‹‹مەدەنىيەت ۋە مەۋجۇتلىقىمىز›› دىن تۇغۇلغان ئويلار

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-01 02:29:22

‹‹مەدەنىيەت ۋە مەۋجۇتلىقىمىز››دىن تۇغۇلغان ئويلار مائارىپىمىزغا شامال تەگسە بىزگە زۇكام تىگىدۇ ، زۇكام تەگسە چۇقۇم بىز ئۆپكە ياللۇغى ، ئۆپكە ياللۇغىغا گرىپتار بولغاندا بولسا ، مۇقەررەركى ب...

    ‹‹مەدەنىيەت ۋە مەۋجۇتلىقىمىز››دىن تۇغۇلغان ئويلار

     

       مائارىپىمىزغا شامال تەگسە بىزگە زۇكام تىگىدۇ ، زۇكام تەگسە چۇقۇم بىز ئۆپكە ياللۇغى ، ئۆپكە ياللۇغىغا گرىپتار بولغاندا بولسا ، مۇقەررەركى بىز راكقا مۇپتىلا.

    ئابدۇرېھىم دۆلەت

    مائارىپ _ تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچى. دۆلەتنى تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ ئاساسى. مائارىپ گۈللەنسە ، دۆلەت روناق تاپىدۇ. مائارىپ ھالاك بولسا ، دۆلەتنىڭ روناق تېپىشىدىن ئۈمۈد كۈتكىلى بولمايدۇ. مائارىپى ھالاك بولغان مىللەت مۇقەررەركى ھالاكەتكە يۈزلىنىدۇ. مائارىپ _ بارلىق ئىشلىرىمىزنىڭ ئاساسى.

    قەدىمدىن تارتىپ ، ھازىرغىچە ، چەتئەلدىن تارتىپ ، جۇڭگۇغۇچە تارىخ بەتلىرىنى ، دەۋر بەتلىرىنى ۋاراقلاپ كۆرسەك ، مائارىپنى گۈللەندۈرۈشنى ئويلىمىغان ، مائارىپنى ئالدىنىقى ئورۇنغا قويمىغان، مائارىپقا مەبلەغ سالمىغان ، مائارىپ ئارقىلىق دۆلەتنى تەرەققى قىلدۇرۇپ ، پۇقرالارنىڭ ئىدىيىۋى – ئاڭ ساپاسىنى يوقۇرى كۆتىرمىگەن ، بىلىم قۇرۇلمىسىنى يېڭلمىغان ، قانچىلىك بەدەل تۆلەشتىن قەتئىنەزەر مائارىپنى راۋاجلاندۇرمىغان ، ئۆزلىرىنىڭ خەلقئارالىق ئورنىنى يۇقۇرى كۆتىرىشنى ئويلىمىغان دۆلەت ، مللەت بولمىسا كېرەك.

    قارايدىغان بولساق ، يەھۇدى مللىتى تارىختا قاتتىق ئىزىلىش ، خورلىنىش، مالمانچىلىق ، خاترجەمسىزلىك ، ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن يوقلىش گردابىغا بېرىپ قالغان ، ھازىرقى دەۋىردە باش كۆترىپ تەرەققى قىلغان ، پۈتكۈل دۇنيانى كونتۇرۇللۇق ئاستىغا ئالغان ، دۇنياغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلاندى. مۇنداق گەپلەر بارغۇ: بىر يەھۇدى چۈشكۈرسە ، پۈتكۈل دۇنيا خاترجەمسىزلىنىدۇ. بىر يەھۇدى زۇكامداپ قالسا پۈتكۈل دۇنياغا كېسەل تىگىدۇ. بۇ ، مللەتنىڭ روناق تېپىپ گۈللىنىشى مائارىپقا كۈڭۈل بۈلۈش ، مائارىپنى تەرەقى قىلدۇرۇشنى بارلىق ئىشلارنىڭ ئالدىغا قويغانلىقنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

