ۋاقىتنىڭ قىسقىچە تارىخى(خاۋكىڭ)

يوللىغۇچى : Otuken يوللىغان ۋاقىت : 2008-05-12 10:48:00

ۋاقىتنىڭ قىسقىچە تارىخى سىتىپىن خاۋكىڭ نەزىرىمىزدىكى ئالەم بىر ئاتاقلىق ئالىم (ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئۇنىڭ ئىسمى بىرتىرانت روسسىل ئىكەن) ئىلگىرى ئاسترونومىيە توغىرىسىدا نوتۇق سۆزلىگەن. ئۇ يە...

    ۋاقىتنىڭ قىسقىچە تارىخى 
    سىتىپىن خاۋكىڭ

    نەزىرىمىزدىكى ئالەم بىر ئاتاقلىق ئالىم (ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئۇنىڭ ئىسمى بىرتىرانت روسسىل ئىكەن) ئىلگىرى ئاسترونومىيە توغىرىسىدا نوتۇق سۆزلىگەن. ئۇ يەر شارىنىڭ قوياشنى قانداق ئايلىنىدىغانلىقىنى ھەمدە قوياشنىڭ بىز سامان يولى دەپ ئاتىغان غايەت زور يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ مەركىزىنى قانداق ئايلىنىدىغانلىقىنى تەسۋىرلەپ بەرگەن. نوتۇق ئاخىرلاشقاندىن كىيىن زالنىڭ ئاخىرىقى رىتىدە ئولتۇرغان بىر پاكىنەك موماي ئورنىدىن تۇرۇپ: «سېنىڭ ئېيىتقانلىرىڭنىڭ ھەممىسى قۇرۇق گەپ. بۇ ئالەم ئەمەلىيەتتە بىر چوڭ تاشپاقىنىڭ دۈمبىسىدە تۇرغان غايەت زور تەكشى تاختىدىن ئىبارەت» دەپتۇ.
        بۇ ئالىم ئىنتايىن سەمىمىيلىك بىلەن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:«ئۇنداقتا ئۇ تاشپاقا نىمىنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ؟»دەپ سوراپتۇ. موماي: « سىز بەك ئەقىللىق ئىكەنسىز، يىگىت ھەقىقىتەن ئەقىللىق ئىكەنسىز!! ئەمما بۇ بىرىنى يەنە بىرى كۆتىرىپ تۇرىدىغان قاتمۇ- قات دەستىلەنگەن تاشپاقىلار مۇنارى ئەمەسمۇ!؟»دەپتۇ....
        نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئالەمنى مۇشۇنداق چەكسىز تاشپاقىلار مۇنارى ئەپسانىسىدەك تەسەۋۋۇر قىلىشىدۇ. ئەمما ئۆزىمىزنى كۆپرەك بىلىدىغاندەك ھىس قىلىمىز؟ بىز ئالەمنى زادى قانچىلىك چۈشىنىمىز؟ قانداق بىلەلەيمىز؟ ئالەم نەدىن كەلگەن؟ نەگە بارىدۇ؟ ئالەمنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بارمۇ؟ ئەگەر بولسا باشلىنىشتىن ئىلگىرى قانداق ئىشلار يۈز بەرگەن؟ ۋاقىتنىڭ ماھىيتى نىمە؟ ئۇنىڭ ئاخىرلىشىش چېكى بارمۇ؟ يېقىندا فىزىكىدىكى ئەڭ يېڭى بۆسۈشلەر بىر قىسىم ئاجايىپ يېڭى تېخنىكىلارنى بارلىققا كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەردە يۇقارقىدەك ئۇزۇن مەزگىل تالاش- تارتىش قىلغان، ئەمما ھەل بولمىغان مەسىللەرگە نىسبەتەن ئىلھام پەيدا بولدى. ئىھتىمال بىر كۈنلەر يۇقارقى مەسىللەرنىڭ جاۋابى خۇددى ھازىر بىزنىڭ يەر شارىنىڭ قوياشنى ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلگىنىمىزدەك ئېنىق ۋە ياكى تاشپاقا مۇنارىدەك بىمەنە، كۈلكىلىك بولۇپ چىقار، قانداقلا بولمىسۇن بۇلارنى پەقەت ۋاقىت ھەل قىلىدۇ.
