مۇھەببەت ۋە نەپرەت (ھېكايە)

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-02-22 10:24:22

مۇھەببەت ۋە نەپرەتزۇلفىيە قورۇلباييانۋار ئېيىنىڭ ئاخىرىدا ھاۋا تۇيۇقسىزلا سوۋۇپ كەتتى. بۇ يىل قىش بولمامدۇ، نېمە؟ دەپ يۈرگەن ئادەملەر ھىم، دەپلا قالدى. ئىككى كۈن توختىماي قار يېغىپ ھەممە يە...

     

    مۇھەببەت ۋە نەپرەت

    زۇلفىيە قورۇلباي

     \

    يانۋار ئېيىنىڭ ئاخىرىدا ھاۋا تۇيۇقسىزلا سوۋۇپ كەتتى. بۇ يىل قىش بولمامدۇ، نېمە؟ دەپ يۈرگەن ئادەملەر ھىم، دەپلا قالدى. ئىككى كۈن توختىماي قار يېغىپ ھەممە يەرنى قارغا لىق توشقۇزۋەتتى، قىيا-چىيا قىلىپ ئوينايدىغان بالىلارمۇ ئۆي-ئۆيلىرىگە كىرىپ كېتىشتى. سوغۇقتىن ھەممە ئادەملەرنىڭ رەڭگى-رويىمۇ ئۆزگەرگەنىدى: يۈز-كۆزلىرىدە ھارغىن ئىپادە ئەكىس ئېتىپ تۇراتتى، شەھەر ئادەملىرى شۇنداق، سوغۇققا چىدامسىز، ئىش بولمىسا، بوينۇمغا ئالغان مەجبۇرىيەت بولمىغان بولسا، ئىسسىققىنا ئۆيدە يۇمشاق كارىۋاتقا قىيسىيىپ، چاينى قىززىق دەملەپ، راھەت سۈرسەم، دەپ ئويلىشىدۇ ئۇلار. دېمىسىمۇ، ئۆزىنىڭ ئۆيىگە نېمە يەتسۇن، كاتەكتەك بولسىمۇ ئۆزۈڭنىڭ ئۆيى ياخشىدە.

    بەش قەۋەتلىك بىنانىڭ بەشىنچە قەۋىتىدىكى ئۆيلەرنىڭ بىرىدە مۇزدەك دېرىزە ئەينىكىگە بېشىنى تىرىگىنىچە تۇرغان خامۇش قىز شۇلارنى خىيالىدىن ئۆتكۈزدى. بۇنىڭدىن ئون يىل مۇقەددەم ئۇ يۇرتىدىن، «ئوقۇيمەن» دەپ شەھەرگە كەلگەنىدى. تەقدىر ئۇنىڭغا كۈلۈپ بېقىپ، ئىنىستۇتقا قۇبۇل قىلىندى، تىرىشىپ-تىرمىشىپ بەش يىلنى بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۆتكۈزگەن قىز يۇرتى سەھراغا قايتىپ بېرىشنى خالىمىدى. ئۇ ئەقلىگە كەلگەندىن باشلاپ شەھەردە ياشاشنى ئارزۇ قىلاتتى، شۇڭلاشقا بۇ شەھەردىن پەقەتلا كەتكۈسى كەلمىدى. «بۇ يەردە ياشاش ئاسان،- دەپ ئويلىغانىدى ئۇ شۇ چاغدا،- بىر ئامال قىلىپ ئۆي ئېلىۋالسام، گەپنىڭ چوڭى مەندە بولىدۇ، ئۇ چاغدا يىگىتلەر دېگەنمۇ ئۆزى مېڭىپ ئالدىمغا كېلىدۇ.»

    قىز مەكتەپنىڭ تەقسىماتى بويىچە ئىشقا ئورۇنلىشىپ قالدى. «پىراكتىكا» دېگەندىن ئۆتۈپ، خىزمەتكە رەسمىيلەشكىنىدە ئۆزىنىڭ ئامەتلىك ئىكەنلىكىگە يەنە بىر قېتىم ئىشەندى. جان-جەھلى بىلەن ئىشلەشكە، پۇل تېپىشقا تىرىشتى. بىراق ئالغان مائاشى ئۇ ئايدىن بۇ ئايغىچە قورسقىغىلا ئاران يېتەتتى، كىيىم-كېچەكلىرىنى بولسا يەنىلا ئاتا-ئانىسى سېلىپ بەرگەن پۇلغا ئېلىپ كېلىۋاتاتتى. ئاتا-ئانىسىغا دائىم بۇنداق سېلىش سېلىشقا قىزنىڭ كۆڭلى ئۇنىمايتتى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سەككىز قېرىندىشى يەنە شۇ ئاتا-ئانىسىغا قاراشلىق ئىدى. ئۇ شۇڭا تولىمۇ تېجەشلىك ئىدى. شۇنداق  قىلغانسېرى، تۈنۈگۈنكى قاردا ئايىقىنىڭ پاشنىسى ئاجراپ كەتتى.

    \

    ئەينەككە تىرىلىپ تۇرغان پىشانىسىدىن سوغۇق ئۆتكەن قىز ئۆزىنى تارتتى. پىشانىسىنى تۇتقىنىچە دېرىزە ئالدىدىن يىراقلاشتى، ئاۋازى ئاشخانا ئۆيگىمۇ ئاران ئاڭلىنىدىغان قوڭغۇراقنىڭ كەينى-كەينىدىن نەچچە جىرىڭلىشى، قىزنى چۆچۈتتى. ئۇ ئېھتىيات يۈزىسىدىن «مۈشۈك كۆز»ىدىن قارىدى. ئىشىك ئالدىدا تۇرغان، پىشانىسىنى چېكىلەپ شارپا ئورىۋالغان ئايالنى كۆرۈپ يۈرۈگى ئاغقاندەك بولدى. ئۆي ئىگىسى! ئىجارە ھەققىنى سۈيلەپ كىرگەنىدى. قىز ئىشىكنى ئاچماسلىقنى قارار قىلىپ، تىۋىش چىقارماي جىم تۇردى. سىرتتىن ئايالنىڭ جاۋۇلدىغان ئاۋازى ئاڭلاندى:

    -ئىشىكنى ئېچىڭ، دىلدارە! ئېچىڭ ئىشىكنى! بىلىمەن ئۆيدە سىز. بايا تېخى بالكوندا تۇرغىنىڭىزنى كۆردۈم، بولدى ئېچىڭ!...

    «قاغىش تەككۈر، تالا مۈشۈكىدەك ھەممە يەرنى پۇراپلا يۈرگەن..» قىز نائىلاج ئىشكنى ئاچتى.

    -ۋوي، مەۋجۇدە ھەدە، سىزمىدىڭىز؟ كىتاب كۆرۈپ يېتىپ كۆزۈم ئىلىنىپ قاپتىكەن...

    -ئىجارە پۇلىنى سۈيلەپ كىردى، دەپ ئەتەي ئاچمىغانسىز ھەقاچان، نېمە قىلىسىز بۇنداق يالغان سۆزلەپ؟- دېدى مەۋجۇدە ھەدە زەردە بىلەن. ئاۋازىدىن ئۇنىڭ راست ئاچچىقى كەلگىنىنى ياكى ئاغرىنىش ئارىلاش چاقچاق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى.

    -ۋاي، راست، شۇ ئۇخلاپ....

    دىلدارەنىڭ گېپى ئاياغلاشماستىنلا، مەۋجۇدە ھەدە تەكەللۇپسىزلا مېھمانخانا ئۆيگە ماڭدى. ھەممە ئۆيلەرگە بېشىنى تىقىپ، ھەممە بۇلۇڭ پۇشقاقلارغا كۆز يۈگۈرتۈشكە باشلىدى، ھەممە يەرنى قولى بىلەن سىيلاپ- سىپىلاپ كۆردى، ھەتتا ئېڭىشكىنىچە پولنىمۇ بارمىقى بىلەن سىلاپ كۆردى.

    -بىر ۋاقىتلاردا بۇ ئۆينى تىلىم بىلەن يالايتتىم،- دەپ، تولا دەپ يادا بولۇپ كەتكەن سۆزلىرىنى يەنە باشلىدى ئۇ ئايال،- ئۆيۈمنى مەن تۇتقاندەك پاكىز تۇتىدىغىنىڭىزغا ئىشەنگەچكە، سىزگە ئىجارىگە بەرگەنىدىم.

    بۇ مەۋجۇدە ھەدىنىڭ قىززىق ئادەتلىرى بار ئىدى. ئۆزى گەپ قىلىۋاتقاندا ياندىكى كىشىنىڭ يۈزىگىمۇ قارىمايدۇ ھەم ئۇ كىشىدىن گېپىگە يارىشا سۆزمۇ كۈتمەيدۇ، ئۆزىنىڭ خىيالىغا كەلگەننى، توختىماي سۆزلەۋېرىدۇ، پەقەت سۆزلەپ-سۆزلەپ گەپ شۇ ئىجارە ھەققىگە كەلگەندىلا، كۆزلىرىنى دىلدارەگە تىكىپ جىم تۇرۇۋالىدۇ.

    -ئەتە بەرسەم بولارمۇ؟ ئۆتۈنۈپ قالاي، يەنە بىر كۈن سۈرۈپ بەرسىڭىز...

    -ئىنساپ... دىلدارە، ئىنساپ! ئۈچ ئاي بولدىغۇ سىز ئىجارە ھەققىنى سوزۇپ كېلىۋاتقىلى!

    -بىلىمەن، كۆڭلۈمدە سان بار،- دېدى دىلدارە. ئوقۇتقۇچىسى ئالدىدا ئىمتىھان بېرىدىغان بالىدەك يۈرەك ئالدى بولۇپ،- قولۇم قىسقا بولۇپ قالدى. مانا بۈگۈنمۇ ئىشقا بارالمىدىم، ئۆتۈگۈمنىڭ پاشنىسى ئاجراپ كېتىپ...- دىلدارە ئىتتىكلا ئىشىكنىڭ يېنىدا تۇرغان بىر پاي ئۆتىكىنى كۆرسەتتى،- چۈشتىن كېيىنرەك بىر تونۇشۇمدىن سورىماقچى ئىدىم...

    -ھە، سوراڭ شۇ تونۇشىڭىزدىن! كەچكىچە قۇرۇق قول كىرىپ-چىقىپ يۈرىۋەرمىسۇن ئۇ تونۇشىڭىز!

    دىلدارەنىڭ يۈزلىرى قىزاردى، «جىن تەگكۈر، سەندىنغۇ ھېچ نەرسىنى يوشۇرۇپ بولغىلى بولمايدۇ زادى»

    مەۋجۇدە ھەدە ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ، دېرىزەتۈۋىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇردى. گاز ئوچاقنىڭ ئۈستىدىكى قازاننى ئىشارە قىلىپ دېدى:

    -يېنىڭىزدا بىر تىيىن يوق ئىكەنۇ، ئۇنىڭغا تاماق تەييارلايسىز؟

    -ھە، ئەمدى... – دەپ گېپىنى چاينىدى دىلدارە،- يوقتىن ياخشىراق دەپ...

    -پولومۇ؟

    -ھەئە... تۇخۇم بېسىپلا ئەتكەن....

    مەۋجۇدە ھەدە ھېلى ئۇنى، ھېلى بۇنى توختىاي سوراپ، قىزنى گەپكە تۇتاتتى، ھېلىدىن ھېلىغا قىزنىڭ كۆزىگە مىختەك تىكىلىپ قارايتتى. كۆزلىرىدە بولسا چۈشەنگىلى بولمايدىغان بىر مەنالار بار ئىدى.

    -ھە، مەيلى، شۇنچە كۈنلەر ئۆتكەن يەردە بۇ بىر كۈنمۇ ئۆتۈپ كېتەر،- دېدى ئۇ ئايال ئاخىرىدا ئورنىدىن تۇرۇپ،- ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ! پەقەت بىر كۈنلا، بىر كۈن!

    ئىشىك خېلى زەردە بىلەن يېپىلدى. دىلدارە ئۇھ دېدى ئەركىنلىككە چىققاندەك بولۇپ. ئۇ تامغا يۆلەنگۈچە نەچچە مىنۇت خىيال سۈرۈپ تۇردى-دە، ئۆزىدىن ئىككى قەدەم نېرىدىكى تېلىفوننىڭ يېنىغا كەلدى. تۇرۇپكىنى تۇتقىنىچە بىرھازا ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالدى، ئارقىدىن ئۆزىگە تونۇش نومۇرنى بېسىشقا باشلىدى.

    -ئابدۇللانى ئىزدەيتتىم،- دېدى تېلىفوننى ئالغان كىشىگە، سەل ئۆتۈپ ئۇ تەرەپتىن، «ئابدۇللا يوق» دېگەن جاۋاب كەلدى. دىلدارەنىڭ قۇيقا چېچى تىك بولدى. «ئەبلەخ! يەنە مۇشۇنداق قىلماقچىمۇ سەن؟!». ئۇ شۇ ئاچچىقىدا ئىشىك تۈۋىدە تۇرغان پاشنىسى بۇزۇلغان ئۆتىگىنى ئېلىپ، ئۇيان ئۆرۈپ-بۇيان چۆرۈپ قارىدى. «كىيگىلى بولىدۇ، دېگەن قارارغا كەلدى،- قارلارمۇ ئېرىپ قالغاندۇر» ئىشىك بېشىغا ئېسىلغان ئۇزۇنچاق ئەينەك ئالدىدا تۇرۇپ، نەق يېرىم سائەت پەرداز قىلىپ ياساندى. گاھ يىراقتىن، گاھ يېقىندىن ئەينەككە قاراپ ئۆزىنى باھالىدى، ئۇ شۇ تۇرقىدا ھەرقانداق ئەركەكنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغىنىغا ئىشەنچ قىلدى.

    \

    **********************************

    «قېچىپ نەگىمۇ بارالار،- دېدى قىز ئىچىدە كىمنىدۇر تىللاپ،- يەرنىڭ تېگىگە كىرىپ كەتكەن بولسىمۇ سۇغۇرۇپ چىقارمىنا!» ئۇ ئىشىك ئالدىدا بىر دەم تۇرۇپ، پەلتويىنىڭ يانچۇقىدىكى پۇلىنى دەڭسەپ كۆردى. تىرامۋايدا بېرىپ كېلىشكە تامامەن يېتىدۇ. قىز پەلەمپەيدىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئاستا قەدەم ئېلىپ چۈشتى، بىرىنچى قەۋەتتىكى ئۆيدە مەۋجۇدە ھەدە ئولتۇرىدۇ. ئۇنىڭ كۆزىگە كۆرۈنۈشتىن، سۇئاللىرىغا جاۋاب بېرىشتىن يۈرۈگى سۇ دىلدارەنىڭ. ئۇ ئايال بۇ قىزنى ئۈچ ئايدىن بېرى ئىجارە تۆلىمىدىڭ، دەپ ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىشقا ئازلا قېلىۋاتىدۇ. ئۇنى ھەر ۋاقىت كۆزىتىپ يۈرۈيدۇ، خۇددى دىلدارە تۇيۇقسىز بىرەر كېچىلا قېچىپ غايىب بولۇپ كېتىدىغاندەك ئۇنىڭ ئارقىدىن پايلىغىنى پايلىغان. ئۈچ يىلدىن بېرى ئۆيۈمنى ئىجارىگە ئېلىپ تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇنىڭغا مۇشۇنى دەپ بولسىمۇ ئىشىنىشىم كېرەك، دەپ زىنھار ئويلىمايدۇ. مۇشۇ تاپنىڭ ئۆزىدىمۇ كارىدوردىكى تىۋىشلارنى ئاڭلاپ، كۆزىتىپ تۇرۇۋاتقاندۇر بەلكىم. دىلدارە بىر ئاماللارنى قىلىپ پەلەمپەيدىن چۈشتى، ئاستىلا ھويلىغا چىقىۋالدى-دە، يەلكىسىدىكى تاغنى ئېلىۋەتكەندەك يەڭگىللەپ قالدى. ئەمما مەۋجۇدە ھەدىنىڭ چىرايى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن نېرى كەتمەيتتى. «بايلىق، بەخت ــ ھۆسىن-چىراي تاللىمايدىكەن،- دەپ ئويلىدى ئۇ تىرامۋايدا كېتىۋېتىپ،- ئۇلار ئامىتى بار ئاياللارنىڭ بېشىغا قونىۋېرىدىكەن.» ئۇ ئالدىدىكى بېكەتلەرنىڭ بىرىدە چۈشۈپ، يۈگۈرگىنىچە يولنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتتى. ئىككى تەرەپتىن بېسىق كېلىۋاتقان ماشىنىلارنىڭ « باب، باب» دەپ بەرگەن سېگناللىرىگىمۇ پەرۋا قىلمىدى،-دە، يولنىڭ ياقىسىدىكى، ئىشىك بېشىغا «ساتىراچخانا» دەپ يېزىلغان ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئىتتىرىپ ئېچىپ، ئىچىگە شۇنداق قەدەم ئېلىشى بىلەن ھەرخىل پۇراقلار قوشۇلغان دىمىق ھاۋا دىمىقىغا گۈپپىدە ئۇرۇلۇپ نەپىسىنى سىقتى. ئۇ ھېچ ئىككىنلەنمەيلا ئەرلەر بۆلۈمخانىسى تەرەپكە قاراپ ماڭدى. ئىچكىرىدە كالتە ئاق خالات كىيگەن ئىككى يىگىت ئىككى  كىشىنىڭ چېچىنى ياساۋاتقانىدى، ئۈچىنچى ئورۇندۇق بوش تۇراتتى، دېمەك ئۇ يوق.

    -ئابدۇللا ئاكا بۈگۈن ئىشقا كەلمىدى، دەپ ئېيتتىمغۇ سىزگە،- دېدى يىگىتلەردىن بىرى ئۇنىڭغا قاراپ.

    -نېمە دەپ كەلمىدى؟ بۈگۈن ئىش كۈنى تۇرسا...

    -بىر تۇغقىنىنى ئاغرىپ قالدى، دوختۇرغا ئاپىرىمەن دېگەنىدى.

    دىلدارەنىڭ جەھلى تۇتتى. يىگىتنىڭ سۆزىگە ئىشەنمىگەنلىكىنى  بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن قاشلىرىنى يىمىردى.

    -ھە مەيلى. كەچكىچە بولسىمۇ كېلىپ قالار، ساقلاپ تۇراي،- دەپلا بوسۇغا تەرەپكە قۇيۇلغان ئورۇندۇقلارنىڭ بىرىدە ئولتۇردى.

    -ئۇ بۈگۈن كەلمەسمىكىن. – دېدى ھېلىقى يىگىت ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ ھەمدە دىلدارەگە بۇرۇلۇپ قارىغان خېرىدارنىڭ يۈزىنى ئالدىغا قۇيۇلغان ئەينەككە قارىتىپ بۇراپ قويدى.

    دىلدارە خۇددى ئۇ يىگىتنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىغاندەك، بىپەرۋا ھالدا كەلگەن-كەتكەننى كۆزىتىپ ئولتۇردى. «ھەممىسىنىڭ تىلى بىر،- دەپ ئويلىدى قىز،- مېنىڭ تىرامۋايدىن چۈشكىنىمنى دېرىزىدىن كۆرۈپلا، قېچىپ كەتكەن گەپ»

    ئۇ بوسۇق تەرەپتىكى شۇ ئورۇندۇقتا ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق ئولتۇردى. ئەمما مۇشۇ چاغقىچە ئابدۇللادىن خەۋەر يوق. بىرىنچى ئىسمىنا تۈگەپ، ئىككىنچى ئىسمىنىدىكىلەر خىزمەتكە چۈشتى. ھېلىقى ساتىراچ يىگىتمۇ خالىتىنى يېشىپ، كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇشقا باشلىدى. دىلدارە ئۇنىڭ قايتىشقا تەرەددۇت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئورنىدىن تۇردى.

    -سىزگە ئىلتىماس، ئۇنىڭغا ئېيتىپ قويۇڭ، بۈگۈن كەچكىچە بولسىمۇ مېنىڭ ئۆيۈمگە بىر كېلىپ كەتسۇن، ئەگەر يەنە مۇنداق قېچىپ يۈرىدىغان بولسا، ئۆيىگە بېرىپلا، شەرمەندە قىلىمەن،- دېدى ئۇ قايتا-قايتا قىلىپ.

    يىگىت گەپ-سۆز قىلمىدى، يا ياق، يا ھەئە دېمىدى، ھەئە دەي دېسە ئابدۇللا بىلەن تىلىنىڭ بىرلىكىنى بىلدۈرۈپ قوياتتى، ياق، دەپ دېسە دىلدارەنىڭ ئەلپازىدىن ھېيىقتى. بۇ يىگىت، ئىككى يىلدىن بېرى بۇ قىزنىڭ ئابدۇللا بىلەن ئارىلىشىۋاتقانلىقىدىن خەۋەردار ئىدى. نەچچە قېتىم ئابدۇللانىڭ  بۇ قىزنى  رەنجىتكىنىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنىدى. شۇڭا بۇ يىگىت ھېچنىمە دېيەلمەي جىم تۇرۇپ قالدى.

    دىلدارە سىرتقا چىقىپ، تىرامۋاي بېكىتىگە قاراپ يول ئالدى. ئۇنىڭ چىرايى-تۈسى تۇتۇلغان، ئىچ-ئىچىدىن غەلىتە بىر تىترەك ئولىشىپ تۇراتتى. «ئەبلەخ، -دېدى پۈتۈن دەر-غەزىپىنى شۇ سۆزگە يىغىنچاقلىغان بىر ئاھاڭدا،- ئەمدى بۇ ئامالنى ئويلاپ چىقىپتۇ-دە؟! ئەگەر يېنىمدا پۇل بولغان بولسا ئۇنىڭ كەينىدىنمۇ بۇنداق چېپىپ يۈرمەس ئىدىم.»