    يەنە قارىساق ، ياپۇنيە مېيجى يىلدىكى يېڭللىقا كۆچۈش ھەركىتى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق مەغلۇبىيەتنى غەلبىگە ، ۋەيرانچىلىقنى تەرەققىياتقا ئايلاندۇرغان. بۇمۇ مائارىپنى ئەڭ ئاساسلىق ئورۇنغا قويۇش ، مائارىپ ئارقىلىق دۆلەتنى تەرەققى قىلدۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقۇ؟

    دۆلىتىمىزگە قارىساق ، مائارىپ ئارقىلىق ئادەم تەربيىلەش ، كۇڭزى زامانىدىن داۋام ئەتكەن ئېسىل ئەنئەنىگە ۋارسلىق قىۋاتىمىزغۇ؟

    رايۇنىمىز مائارىپىغا جۈملىدىن مللىتىمىز مائارىپىغا قارايدىغان بولساق ، مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپلار …. ئادەم تەربىيىلەشنىڭ قانداق تەربىيىلەشنىڭ يوللىرنى بىزگە قالدۇرغان. يېقىنقى دۋر بەتلىرىگە قارىساق ، ئابدۇقادىر داموللام ئىلىم پەننى تەشۋىق قىلىپ خەلقنى نادانلىق ، خوراپاتلىق ، قالاقلىق پاتقىقىدىن قۇتۇلدۇرۇش ھەركىتى ئېلىپ بارغان. مەشھۇر مائارىپچى مەمتېلى ئەپەندى قوزغىغان يېڭىچە مائارىپ ھەركىتى دىيارىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ئۆز تەسىرنى كۆرسەتكەن. يۇقارقىلار مللىتىمىزنىڭ چاڭقاق دىللىرىغا ، قاغجىراپ كەتكەن مەنىۋىيىتگە تەسىر كۆرسىتپ ، خەلقىمىزنىڭ ئارىسىغا مەرىپەت ئورۇقىنى چېچىپ ، دەۋرىلىك ئويغۇنۇش ھالىتىنى شەكللەندۈردى. تارىخ ھەر قانچە رەھىمسىز بولسىمۇ ، مللىتىمىزنىڭ رەھمسىزلىك ئالدىدا تىز پۈككىنى، باش ئەككىنى يوق. ئەكسىچە ، رەھمسىزلىك ئۈستىدىن غالىپ كىلىپ ، ئەجدادلىرىمىز چاچقان مەرىپەت ئورۇقىنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۈندۈرۈپ ، بېخلاندۇرۇپ ، خەلقىمىز ئارىسىدا ھەممە ياققا ھىدىنى تارقىتىپ ، ئادەمنى ئۆزىگە تارتالايدىغان ، ئەقلنى لال قىلدىغان پورەكلەپ ئېچلغان گۈللەرنى بارلىققا كەلتۈدى.

    بۈگۈنكى دەۋىر پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارتىلغان ، ئۇچۇرلاشقان ، پەن – مائارىپ ئىشلىرى راۋاجلانغان ، خەلق تۇرمۇشى ياخشىلانغان ، مەنىۋىيىتى ئوزۇقلانغان ، گۈللەپ ياشناش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلگەن ، ئەۋزەل شارائىتلار ھازىرلانغان ، ھەممە تەرەقىيات ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان_ ۋاقىت.

    دەۋر قەدىمى تىزلەشمەكتە. ئەل – قۇۋۇملار ئۆزىنى كۈچەيتىش ، قۇدرەت تاپقۇزۇشتا زور تىرشچانلىقنى كۆرسەتمەكتە. ئىزدەنمەكتە. بىزمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. لىكىن…؟

    ئاخرنى داۋاملاشتۇرالمىدىم. داۋاملىق تىرشچانلىق كۆرسىتىپ ئاخرنى يازىمەن. شۇڭا ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى سورايمەن. چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.