        مىلادىدىن بۇرۇنقى 340-يىللاردىن ئىلگىرى گىرىتسىيە پەيلاسوپى ئارىستوتىل ئۆزىنىڭ ‹‹كوسمولوگىيە ›› دىگەن كىتابىدا ئاللىقاچان يەر شارىنىڭ تەكشى تاختاي بولماستىن بەلكى يۇمىلاق شار جىسىم ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ قاراشقا ناھايىتى ياخشى ئىككى دەلىل كەلتۈرگەن. بۇ مۇنداق، بىرىنچى: ئۇ -ئاينىڭ تۇتۇلىشى يەرشارى ئايلىنىپ دەل ئاي شارى بىلەن قوياش ئوتتۇرىسىغا كەلگەندە پەيدا بولغان، يەرنىڭ ئايدىكى كۈلەڭگۈسى ھامان يۇمىلاق بولىدۇ. بۇ پەقەت يەر يۇمىلاق شار شەكىللىك بولغان شەرىت ئاستىدىلا پەيدا بولىدۇ؛ ئەگەر يەر تۈز تەكشى تەخسىسمان بولسا، ئاي تۇتۇلۇش پەقەت قوياش بۇ تەخسىنىڭ دەل ئاستىنقى مەركىزىدە تۇرغاندىلا شەكىللىنىدۇ؛ ئۇنداق بولمايدىكەن، يەرشارىنىڭ سايىسى (كۈلەڭگۈسى) سوزۇلۇپ ئىلىپپىس شەكلىگە كىلىپ قالىدۇ، دەپ قارىغان. ئىككىنچىدىن: گىرىتسىيلىكلەر سەپەر جەريانىدا جەنۇپقا قانچە ئىلگىرلەپ يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا قارىغىنىدا، شىمالى قۇتۇپ يۇلتۇزىنىڭ قۇتۇپ سىزىقىغا شۇنچە يېقىنلىشىدىغانلىقىنى (چۈنكى شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزى دەل شىمالىي قۇتۇپنىڭ ئۈستىگە جايلاشقان، شۇڭا ئۇ شىمالىي قۇتۇپتىكى كۈزەتكۈچىگە نىسبەتەن ئۇنىڭ دەل ئۈستىگە جايلاشقان بولىدۇ، ئەمما ئىكۋاتۇردىكى كۈزەتكۈچىگە نىسبەتەن شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزىنىڭ ئورنى دەل قۇتۇپ سىزىقىدا ‹‹ يەر بىلەن ئاسماننىڭ تۇتىشىش چىگرىسىدا›› بولىدۇ). شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزىنىڭ مىسىر ۋە گرىئىتسىيدە كۈزىتىلگەن ئورنىنىڭ پەرقىگە ئاساسەن، ئارىستوتىل ھەتتا يەر شارىنىڭ ئايلانمىسىنى 400000 سىتادىيە دەپ پەرەز قىلغان. ھازىر بىز بىر سىتادىيەنىڭ زادى قانچىلىك ‹‹بىرلىك›› ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلمەيمىز. بەلكىم بىر سىتادىيە 200 يارىد (1يارىد 0.9144 مىتىر) ئەتراپىدا بولىشى مومكىن. بۇنداق بولغاندا ئارىستوتىلنىڭ پەرىزى ھازىر كۆپچىلىك بىلىدىغان سانلىق مىقدار دەرىجىسىنىڭ ئىككى ھەسسىچىلىك بولىدۇ. گرىتسىيەلىكلەر يەرشارىنىڭ شار شەكىللىك جىسىم ئىكەنلىكىگە ھەتتا ئۈچىنچى دەلىلنىمۇ كەلتۈرگەن. يەنى نىمە ئۈچۈن ئۇپۇق سىزىقى تەرەپتىن كىلىۋاتقان يەلكەنلىك كىمىنىڭ ھامان باشتا كىمە مومىسى ئاندىن گەۋدىسى كۆرىنىدۇ؟ ئارىستوتىل يەر شارى ھەرىكەت قىلمايدۇ ، قوياش، ئاي، پىلانىتىلار ۋە تۇرغۇن يۇلتۇزلار چەمبەرسىمان ئوربىتا بويىچە يەر شارىنى مەركەز قىلىپ ئايلىنپ ھەرىكەت قىلىدۇ- دەپ قارىغان. ئۇ، يەر شارى ئالەمنىڭ مەركىزى، چەمبەرسىمان ئوربىتىلىق ھەرىكەت –ئەڭ مۇكەممەل ھەرىكەت شەكلى بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بىر سىرلىق سەۋەپكە ئىشىنەتتى. 
       مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2- ئەسىردە بۇ كۆز قاراشلار پىتۇلمى تەرىپىدىن رەتلىنىپ بىر مۇكەممەل ئاستىرونومىيە ئىلمىي مودىلى تۇرغۇزۇلدى. يەر شارى دەل مەركىزىدە تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئەتراپىدا سەككىز ئاسمان جىسىمى بولۇپ، بۇلار ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئاي، قوياش، تۇرغۇن يۇلتۇز ۋە شۇ چاغدا بايقالغان بەش پىلانىتا: مىركورىي(زوھرە يۇلتۇز)، ۋىنىرا، مارىس، يۇپىتىر ۋە ساتۇرىندىن ئىبارەت پىلانىتىلارغا يۈكلەنگەن. بۇ سەييارىلەر ئۆزىگە ماس بولغان پىلانىتىلارنىڭ يېقىن ئەتراپىدا ئەڭ كىچىك ئوربىتا بويىچە ھەرىكەت قىلىدۇ دەپ قارىغان. ئۇلارنىڭ بوشلۇقتىكى مۇرەككەپ ھەرىكەت تىرايىكتورىيسىنى چۈشەندۇرۈپ: ئەڭ سىرىتقى قەۋەتتىكى پىلانىتىلار مۇقىم تۇرغۇن يۇلتۇزلارغا بىكىتىلگەن، ئۇلار ھامان نىسپىي ئورنى ئۆزگەرمەيدىغان ئورۇندا تۇرىدۇ. بىراق ئومۇمىي گەۋدىسى بوشلۇقنى ئايلىنىپ تۇرىدۇ. ئەڭ ئاخىرقى قەۋەتنىڭ سىرتىدا نىمە تۇرىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. ئەمما جەزىملەشتۈرۈشكە بولىدىغىنى، ئۇ ئالەمنىڭ ئىنسانلار كۈزىتەلەيدىغان قىسىمى ئەمەس. پىتولىمى مودىلى سەييارىلەرنىڭ كائىناتتىكى ئورنىغا نىسبەتەن بىر قەدەر ئىنىچكە سىستىما بىلەن تەمىن ئەتتى. ئەمما سەييارىلەرنىڭ ئورنىنى تېخمۇ ئېنىق تەسۋىرلەش ئۈچۈن پىتولىمى ئاي ئوربىتىسىنىڭ يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقىنىڭ بەزىدە باشقا ۋاقىتتىكىدىن بىر ھەسسە چوڭ بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشى زۆرۈر بولدى. بۇ ئاي يۈزىنىڭ قىسمەن ۋاقىتتا ئادەتتىكىدىن بىر ھەسسە چوڭ كۆرىنىدىغانلىقىدىن دىرەك بىرەتتى. پىتولىمى بۇ نۇخساننى ئىتراپ قىلاتتى. شۇنداقتىمۇ ئونىڭ مودىلى ئومۇميۈزلۈك بولمىسىمۇ كەڭ كۈلەمدە ئىتىراپ قىلىندى. بۇ مودىلنى خىرىستىيان دىنىدىكىلەر ‹‹ئىنجىل ›› دىكى بىلەن بىردەك دەپ قاراپ قۇبۇل قىلدى. چۈنكى بۇنىڭ زور ئىلىغارلىق تەرىپى بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ مۇقىم تۇرغۇن سەييارىلەر سىرتىدا ‹‹جەننەت ››ۋە ‹‹دوزاق›› ئۈچۈن نۇرغۇن ئورۇن قالدۇرۇلغانىدى. شۇنىڭ بىلەن 1514- يىلى نىكولا كوپىرنىك ئىسىملىك مىسسىئونىر تېخىمۇ ئاددى بىر مودىلنى ئوتتۇرىغا قويدى. (دەسلىۋىدە بەلكىم دىنى جەمئىيەتنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قورىققان بولسا كىرەك، كوپىرنىك پەقەت ئۆز مۇدىلىنى ئىمزاسىزلا تارقىتالىغان) ئۇنىڭ كۆز قارىشى بولسا -قوياش مەركەزدە تېنىچ تۇرىدۇ، يەر شارى ۋە باشقا سەييارىلەر قوياشنى مەركەز قىلىپ چەمبەرسىمان ھەرىكەت قىلىدۇ.
