ئۇنتۇشنىمۇ ئۆگۈنۈپ قويۇڭ

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-01 19:29:18

ئۇنتۇشنىمۇ ئۆگىنىۋېلىڭ ھايات مۇساپىمىزدە ئەسلەش ، ئۇنتۇش دېگەنلەر بولۇپ تۇرىدۇ . بىزدە گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان ئىش ، شەخسلەرنى دائىم ئەسلەپ تۇرۇشىمىز زۆرۈربولغىنىدەك ، يەنە بەزىدە « ئۇ...

    ئۇنتۇشنىمۇ ئۆگىنىۋېلىڭ

     

      ھايات مۇساپىمىزدە ئەسلەش ، ئۇنتۇش دېگەنلەر بولۇپ تۇرىدۇ . بىزدە گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان ئىش ، شەخسلەرنى دائىم ئەسلەپ تۇرۇشىمىز زۆرۈربولغىنىدەك ، يەنە بەزىدە « ئۇنتۇپ كېتىش »مۇ ئوخشاشلا زۆرۈر . پىسىخولوگلارنىڭ قارىشىچە ، بەزى كۆڭۈلسىز ئىش ، ۋەقە ، شۇنىڭدەك ئادەملەرنى ئۇنتۇپ كېتىشكىشىنىڭ روھىي كەيپىياتىنى ياخشىلاشقا ،بولۇپمۇ نورمال روھىي كەيپىياتىنى ساقلاشقا پايدىلىق ئىكەن . 


      دەرۋەقە ، قايغۇ - ھەسرەت ، غەم - ئەندىشىلىرىمىز تۈنۈگۈنگەمەنسۇپ بولۇپ ، ھەرگىزمۇ ئەتىمىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ . شۇڭا باشقىلارنىڭ سىزگە كەلتۈرگەنئاۋارىچىلىقلىرىنى ، كۆڭلىڭىزنى رەنجىتكەن ئىشلارنى ، ئەسلەشنى خالىمايدىغان ئەسلىمىلەرنىئەڭ ياخشىسى ئۇنتۇپ كېتىڭ . سەمىڭىزدە بولسۇن ، ئاللىقاچان ئۇنتۇپ كەتكەن ئىشلاردىن زارلىنىپ ، ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلماي ، بۈگۈنكىئەمەلىي ئىشلار ئۈچۈن كۈچ چىقىرىڭ ، چۈنكى تۈنۈگۈنكى مەغلۇبىيىتىڭىز ھەرگىزمۇ سىزنىڭ كارغاكەلمەيدىغانلىقىڭىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ . ساۋاقلار قوبۇل قىلىنغان رېئاللىقتىكى ھەر بىرئەھمىيەتلىك ئىش ئەتە ئۈچۈن ئېلىنغان مۇھىم قەدەمدۇر .

      دانالار « ۋاقىتنىڭ قەدىمى ئۈچ خىل بولىدۇ . بۇلار كەلگۈسى __ لاغايلاپ كېچىكىپ كېلىدۇ ، بۈگۈن __ ناھايىتى تېزلا قولدىن كېتىدۇ ، ئۆتمۈش __ تۇرغان يېرىدىن مەڭگۈ قىمىرلىمايدۇ » دەپ تولىمۇ جايىدا ئېيتقان . دەرۋەقە « تۈنۈگۈن » ، « بۈگۈن » ۋە« ئەتە » دىن ئىبارەت بۇ ئۈچ ھالقائىچىدە ئەڭ مۇھىمى يەنىلا بۈگۈن ، چۈنكى ئادەمنىڭ ھەقىقىي ياشايدىغان ۋاقتى تۈنۈگۈنمۇ ئەمەس ، ئەتىمۇ ئەمەس ، دەل بۈگۈندۇر. بۈگۈنننىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋاقىت ھازىر بولۇپ تۈنۈگۈن ئۆتۈپ كەتتى، ئەتە تېخى يېتىپ كەلمىدى. پەقەت بۈگۈننىڭ ئىچىدىكى ھازىرلا سىزگە تەۋە .
      گەرچە ئۇنتۇش ئاسان بولمىسىمۇ ، بىراق ئىنساننىڭ گۈزەل ئەتىسى بۈگۈن ئارقىلىق پۈتۈپ چىقىدىغان بىنادۇر ، ئۇ ھەرگىزمۇئۆتمۈشىڭىزگە باقىۋەندە ئەمەس . شۇڭا مەسلىھەت شۇكى ، ئۇنتۇشنىمۇ ئۆگىنىپ قويۇڭ .

     

      مەنبە: قاشتېشى تورى

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.