    ********************************

    دىلدارە ئىنىستۇتنىڭ بەشىنچى يىلىدا ئوقۇۋاتقىنىدا، چېچىنى كەستۈرۈش ئۈچۈن مۇشۇ ساتىراچخانىغا كېلىپ، ئاياللار بۆلىمىنىڭ يۇيۇش ئۆيىگە نۆۋەت تەگمەي ساقلاپ ئولتۇرغاندا، ئابدۇللا بىلەن تونۇشۇپ قالغانىدى. شۇ چاغدا ئابدۇللا قىزنى ئۆچرەتتە تۇرغۇزمايلا ئىچىگە ئېلىپ كىرىپ، تونۇش ساتىراچ ئايالغا قىزنىڭ چېچىنى چىرايلىق قىلىپ، ئەڭ مودا پوسۇندا كېسىپ قويۇشنى دەپ قويغانىدى. ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، دىلدارە يەنە مۇشۇ ساتىراچخانىغا كەلگىنىدە يەنە شۇ يىگىتكە ئۇچرىدى، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇچرىشىشلار ئىنىستۇتتا بولدى. ئۇ چاغلاردا ئابدۇللا ئۇنى يوقلاپ بېرىپ تۇراتتى. كېيىن..... ئۇلار يېقىنلىشىپ كەتتى. ئابدۇللا چىرايلىق يىگىت ئىدى. قەددى-قامىتى كېلىشكەن، قاش-كۆزلىرى قاپقارا، يۈزلىرى تارشلانغان تاشدەك سىلىق ئىدى. دىلدارە بۇ قاملاشقان يىگىتكە قانداق قىلىپ ئۆز ئىختىيارىنى بېرىپ قويغىنىنى بىلمەيلا قالدى. ئۇ ئىككى يىل ھېچنەرسىنى ئويلىماي ئابدۇللا بىلەن ئۇچرىشىپ يۈرۈۋەردى. مۇبادا ئابدۇللا «ئۆي»نى بۇزمىغان بولسا، ھاياتىنى مۇشۇنداق داۋام قىلىپ كېتىۋېرەرمۇ بولغۇيتتى؟! ئەپسۇسكى، ئابدۇللا بىردىن ئۆزگىرىپ قالدى، ئۇنى-بۇنى باھانە قىلىپ ئۇچرىشىشلاردىن باش تارتىشقا باشلىدى، بىردە-بىر كۆرۈشكەنلىرىدىمۇ، دىلدارەنىڭ ئۆيىدىن باشقا يەرگە چىقمايتتى. كېيىنچە ئۇ ئۆيگىمۇ بارمايدىغانلا بولدى، دىلدارە ئاخىر بۇ يىگىتنىڭ ئائىلىسى بارلىقىنى، يەنى خوتۇنى، بىرمۇ ئىككىمۇ، ئىشقىلىپ بالىسىنىڭ بارلىقىنى كېيىن  بىلدى. ئۇ يىگىتنى بەكمۇ-بەك سۆيگىنى ئۈچۈن، بۇ مەسىلە ئۇنى يولىدىن قايتۇرالمىدى. دۇرۇس، ئابدۇللا ئۆزىنىڭ ئۆيىگە قايتقان چاغلىرىدا، قىزنىڭ يۈرۈگى رەشىك ئوتىدا كۆيەتتى. شۇنداقتىمۇ قىز كۆڭلىنى كەڭرەك تۇتۇشقا تىرىشاتتى. مېنى دەپ بالىلىرىدىن ۋاز كېچىشىنىمۇ خالىمەيمەن، دەپ ئۆزىنى ئۆزى بەزلىمەكچى بولاتتى.

    بۇلارنىڭ بۇنداق ئەر-خوتۇندەك مۇناسىۋەتلىرى يېڭى باشلانغان چاغلاردا، ئابدۇللا: «سېنى نىكاھىمغا ئالىمەن، ساڭا ئۆي ئېلىپ بېرىمەن.» دەپ كۆپ ۋەدىلەرنى بەرگەنىدى. مۇناسىۋەتلىرى قۇيۇقلىشىپ بارغاندىن كېيىن، قىز يىگىتنىڭ قولىدا ئۇنچىلىك پۇلىنىڭ يوقلۇقىنى بىلىپ قالدى، ئەمما شۇنداقتىمۇ كۆڭلى ئاغرىمىدى. ئەكسىچە، بەش-ئون سومدىن ئابدۇللانىڭ يانچۇقىغا چاندۇرماي سېلىپ قويدى. ھەممە نەرسىنىڭ باھاسى ئۆسۈپ، ئۇنىڭ ئەھۋالىمۇ يامانلاشقاندىن كېيىن، ئابدۇللا قىزدىن ئالاقىسىنى ئۈزۈشكە ھەرىكەت قىلىشقا باشلىدى. دىلدارە كەينى-كەينىدىن تېلىفون قىلىۋېرىپ، بىزار قىلىۋەتكەندىن كېيىنلا، ئابدۇللا خالاپ-خالىماي قىزنىڭ يېنىغا كېلەتتى، ئەمما، يۈز-كۆزىدىن، گەپ-سۆزلىرىدىن بۇ قىزنى كۆرۈشكە ئىنتىزار ئەمەسلىگى چىقىپ تۇراتتى، مانا شۇنىڭدىن كېيىنلا دىلدارەنىڭ بۇرنىغا سۇ كىردى.

    -بۇ زادى نېمە ئىش؟!- دەپ سورىدى دىلدارە زەردە بىلەن ئابدۇللادىن- ھاياتىمنى بەرباد قىلىپ بولۇپ، ئەمدى قېچىپ كەتمەكچىمۇسىز؟ نىكاھىمغا ئالىمەن دېگەنىدىڭىزغۇ؟ ئۆي ئېلىپ بېرىمەن دېگەنىدىڭىزغۇ؟ قېنى ئاشۇ ۋەدىلەر؟ قېنى؟

    قىزنىڭ ھەسرىتى ئاشتى، كۆزلىرىدىن ئوت چاچرىدى. پۈتۈن بەدىنىنى بەزگەك ئادەمدەك تىترەك تۇتتى. ئابدۇللا سۈكۈتتە ئىدى. يەرگە قاراپ ئولتۇراتتى. تۇرۇپ-تۇرۇپ خۇرسىنىپ ئۇھ تارتىپ قوياتتى.

    شۇنىڭدىن كېيىن مۇناسىۋىتى سەل ئىللىغاندەكمۇ بولدى. ئەمما شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئابدۇللا گەپ ئارىلىقىدا ئايالىنىڭ قورسىقىدا بارلىقىنى، ھازىر ئايالىنىڭ بۇنىڭدىن پۇلنى جىق تاپمىدىڭ دەپ خاپا بولۇۋاتقانلىقىنى دەپ ئۆتتى. دىلدارەنىڭ ئۇنىڭغا تۇرۇپلا ئىچى ئاغرىدى، ئۆزىچە ئابدۇللانىڭ غېرىب ئۆيىنى، يېلىڭ كىيىنگەن ئايالىنى، كونىرىغان كىيىملەرنى ئۇچىسىغا قالايمىقانلا ساپقان بالىلىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ كۆڭلى يۇمشاپ، يىغلىغۇسى كەلدى.

    -ھەممىسىگە چىدايمەن،- دېدى ئۇ پىچىرلىغاندەك قىلىپ ئابدۇللانى قۇچاقلاپ تۇرۇپ،- ھەممىسىگە چىدايمەن، پەقەت مېنى تاشلاپ كەتمەسلىككە قەسەم ئىچسىڭىزلا.

    ئابدۇللا ئېغىز يېرىپ بىرنېمە دېمىدى، كۆزلىرىنى يۇمغىنىچە بېشىنى ساڭگىلاتتى، خالاس. ھەقىقەتەنمۇ، دىلدارەگە راستىنلا باشقا ھېچنېمە كېرەك ئەمەس ئىدى. ئابدۇللا يېنىدا بولسىلا بولدى، شۇ كۇپايە ئىدى. ئەمما يىگىت شۇنىڭغىمۇ كاپالەتلىك قىلالمىدى، بارغانسېرى قىزدىن يىراقلىشىپ، ئاخىرى قېچىپ يۈرۈش دەرىجىسىگە باردى،  دىلدارە بولسا ئۈچ ئايدىن بېرى ئۇنى قوغلاپ تۇتالماي، تاپالماي ئاۋارە ئىدى.

    \

    ******************

    تىرامۋاي كېلىپ قېلىپ، قىزنىڭ خىيالى بۆلۈندى، ئۇ سىقىلىپ-قىسىلىپ يۈرۈپ تىرامۋايغا چىقىۋالدى. بېشىدىكى بوش ئورۇنلاردىن بىرىگە ئولتۇردى، ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرغان يىگىت، دىلدارەگە قاراپ بېشىنى ئاستا لىڭشىتىپ سالام قىلدى. دىلدارە ھېچ ئىپادىسىزلا بېشىنى دېرىزە تەرەپكە بۇراپ، سىرتقا قارىدى. يىگىت ئۇنىڭدىن كۆزىنى ئۈزمىدى، دىلدارە تىرامۋايدىن چۈشكەندە ئۇ يىگىتمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ چۈشۈپ، ئىزمۇ-ئىز كەينىدىن مېڭىپ كېلىۋەردى. قىز ئۇنى ئوغرى-بۇلاڭچى دەپ گۇمان قىلىپ، قورقۇنچ باستى. قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئۆي ئالدىغا كەلدى، شۇندىلا كەينىگە قارىدى. قارىدىيۇ، بەش-ئالتە قەدەم  نېرىدا تۇرغان يىگىتنى كۆرۈپ ۋارقىرىۋېتىشكە ئازلا قالدى. سومكىسىنى ئالدىغا قىلىپ باغرىغا باسقىنىچە پەلەمپەيدىن يۈگۈرۈپ چىقىشقا باشلىدى، تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن ئىشىكنى مىڭ  تەستە ئاشتى، تۆۋەندىن ئەركىشىنىڭ ئېغىر-ئېغىر تىنىپ چىقىۋاتقان ئاۋازىنى ئاڭلاپ، يۈرىگى تېخىمۇ سېلىشقا باشلىدى. ئۆيگە كىرىپ، يۈرۈگىنى تۇتقىنىچە «مۈشۈك كۆز»دىن ئاستا قارىدى. ھېچكىم يوق! «ئوغرى كەينىمگە چۈشۈپ ئۆيۈمنى كۆرۈۋالدى، ئەمدى ماڭا خاتىرجەملىك يوق»،- دېگەن خىيال ئۇنى ساراسىمگە چۈشۈردى. ئۇ ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ ئۈستەل ئۈستىدىكى چەينەكتىن چاي قۇيۇپ ئىچتى. يۈرۈگى تېخىچە كۈز ياپرىقىدەك تىترەپ تۇراتتى. «زادى مۇشۇلا قالغان، مۇشۇ ئىشلا كام قالغان،- دەپ ئويلىدى ئۇ،- ئەمدى ئۆي ئىگىسىگە نېمە دەيمەن؟» بۇ قورقۇنچ ئۈستىگە ئىجارە ھەققىنىڭ ئەندىشىسى قوشۇلۇپ قىزنىڭ يۈرۈگىنى ئەزدى. قىز ئۆزىنىڭ بۇ ئەھۋالىدىن خورلۇق ھېس قىلدى-دە، يىغلاپ تاشلىدى، ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ ئۇزۇن يىغلىدى. «ئەمدى مېنىڭ لازىمىم قالمىدىمۇ؟ جاڭجال چىقىرىپ سېنى ئۆيدىن بەزدۈرگەن ئايالىڭ ئەمدى ياخشى بولدىمۇ؟- دىلدارە خۇددى ئۇدۇلىدا ئابدۇللا باردەك كۆڭلىدىكىنىڭ ھەممىنى تۆكتى،- ئەمدى قانداق قىلىمەن؟ قانداق ياشايمەن؟ ئاتا-ئانامغا نېمە دەيمەن؟ مەۋجۇدە ھەدەمگە قانداق جاۋاب بېرىمەن؟»

    **********************************

    شۇ كېچىسى ئۇ يۈرىگىنى تىڭشاپ يۈرۈپ تاڭ ئاتقۇزدى. مەۋجۇدە ھەدە نېمىشقىكىن چىقىپ پۇل سۈيلىمىدى. ئۆيىگە مېھمان كېلىپ قالدىمىكىنە؟ يولدىشىنى قايسى بىر ئىدارىنىڭ باشلىقى دەپ ئاڭلىغانىدى، شۇڭا ئۆيىگە پات-پاتلا مېھمان كېلىپ تۇراتتى.  دىلدارە بۇ ئۈچ يىلدا مەۋجۇدە ھەدىنىڭ يولدىشىنى ئۈچ-تۆت قېتىملا كۆردى، قاچانلا قارىسا خىزمەتكە كەتكەن، ئەمما ئايالى، بالىلىرىنى بىر نەرسىدىن ئۈزمەيتتى. قوش-قوش ئۆيلىرى، ماشىنىلىرى بار. دىلدارە ساۋاقدىشى ئارقىلىق بۇ ئۆينى ئىجارىگە ئالغانىدى. ئۇ قىز ساۋاقدىشى دەل مۇشۇ مەۋجۇدە ھەدىنىڭ جىيەن قىزى ئىدى. ھازىر ئۇ قىز ئاللىبۇرۇن توي قىلىپ، بالا-چاقىلىق بولۇپ بولدى. ئىجارە ھەققىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەنلىرىدە مەۋجۇدە ھەدە كەينىگە چۈشۈۋېلىپ بىزار قىلاتتى، زەھەر-زۇققۇمدەك گەپلەرنى قىلىپ يۈرۈگىنى ئاچچىق قىلاتتى. ئەمما بىرەر قېتىممۇ ئۆيدىن چىق، دەپ قوغلاپ باقمىدى، بەلكىم بۇمۇ شۇ جىيەنىنىڭ يۈزىنى قىلىدىغاندۇر، ياكى مۇسۇلماندارچىلىقنىڭ يۈزىنى قىلامدۇ بۇنىسى دىلدارەگە ئېنىق ئەمەس ئىدى.

