ئاددى ئەمما باياشات ھايات

يوللىغۇچى : Aptapperes يوللىغان ۋاقىت : 2008-09-27 18:20:00

ۋارىن باففىت دۇنيادىكى ئىككىنجى چوڭ باي، ئامرىكاCNBC تېلۋىزىيە ئىستانىسى ئىلگىرى ئۇنى مەخسۇس زىيارەت قىلغاننىدى. تۆۋەندىكىلەر ئۇنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىدىكى بىر قىسىم قىزىقارلىق ئۈزۈندىلەر.ئۇ 14 يې...

        ۋارىن باففىت دۇنيادىكى ئىككىنجى چوڭ باي، ئامرىكا CNBC تېلۋىزىيە ئىستانىسى ئىلگىرى ئۇنى مەخسۇس زىيارەت قىلغاننىدى. تۆۋەندىكىلەر ئۇنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىدىكى بىر قىسىم قىزىقارلىق ئۈزۈندىلەر.
    ئۇ 14 يېشىدا گېزىت سېتىپ تاپقان پۇلىغا بىر كىچىك دېھقانچىلىق مەيدانى سېتىۋالغان. «ئىشنى ئاز-ئازدىن قىلىپ تۇرسا، نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ.»
    «بالىڭىزنى ئازدۇر-كۆپتۈر سودا قىلىپ تۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈڭ»
    « پەقەت ئۆزىڭىز ھەقىقىي ئېھتىياجلىق نەرسىنى سېتىۋىلىڭ، بالىڭىزغىمۇ مۇشۇ توغىرلىق تەربىيە بېرىڭ».
    ئۇ گەرچە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ خۇسۇسىي ئايروپىلان شىركىتىنىڭ خوجايىنى بولسىمۇ، لېكىن ئەزەلدىن خۇسۇسىي ئايروپىلانغا ئولتۇرمايدۇ.
    «ئەڭ ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئىش بېجىرىشنى ھەرۋاقىت ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ».
    ئۇنىڭ شىركىتىنىڭ 63 تارماق شىركىتى بار، ئۇ ھەريىلى تارماق شىركەتلەرنىڭ لىدىرلىرىغا بىر پارچە خەت يېزىپ، ئۇلارغا شۇيىللىق نىشاننى بەلگىلەپ بېرىدۇ، ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا ئۇ ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە يىغىن ئاچمايدۇ، ياكى قول ئاستىدىكىلەرگە تېلفۇن قىلمايدۇ.
    مۇۋاپىق ئادەملەرنى مۇۋاپىق ئىشنى قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش لازىم.
    ئۆزىڭىزنى كۆز-كۆز قىلىشنى ئويلىماڭ، ئۆزىڭىزنىڭ ئىشىنى پۇختا قىلىپ، ئۆزىڭىز ياقتۇرغان ئىشنى قىلسىڭىزلا كۇپايە.
    بىل گايتىس بەش يىل ئىلگىرى باففىت بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەن . بىل گايتىس ئىككەيلەننىڭ ئورتاق تېمىسى يوق دەپ قاراپ پەقەت يېرىم سائەتلا ئاجراتقان، لېكىن ئىككەيلەننىڭ سۆھبىتى ئون سائەت داۋاملاشقان. شۇنىڭدىن تارتىپ بىل گايتىس ۋاررىن باففىتنىڭ قىزغىن قوللىغۇچىسىغا ئايلانغان.
    باففىت ياشلارغا ئىناۋەتلىك كارتىدىن يىراق تۇرۇپ، ئۆزى ئۈچۈن مەبلەغ سېلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ ھەمدە ياشلارنىڭ تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىنى ئېسىدە تۇتىۋىلىشنى تەكىتلەيدۇ،
    1. پۇل ئادەمنى ياراتمايدۇ، بەلكى ئادەم پۇلنى تاپىدۇ.
    2. ئىمكانقەدەر ئاددى تۇرمۇش كەچۈرۈڭ.
    3. ھەرگىزمۇ باشقىلار نىمە دىسە، شۇنى قىلماڭ. باشقىلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قويسىڭىزلا كۇپايە.ئۆزىڭىز توغرا دەپ قارىغان ئىشنى قىلىڭ.
    4. داڭلىق ماركىلق كىيىملەرنى قوغلاشماڭ، ئۆزىڭىز راھەت ھېس قىلغان كىيىملەرنى كىيىڭ.
    5. پۇلنى زۆرۈر بولمىغان ئىشلارغا ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي ئېھتىياجلىق ئىشلارغا ئىشلىتىڭ.
    6. ئومۇمەن تۇرمۇشىڭىز ئۆزىڭىزگە مەنسۈپ، نىمىشقا باشقىلارغا ئۆزىڭىزنىڭ تۇرمۇشىنى كونتىرول قىلىدىغان پۇرسەت بەرگۈدەكسىز.
    «ئەڭ بەخىتلىك ئادەمنىڭ بارلىق ياخشى نەرسىلەرگە ئىگە بۇلۇشى ناتايىن، ئۇلار پەقەت تۇرمۇشتا ئېرىشكەن نەرسىدىن خوشاللىق تاپىدۇ.» [qarluq تەستىقلىدى . 2010-3-1 9:19:28]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق