مۇۋەپپەقىيەتنىڭ مەخپى رېتسىپى بولمايدۇ

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-18 19:50:58

مۇۋەپپەقىيەتنىڭ مەخپى رېتسىپى بولمايدۇ بىر ئوقۇغۇچى بۈيۈك پەيلاسوپ سوقراتقا:- ئۇستاز، قانداق قىلغاندا سىزگە ئوخشاش مول بىلىملەرنى ئۆگەنگىلى بولىدۇ، دەپ سۇئال قويۇپتۇ؟ -سوقرات بۇ سۇئالغا بىۋ...

       مۇۋەپپەقىيەتنىڭ مەخپى رېتسىپى بولمايدۇ

       بىر ئوقۇغۇچى بۈيۈك پەيلاسوپ سوقراتقا:- ئۇستاز، قانداق قىلغاندا سىزگە ئوخشاش مول بىلىملەرنى ئۆگەنگىلى بولىدۇ، دەپ سۇئال قويۇپتۇ؟       

    -سوقرات بۇ سۇئالغا بىۋاستە جاۋاب بەرمەي:-بۈگۈن بىز ئەڭ ئاددىي ھەمدە ئۆگەنمەك ئەڭ ئاسان ھەرىكەتنى ئىشلەيمىز، ھەممىڭلار بىلىكىڭلارنى ئامالنىڭ بارىچە كۈچەپ ئالدىغا چىقىرىڭلار، ئاندىن كۈچەپ ئارقىغا تاشلاڭلار! دەپتۇ. ئۇ شۇنداق دېگەچ ئۈلگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ھەر بىرىڭلار بۈگۈندىن باشلاپ بۇ ھەرىكەتنى كۈندە 300قېتىمدىن ئىشلەڭلار، كۆپچىلىك، مەن دېگەندەك قىلالامسىلەر؟ دەپتۇ.

    - بۇنچە ئاددىي نەرسىنى ھەرقانداق ئادەم قىلالايدۇ، دەپتۇ ئوقۇغۇچىلار كۈلۈشۈپ.
    - بۇ ھەرىكەتنى زادى قانچىڭلار توختىماي قىلالىدىڭلار؟ دەپ سوراپتۇ سوقرات بىر ئايدىن كېيىن. سىنىپتىكى ساۋاقداشلارنىڭ ئوندىن توققۇزى قول كۆتۈرۈپتۇ. بىر يىلدىن كېيىن سوقرات بىر كۈنى تۇيۇقسىز بۇ سۇئالنى قايتا تەكرارلاپ: - ئېيتىڭلارچۇ، ھېلىقى بەكلا ئاددىي بىلەك ھەرىكىتىنى قايسىڭلار ھازىرغىچە داۋام قىلالىدىڭلار؟ دەپتۇ. بۇ چاغدا پەقەت بىرلا ئوقۇغۇچىلا قول كۆتۈرۈپتۇ. بۇ ئوقۇغۇچى دەل يوناننىڭ يەنە بىر بۈيۈك پەيلاسوپى ئەپلاتون ئىكەن. بۇ چاغدا سوقرات گەپنى يىراقتىن باشلاپ:«ھەرقانداق ئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇسى كېلىدۇ، ھەرقانداق ئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ مەخپىي رېتسىپىغا ئېرىشكۈسى بار. بىراق، مۇۋەپپەقىيەت پەقەت ئېغىزدىكى گەپ بىلەنلا ۋۇجۇتقا كەلگەن ئەمەس. بىز ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن ئاددىي ۋە ئاسان ئىشنى دائىم قىلىشتىن يالتىيىپ قالساق، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئىشىكىنى ئاچالماي يۈرىۋېرىمىز. ئەمەلىيەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ مەخپىي رېتسىپى بولمايدۇ. ئەمما، ئىزچىللىق ۋە قەتئىي ئىرادە ئۇنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولىدۇ» دەپتۇ

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.