۋاتىدۇ .

    بارچە بالىلار بىردەك بىزگە باقىدىغان ، بويسۇنىدىغان بولمايدۇ ، بەزى بالىلار بەڭۋاش ، بىپەرۋا بولسا ، بەزى بالىلار بەتخۇي ، بەتقىلىق بولىدۇ. بەزى بالىلارنىڭ بەدىنى بېجىرىم بولمايدۇ . بەزى بالىلار بەئەينى بۆشۈكتىكى بوۋاقتەك ، بۈگۈندىن بىخەۋەر بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقىچىرەك بولدىغانلىرىمۇ بار .

    بىراق ، بىز بالىلاردىكى بۇ بارماقچىلىك بەلگىلەرنى باھانە بىلىپ ، بالىلاردىن باتناپ ، باشقۇرۇش ، باشلاش ، بېغىشلاشتەك بۇرچىمىزدىن باش تارتساق بولمايدۇ -دە !

    بىز بىلسەك بولىدۇكى ، بىزدىمۇ بەزىبىر بويۇنتاۋلىقلار بار . بەلكىم بالىلاردىكىدىنمۇ بەكرەك بار . بەزىلەرنىڭ بېلى بەك بوش . بىر- بىرى بىلەن بىلىمدە بەسلەشمەيدىغانلار ، بۈگۈنگە باقماي ، بىلىمنى بېيىتماي ، بۇرۇنقى بىلىمنى باغاشلاپ ، بىباھا باھارىنى بىكارچلىق بۆشۈكىگە بۆلەۋاتقانلار بار . بەزىلەر بىكۆيۈم ، بارلىق بالىلارنى بابباراۋەر بىلمەيدۇ ، بىلىم بېرىشتە بېخىل . بەزىلەر بەجايىكى بەگدەك بەزم -باراۋەتتە بەدىننى بورداش بىلەن بولسا  ،بەزىلەر بوتكىلاردا بوتۇلكىلارنى بەتلەش بىلەن ، بەزىلەر  باش - بويۇنلىرىنى بۈدۈرلەش ، بوياش بىلەن بەند .

    بىلىم بازارلىشىۋاتقان بۈگۈندە بۇنداق باغۋەنلەر باغۋەن بولالمايدۇ . بەلكى بوياقچى ، بىلىم بېغىدىكى بىكېرەك باراڭدىن بەتتەررەك . بۇنداقلارنىڭ بەتبەشىرسىدىن ، بىنورمال بەلگلىرىدىن بالىلار بەك بىزار .

    بىلىمسزلىك بەخىتسىزلىككە باشلايدۇ . بالىلىرىمىز بەختىسىز بولسا ، بىزنىڭ باغۋەنلىك بەلگىمىز ، بىلىم باغچىسى بولمىش بارگاھىمىز - بازىمىز بەربات بولغان بولمامدۇ ؟

    بىزگە باشاقسىز بۇغداي ، باچكىسىز بۆدۈنە بىكېرەك . بىز بۈگۈنگە باقمىساق ، بۈگۈن بىزگە باقمايدۇ . بىز بەدىنىمىزدىكى بايىقىدەك بىنورمال بەلگىلەرنى بالدۇراق بايقاپ ، بۇنى بىر بالايىئاپەت ، بوھران بىلىپ ، بالىلىرىمىزنى باشقىدىن باغىرىمىزغا باغاشلايلى . باشلىلارنىڭ بالىلىقىدىن باتنىماي ، بىلىم باغچىسىغا باشلايلى .

    بىزمۇ باشقىلارغا بېقىپ بېكىنمچىلىكتىن ، بۇرۇقتۇملۇقتىن بوشىنىپ ، بولمىغۇر بوپا ، بويۇنتۇرۇقلارنى بارخانغا بېسىپ ، بۈگۈنگە ، بازارغا بۇرۇلايلى .

    بىز باغۋەنلەر بىر نىيەتتە بىرىكىپ ، بېلىمىزنى بەكرەك باغلاپ ، بىلىمىمىزنى بالدۇرراق بېيىتىپ ، بالىلىرىمىزنى بىلىم بېغىنىڭ بوستانلىقلىرىدا بەھوزۇر بەھىرلەندۈرۈلۈپ ، بىر- بىرى بىلەن بىلىمدە بەسلەشتۈرۈپ ، بىلىم بىناسىنى بېزىمىسەك ، بۇلارنىڭ باھار باغچىسىنى بىلىم بىلەن بۈك - باراقسانلاشتۇرمىساق بولمايدۇ . بۇنىڭدىن باشقا بىزنىڭ بۈزۈرۈكلىرىمىزنىڭ : « بىلەكلىك بىرنى بابلار ، بىلىملىك بىرمۇنچىنى » ، « بوياق بىلەن بويغىچە بويۇڭنى ، بىلىم بىلەن بېزىگىن بېشىڭنى » غا بىنائەن ، بالىلارغا بىلىم بېرىش بىلەن بىللە ، بۈيۈك بولۇشنىڭ بەلگە - باسقۇچلىرىنىمۇ بىلدۈرمىسەك بولمايدۇ . بىز بۇ باسقۇچلاردىن بالىلارنى باشلاپ ، بايراقدارلىق بىلەن بۆسەيلى .

    بىزنىڭ بالىلىرىمىز بەئەينى بېھىش باغلىرىدىكى بىناۋا بۇلبۇللاردەك ، بايانداي ، بورتالا ، بايىنغۇلىن ، بار كۆل بوستانلىقلىرىدىكى بوشلۇقلاردىن باشقا ، بۇخارا ، باغداد، بومباي ، بېرلىنلارنىڭ بىلىم بوشلۇقلىرىدىمۇ بىرىنچى بولسۇن . بىز بۇنىڭغا بىجانىدىل بەدەل بېرەيلى .

    بىز بۈگۈندىن باشلاپ ، بارلىقىمىزنى بالىلارغا ، بالىلارنىڭ بەخىتىگە ، بالىلارنىڭ بارلىقىغا بېغىشلايلى ! بۇ بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۈيۈك بۇرچىمىزدۇر . بۇ بارلىق باغۋەنلىرىمىزنىڭ بەرھەق بەلگىلىمىسى بولسۇن ، بىزنىڭ بالىلىرىمىز بىلىملىك ، بەختىلىك ، باتۇر ، بېجىرىم بولسۇن .

    ئەسكەرتىش : ئەسەرنىڭ ئېھتىياجى بىلەن « بىلىكى چوڭ بىرنى يېڭەر ، بىلىمى چوڭ مىڭنى » ، « بوياق بىلەن بويىغىچە تېشىڭنى ، بىلىم بىلەن زىننەتلىگىن ئىچىڭنى » دېگەن ماقاللار قىسمەن ئۆزگەرتىلدى .

    مەنبە : مائارىپ ژورنىلى

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق