لوقمان ھېكىمنىڭ يۈز نەسىھىتى

يوللىغۇچى : AQURUK يوللىغان ۋاقىت : 2007-04-16 16:45:00

لوقمان ھېكىمنىڭ ئەزىز ئوغلىغا قىلغان يۈز نەسىھىتى 1. ھەي پەرزەنتىم،ئۇلۇغ ۋە قۇدرەتلىك ياراتقۇچىنى تونىغىن.2. بىرىگە نەسىھەت قىلساڭ، بىر نەرسىنى توغرا دەپ بىلسەڭئۇنىڭغا ئاۋۋال ئۆزەڭ ئەمەل قىل ...

    لوقمان ھېكىمنىڭ ئەزىز ئوغلىغا قىلغان يۈز نەسىھىتى

    1. ھەي پەرزەنتىم،ئۇلۇغ ۋە قۇدرەتلىك ياراتقۇچىنى تونىغىن.
    2. بىرىگە نەسىھەت قىلساڭ، بىر نەرسىنى توغرا دەپ بىلسەڭ ئۇنىڭغا ئاۋۋال ئۆزەڭ ئەمەل قىل .
    3. سۆزنى ئۆز ئەھۋالىڭغا بېقىپ قىل.
    4. ئادەملەرنىڭ قەدرىنى بىل ۋە قىل.
    5. ھەممىنىڭ ھەققى -ھوقۇقىنى چۈشەن.
    6. سىرىڭنى مەخپىي تۇت.
    7. دوستنى قىيىن كۈندە سىنا .
    8. دوستنى پايدا ۋە زىيان ئالدىدا سىنا .
    9. رەزىل ۋە نادان ئادەملەردىن يىراق بول.
    10. دانا ۋە زېرەك ئادەمنى دوست قىلىپ تاللا.
    11.ياخشى ئىشقا قاتتىق بېرىل .
    12. ئايالغا قاتتىق ئىشىنىپ كەتمە .
    13. ساپ دىل ۋە دانا كىشىلەر بىلەن مەسىلىھەت قىل.
    14. سۆزنى دەلىل-ئىسپات بىلەن سۆزلە .
    15. ياشلىقىڭنى غەنىيمەت بىل.
    16. ياشلىقىڭدا ئىككىلا دۇنيانىڭ ئىشىنى قىل.
    17. دوست-بۇرادەرلىرىڭنى ئەزىز بىل.
    18. دوست ۋە دۈشمىنىڭگە يۈزۈڭنى ئوچۇق تۇت.
    19. ئاتا -ئانىنى غەنىيمەت بىل.
    20. ئۇستازنى ئاتاڭدىن ئەزىز بىل .
    21. خىراجەتنى كىرىمگە قاراپ قىل.
    22 . ھەر قانداق ئىشتا خالىس يول تۇت.
     23. ئالىجانابلىقنى ئۆزۈڭگە شوئار قىل.
     24 . مېھماننىڭ خىزمىتىنى قائىدە بويىچە قىل.
    25. بىرىنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە ،كۆز ۋە تىلىڭغا ئېھتىيات قىل .
     26 . كىيىمىڭنى ۋە بەدىنىڭنى پاكىز تۇت.
     27. جامائەت بىلەن ھەمدەرت بول.
    28. پەرزەنتىڭگە ئىلىم -ئەدەپ ئۈگەت.
    29. ئىلاج بولسا ،پەرزەنتىڭگە چەۋەندازلىق ۋە مەرگەنلىكنى ئۈگەت.
    30. ئاياق كىيىمنى ئوڭ پۇتتىن باشلاپ كىي،يېشىشنى سول پۇتتىن باشلا .
    31. بىرى بىلەن ئىش قىلساڭ شۇ ئادەمگە لايىق ئىش قىل.
    32. كېچىسى گەپ قىلساڭ ئاستا ۋە مۇلايىم سۆزلە ،كۈندۈزى گەپ قىلساڭ ،ئەتراپىڭغا بېقىپ سۆزلە .
     33. ئاز يىيىش ۋە ئاز سۆزلەشنى ئادەت قىل.
     34 . ئۆزۈڭگە ياقمىغان نەرسىنى ئۆزگىگىمۇ راۋا كۆرمە.
     35. ئاۋۋال ئويلاپ ،چارە تەدبىر تېپىپ ئىش قىل.
     36. ئوقۇماي ئۇستازلىق قىلما .
    37 خوتۇن ۋە بالىغا سىر ئېيىتما .
     38. باشقىلاردىن ياخشىلىقنى تەمە قىلما .
     39. پەسكەش ئادەمدىن ۋاپا كۈتمە .
    بېيىت: ئادەمدە بار تومۇر ئۈچ يۈز ئاتمىش ،
     ئۇلاردىن بىرىلا يامان ئىمىش .
    40. ھەر قانداڭ ئىشتا بىپەرۋا بولما .
     41. قىلىنمىغان ئىشنى قىلىنغان ھىساپلىما .
     42. بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قالدۇرما .
    43. ئۆزۈڭدىن چوڭ كىشىگە چاىچاق قىلما .
     44.ئۆزۈڭدىن چوڭ كىشىگە دەيدىغان سۆزۈڭنى سوزما .
    45. ئاممىغا (بولۇپمۇ ئاددى كىشىلەرگە) يامان كۆرۈنمەسلىككە تىرىش .
     46 . ھاجەتمەن كىشىلەرنى نا ئۈمىد قالدۇرما.
    47. ئۆتكەن جىدەلنى ئەسلىمە .
     48. باشقىلارنىڭ ياخشىلىغىنى ئۆز ياخشىلىغىڭ بىلەن ئارىلاشتۇرۋالما.
    49. قانچىلىك بايلىقىڭ بارلىقىنى دوست-دۈشمىنىڭگە بىلدۈرمە .
     50. قېرىنداشنى قېرىنداشتىن ئايرىما
    51. ياخشى ئادەمنى غەيۋەت بىلەن يادلىما .
     52. پەقەت ئۆزۈڭنىلا ئويلىما .
     53. كۆپچىلىك ماڭغان بولسا،سەنمۇ ئۇلارغا ئەگەش .
     54. بارماقلىرىڭنى ئېغىز ۋە بۇرنۇڭغا تەككۈزمە .
     55. ئادەملەرنىڭ ئالدىدا چىشىڭنى كوچىلىما.
     56. ئاغزىڭ ۋە بۇرنۇڭنىڭ سۈيىنى قاتتىق ئاۋاز بىلەن تاشلىما .
     57. ئەسنىسەڭ قولۇڭ بىلەن ئاغزىڭنى ياپ .
    58. ئادەملەرگە قاراپ كېرىلمە .
    59. بارمىقىڭنى بۇرنۇڭغا تىقما .
     60. جىددى سۆزنى چاخچاققا ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلىمە .
     61. بىرىنى بىرىنىڭ ئالدىدا خىجىل قىلما .
     62. قاش ،كۆزۈڭ بىلەن چېقىمچىلىق قىلما .
     63. ئېيتقان سۆزۈڭنى تەكرارلىما .
     64. باشقىلارنى بىمەنە كۈلدۈرۈشتىن ساقلان .
     65. ئۆزۈڭنى ۋە يېقىن دوستلىرىڭنى ئادەملەر ئالدىدا ماختىما .
     66. ئۆزۈڭنى ئاياللارغا ئوخشاش ياسىما .
     67. بالىلىرىڭ نىمە دىسە ،شۇنى قىلىۋەرمە .
     68.تىلىڭنى ئايا.
     69. سۆزلەۋېتىپ قولۇڭنى شىلتىمە .
     70.ھەممە ئادەمنى ھۆرمەتلەشنى ئۇنتۇما .
     71. ئىغۋاگەر ئادەم بىلەن سۆھبەتداش بولما .
     72. ئۆلگەن ئادەمنى يامانلاش بىلەن يادلىما ،بۇنىڭن پايدىسى يوق.
     73. ئىلاج بار،بىرى بىلەن ئۇرۇشما ۋە ئاداۋەت ساقلىما .
     74. باشقىلارنىڭ كۈچ -قۇدرىتىنى سىنىغۇچى بولما .
     75. ئۇلۇغلارنىڭ سىنىشىنى ياخشىلىق بىلەن يادىڭدا تۇت ۋە گۇمان قىلغۇچى بولما .
     76. ئۆز نېنىڭنى باشقىلارنىڭ داستىخىنىدا يىمە .
     77. ئىشتا ئالدىراخسانلىققا يول قويما .
     78. مال -دۇنيا تاپىمەن دەپ ئۆزۈڭنى قىيناپ يۈرمە .
    79. كىمكى ئۆزىنى تونۇمىسا ،سەن ئۇنى تونۇ .
     80. ئاچچىقىڭ كەلگەندە سۆزنى تاللاپ قىل .
     81. ئېتىكىڭ بىلەن بۇرنۇڭنى ئېرىتما .
     82. كۈن چىققۇچە ئۇخلىما .
     83 ئادەملەر ئالدىدا يالغۇز بىر نەرسە يىمە .
     84 . چوڭلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋېلىپ ماڭما .
     85.باشقىلار سۆزلىشىۋاتقاندا ،ئۇلارنىڭ سۆزىگە ئارىلىشىۋالما .
     86.بېشىڭنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرما .
     87 . كوچىدا ئوڭ -سولۇڭغا ئەلەڭلەپ قاراۋەرمە، ئۇدۇل مېڭىپ ، ئالدىڭغا يەرگە قاراپ يۈر.
     88. ئىلاج بار ياۋداق ئۇلاققا مىنمە .
     89.مېھمان ئالدىدا باشقا بىرىگە غەزەپلىنىپ زەھىرىڭنى چاچما .
     90. مېھماننى ئىشقا بۇيرۇما .
     91. دىۋانە ۋە مەست ئادەم بىلەن سۆزلەشمە .
     92. مەھەللىدىكى بىكارچى ۋە بەڭۋاشلار بىلەن ئولتۇرما .
     93. پايدا -زىيان قوغلىشىپ ، ئابرۇيىڭنى تۆكمە .
     94.مەنمەنچى ۋە تەكەببۇر بولما .
     95. ئادەملەرنىڭ ساڭا خۇسۇمەت قىلىشىدىن قاچ .
     96. جىدەل ۋە پىتنىدىن يىراق تۇر.
     97.پىچاقسىز،ئۈزۈكسىز ۋە پۇلسىز يۈرمە .
     98. ئۆزۈڭنى بەكمۇ خار قىلماسلىققا تىرىش .
     99. ئۆزۈڭنى كەمتەر ۋە تۆۋەن تۇت.
     100. گۇنادىن قورقۇش ، خەلىققە ئىنساپ قىلىش ، ئۇلۇغلارغا خىزمەت ، كىچىكلەرگە شەپقەت،دەرۋىشلەرگەساخاۋەت، دوست ۋە ياشلارغا نەسىھەت قىلىش ،دۈشمەنلەرگە تاقابىل تۇرۇش ،جاھىللارنى جىملىق بىلەن يۇمشىتىش ،ئالىملارغا ھۆرمەت قىلىش بىلەن ياشا . بىرەرىنىڭ مال-دۇنياسىغا تەمەگەرلىك بىلەن كۆز تىكمە .

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-14 20:56:46]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر لوقمانى ھېكىم