    ئۇ توڭلاتقۇنى ئېچىپ قارىدى. (بۇ ئۇنىڭ بىردىنبىر بايلىقى) يېگۈدەك ھېچ نەرسىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈپ، كۆز ئالدى قاراڭغۇلاشتى، خېلى ۋاقىتقىچە توڭلاتقۇنىڭ ئىشىكىنى ئاچقىنىچە شۇ تەرىزدە تۇرۇپ قالدى. ئاخىرى بىر قارارغا كەلدى-دە، ھاپىلا-شاپىلا كىيىنىشكە باشلىدى. «بۈگۈن دەم ئېلىش كۈنى،- دەپ ئويلىدى قىز كۆڭلىدە،- ئۆيىگە باستۇرۇپ بېرىشىم كېرەك...» ئۇ ھەم مېھمانخانا ھەم ياتاقخانا ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان كاتەكتەك كىچىك خانىگە كىرىپ، كارىۋات ئاستىدىن ئېغىرلا بىر چاماداننى تارتىپ چىقاردى.

    تولا كىيىلىپ، رەڭگى ئۆچكەن كىيىملەرنىڭ ئارىسىدىن خالتىغا ئورالغان بىر نەرسىنى ئالدى. بۇ جابدۇقلارنى ئۆتكەن يىلى ئاپىسى بەرگەن ئىدى. تاقاشقا كۆزى قىيماي چامادانىغا سېلىپ قويغانىدى. مۇشۇنى مەۋجۇدە ھەدىگە كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئۆيىدىن چىقتى.

    -ماۋۇلارنى ساتماقچى ئىدىم، سىزنى ئېلىپ قالارمىكىن ....-دېدى ئۇ مىڭ تەستە.

    مەۋجۇدە بولاقنى ئېچىپ، زىبۇ-زىننەتلەرنى يېيىپ تۇتۇپ كۆردى.

    -كونىلاردىن قالغانمۇ-نېمە؟ قانداق بولار؟

    -ئۆتكەن يىلى ئاپام بەرگەنىدى، ساقلاپ قويغان ئاياپ...

    -قانچە بېرىمەن؟

    -بىلمىدىم... ئۆزىڭىز بىلىپ بېرىڭ...

    مەۋجۇدە ھەدە ئىچكىرىگە كىرىپ كەتتى، بىرئازدىن كېيىن خېلى كۆپ پۇلنى تۇتقىنىچە قايتىپ چىقتى.

    -رازى بولۇڭ!- دېدى ئۇ بىرخىل ئاھاڭدا.

    دىلدارە پۇلنىمۇ ساناپ كۆرمىدى، كەينىگە بۇرۇلۇپلا سىرتقا چىقىپ كەتتى. مەۋجۇدە ھەدە ئۇنىڭ كەينىدىن خېلى ئۇزاق قاراپ قالدى. ھەردائىم قەھىر ۋە پىسەنتسىز تۇرىدىغان كۆزلىرىدىن شەپقەت نۇرى يانغاندەك  بولدى.

     

    ئىشىكنى ئوتتۇز-ئوتتۇز بەش ياشلار چامىسىدىكى ئاق-سېرىق، مېھرى ئىسسىق بىر ئايال ئاچتى. كىيىشىشىمۇ يامان ئەمەس ئىدى. بۇ ئايالنىڭ ئابدۇللانىڭ ئايالى ئىكەنلىكىنى ئۇ دەررۇ پەملىدى.

    -كېلىڭ،- دېدى ئايال ھەيران بولۇپ، ئۇنىڭغا باشتىن-ئاياغ زەڭ سالغىنىچە.

    -ئابدۇللا....ئاكا... ئۆيدىمۇ؟-دېدى دىلدارە باشقا بىر ياقلارغا كۆز سالغاچ. ئەمدى بايامقى باتۇرلۇقلىرىدىن قىلچە ئەسەر قالمىغانىدى.

    -ھە، ئۆيدە، كېلىڭ، ئىچكىرىگە كىرىڭ،- ئايال ئۇنى يولدىشىنىڭ خېرىدارلىرىدىن بىرى بولسا كېرەك دەپ ئويلىدى بولغاي، مېھماندوستلۇق كۆرسىتىشكە باشلىدى،- بۇ يەردە تۇرماي قېنى ئۆيگە كىرىڭ!

    دىلدارە تەۋەككۈل قىلىپ ئىچكىرىگە قەدەم ئالدى، شۇ چاغدا ئىچكىرىدىن: «كىم كەلدى؟ مەۋلۇدە!» دېگەن تونۇش ئاۋاز ئاڭلاندى، ئۇزۇن ئۆتمەي  يەلكىسىگە لۆڭگە ئارتقان مايكىچان ئابدۇللا پەيدا بولدى. بوسۇغىدا ئۆرە تۇرغان دىلدارەنى كۆرۈپ تاشتەك قېتىپ قالدى،

    -دادىسى، سىزنى ئىزدەپ كەپتۇ،-دېدى مەۋلۇدە بىردە يولدىشىغا، بىردە دىلدارەگە قاراپ.

    -مەن ئۆيدە چاچ ياسىمايمەن،- دېدى ئابدۇللا دەررۇ ئۆزىنى ئوڭشاپ.

    دىلدارەنى چۈشىنىۋالسۇن دەپ ئاۋازىغا ئالاھىدە بىر تۈسمۇ قوشۇپ قويدى. ئەمما دىلدارە ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمىدى، خۇددى تۇغقىنىنىڭ ئۆيىگە كەلگەندەك، ئاياقلىرىنى ئاستا يېشىشكە باشلىدى. ئاندىن مېھمانخانا ئۆيگە كىرىپ ئولتۇرۇپ، ئۆينى كۆزىتىشكە باشلىدى

    -كىمسىز؟ ئۆيىمىزگە نېمە دەپ كەلدىڭىز؟-دېدى مەۋلۇدە ئارقىدىن ئىزمۇ-ئىز كىرىپ. كۈتۈلمىگەن بۇ مېھمان ئۇنى تەمتىرىتىپ قويغانىدى.

    -پاھ-پاھ،- دېلدارە ئايالنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىمىغاندەك ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويمىدى،- خوتۇنۇم، ئۆيدە قولغا چىققۇدەك نەرسە يوق دەپ جاڭجال قىلىدۇ، دېگەنلىرىڭىز سىزنىڭ، ۋاي ئىسىت! مانا بۇلار نېمە؟ رەڭلىك تېلىۋېزور، دىۋان-كىرىسلو، چەتنىڭ گىلەملىرى....

    -بولدى قىلىڭ،- دەپ ۋارقىرىدى ئابدۇللا،- ئىشىك ئوچۇق، چىقىپ كېتىڭ!

    -نەگە چىقىپ كېتىمەن؟-دېدى دىلدارە ھېچ ئىش بولمىغاندەك،- بۇ ئۆي مېنىڭ ئۆيۈم.

    -ئابدۇللا! بۇ قىز نېمىلەرنى جۆيلۈۋاتىدۇ؟-كۆزلىرى ياشقا تولغان مەۋلۇدە يولدىشىغا ئىلتىجالىق باقتىيۇ، يەنە كۆزلىرىنى ئېلىپ قاچتى، دىلدارە ئەر-ئايال ئىككىسىنىڭ شۇ تاپتىكى ھەربىر چىراي ئىپادىسىگە دىققەت بىلەن قارىماقتا ئىدى.

    -مەن ئۇنى تونۇمايمەن،- دېدى ئۆزىگە سەل كەلگەن ئابدۇللا. ئۇ ئەمدى ئۆزىنى خېلى تۇتۇۋالغان ئىدى. يۈز-كۆزىدە كىنايىلىك بىر تەبەسسۇم ئەكىس ئېتىپ تۇراتتى،- ھازىر مۇشۇنداق بىر ئاياللار بار ئىكەن دەپ ئاڭلىۋېدىم، ئۇلار تېنچ ئائىلىلەرگە بېرىۋېلىپ، مەن يولدىشىڭنىڭ ئاشنىسى دەپ تۇرۇۋالارمىش، بىچارە ئەر ئۆزىنى چۈشەندۈرۈپ بولالماي، پۇل بېرىپ يولغا سالىدىكەنمىش....

    دىلدارە خۇددى بېشىدىن بىرى بىر چېلەك سوغۇق سۇ قۇيۇۋەتكەندەك مۇزلاپ كەتتى. پۇت-قوللىرىدا جان قالماي، دىرىلدەپ تىترەشكە باشلىدى، ئۆزىنى قويۇۋېتىپ يىقىلىپ چۈشۈشكە تاسلا قالدى.

    -ۋاي يارىماس، ھالىڭ مۇشۇمىدى؟! مۇشۇنداق قىلىپ يۈرگىنىڭنى ئاتا-ئاناڭ بىلەمدۇ سېنىڭ؟!-دەپ ۋالاقشىپ كەتتى ئۆلگەننىڭ ئۈستىگە تەپمەك قىلىپ مەۋلۇدە،- ئۆيۈڭدە جىم ئولتۇرساڭچۇ بۇنىڭ ئورنىغا، ئىسىت!

    دىلدارە چىداپ تۇرالمىدى، قولتۇقىغا قىسىپ تۇرغان سومكىسىنى مەۋلۇدەگە قارىتىپ ئاتتى.

    -ئىپلاس، ئەبلەخ، بۇنچىلىك قىلار دەپ ئويلىمىغانىدىم سېنى،-دەپ يىغلاپ ئىشىككە ماڭغان دىلدارەنى مەۋلۇدە توسۇۋالدى.

    -ماۋۇنى ئېلىپ كەت!-دېدى-دە، دىلدارەگە تاشلاندى. قىيا-چىيا باشلاندى، بىر-بىرىنى مورلىشاتتى، بىر-بىرىنىڭ چېچىنى يۇلىشاتتى، ۋارقىرىشىپ، داد-پەرياد كۆتۈرەتتى.... ئابدۇللا ئۇلارنى ئاجراتتى.

    -مەۋلۇدە، يوقال، ماڭ كىرىپ كەت- دېدى ئاۋۋال ئۇ خوتۇنىغا ۋارقىراپ. ئاندىن دىلدارەگە قارىدى:

    -مانا ئويلىغان مەقسىدىڭىزگە يەتتىڭىز، مانا شۇ جاۋاب!

    -بۇ ئۆي، بۇ ئەر مېنىڭ ئىككىنچى بۇ ئۆيگە قەدەم باسما!-دەپ ۋارقىرىدى مەۋلۇدە ئۇنىڭ كەينىدىن،

    دىلدارە ئىت تالىۋەتكەندەك ئەبگار ھالدا ئۆيدىن چىقارىدا، بار كۈچى بار نەپرىتىنى يىغىپ شۇنداق دېدى:

    -ھامان كۆرىمىز، كىمنىڭ بولىدىغىنىنى....

    ئىشىك جالاقلاپ يېپىلدى.

    چاچلىرى چۇۋۇلغان، يۈزلىرىى مورلانغان، كىيىملىرى يىرتىلغان قىز ئادەمسىز كوچىدا قاياققا مېڭىشىنى، نېمە قىلىشىنى بىلمەي خېلى ۋاقىت تۇرۇپ قالدى، قەلبىدىكى خورلۇقنى پەقەت ئۆزىلا بىلەتتى، ھازىرغا قەدەر ئۇ ئابدۇللا مېنى سۆيىدۇ دەپ ئويلايتتى. شۇ ئۈمىد، شۇ ئىشەنچ ئۇنىڭ دەردىگە دەۋا، كۆڭلىگە شىپا بولۇپ كېلىۋاتاتتى، تەقدىر ئۇنى شۇنچىلىك بەخىتتىنمۇ مەھرۇم قىلدى. ئەمدى ئۇ يالغۇز قانداق ياشايدۇ؟

    قىز ئېغىر خۇرسىنىپ، ئۇدۇل كەلگەن يولنى بويلاپ بېكەتكە قاراپ بىر بېسىپ ئىككى بېسىپ ماڭدى، كۈنمۇ كەچ بولۇپ قالغان، ھاۋا مۇزلاپ، سوغۇق شامال چىقىپ تۇراتتى. بېكەتتە ئابتوبۇسنى ساقلاۋېرىپ، سوغۇق جاندىن ئۆتۈپ كەتتى. پەلتويىنىڭ يانچۇقىغا قولىنى سالغىنىدىلا سومكىسىنىڭ يوقلۇقى ئېسىگە كەلدى. يۈرۈگى شۈركەندى. ئالتۇن جابدۇقنى ساتقان پۇل شۇ سومكىدا ئىدى.

    *******************************

    \

    كېچە خېلى بىر ۋاقلاردا قايتىپ كەلگەن قىز ئەتىسى ئەتىگەندىلا ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. بالكونغا چىقىپ، تاغ كەينىدىن سۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان تاڭنى كۈزەتتى. تۈنۈگۈنكى ۋەقەلەر ئېسىدىن چىقماي، كۆڭلىگە سايە تاشلاپ تۇرسىمۇ، كەچتە قېنىپ ئۇخلىغاچقىمىكىن، روھىي كۆتۈرەڭگۈ ئىدى. كېيىن توڭلاتقۇدا بارىنى داستىخانغا قويۇپ، ناشتا قىلدى. ئۇ ئۆزىنى-ئۆزى كۈچلۈك، قەيسەر كۆرسىتىشكە، كەيپىياتىنى كۆتۈرۈشكە تىرىشتى، يەنە يېرىم سائەتتىن كېيىن ئىشقا بېرىشى كېرەك. تۈنۈگۈنكى ئۇ كەيپىيات بىلەن خىزمەت قىلغىلى بولمايدۇ. «سومكامنى شۇ يەرگە قويۇپ قويغىنىم يامان بولدى-دە،- دەپ ئويلىدى ئۇ،- شۇنى باھانە قىلىپ كەينىمدىن چىقسىمۇ بولاتتى. ھېلىمۇ ياخشى، پارچە پۇللارنى يانچۇقۇمغا ساپتىكەنمەن، بولمىسا مېنىڭئۇ ھالىمغا مايمۇنلارمۇ يىغلار بولغۇيتتى ھە قاچان.»

    شۇ چاغدا ئىشىك قوڭغۇرىقى جىرىڭلاپ، ئۇنىڭ خىيالى بۆلۈندى. كىمدۇ بۇ ئەمدى؟ قىزنىڭ يۈرۈكى تېز-تېز سوقۇپ كەتتى. ئابدۇللامىكىن؟ سومكىسىنى ئېلىپ كەلگەن.... يابولمىسا مەۋلۇدە ھەدىمۇ يا؟... ئىشىك ئالدىغا بارغۇچە مىڭ خىل خىيال كاللسىدىن ئۆتتى. بۇرۇنقىدەك «مۈشۈك كۆز»دىن قارىدى، بىر ناتونۇش ئەركىشى ئىشىككە ئارقىنى قىلىپ تۇراتتى. دىلدارە ئۇيان ئويلاپ-بۇيان ئويلاپ ئاخىرى ئىشىكنى ئاچتى.

    -سالام،- دېدى ئىشىك ئالدىدا تۇرغان يىگىت بوسۇغىدا ھۇشىنى يوقىتىپ ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالغان قىزغا كۈلۈمسىرەپ قاراپ،- مېنى تونۇمىدىڭىز-ھە؟!

    قىز زورىغا بېشىنى لىڭشىتتى.

    -تىرامۋايدا ئۇچراشقانىدۇق، ئېسىڭىزدىمىكىن؟

    دىلدارە يەنە بېشىنى لىڭشىتتى. ئۇنىڭ تىلى خۇددى تاڭلىيىغا چاپلىشىپ قالغاندەك، ھېچ گەپكە كەلمەيتتى، يىگىتنىڭ يۈزىدىكى تەبەسسۇم بىردەمدىلا غايىب  بولۇپ، ئورنىنى جىددىيلىك ئېگەللىدى.

    -تەرەبباللا كېلىپ قالغىنىم ئۈچۈن... خىجىلمەن. باشقا.... ھېچ ئامالىنى قىلالمىدىم،- دېدى ئۇ ھودۇقۇپ، ئۇنىڭ بايىقى ھاكاۋۇر ھالىتىنىڭ ئورنىغا ھودۇقۇش ئالماشقان ئىدى.

    -مەن ئىشقا بېرىشىم كېرەك، كەچۈرىسىز،-دېدى ئۆزىگە كەلگەن دىلدارە ۋە ئىشىكنى ياپتى. ھاياجانلانغانلىقىدىنمۇ ياكى قورققىنىدىنمۇ، پۈتۈن ۋۇجۇدى دىر-دىر تىترىمەكتە ئىدى. ئۇ تامغا ھالسىز يۆلىنىپ قالدى. بۇ قانداق ئىش بولدى؟ كىم بۇ زادى؟ نېمىدەپ بۇ يەرگە كېلىدۇ؟ بىچارە قىز بۇلارنى چۈشۈنۈشكە  ئامالسىز، چارىسىز ئىدى. ئۇ يەنە ئاستا بېرىپ، «مۈشۈك كۆز»دىن مارىدى. بۇيىگىت 35-36 لەردە بار، بويى ئېگىز، يەلكىلىرى كەڭ، چاچلىرى قۇيۇق ئىدى،، ياڭاق سۆڭەكلىرى بۆرتۈپ چىققان بولۇپ يۈزىنى كەڭ كۆرسىتەتتى. ئەمما قاش-كۆزلىرىنىڭ قارىلىرى، بۇرنىنىڭ قاڭشارلىقى ئۇنىڭ بۇ ئەيىبىنى يېپىپ كېتەتتى. لەۋلىرى ئۈستىدىكى شالاڭ بۇرۇتىمۇ ئۆزىخى بەك ياراشقانىدى، ئەمما كۆزلىرى قاندۇقتۇر بىر ئەنسىزلىك ۋە ئىزتىراپ بىلەن يېنىپ تۇراتتى. يۈزىدىكى سۈر-ھەيۋە ئۇنى خاتىرجەمدەك كۆرسەتسىمۇ، كۆلىرىدىكى دەردلىك ئىپادە سىرىنى پاش قىلىپ تۇراتتى. قېلىن لەۋلىرىدە ئەكىس ئەتكەن مەيۈسلۈك ئۇنىڭ ھالىتىگە، تەقى-تۇرقىغا ئازراقمۇ ماسلاشمىغان ئىدى.

    دىلارە تامدىكى ئەينەك ئالدىغا كېلىپ، بىسەرەمجان كۆزلىرى سەل خاتىرجەم بولغۇچى تىكىلىپ قاراپ تۇردى. «ئىشىكنى ئېچىشكە مەجبۇرمەن،- دەپ پىچىرلىدى لەۋلىرىنى مىدىرلىتىپ،- ئىشقا بېرىشىم كېرەك....» بىر ئازدىن كېيىن ئۇ ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىپ ئىشىكنى تەبىئىي يوسۇندا ئېچىپ، ھېچ ئىش بولمىغاندەك يىگىتنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كەتتى، گاڭگىراپ قالغان يىگىت مەڭدىگىنىچە قىزنىڭ كەينىدىن ئەگەشتى.

    -سىزگە ئىككى ئېغىز.. گەپ... گېپىم بار ئىدى...،-دېدى ئۇ قىزغا يېتىشىپ يانمۇ-يان مېڭىپ.

    -سىز بىلەنمۇ، باشقا ھېچكىم بىلەن پاراڭلاشقىم يوق،- دېدى قىز، ئۇنىڭ يۈزىگە قايرىلىپ قاراپمۇ قويماستىن.

    -بىر ئادەم ئىشەنچىڭىزدىن قالسا، بۇنىڭغا ھەممە كىشى ئەيىبلىكمۇ؟- يىگىت بۇ سۆزنى بىلىپ دېدىمۇ، يا بىلمەي ئېيتسا توغرا كېلىپ قالدىمۇ، قىزنىڭ جاراھىتىگە تېگىپ كەتتى. دىلدارە مېڭىشتىن گاچچىدە توختاپ، يىگىتكە سىنچا نەزىرى بىلەن تىكىلدى، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىكى ئىزتىراپلىق يۈزىگە كۆچكەن، لەۋلىرى، بەدىنى تىترەۋاتقان بولسىمۇ، يىگىت زورىغا بۇ تىترەكنى بېسىپ چانغۇرمايۋاتقاندەك بىلىنىدى دىلدارەگە.

    -دېمەك، سىز نۇرغۇنلىغان ئىشلاردىن خەۋەرداركەنسىز، شۇنىمۇ ھەم ئالاھىدە بىلىپ قۇيۇشىڭىزنى خالايمەنكى....- يىگىت ئۇنىڭ ئۇزۇندىن-ئۇزۇن جۈملىلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاۋاتقىنىنى كۆرۈپ، قىز ئۆزىنى تۇتالماي كۈلۈپ سالدى. كۈلگەچ گېپىنىڭ ئاخىرىنى ئېيتتى: - مەن تولىمۇ قىممەتلىكتۇرمەن.

    قىز ئۆزىنى باسالماي كۈلۈپ كەتكىنىدە يىگىت ئۇنىڭغا ھەيرانلىق بىلەن تىكىلىپ قالغانىدى، ئۇ گەپنى تۈگەتكەندە ۋە كۈلگىنىچە كېتىپ قالغاندىلا ئاندىن يىگىت چۆچۈپ ئېسىگە كەلدى. قىزنىڭ چاقچاق قىلغىنىنى ياكى جىددىيلىشىپ شۇنداق قىلغىنىنى بىلەلمىگەن يىگىت، دوقمۇشتىن بۇرۇلۇپ ماڭغان قىزنىڭ ئالدىنى توستى.

    -قىممەت؟ بۇ نېمە گەپ؟ تىللامۇ؟ جاۋاھىرمۇ؟ زادى نېمىنى خالايسەن؟ خالىغىنىڭنى ئېيت،-دېدى ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ ۋە بىردىنلا ھەسىرەپ كەتكىنىنى سېزىپ قالدى بولغاي، ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ ئاستا دېدى- پەقەت مېنى ھەيدىمىسەڭلا بولدى!

    دىلدارە نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي، گاراڭشىپ قالدى، ئاندىن ئۇ يىگىتتىنمۇ ئۆتە جىددىي ئاھاڭدا دېدى:

    -مەن ئىشقا بېرىشىم كېرەك! ھېلىمۇ كېچىكتىم!

    -بەش سېكونت،-دېدى يىگىت يەنە قايتىدىن كۈلۈمسىرەپ، كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى لېۋىگە تەككۈزۈپ ۋەدىسىنى بىلدۈردى. ئاندىن تېز-تېز يۈرۈپ يولغا چىقىپ، يولدىن ئۆتۈۋاتقان تاكسىدىن بىرنى توستى ئاندى نقىزنىڭ يېنىغا كەلدى.

