ئاۋۋال ئۆزىڭىزنىڭ «دېرىزە»سىنى پاكىز سۈرتۈڭ

يوللىغۇچى : loqman يوللىغان ۋاقىت : 2014-12-16 14:16:03

بىز بىر ئىشقا دۇچ كەلگەن چاغدا كۆپىنچە سۇبيېكتىپ ئىرادىمىزگە تاينىپلا مۇئامىلە قىلىمىز، ئەمما بەزى چاغلاردا ئۆز-ئۆزىمىزگە قاراشنى ئۇنتۇپ قالىمىز. شۇڭا، ھەر قانداق بىر ئىشنى قىلىشتىن ئاۋۋال چوقۇم «دېرىزە»ڭىزنى پاكىز سۈرتىۋېتىڭ.

    ئاۋۋال ئۆزىڭىزنىڭ «دېرىزە»سىنى پاكىز سۈرتۈڭ
     
    بىر جۈپ ئەر-ئايال يېڭى ئۆيىگە كۆچۈپتۇ، بۇ كۈنى كەچتە ياش ئايالى يېڭى قوشنىسىنىڭ بالكوندا ھېلىلا يۇغان كىيىملىرىنى ئاپتاپقا يايغىنىنى كۆرۈپ ئېرىگە: «ئاۋۇ كىيىملەر پاكىز يۇيۇلماپتۇ، ئۇ ئۆينىڭ خانىمى قارىماققا كىر يۇيالمايدىغاندەك قىلىدۇ. ياكى بولمىسا ئۇ ياخشىراق سوپۇن پاراشوكىغا ئېھتىياجلىق ئىكەن» دەپتۇ. ئېرى ئايالىغا قاراپ ھېچنىمە دېمەپتۇ.
    مۇشۇنداق قىلىپ ھەر قېتىم قوشنىسىنىڭ خانىمى كىر يۇسا ئايالى ھەمىشە قارشى تەرەپنى مۇشۇنداق باھالايدىكەن، چىقىرىلغان خۇلاسە شۇكى: قوشنىمىزنىڭ خانىمى كىر يۇيۇشنى پەقەتلا بىلمەيدىغان ئايال ئىكەن. ھالبۇكى ئايالى ھەر قېتىم مۇشۇنداق باھالىغاندا، ئېرى سۈكۈت قىلىپ ھېچنىمە دېمەيدىكەن.
    ئىككى ئايدىن كېيىن بىر كۈنى ئايالى يەنە قوشنىسىنىڭ ئايالىنىڭ كىيىملەرنى ئاپتاپقا يېيىۋاتقىنىنى كۆرۈپتۇ، ئەمما بۇ قېتىم ئۇ ھەيران قالغۇدەك ۋارقىراپتۇ. چۈنكى ئۇ ھاڭ-تاڭ قېلىپ شۇنى بايقاپ قاپتۇ، قوشنىسىنىڭ خانىمى بالكونغا ئېسىپ قويغان كىيىملەر ئېنىقكى پاك-پاكىز بولۇپ، يېڭىدەكلا قىلاتتى.
    ئۇ ئېرىنى توۋلاپ: «قەدىرلىكىم، تېز قاراڭە، ئاۋۇ ئۆيدىكى خانىم ئاخىر كىيىملەرنى پاكىز يۇيۇشنى ئۆگىنىپتۇ» دەپتۇ.
    بۇ قېتىم ئېرى سۈكۈت قىلىپ تۇرماستىن:«مېنىڭچە، ئۇ قوشنىمىزنىڭ خانىمى بىر كىمنى كىر يۇيۇشنى ئۆگىتىپ قويۇشقا چاقىرغىنى يوق، مەن بۈگۈن ئەتىگەندە ئۆيىمىزنىڭ دېرىزىسىنى پاكىز سۈرتۈپ قويدۇم خالاس» دەپتۇ.
    ئايالى ئەمدى چۈشىنىپتۇ، ئەسلىدە ئۆزىنىڭ ئۆيىنىڭ  دېرىزىسى پاكىز بولمىغاچقا، ئۇنىڭ كۆرۈش سېزىمىدە خاتالىق كېلىپ چىقىپ، قوشنىسىنىڭ خانىمى كىيىمنى پاكىز يۇماپتۇ، دەپ ئويلاپ قالغان.
    بىز بىر ئىشقا دۇچ كەلگەن چاغدا كۆپىنچە سۇبيېكتىپ ئىرادىمىزگە تاينىپلا مۇئامىلە قىلىمىز، ئەمما بەزى چاغلاردا ئۆز-ئۆزىمىزگە قاراشنى ئۇنتۇپ قالىمىز. شۇڭا، ھەر قانداق بىر ئىشنى قىلىشتىن ئاۋۋال چوقۇم «دېرىزە»ڭىزنى پاكىز سۈرتىۋېتىڭ.
    مەنبە:«ھېكايىلەر» ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىللىق 20سانىدىن تەرجىمە قىلىندى. تەرجىمىدە ئوكيان تورىدىن لوقمان.
    \
    ئەسەرلەر ئالدى بىلەن ئوكيان قامۇسى ئۈندىدار سالونىدا يوللىنىدۇ، ئوكيان قامۇسى ئۈندىدار سالونىنى قوشۇۋېلىپ، نادىر ئەسەرلەردىن بالدۇر بەھرىمان بولۇڭ. ئىزدەش نام : okyanqamus 

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر دېرىزە