        بىر ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىنلا ئاندىن ئۇنىڭ كۆز قارىشى ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىندى. كىيىنچە ئىككى نەپەر ئاسترونومىك -گىرمانىيلىك يۇھاننىس كىپلىر بىلەن ئىتالىيلىك گالىلو.گالىلىي گەرچە كوپىرنىك تەسۋىرلىگەن ئوربىتا تېخى كۈزىتىش بىلەن بىردەك بولمىسىمۇ ئۇنىڭ تەلىماتىنى ياقىلايدىغان نەزەرىينى ئېلان قىلىشقا باشلىدى. 1609- يىلىغا بارغاندىلا ئارىستوتىل ۋە پىتولىمى نەزەرىيىسىنىڭ ھالاكىتى جاكالاندى. شۇ يىلى گالىلىي ئۆزى يېڭىلا كەشىپ قىلغان تېلىسكوپى بىلەن كىچە ئاسمىنىنى كۈزەتتى. ئۇ دەل يۇپىتىرنى كۈزىتىۋاتقاندا بىر قانچە ھەمراھ (ئاي) نىڭ ئۇنى ئايلىنىۋاتقانلىقىنى بايقىدى. بۇ ھەرگىزمۇ ئارىستوتىل ۋە پىتولمىنىڭ پەرىزىگە ئوخشىمايتتى، يەنى بۇ پىلانىتىلارنىڭ پەقەت يەرشارىنىلا ئايلىنىشى شەرىت ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرەتتى. (ئەلۋەتتە، يەنىلا يەرشارى ئالەم مەركىزىدە تېنىچ تۇرىدۇ، يۇپىتىرنىڭ ھەمراھى ناھايىتى مۇرەككەپ بىر خىل ئوربىتا بىلەن يەرشارىنى ئايلىنىدۇ. كۆرىنىشتە ئۇلار يۇپىتىرنى ئايلانغاندەك كۆرىنىدۇ -دىيىلسە، كوپىرنىك تەلىماتى تېخىمۇ ئاددىيلىشاتتى). شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كىپلىر كوپىرنىك نەزەرىيسىنى تۈزىتىپ، سەييارىلەر چەمبەرسىمان ئوربىتا بىلەن ئەمەس بەلكى ئېلىپىسسمان (ئېلىپپىس-سوزۇلۇپ كەتكەن چەمبەر) ئوربىتا بويىچە ھەرىكەتلىنىدۇ، دەپ قاراپ بۇ ئارقىلىق كۈزىتىلگەن پاكىت بىلەن نەزەرىينى بىردەكلىككە ئىگە قىلدى. كىپلىرغا نىسبەتەن ئېلىپپىسسىمان ئوربىتىلا مۇقەررەر بولسىمۇ، بىراق بۇ بىر قەدەر كىشىنى بىزار قىلارلىق (بىمەنە) پەرەز ئىدى. چۈنكى ئېلىپپىس چەمبەردەك ئۇنچىۋالا مۇكەممەل ئەمەس ئىدى. گەرچە ئۇ توساتتىن ئېلىپپىسسىمان ئوربىتىنىڭ كۈزىتىش بىلەن ئەڭ ماس كىلىدىغانلىقىنى بايقىغان بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭ پىلانىتىلار قوياشنى ئايلانغاندىكى ھەرىكىتىنى ماگىنىتلىق كۈچ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىدىن ئىبارەت پەرەز بىلەن بىرلەشتۈرەلمىدى.