    -ماڭايلى!

    دىلدارە سېكونت ئىككىلەندى، ۋاقىت زىچ ئىدى، شۇنىڭ بىلەن كۆپ ئويلىنىپ ئولتۇرمايلا، تەۋەككۈل قىلىپ يىگىتكە ئەگەشتى...

    مانا شۇنىڭدىن بېرى يىگىت ھەركۈنى كېلىپ، دىلدارەنى ئىشىك ئالدىدا كۈتۈپ تۇرىدىغان ھەمدە ئۇنى ئىشقا ئاپىرىپ قويىدىغان، كەچ سائەت 5-6لەردە ئۆيىگە ئەكىلىپ قويۇپ، ئىشىك تۈۋىدىلا خوشلىشىپ كېتىدىغان بولدى، دىلدارە ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ پولات ئىكەنلىكىنى بىلدى، خالاس. «قانداق ئادەم بۇ زادى؟» دېگەن سۇئال قىزنى ئويلاندۇراتتى. يۈرىگىنى توق تۇتۇپ سوراشقا تېخى پېتىنالمايتتى. بىرنەچچە كۈن ئىچىدىلا ئۇ يىگىتكە خېلى كۆنۈپ قالدى. بىراق ئاچچىق ساۋاق يۈرۈگىنى قاتتۇرۇپ قويغاچقا، يىگىتكە ھېچقانداق سىر بەرمىدى.

    بىر كۈنى ئەتىگەندىلا مەۋجۇدە ھەدە جاۋۇلدىغىنىچە ئىجارە ھەققىنى سوراپ كىردى.

    -يەنە ئازراق سەۋر قىلىڭ،ماقۇلمۇ،- دېدى دىلدارە پەس ئاۋازدا، چۈنكى پولاتنىڭ ئۇنى ئالغىلى كېلىدىغان ۋاقتى بولۇپ قالغانىدى. مەۋجۇدە ھەدە ئەتەي قىيىشقاندەك ئاۋازنى تېخىمۇ  كۆتۈرۈپ؛

    - دوستۇمنىڭ كۆڭلىنى دەپ بويۇمدا قالدى دېگەن مۇشۇ-دە،- دېدى قوللىرىنى شەرەت قىلىپ،- تۆت ئايدىن بۇيان سەۋر قىلىپ يۈرگەن ئادەم مەنمۇ ئەخمەق. يا ياخشىلىقنى بىلمىگەن يا ئۆزىنى سورىمىغان...

    مەۋجۇدە ھەدە قاراڭغۇ پەلەمپەيدىن چۈشۈپ كېتىۋېتىپ پولات بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالدى. بايامنىڭ ياقى پولات تۆتىنچى قەۋەتتە تۇرۇپ، مەۋجۇدە ھەدىنىڭ قىلغان ۋاڭ-ۋاڭ سۆزلىرىنىڭ ھەممىنى ئاڭلاپ، ئەھۋالنىڭ ئالدى كەينىنى چۈشۈنۈپ بولغانىدى. پولات، بوسۇغا تۈۋىدە تاشتەك قېتىپ قالغان دىلدارەگە: «ھازىر كېلىمەن» دېگەندەك ئىشارە قىلىپ قويۇپلا پەسكە چۈشۈپ كەتتى.

    -بولدى، ئۇ ئايال ئەمدى سىزنى بۇنداق ئاۋارە قىلىپ يۈرمەيدۇ،-دېدى پولات بىردەمدىن كېيىن قايتىپ چىقىپ.

    دىلدارە ئۇنىڭ كۆڭلى ئۈچۈن كۈلۈمسىرەپ قويدى. قەلبى بولسا يەنىلا شۇ بۇرۇنقىدەك ئازاب بىلەن مۇجۇلۇۋاتاتتى. ئۇ يۈرۈگۈنى قاماللىدى، كۆزىگە لىق ياش ئولاشتى. بۇ يىگىتنىڭ ئالدىدىكى سوغۇقلۇقى، ھاكاۋۇرلۇقى يوقۇلۇپ، ھەقىقىي ئۆزىگە قايتىپ قالغاندەك بولدى، بىردەملىكلا، خالاس.... كېيىن يەنە بىردەمدىلا ئاۋۋالقى مۇردىدەك ھالىتىگە قايتتى. ئۇ ھېچ نەرسىنى ئويلىماسلىقنى، ئەسلىمەسلىكنى قارار قىلدى، بۇنداق كېچە-كۈندۈز قايغۇ-ھەسرەتتە ياشىغاندىن كۆرە،  مۇشۇ تەقدىرنى قۇبۇل قىلىپ يېنىك ياشىغاننى ئەۋزەل بىلدى. ئۇ پولات بىلەن ياندىشىپ ماڭاتتى، ئاللا نېمىلەر ھەققىدە توختىماي سۆزلەيتتى، كۈلەتتى، بەزىدە ئەرزىمەس بىر ئىشلار ئۈچۈن كۆڭلىنى يېرىم قىلغىنىچە سۆزلەيتتى، ئەممە قەلبىدە ئۈن-تىنسىز پەرياد ئۇرۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ تۇراتتى، ئايال كىشىنىڭ ئۆز پاكلىقىنى ساقلاپ قېلىشىنىڭ ئەڭ مۇرەككەپ ئىش ئىكەنلىكىنى قايتا-قايتا ئېتىراپ قىلاتتى...

    دىلدارە ئادەتتىكىدەك كەچكى مەھەلدە پولات بىلەن بىللە ئىشتىن قايتىپ كەلگىنىدە، ئىشىك ئالدىدا ئابدۇللانىڭ تۇرغىنىنى كۆرۈپ، يۈرۈگى پەسكە تارتىشقاندەك بولدى. ئابدۇللا قولىدا بىر خالتىنى كۆتۈرۈپ تۇراتتى. دىلدارە ئۇ خالتىنىڭ، دىلدارە ھېلىقى كۈنى ئۇنىڭ ئۆيىدە ئۇنتۇپ قالغان ھېلىقى سومكىسى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى. قىز پەلتويىنىڭ پەشلىرىنى پۇلاڭلاتقىنىچە ئۇنىڭ ئالدىدىن پەرۋاسىز ئۆتۈپ كەتتى،-دە، ھېچ ئىش بولمىغاندەك يانچۇقىدىن ئاچقۇچنى ئېلىپ، قۇلۇپقا سېلىپ بۇرىدى. پولات بىلەن ئابدۇللا بىر-بىرسىنى يەۋەتكۈدەك ھالدا ئۈنسىز تىكىلىپ قارىشىپ تۇراتتى. قىز بۇ ئىككىسىگە قاراپ دەررۇ ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ دېدى:

    -پولات ئاكا، قېنى ئۆيگە كىرىڭ!.... ۋاي خۇدايىم، چاققان بولسىڭىزچۇ؟!

    بۇنداق تەكلىپنى كۈتمىگەن پولاتنىڭ يۈرۈگى شېرىن تۇيغۇدا ئەللەيلىدى. نەچچە سېكونت ئىككىلەنگەندەك بولدى-دە، خۇددى ئەمدى كىرمىسە دىلدارە ئىشىكنى يېپىۋېتىدىغاندەك ئىچكىرىگە يۈگۈرۈپ كىرىپ كەتتى. ئابدۇللا ئۇنىڭدىن كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ تۇراتتى. پولات ئايىقىنى يېشىپ ئىچكىرىگە كىرگۈچە دىلدارە ساقلاپ تۇردى،-دە، ئاندىن ئىشىكنى يېپىش باھانىسىدا تاشقىرىغا چىقتى، نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي، ئىشىكنىڭ ئارقىسىدا تۇرغان ئابدۇللانىڭ قولىدىن سومكىنى يۇلۇپ ئالدى-دە، يىلاندەك چاقتى:

    -ئەمدى بۇ يەردە قارىڭىزنى كۆرمەي!

    -ئويلاپ ئىش قىل، دىلدارە،- دېدى ئىشىك تۇتقۇچىغا مەھكەم ئېسىلىپ ئابدۇللا،-مەندىن رەنجىمە، مەن شۇ... مەن شۇ بىر قارارغا كېلەلمەيۋاتىمەن..

    -مەن بىر قارارغا كېلىپ بولدۇم،- دېدى دىلدارە قەتئىي قىلىپ ۋە كۈچ بىلەن ئىشىكنى تارتىپ ياپتى. دىلدارە بىر ئازدىن كېيىن قەھۋە دەملەپ مېھمانخانىغا ئېلىپ كىرگىنىدە، پولات ئىشىككە تەلمۈرۈپ قاراپ ئولتۇرغان ئىدى. قىزنى كۆرۈشى بىلەن كۆزىنى ئېلىپ قاچتى، دىلدارە قەھۋەنى قۇيۇپ ئۇزاتقىنىدىمۇ ئۇنىڭ يۈزىگە قارىمىدى، بىئەپ كەيپىيات ھۆكۈم سۈرەتتى. يىگىتنىڭ يۈرۈگى ئۆرتەندى. قەھۋەنى يەرگە ئاتقۇسى كەلدىيۇ، ئۆزىنى بېسىۋالدى. ئەمما يۈزى قىزىرىپ كەتتى، دىلدارەگە قاراپ كۈلمەكچى بولدىيۇ، لېكىن قاتتىق يۇمۇلغان لەۋلىرى چۈشۈنۈكسىز ۋە ئورۇنسىز تەبەسسۇمىدا قىيسىيىپ قالدى. دىلدارە خۇددى ھېچ ئىشتىن بىخەۋەردەك، بىخارامان ئولتۇراتتى، قەھۋە ئوتلايتتى. ئۇ پولاتنىڭ ئۆزىنى كۆزىتىۋاتقانلىقىنى سېزىپ قالدى-دە، ئۆزىچە كۈلۈمسىرەپ قويدى. نېمىلەرنىدۇر يوشۇرماقچى بولغاندەك كۈلۈمسىرىدى، ئەمما يوشۇرالمىدى.

    -بىلسىڭىز، مېنى تاشلاپ كېتىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن،-دېدى دىلدارە بىردىن يىگىتكە تىكىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ يۈزىدە مەمغرۇرلۇق، كىبىرلىك ئەكىس ئېتەتتى،- ھازىر نېمىلەرنى ئويلاۋاتقان بولسىڭىز ھەممىسى توغرا. سىز دېمىسىڭىزمۇ مەن ھەممىنى چىرايلىرىڭىزدىن، كۆزلىرىڭىزدىن بىلىپ تۇرۇۋاتىمەن.... بۇنداق بولىشىڭىزغا مەن چىدىيالمايدىكەنمەن، شۇڭا... سىز كېتىڭ!...

    دىلدارە بەزگەك ئادەمدەك تىترەپ كەتتى. قاتتىق ھاياجانلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەسلىك ۋە يىقىلىپ چۈشمەسلىك ئۈچۈن ئۈستەلنى تۇتۇۋالدى. پۈتۈن كۈچىنى، ئىمكانىيەتنى توپلاپ، يىگىتتىن جاۋاب كۈتتى. بەئەينى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچى سوتچىنىڭ ئاغزىدىن ئۆلۈم ھۆكۈمىنىڭ ئوقۇلىشىنى كۈتكەندەك....

    پولات ئۈندىمەستىن ئورنىدىن تۇردى. ئۇنىڭ يۈزلىرىگە ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدىغان بىر خىل ئازاب سايە تاشلىغان ئىدى. كۆزلىرى مەيۈس ۋە غەمكىن ئىدى. ئۇ خۇددى ئەس-ھۇشىنى يوقاتقان ئادەمدەك مۈدۈرگىنىچە ئۈستەلنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، دىلدارەنىڭ ئۇدۇلىغا كەلدى، ھېچنىمە يوق يەرگىمۇ پۇتلىشىپ يىقىلغىلى تاس قالدى. يۈرۈگى قېپىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەك گۈپۈلدەپ سوقاتتى.....