       بارلىق چۈشەنچە بىرىشلەر خېلى كىيىنكى بىر ئىش، يەنى 1687- يىلى سىر ئىزاك. نىيوتۇننىڭ «تەبىئەت پەلىسەپىسىنىڭ ماتېماتىكىلىق پىرىنسىپى» دىگەن كىتابى نەشىر قىلىندى. بۇ بەلكىم فىزىكا ئىلمىي تارىخىدىكى ئەڭ موھىم بولغان كاتتا ئەسەردۇر. بۇ ئەسەردە نىيوتۇن ماددىنىڭ ماكان ۋە زامان ئىچىدىكى ھەرىكەت قانۇنىيەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپلا قالماستىن بەلكى بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ زۆرۈر بولغان ماتېماتېكىلىق ئانالىزلىرىنى تەرەققى قىلدۇرغان. بۇنىڭدىن باشقا نىيوتۇن يەنە ئالەملىك تارتىشىش قانۇنىيتىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ قانۇن بويىچە كائىناتتىكى ھەربىر جىسىمنى يەنە بىر جىسىم تارتىپ تۇرىدۇ. جىسمنىڭ ماسسى قانچە چوڭ بولسا، ئۆز- ئارا ئارىلىقى قانچە يېقىن بولسا ئۇلارنىڭ بىر- بىرىنى تارتىش كۈچى شۇنچە شۇنچە چوڭ بولىدۇ. بۇ كۈچ دەل جىسىمنى يەرگە چۈشۈشكە مەجبۇر قىلىدىغان كۈچ. (بىر دانە ئالما نىيوتۇننىڭ بېشىغا چۈشكەچكە ئۇنىڭ ئىلھامى قوزغالغان، دىگەن ھىكايىمۇ بار. بۇنى مۇئەييەنلەشتۈرسەكمۇ ئەمما ئىشىنىشكە يىتەرلىك پاكىت يوق. نىيوتۇن ئۆزىمۇ ئېيىتقان، ئۇ چۇڭقۇر ئويغا چۆككەندە، بىر ئالمىنىڭ يەرگە چۈشىشى ئۇنىڭ ئالەملىك تارتىشىش كۈچى ئىلھامىنى ئويغاتقان). نىيوتۇن ئارقىدىنلا ئۆز قانۇنلىرىغا ئاساسلىنىپ: تارتىشىش كۈچى ئاي شارىنى ئېلىپپىش ئوربىتا بويىچە يەر شارىنى ئايلىنىشقا، يەر شارى ۋە باشقا سەييارىلەرنى ئېلىپپىس ئوربىتا بويىچە قوياشنى مەركەز قىلىپ ئايلىنىشقا مەجبۇر قىلغان، دەپ كۆرسەتتى. كوپىرنىك مودىلى پىتولمىنىڭ تەلىماتىنى يەكلىدى ھەمدە ئالەمنىڭ چىگرىسى بار، دىگەن چۈشەنچىگە مۇناسىۋەتلىك كۆز قاراشلارغا خاتىمە بەردى.‹‹مۇقىم سەييارىلەر›› يەرشارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بوشلۇقنى كىسىپ ئۆتىدىغان ئايلانما ھەرىكىتىنى ھىساپقا ئالمىغاندا ئۇلارنىڭ ئورنى ئۆزگەرمەيدۇ. بۇنداقتا تەبئىيكى كىشىلەر ‹‹تۇرغۇن يۇلتۇزلار››-قوياشقا ئوخشاش جىسىملار، پەقەت ئۇلار قوياشقا قارىغاندا بىزدىن ناھايىتى يىراق، دەپ تەسەۋۋۇر قىلىشىدۇ. تارتىشىش كۈچى نەزەرىيسىگە ئاساسلىنىپ نىيوتۇن پىلانىتلار ئۆز- ئارا تارتىشسا ئۇنداقتا ئۇلار ئاساسەن تېنچ ھالىتىنى ساقلاپ قالالمايدىكەن، دەپ قارىغان. ئۇنداقتا ئۇلار مەلۇم ئورۇنغا يىغىلىپ قالامدۇ؟
       1691-يىلى شۇ چاغدىكى يەنە بىر مەشھۇر ئىدىئالىست رىچاد.بېنتىرغا يازغان خەتتە نىيوتۇن بۇلارنى ئەگەر چەكلىك ساندىكى تۇرغۇن يۇلتۇزلار چەكلىك بوشلۇققا تەخسىملەنسە، بۇ چاغدا يۇقارقى ئەھۋال چوقۇم يۈز بىرىدۇ. بىراق يەنە بىر جەھەتتىن ئەگەر چەكسىز تۇرغۇن يۇلتۇز مەۋجۇت بولۇپ، ئۇلار چەكسىز بوشلۇققا ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى تەخسىملەنسە، بۇ خىل ئەھۋال يۈز بەرمەيدۇ. چۈنكى بۇ چاغدا ئۇلار چۈشۈپ كېتىدىغان مەركىزى نوقتا مەۋجۇت ئەمەس، دەپ دەلىللىگەن. كىشىلەر چوڭقۇر مۇلاھىزىگە چۆككەندە، بۇ خىل مۇلاھىزە كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ قويىدۇ. ئالەم چەكسىز بولىدىكەن، ئۇنداقتا چەكسىز ئالەمدە ھەر بىر نۇقتىنى ئالەمنىڭ مەركىزى دەپ قاراشقا بولىدۇ. چۈنكى بۇ نۇقتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە چەكسىز كۆپ تۇرغۇن يۇلتۇزلار مەۋجۇت. توغرىراق ئۇسۇل خېلى ۋاقىتلاردىن كىيىن بايقالغان بولۇپ، دەسلىپىدە چەكلىك ئەھۋالنى مۇزاكىرە قىلغاندىمۇ بارلىق يۇلتۇزلار بىرلىشىپ يىغىلىپ قالىدۇ. ئاندىن كىيىن بۇ رايۇنغا ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى تەخسىملەنگەن نۇرغۇن پىلانىتلارنى قوشۇپ، ئەھۋالنىڭ ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىدىغان بولساق، نىيۇتۇن قانۇنلىرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ قوشۇلغان پىلانىتىلار ئومۇمىي جەھەتتىن ئەسلىدىكىسىگە ھىچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ يۇلتۇزلار يەنىلا ئوخشاش تىزلىك بىلەن يىغىلىپ قالىدۇ. بىز قانچىلىك يۇلتۇز قوشقىمىز كەلسە شۇنچىلىك قوشالايمىز، بىراق ئۇلار ھامىنى يەنىلا بىر يەرگە يىغىلىپ قالىدۇ. بىز ھازىر شۇنى بىلدۇقكى، تارتىشىش كۈچى ھامان تارتىدىغان بولغاچقا بىر چەكسىز ھەم تېنچ بولغان ئالەم مودىلى مەۋجۇت ئەمەس.
        20- ئەسىردىن ئىلگىرى ھىچبىر كىشى ئالەمنىڭ كىڭىيۋاتقان ياكى تارىيۋاتقانلىقى توغىرلىق بىشارەت بەرمىگەن، بۇ ئەھۋاق قىزىقارلىق ھالدا شۇ چاغدىكى پىكىر ئەھۋالىنى ئىنكاس قىلىدۇ. ئادەتتە ئالەم بىر خىل تۇرغۇن ھالەتتە چەكسىز ئۆتمۈشتىن بىرى مەۋجۇت بولغان ياكى بىز ھازىر كۆرىۋاتقان ھالەتتىكىگە ئاز- تولا ئوخشىشىپ كېتىدىغان ھالەتتە چەكسىز ئۆتمۈشتە بىنا قىلىنغان، دەپ قارالغان. بۇنىڭ قىسمەن سەۋەبى بەلكىم كىشىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ھەقىقەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئىشىنىشى ۋەياكى ئادەم قېرىپ ئۆلسىمۇ، ئالەم يۇقالمايدۇ، ئۆزگەرمەيدۇ،- دىگەندەك خاھىش كىشىلەرگە ئازراق تەسەللى بىرەلىگەنلىكتىن بولسا كېرەك. ھەتتا نىيوتۇننىڭ تارتىشىش كۈچى نەزەرىيسى ئالەمنىڭ تېنچ بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىردىغانلىقىنى تونۈپ يەتكەن ئەشۇ كىشىلەرمۇ ئالەمنىڭ كىڭىيۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى ئويلاپ باقمىغان. ئەكسىچە ئۇلار نەزەرىينى تۈزىتىپ، تارتىشىش كۈچىنى ناھايىتى چوڭ ئارىلىقتا تېپىشىش كۈچىگە ئۆزگىرىدىغان قىلىشقا ئۇرۇنغان. ئەمما بۇ ئۇرۇنۇشلار پىلانىتلار ھەرىكىتىنى تەسۋىرلەشكە ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيلا قالماستىن بەلكى سانسىز تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ تەقسىملىنىشىنى تەڭپۇڭ ساقلايدىغان خوشنا تۇرغۇن يۇلتۈزلار ئارىسىدىكى تارتىشىش كۈچى بىلەن يىراقتىكى پىلانىتنىڭ تېپىشىش كۈچى يىيشىپ تەڭپۇڭلىشىپ كېتىدىغان تەڭپۇڭلۇق پەيدا بولۇشقا ئىمكانىيەت ياراتتى. ئەمما بىز ھازىر بۇنداق تەڭپۇڭلۇقنىڭ تۇراقلىق بولمايدىغانلىقىنى: ئەگەر مەلۇم دائىرە ئىچىدىكى تۇرغۇن يۇلتۇزلار بىر- بىرىگە ئازراق يېقىنلاشسا تارتىشىش كۈچى ئارتىپ، تېپىشىش كۈچىنىڭ تەسىرىدىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلەلەيمىز. شۇڭا بۇ تۇرغۇن يۇلتۇزلار داۋاملىق يىغىلىۋىرىدۇ. ئەكسىچە مەلۇم دائىرە ئىچىدىكى تۇرغۇن يۇلتۈزلار ئازراقلا يېقىنلاشسا، تېپىشىش كۈچى ئاساسلىق رول ئويناپ، ئۇلارنى تېخىمۇ تىز يىراقلىشىشقا مەجبۇرلايدۇ.
        چەكسىز تېنچ ئالەمگە نىسبەتەن باشقىچە بىر كۆز قاراشقتا بولغۇچى يەنە بىر كىشى گىرمانىيە پەيلاسوپى ھىنرىس. ئولبىرىس بولۇپ، ئۇ 1823- يىلى بۇ خىل نەزەرىينى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمەلىيەتتە نىيۇتۇن ۋە ئۇنىڭ بىر قىسىم ساۋاقداشلىرى بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ھەتتا ئولبىرىسنىڭ ماقالىسىمۇ بۇ مودىلنىڭ بىرىنچى قىسمىغا يولسىزلىق بىلەن رەددىيە بەرگەندەك ئەمەس ئىدى. نېمە دىيىشتىن قەتئىينەزەر بۇ بىرىنچى قىسىم كىشىلەرنىڭ ئەڭ دىققەت ئىتىبارىنى قوزغىغان ماقالە ئىدى. ‹‹بۇ مەڭگۈلۈك تېنچ›› مودىلنىڭ قىيىنچىلىقى شۇ يەردىكى ھەر بىر تال كۆرۈش سىزىقى چوقۇم مەلۇم بىر تۇرغۇن يۇلتۈرزنىڭ يۈزىدە ئاخىرلىشىدۇ. بۇنداقتا كىشىلەر پۈتكۈل كائىناتنىڭ ھەتتا كىچىدىمۇ قوياشتەك پارلاپ تۇرىدىغانلىقىنى پەرەز قىلالايدۇ. ئولبىرىس بۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ، يىراقتىكى تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ نۇرلىرى ئۇلار ئۆتىۋاتقان بوشلۇقتىكى ماددىلارنىڭ سۈمۈرىشى بىلەن ئاجىزلايدۇ، دىگەن.ئەگەر ھەقىقىتەن شۇنداق بولىدىغان بولسا بۇ ماددىلارنىڭ نۇرى خۇددى تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭكىدەك كۈچەيگىچە قىزىيدۇ. پۈتكۈل كائىنات قوياشتەك نۇر چىقىرىدىغان خۇلاسىدىن ساقلىنىشنىڭ بىردىن- بىر ئۇسۇلى –تۇرغۇن يۇلتۇزلار ئەزەلدىن يورىۋاتقان بولماستىن بەلكى چەكلىك ئۆتمۈشتىن باشلاپ يورۇقلۇق چىقىرىشقا باشلىغانلىقىنى پەرەز قىلىشتىن ئىبارەت. بۇ خىل ئەھۋالدا، يورۇقلۇق سۈمۈرگۈچى ماددا تېخى قىززىپ بولالمىغان ياكى يىراقتىكى يۇلتۇزنىڭ نۇرى تېخى يىتىپ كىلەلمىگەن بولىدۇ. بۇ چاغدا تۇنجى تۇرغۇن يۇلتۇز نېمە سەۋەپتىن نۇرلانغان دىگەن مەسىلىگە دۈچ كىلىمىز. ئەلۋەتتە ئالەمنىڭ باشلىنىش مەسىلىسى بۇندىن خېلى بۇرۇنلا مۇھاكىمە قىلىنغان. بۇرۇنقى بىر قىسىم ئاستىرونومىيە، خىرىستىئان دىنى/ كاتولىك دىنى/ ئىسلام دىننىڭ ئادىتى بويىچە، ئالەمنىڭ باشلىنىش چېكى بولۇپ، ئۇ بەك يىراق ئۆتمۈشنىڭ مەلۇم بىر پەيتىمۇ ئەمەس. بۇ خىل باشلىنىش نۇقتىسىغا نىسبەتەن بىر خىل مۇلاھىزە بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ‹‹دەسلەپكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى›› ئارقىلىق ئالەمنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى چۈشەندۈرۈشتىن ئىبارەت (ئالەمدە سىز بىر ۋەقەنى ھامان ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى، بۇ ۋەقەگە سەۋەپ بولغان يەنە بىر ۋەقە ئارقىلىق چۈشەندۈرەلەيسىز. بىراق ئالەمنىڭ مەلۇم بىر باشلىنىشى بولغاندىلا ئاندىن ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى چۈشەندۈرەلەيسىز). يەنە بىر ئىسپات سىن. ئاۋگۇستنىڭ ‹‹ئىلاھنىڭ شەھرى›› دىگەن ئەسىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، مەدەنىيەت تەرەققى قىلىۋاتىدۇ، بىز بۇ نەتىجىلەرنى ياراتقان، تەرەققى قىلدۇرغان كىشىلەرنى ئەسلىيەلەيمىز. بەلكىم بۇ كىشىلەر، ئالەم مەۋجۇت بولغىنىغا ئىنتايىن ئۇزۇن ۋاقىت بولغان بولىشى ناتايىن.