    -سىزدە گۇناھ يوق،- دېدى ئاللىقانداق بىر تەلەپپۇزدا،- ھەممىسىگە مەن ئەيىبدارمەن مەن....

    قىزنىڭ يۈزى تاتاردى، پولاتنىڭ سۆزلىرى يەرنىڭ تېگىدىن ئاستا-ئاستا كېلىۋاتقاندەك ئاڭلىناتتى...

    -مېنىڭ تەقدىرىم سېنىڭكىدىنمۇ مۇرەككەپ ھەم كۆڭۈلسىز،- دەپ گەپ باشلىدى پولات تۈن يېرىمىلاشقان بولسىمۇ، ئىككىسى يەنە شۇ پېتى ـــ ئۈستەلنىڭ ئىككى تەرىپىدە بىر-بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرۇشاتتى،- يىگىرمە يېشىمدا دادام ھاممامنىڭ قىزىغا مەجبۇرىي ئۆيلەپ قويدى. ھەممە كۆرگۈلۈك شۇنىڭدىن كېيىن باشلاندى، ئايالىمغا كۆڭلۈم يوق ئىدى. ئۇ ئىشچان، كەمسۆز، تارتىچاق قىز ئىدى. خۇددى ئاتا-ئانامنىڭ كۆڭلىدىكىدەكلا قىز ئىدى! ئەتىگەندىن تاكى كەچكىچە ھويلىدا ئىش قىلىپلا يۈرەتتى. ئاپام ئۇنى كۆپ ئىشقا بۇيرۇيتتى. «كېلىن بولۇپ تا ھازىرغىچە قولۇمنى كۆسەي، چېچىمنى سۈپۈرگە قىلىپ ئۆي تۇتۇپتىمەن، ئەمدى كېلىن كىردىمۇ، بولدى، قولۇمنى سوغۇق سۇغىمۇ تىقمايمەن» دەپ كۆپ تەكىتلەيتتى. ئەگەر ئايالىمنى بىردەبىر ھۇجرىغا ئىشارەت قىلسام، ئايالىم ئۇيۇلۇپ كېتەتتى ھەم ئۆزىنى ئېلىپ قاچاتتى. كېچىسى ھەممە ياقنى سەرەمجانلاشتۇرۇپ بولۇپ، ئۆيگە كىرەتتى ۋە شۇ يەرنىڭ ئۆزىدىلا پەشتامبالنى يېشىپ، نەچچىنى قېقىۋېتىپ ئىلغۇچقا ئاساتتى.... خۇلاسە، ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم. دادام تېپىۋېلىپ ئۆيگە قايت دېدى، ئۇردى، تىللدى، ھېچقايسىسىغا كۆنمىدىم. ھايات ھەققىدە مېنىڭ ئۆزۈمنىڭمۇ ئويۇم، ئۆز پىكرىم بار ئىدى. بىراق ھېچكىم بۇنىڭ بىلەن ھېسابلاشمىدى.... ياخشى كۆرگەن سۆيگۈنۈممۇ بار ئىدى. ئەمما ئۇ ئاپامغا يارىمىدى. «ئۇنداق قىزلار بىزگە يۇقمايدۇ،- دەيتتى ئاپام ھەر دائىم،- بىزگە قول-پۇتى چاققان، جاپادىن قاچمايدىغان كېلىن كېرەك.»

    دادام ئۈچىنچى قېتىم كەلگىنىدە ئۈمىدىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ قايتتى. شۇنىڭدىن كېيىن كۆپ ئىشلار يۈز بەردى، ھەتتا قاماققىمۇ نەچچە قېتىم كىرىپ چىقتىم. قىسقا مۇددەتلىك..

    شۇ يەرگە كەلگەندە قىزنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى، ئۆزىنى باسالماي سورىدى:

    -نېمىدەپ؟ نېمە ئۈچۈن تۈرمىگە كىرىڭىز؟- دېدى ئۇ رەڭگى ئۆچكەن ھالدا.

    -سورىما ھېچنىمىنى، سورىساڭلا يالغان سۆزلەپ سالىمەن، ئادەت بۇ ماڭا،- دېدى يىگىت، ئۇ ھازىر خۇددى ئېغىر يۈكتىن ئازاد بوۇپ خېلى يەڭگىللەپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى، كەيپىياتىمۇ كۆتۈرۈلۈپ قالغان بولۇپ، قىزغا چاقچاق قىلىپ دېدى،- ماۋۇ كارىۋاتقا ئىككىمىز پاتامدۇق؟

    دىلدارە قىزىرىپ ئالمىدەك بولۇپ كەتتى.....

     

    شۇ كەچتىن تارتىپ ئۇلار بىرلىكتە ياشاشقا باشلىدى، پولات كۆڭلىدىكى ھەممە گۇمانلارنى تاشلىدى، ھەمدە مەۋجۇدە ھەدىگە نەچچە ئايلىق ئىجارە ھەققىنى ئالدىن تبېرىۋەتتى. ئۇ بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قىلىۋاتاتتى، دىلدارەنى ھېچ ئىشقا ئارىلاشتۇرمايتتى، ئۇ شۇ تاپتا تولىمۇ بەخىتلىك ئىدى. ئۆزىنى چەكسىز بەختىيار دەپ ھېسابلايتتى. پۈتۈن ۋۇجۇدى كۆزگە ئايلىنىپ دىلدارەگە تىكىلەتتى. ئۇنىڭدىن كۆزلىرىنى ئۈزەلمەيتتى. «گۈزەل، ئۇ بەكمۇ گۈزەل» دەپ تىنماي ئىچىدە تەكرارلايتتى. سىرتتىن قارىغاندا دىلدارەمۇ بەختلىك ئىدى. ئەمما كۆڭلىدىكى بىرتۈگۈنگە ئىككىنچى بىر تۈگۈن قوشۇلغانىدى. «ئۇ نېمە ئۈچۈن تۈرمىگە چۈشكەن؟ بۇنچە كۆپ پۇلنى ئۇ قەيەردىن ئالغان؟» دېگەن سۇئاللار ئۇنى تىنىمسىز چارچىتىپ تۇراتتى.

    بىركۈنى دىلدارە ئىشتىن كېلىۋېتىپ، يولدا ئابدۇللانى ئۇچرىتىپ قالدى.

    -سىزنىڭكىگە كېتىۋاتقانىدىم،- دېدى ئابدۇللا. ئۇنىڭ سىلىق يۈزلىرىدە قانداقتۇر بىر بىئارامچىلىق ئەكىس ئېتىپ تۇراتتى، بىر نەرسىدىن سارەسىمگە چۈشكەندەك تۇراتتى. قولىدا قەغەزگە ئورالغان بوتۇلكا بار ئىدى. دىلدارە ئۇنى كۆرمەسكە سېلىپ، ئۆتۈپ كەتمەكچى بولدى، ئەمما ئابدۇللا ئىلدام كېلىپ ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتتى-دە، يولىنى توسۇپ دېدى:

    -دىلدارە، بىز سۆزلىشەيلى، ئەزىزىم.....

    دىلدارە ئۇنىڭ بىسەرەمجان يۈزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ، كىنايە ئارىلاش دېدى:

    -«ئەزىزىم» دېسەم ئېرىپ كېتىدۇ، دەپ قاپسىزدە؟‘پ بىر ۋاقىتلاردا، ئېسىمنى يوقىتىپ يۈرگىنىمدە، شۇنداق ئەزىزىم دېيىشىڭىزنى ياخشى كۆرىمەن، دېگىنىم ئېسىڭىزگە كېلىپ قالدىمۇ نېمە؟ يەنە بۇرۇنقىدەك ئاپاق-چاپاق بولىمىز دېگەن نىيەتتە كەلگەن يەرلىرىڭىزمۇ بۇ ئەمدى؟

    بۇ گەپلەر ئابدۇللانىڭ ئۇ يېنىدىن كىرىپ، بۇ يېنىدىن چىقىپ كەتكەندەك تۇيۇلۇپ، مۈدۈرۈپ كەتتى. قولىدىكى شىشىنى قاياققا قويۇشىنى، نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ تۇردى، ئاندىن گۈللۈكنىڭ قىرىغا بوتۇلكىنى ئاستا تىكلەپ قويدى، دىلدارە ئۇنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىگە باشتىن-ئاخىر بىپەرۋا قاراپ تۇردى-دە، يەنە بىر دەككىسىنى بېرەي دەپ، ئەمدى گەپ قىلاي دەپ تۇرۇشىغا، چىدىغۇچىلىكى قالمىغان ئابدۇللا سۆز قىلدى:

    -ھە، مەن ئەبلەخمەن،- دېدى ئۇ ۋارقىراپ، ئۇنىڭ يۈزلىرى قىزىرىپ تاتىرىپ تۇراتتى. لەۋلىرىنىڭ مىدىرلىشىغا ئەگىشىپ پۈتۈن ۋۇجۇدى تىترەپ تۇراتتى،- ئەبلەخلىك قىلدىم. لېكىن ھازىرغىچە سېنى تاشلاپ بىر قارارغا كەلگۈنۈم يوققۇ؟‘!

    -سىز بىر قارارغا كەلگۈچە ئايالىڭىز قەھرىمان ئانا بولىدۇ،- دەپ گەپنىڭ بېلىگە تەپتى دىلدارە، ئۇ جىددىيلەشكەنلىكىدىن، پەرىشان كۆرۈنەتتى.

    ئابدۇللارنىڭ يۈزلىرى قىزىرىپ، كۆزلىرىنى دىلدارەدىن ئېلىپ قاچتى.

    -ئۇنى ئارىلاشتۇرۇۋالماڭ!-دېدى ئۇ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ،- مەن... مېنىڭ سىزگە دەيدىغان گېپىم بار ئىدى.

    -نېمىنى دېمەكچى ئىدىڭىز؟ ھە قېنى دەڭ!- دىلدارەنىڭ يۈزىگە كىنايىلىك تەبەسسۇم يۈگۈردى. ئۇ مۇشۇ تۇرۇشىدا ئابدۇللانى ئەخمەق قىلىپ چارچىمىغاندەك قىلاتتى.

    -بەكمۇ ئۆزگىرىپ كېتىپسىز، ئەپسۇس،-دېدى ئابدۇللا ئۇھسىنىپ.

    دىلدارە خۇددى شۇ گەپنى كۈتۈپ تۇرغاندەك بىردىن پارتلىدى:

    -سىز مېنى ھېچقاچان مەندىن كېچەلمەيدۇ، دەپ ئويلىغان ئىدىڭىز، شۇنداقمۇ؟ ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە كېرەك ئەمەس، ئۇ ھېچ نەرسىنى ئويلىمايدۇ. دېگەن خىيالدا بولغان ئىدىڭىز شۇنداقمۇ؟ جاۋاب بېرىڭ،- دېدى غەزەپكە كېلىپ دىلدارە،- پەرىشتە دەپ ئويلىغان ئىدىڭىز، چۈنكى سىز مېنىڭ ئەسلىدە كىم ئىكەنلىكىمنى بىلەلمىگەنىدىڭىز. سىز ھېچنەرسىسىز ياشىيالىشىڭىز مۇمكىن. ئەمما ئايالسىز ياشىيالمايسىز. مەن ئەرسىز ياشىشىم مۇمكىن. لېكىن ھېچ نەرسىسىز ياشىيالمايمەن..... مەن ھەم بەك ئاداۋەتچى ھەم قىساسكارمەن، بۇنىمۇ ھەم بىلىپ قېلىڭ، بىرىنىڭ قىلغان يامانلىقىنى بىر ئۆمۈر ئەسلەپ تۇرىمەن. مەندىن نېرىراق يۈرۈڭ، خوتۇنىڭىزنىڭ ئالدىدا دېگەن سۆزلىرىڭىز ھېلىھەم قۇلاق تۈۋىمدىن كەتكىنى يوق....