        سىن. ئاۋگۇستنىڭ ‹‹ئالەمنىڭ بىنا بولىشى›› دىگەن كىتابىغا ئاساسلىنىپ مىلادىدىن بۇرۇنقى 5000-يىلنى ئالەم بىنا بولغان پەيت، دەپ قارىدى. (قىزىقارلىق يىرى شۇكى، بۇنىڭ ئالدىنقى مۇز دەۋرىنىڭ ئاخىرلىشىشى، تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 10000- يىللار بىلەن بولغان ئارىلىقى ئانچە يىراق ئەمەس. ئارخىئولوگلار بىزگە ئەمەلىيەتتە مەدەنىيەت شۇ چاغلاردىن باشلانغان دەيدۇ). يەنە بىر تەرەپتىن، ئارىستوتىل ۋە باشقا كۆپلىگەن گىرىتسىيە پەيلاسوپلىرى يارىلىش ئىدىيسىنى ياقتۇرمايتتى. چۈنكى ئۇنىڭغا نۇرغۇنلىغان روھىيەت ئىلمىنىڭ پۇراقلىرى سىڭىپ كەتكەن ئىدى. شۇڭا ئۇلار ئىنسانىيەت ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دۇنيا ئەزەلدىن ھەم بۇندىن كىيىنمۇ ئۈزلۈكسىز مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقىغا ئىشنەتتى. قەدىمكى كىشىلەر بۇرۇنلا يۇقىردىكى مەدەنىيەت تەرەققىيات نوقتىئىنەزىرىنى مۇزاكىرە قىلىشقان. دەۋرىيلىك كەلكۈن ئاپىتى ياكى باشقا ئاپەتلەرنىڭ قايتا- قايتا يۈز بىرىشى كىشىلەرنى مەدەنىيەتنىڭ باشلانمىسىغا قايتۇرۇپ قويغان، دىيىش ئارقىلىق يۇقارقى قىيىنچىلىققا جاۋاپ بەرگەن.
       [1871- يىلى ئىماننويىل.كانت ئابىدە خاراكتىرلىك (ھەم ئىنتايىن تۇتۇق) ئەسەر ‹‹ساپ (راتسىئونالىستىك) تەنقىد›› نى ئېلان قىلدى. بۇ كىتاپتا ئۇ ئالەمنىڭ ۋاقىت جەھەتتىن باشلىنىش چېكى بارمۇ؟ ماكان جەھەتتىن چىگرىسى بارمۇ- يوق دىگەن مەسىللەرنى تېخىمۇ چۇڭقۇر مۇلاھىزە قىلدى. ئۇ بۇ مەسىللەرنى ساپ ئەقىلچىلىك (راتسىئونالىزىملىق)نىڭ ئىككىنچى تەرتىپلىك زىتلىقى (سىغىشالماسلىقى) دەپ ئاتىدى. چۈنكى ئۇ، كىشىلەرنى ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئالەمنىڭ باشلىنىشى بارلىقىدەك ئوڭ ھۆكۈنلۈك ئىسپاتقا ھەمدە ئالەمنىڭ چەكسىز ئۆتمۈشتىمۇ مەۋجۇت ئىكەنلىكىدەك تەتۈر ھۆكۈملۈك ئىسپاتقا ئىشەندۈرۈشكە بولىدىغان ئىشەنچىلىك ئىسپاتنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ھىس قىلغان. ئۇنىڭ ئوڭ ھۆكۈمگە نىسبەتەن ئىسپاتى: ئەگەر ئالەمنىڭ بىر باشلىنىش نوقتىسى بولمىسا، ئۇ ھالدا ھەرقانداق ۋەقەدىن ئىلگىرى چوقۇم چەكسىز ئۇزۇن ۋاقىت مەۋجۇت. ئۇ بۇنى سەپسەتە دەپ قارىغان. ئۇنىڭ تەتۈر ھۆكۈمگە نىسبەتەن ئىسپاتى بولسا: ئەگەر ئالەمنىڭ بىر باشلىنىش نوقتىسى بولسا، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى چوقۇم چەكسىز ئۇزۇن ۋاقىت مەۋجۇت، ئۇنداقتا ئالەم نېمە ئۈچۈن چوقۇم بەلگىلەنگەن مەلۇم بىر پەيىتتىن باشلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇ ئوڭ ھۆكۈم ۋە تەتۈر ھۆكۈمگە ئوخشاشلا ئىسپات كەلتۈرگەن. بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئۇنىڭ پەرىزى يوشۇرۇنغان. ئالەم چەكسىز ئۇزۇن زامانلا ئىلگىرى مەۋجۇت بولسۇن- بولمىسۇن ۋاقىت ھامان ئۆتۈپ كىتىۋىرىدۇ. ئالەم باشلىنىشتىن ئىلگىرى ۋاقىت ئۇقۇمىنىڭ مەنىسى يوق. بۇ نۇقتىنى سىن. ئاۋگۇست ئالدىن كۆرسەتكەن. ئۇنىڭدىن: تەڭرى ئالەمنى يارىتىشتىن ئىلگىرى نېمە ئىش قىلىۋاتاتتى؟ دەپ سورالغاندا، سىن ئاۋگوست: ئۇ (تەڭرى) دەل مۇشۇنداق سۇئال سورىغۇچىلارغا دوزاخ تەييارلاۋاتاتتى، دىمەستىن بەلكى: ۋاقىت تەڭرى ياراتقان ئالەمنىڭ بىر خاراكتىرى، ئالەم يارىتىلىشتىن ئىلگىرى مەۋجۇت ئەمەس ئىدى، دەپ جاۋاپ بەرگەن. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئوبىكتىپ جەھەتتىن تېنىچ بولغان ئۆزگەرمەيدىغان ئالەمگە ئىشەنگەن چاغدا ئۇنىڭ (ئالەمنىڭ) باشلىنىش نۇقتىسىنىڭ بار يوقلۇق مەسىلىسى ھەقىقەتەن كۆرىنىشتە ئىلىم- پەنگە ياكى روھ ئىلمىغا تاينىش مەسىلىسى بولۇپ قالىدۇ. ئالەمنىڭ چەكسىز ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى مەۋجۇتلۇق نەزەرىيسىگە ياكى ئالەم بەلگىلىك چەكلىك ۋاقىت مەۋجۇت بولۇپ تۇرسىمۇ، كىشىلەرگە بەرگەن تەسىرى خۇددى چەكسىز ئۆتمۈشتە يارالغاندەك (كۆرۈنۈشتە) پەيدا بولغان‹دەك› تەسىر بەرگەن، دىگەن نەزەرىيگە ئاساسلانساق بىز يەنە ئوخشاشلا كۈزەتكەن پاكىتنى ناھايىتى ياخشى چۈشەندۈرەلەيمىز. ئەمما 1929- يىلى ئېدۋىن.خوببىل ئابىدە خاراكتىرلىك بىر قېتىملىك كۈزىتىشتىن، بىز قايسى يۆنلىشتىن قارىمايلى، يىراقتىكى يۇلتۇز سېستىمىسى ھامان تىزلىكتە بىزدىن يىراقلىشىۋاتقانلىقىنى باشقىچە ئېيتقاندا ئالەمنىڭ كىڭىيۋاتقانلىقىنى بايقىدى. بۇنىڭ مەنىسى ئىلگىرىكى يۇلتۇز سېستىمىلىرىنىڭ ئارىلىقى ھازىرقىغا قارىغاندا تېخىمۇ بەك يېقىن ئىدى. خۇددى ئۇلار بۇندىن 100مىليارد، تىن 200مىليارد يىللار ئىلگىرىكى مەلۇم بىر پەيىتتە بىر يەردىدىكىدەك قىلاتتى. شۇڭا ئۇ چاغدا ئالەمنىڭ زىچلىقى چەكسىز چوڭ ئىدى. بۇ بايقاش ئالەمنىڭ باشلىنىش مەنبەسى مەسىلسىنى ئىلىم- پەننىڭ گۈزەل ھۇجرىسىغا ئېلىپ كىردى. خوببىلنىڭ بايقىشى بىر ‹‹چوڭ پارتىلاش›› دەپ ئاتىلىدىغان پەيىتنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن دىرەك بىرەتتى. شۇ چاغدا (پەيتتە) ئالەمنىڭ سىزىقلىق ئۆلچىمى چەكسىز كىچىك، ئەمما زىچلىقى چەكسىز چوڭ ئىدى. بۇ شەرت ئاستىدا بارلىق ئىلمىي قانۇنىيەتلەر ۋە باشقا ئالدىن كۆرەرلىكلەر ئۈنۈمىنى يوقىتاتتى. ئەگەر مۇشۇ پەيتتىن ئىلگىرى مەلۇم ۋەقەلەر پەيدا بولغان بولسا، ئۇلارنىڭ ھازىر يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە تەسىر كۆرسىتەلىشى مومكىن ئەمەس ئىدى. شۇڭا بىز ئۇلارنى ئويلاشمىساقمۇ بولىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ كۈزەتكىلى بولىدىغان تەسىرى (نەتىجىسى) مەۋجۇت ئەمەس. ۋاقىتنىڭ باش نۇقتىسىنىڭ ھىچقانداق ئېنىقلىمىسى يوق، شۇڭا مۇشۇ مەنىدىن ئىنسانلار ۋاقىتنىڭ چوڭ پارتىلاشتا بىر باشلىنىش نۇقتىسى بار، دىيەلەيدۇ. تەكىتلەش زۆرۈر بولغىنى، بۇ ۋاقىتنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بۇرۈنقىلارنىڭ ئويلىغىنى بىلەن ئىنتايىن چوڭ پەرىقلىق. بۇ بىر ئۆزگەرمەس، تېنىچ ئالەمدە ۋاقىتنىڭ باشلىنىشى جەزمەن ئالەمنىڭ سىرتىدىكى بىر مەۋجۇتلۇققا يۈكلىنىدۇ. ئالەمنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىنىڭ ھەرگىزمۇ فىزىكىلىق زۆرۈرىيتى يوق. ئىنسانلار، تەڭرىنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇنقى ھەرقانداق پەيىتتە ئالەمنى ياراتقانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئالەم كېڭىيۋاتقان بولسا، نېمە ئۈچۈن بىر فىزىكىلىق سەۋەپ تۇغۇلغاندەك –بىر باشلىنىش نۇقتىسى بولىدۇ. كىشىلەر يەنە شۇنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلالايدۇكى، تەڭرى چوڭ پارتىلاشتىكى قىسقىغىنە پەيىتتە ئالەمنى ياراتتى. ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كىيىن، قارىماققا خۇددى بىر چوڭ پارتىلاش يۈز بەرگەندەك كۆرىنىشتە ئالەمنى ياراتتى. ئەمما ئالەمنى چوڭ پارتىلاشتىن ئىلگىرى يارالغان دەپ پەرەز قىلىشنىڭ ھىچقانداق ئەھمىيتى يوق. چوڭ پارتىلاش نەزەرىيسى (مودىلى) ھەرگىزمۇ تەڭرىنى چەتكە قاقمايدۇ. پەقەت ئۇنىڭ (تەڭرىنىڭ) قاچاندىن باشلاپ بۇ ئىشنى قىلىۋاتقانلىقىغا ۋاقىت چەكلىمىسى بىرىپ قويىدۇ، خالاس! مانا مۇشۇنداق ئالەمنىڭ خاراكتىرى ۋە ئۇنىڭ باشلىنىش ئاخىرلىشىش نۇقتىسى بارمۇ دىگەندەك مەسىللەرنى مۇھاكىمە قىلىشتا، سىزنىڭ كاللىڭىزدا نېمىنىڭ ئىلىم- پەن نەزەرىيسى ئىكەنلىكىنى ئېنىق بولىشى كېرەك. مەن ناھايىتى ئاددى كاللا بىلەن، نەزەرىيە –پەقەت ئالەم ياكى ئۇنىڭ چەكلىك بىر قىسمىنىڭ مودىلى، بۇ مودىلدىكى مىقدارلار بىلەن بىزنىڭ كۈزىتىشىمىزنى باغلاپ تۇرىدىغان قائىدە، دەپ قارايمەن. ئۇپەقەت بىزنىڭ كاللىمىزدا مەۋجۇت. (قايسى مەنىدىن بولسۇن) يەنە باشقا قانداقتۇر ھەقىقى مەۋجۇتلۇق مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس. ئەگەر ئۇ تۆۋەندىكى ئىككى تەلەپنى قانائەتلەندۈرەلىسە ئۇ ياخشى نەزەرىيە ھىساپلىنىدۇ. ئۇ جەزمەن پەقەت مەلۇم بىر ئېلمېنېت مودىلىنىڭ ئاساسىدا، نۇرغۇنلىغان كۈزىتىشلەرنى توغرا تەسۋىرلىگەن بولسا، مەسىلەن: ئارىستوتىل ئىندىبوگىلنىڭ-ھەرقانداق نەرسە تۇپراق، ھاۋا، ئوت ۋە سۇدىن ئىبارەت تۆت ئىلمىنتتىن تۈزۈلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت نەزەرىيگە ئىشىنەتتى. بۇ نەزەرىينىڭ ئاددىيلىقىدا گەپ يوق. بىراق ئۇنىڭدا ھىچقانداق ئالدىن كۆرەرلىك ئىپادىلەنمىگەن. يەنە بىر تەرەپتىن، نىيوتۇننىڭ تارتىشىش كۈچى نەزەرىيسى تېخىمۇ ئاددى مودىلنىڭ ئاساسىغا تىكلەنگەن، بۇ مودىلدا ئىككى جىسىم ئارىسىدىكى ئۆز- ئارا تارتىشىش كۈچى ئۇلارنىڭ ماددا مىقدارىنى ئىپادىلەيدىغان ماسسا بىلەن ئوڭ تاناسىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئارىلىقنىڭ كۇۋادىراتىغا تەتۈر تاناسىپ بولىدۇ. شۇڭا ئۇ قوياش، ئاي ۋە باشقا پىلانىتىلارنىڭ ھەرىكىتىنى ئىنتايىن ئىنىچكىلىك بىلەن تەسۋىرلەپ بەردى. پەقەت پەرەزگە ئاساسەن ئېيتقاندا، ھەرقانداق فىزىكىلىق نەزەرىيە ھامان ۋاقىتلىق بولۇپ، سىزنىڭ ئۇنى مەڭگۈ ساقلاپ قالالىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس. قانچە قېتىملاپ ئىشلىگەن تەجرىبىنىڭ نەتىجىسى مەلۇم بىر نەزەرىيە بىلەن بىردەك (ماس) بولسىمۇ، سىز كىيىنكى بىر نەتىجىنىڭ ئۇ نەزەرىيە بىلەن زىت كەلمەيدىغانلىقىغا مەڭگۈ ھۆكۈم قىلالمايسىز. يەنە بىر جەھەتتىن، ئەگەر سىز نەزەرىيدە تەسۋىرلىگەن بىلەن بىردەك بولمىغان (ماس كەلمەيدىغان) بىر كۈزىتىش نەتىجىسىگە ئىرىشكەن تەقدىردىمۇ، يەنىلا ئۇنىڭ خاتالىقىنى ئىسپاتلىغىلى بولىدۇ. خۇددى ئىلىم- پەن پەيلاسوپى كارىل.پوپپىر تەكىتلىگىنىدەك، بىر ياخشى نەزەرىينىڭ ئالاھىدىلىكى –ئۇنىڭ پىرىنسىپ جەھەتتىن كۈزىتىشكە بولىدىغان تەسەۋۋرۇلارنىڭ ساختىلىقىنى (خاتالىقىنى) ئىسپاتلىيالىشى ياكى ئۇنى ئىنكار قىلالىشىدا. ھەر دائىم بۇ تەسۋىرگە ماس كىلىدىغان تەجرىبىلەرنى كۈزىتەلىسەك ئاندىن بۇ نەزەرىيە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ھەم بىزنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىمىز كۈچىيدۇ؛ شۇڭا مۇبادا بىر يېڭى بايقاش بۇنىڭ بىلەن ماس كەلمىسە ئۇ ھالدا بىزنىڭ ئۇنى تۈزىتىشىمىزگە ياكى ئۇنىڭدىن ۋاز كىچىشىمىزگە توغرا كىلىدۇ. بۇ ئىلگىرى- كىيىن بولۇپ ھامان يۈز بېرىدۇ. مەسىلە كىشىلەرنىڭ شۇنداق بايقاشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش- ئاشۇرالماسلىقىدا. (تېخى تۈگىمىدى)

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-3-15 17:58:05]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.