    ئابدۇللا شامدەك قېتىپ قالدى.

    -يەنە شۇنى ھەم بىلىپ قويۇڭكى، سىز مەن ئۈچۈن بىردىنبىر، يىگانە ئەر زاتى ئەمەسسسىز! دەرەخنى سىلكىسەممۇ سىزدەك ئەركەكلەر مىڭلاپ تۆكۈلىدۇ ئالدىمغا،- دەپ دىلدارە ئابدۇللاغا مەسخىرە ۋە كىبىر بىلەن نەچچە سېكونت تىكىلىپ تۇردى-دە، ئۆيى تەرەپكە تېز-تېز يۈرۈپ كەتتى.

    ئابدۇللا ئۇنىڭ كەينىدىن تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ قالدى ۋە ئەلەم بىلەن چىشىنى غۇچۇرلاتتى....

    **************************

    -دىلدارە، سەن بىلەن بىر ئىشنى مەسلىھەتلەشمەكچى ئىدىم،- دېدى پولات بىر كۈنى، ئۇ ئادەتتىكىگە قارىغاندا سەل خاتىرجەمسىز كۆرۈندى دىلدارەگە،- مېنىڭ ئۆيۈمگە كۆچۈپ كەتسەك....

    دىلدارە لەپ قىلىپ پولاتقا قارىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ھەيرانلىق ئەكىس ئېتەتتى.

    -ئەجەبا.... سىزنىڭ ۆيىڭىز بارمۇ؟ نېمىدەپ بالدۇرراق ئېيتمىدىڭىز؟

    -ئۆيۈڭگە كەت دەمتىڭ، ئۆيۈم بار دېسەم

    -ياق، ئۆيىڭىزنىڭ بارلىقىنى نېمە ئۈچۈن ماڭا بالدۇرراق دېمەيسىز؟

    -بەختنى دېمەكچىمۇسەن ؟-پولات كۈلۈمسىرىدى، دىلدارە ئۇنىڭغا ئويچان باقتى،- باشتا، شۇ ئۆينى ئالماستىن بۇرۇن، ھى ھى نېمىلەرنى ئويلىمىغان  دەيسەن؟ نېمىلەرنى ئارزۇ  قىلمىغانىدىم؟ ئۆي ئالسام ئانداق بولسا، ئۆي ئالسام بۇنداق بولسا دېگەن ئوي خىيالىمدىن نېرى كەتمىگەنىدى. ئويلاۋېرىپ ئاخىرى شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتتىكى، ئۆي ئالغان كۈنۈم ئۆلۈم قالساممۇ مەيلىتى دېەپ كەتكەنىدىم.

    پولات سۆزىنى تۈگىتىپ جىمىپ قالدى.

    -كېيىنچۇ؟ كېيىن قانداق بولدى؟- دېدى بىلىشكە ئالدىراپ دىلدارە.

    -كېيىنما؟... كېيىن.... ھېچ ئىش! خۇددى ئەزەلدىن شۇ ئۆيدە ياشاپ ئۆتكەندەك ئاددىغىنە قۇبۇل قىلدىم شۇ.

    - قويۇڭە سىزنى،- دېلدارە شۇنداق دېدى-دە، نېرى كەتتى.

    -كۆچەمسەن؟- پولات ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ باردى،- ماقۇل دېسەڭ، ئەتىلا....

    -كېيىن مېنى ئۇيەردىن ھەيدىۋەتمەمسىز، مەڭگۈ؟ ياخشى، توغرا ئايال بولىدىغىنىمغا شۇنداق ئىشىنەمسىز؟

    -ئۆزۈمگە ئىشەنگەندەك....

    دىلدارەنىڭ قەلبىدىكى ئەندىشە، خاتىرجەمسىزلىك تۇيغۇلىرى غايىب بولۇپ ئىللىق كۈلۈمسىرىدى.

    ئەتىسى دىلدارە ئىشقا بارمىدى. پولات نەدىندۇر يۈك ماشىنىسىنى تېپىپ كەلدى. ئۇلار كۆتە-كۆتە قىلىپ دىلدارەنىڭ بىساتلىرىنى ماشىنىغا باستى.  ئۇنىڭدىن كېيىن مەۋجۇدە ھەدىنىڭ يېنىغا كىرىپ، ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى تاپشۇردى، خوشلاشتى. كۆزى قىيمىغان بولسا كېرەك، مەۋجۇدە ھەدە كۆزىگە ياش ئالدى.

    -يىغلىماڭ، -دېدى دىلدارە ئەركىلىگىنىچە،- مەن يىغلاپ خوشلىششىشقا ئەرزىمەيمەن. ئادرىسىنى يېزىپ قويدۇم ۋاقتىڭىز بولسا بېرىڭ.

    توققۇز قەۋەتلىك بىنانىڭ ئۈچىنچى قەۋىتىدىكى ئۆي دىلدارەگە بەكمۇ ياقتى. 3-4 كۈن ئىچىدىلا ئۆينى خېلى ئوبدان سەرەمجانلاشتۇرۇۋالدى. (ئەلۋەتتە دىلدارەنىڭ تەكلىپى بىلەن) «تۆت يىلدىن بېرى مۇشۇنچىلىك رېمونت قىلدۇرۇپ، بېزەش ھەجەپ خىيالىمغا كەلمەپتۇ،- دەپ ئويلىدى پولات ئىچىدە،- ئايال كىشى دېگەن بەرىبىر ئايال-دە...

    -بۇ ئۆي سېنىڭكى!-دېدى بىر كۈنى پولات تۇيۇقسىزلا ئەستايىدىللىق بىلەن،- ھەرقانداق ئىش بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئۇ مەڭگۈ سېنىڭكى!

    ئۇنىڭ بۇ ئەپتىدىن، ئۇنىڭ كاللىسىغا، بۇ قىز بىلەن تونۇشقۇنۇمغا ئەمدى ئۈچ ئاي بولا-بولمايلا، ئۇنىڭغا مۇشۇنچىلىك ئىشەنچ قىلىشىم توغرىمۇ-خاتامۇ؟ دېگەن ئويلار كىرىپ چىقمايتتى. ئۇ يەنە نېمىدۇر دېمەكچى بولۇپ، دېيەلمىدى. دىلدارەنىڭ چۆچۈپ كېتىشىدىن قورقتى.

    كېيىنكى بىر كۈنى، پولات ئەتىگەندە چىقىپ كەتكىنىچە كەچكىچە قايتىپ كەلمىدى. كۈتۈش ئازابىنى تېتىغان بۇ ئايال كېچىنى ئۇياق-بۇياققا مېڭىپ يۈرۈپ ئۆتكۈزدى. ئىككىنچى كۈنىمۇ پولاتتىن دېرەك بولمىدى، دىلدارەنىڭ كۆڭلىنى شەيتان ئۇسۇلغا سالدى: «ئەجەبا، ئۇ مېنى تاشلاپ كەتكەنمىدۇ؟–دېگەن ئوي كەلدى ئۇنىڭ خىيالىغا،-شۇنىڭ ئۈچۈن «ئۆي سېنىڭكى» دېگەن ئىكەن-دە؟! ياق! بۇنداق قىلمايدۇ، پولات ئۇنداق قىلمايدۇ!» ئۇ ئۆزىنىڭ ئويىدىن ئۆزى چۆچۈپ كەتتى. نەچچە كۈننى ئىشخانىدىمۇ، ئۆيدىمۇ تىرىق قىلسىلا ئىشىككە قاراپ ئۆتكۈزدى. ئۈچىنچى كۈنى ئەتىگەندىلا ئىشىك قوڭغۇرۇقى بېسىلدى. دىلدارە بۇ چاغدا ئورنىدا خىيال سۈرۈپ ياتقانىدى. قوڭغۇراق ئاۋازىنى ئاڭلاپلا، ئۇ ھاپىلا-شاپىلا كىيىندى-دە، ئىشىككە قاراپ يۈگۈردى. بوسۇغۇدا ئابدۇللا تۇراتتى!

    -ئويلىمىغاندىڭىز؟-دېدى ئۇ زەھەرخەندىلىك بىلەن كۈلۈپ،- تاپالمايدۇ دەپ ئويلاپتىكەنسىز-دە؟

    -نېمىدەپ سىزدىن قېچىپ يۈرگۈدەكمەن ئەمدى؟ بۇنداق ئىشلار سىزدىن ئايلانسۇن،- دېدى دىلدارەمۇ كىنايە بىلەن

    -كىرسەم بولامدۇ؟ بۇ يەردە تۇرۇش ئەپسىزغۇ...

    -ياق،- دېدى دىلدارە ۋە ئىشىكنى شارتتىدە يېرىم يېپىپ، ئىشىككە يۆلىنىپ تۇرۇپ دېدى،-ئېرىم ئۆيدە يوق، بار چاغدا كېلەرسىز.

    -ئاھھا! ئېرىم؟....- ئابدۇللا ئۆزىنى ئەركىن تۇتسىمۇ چىرايى داكىدەك تاتىرىپ كەتتى،- ئېرىڭىزنىڭ كىملىكىنى بىلىپ دەۋاتامسىز-يا؟! مەن سۈرۈشتۈرۈپ بولدۇم، ئېرىڭىز ئوغرىلارنىڭ بېشى ئىكەن. 3-4 يىگىت بىلەن بۇلاڭچىلىق قىلىدىكەن.

    دىلدارەنىڭ پۇت-قولىدا جان قالمىدى.،جانسىز ھېس قىلدى-يۇ، ئەمما ئۆزىنى چاندۇرمىدى:

    -بۇيەرلىرى مېنى قىزىقتۇرالمايدۇ، يېڭىسى بارمۇ خەۋەرلىرىڭىزنىڭ؟

    -ئۇنداق ئادەملەرنىڭ ئۆمرى قىسقا بولىدۇ.

    -بۇ ھەقتە، شۇ ۋاقتى كېلىپ تۇل بولۇپ قالغىنىمدا سۆزلىشەرمىز.

    -دېمەكچىمەنكى، ھازىر كەينىگە قايتىشىڭنىڭ ئىلاجى بار، دىلدارە، ھېلىھەم كېچىكمەيسەن..

    -ئارقىغا قايتىش؟...-دېلدارە كۈلۈپ كەتتى،- كېچىكمەسمەنمىش؟!  ھاھاھا... سەن بۇرۇنمۇ بىر ئەبلەخ ئىدىڭ، يەنە شۇ ئەبلەخلىكىڭ بىلەن تۇرۇپسەن،- دېدى-دە، ئۇنىڭ ساراسىمگە چۈشكىنى كۆرۈپ مىيىقىدا كۈلدى،- يەنە شۇنداق ئوينىشىڭ بولۇشۇمنى خالاپ كەلگەنمىدىڭ؟ ئاۋارە بوپسەن. سەن مېنى ھېچقاچان ئويلاپ باقمىغان سەن. خوتۇنۇڭدىن زېرىككەن چاغلىرىڭدا، مېنىڭ ئالدىمغا كەتتىڭ، چارچىغان ۋاقتىڭدا مەن لازىم بولغانىدىم. خوتۇنۇڭ يانچۇقۇڭنى قېقىۋېلىپ، ئاپتوبۇس كىراسىغىمۇ پۇلۇڭ يەتمەي قالغاندا مېنى ئەسلەيتتىڭ، كېيىن..... كېيىن بولسا قۇمغا سىڭگەن سۇدەك غايىب بولۇپ كېتەتتىڭ، مەن شورلۇق پىشانە يۈرەك باغرىم قان بولۇپ سېنى كۈتۈپ ياشايتتىم. ئىشىك قوڭغۇرۇقى جىرىڭلىسا يۈرۈگۈم قېپىدىن چىقىپ كېتەي دەيتتى. مەن ساقلاپ ئۇخلاپ قالغاندا قوڭغۇراقنى باسقان بولسا ئاڭلىماي قالدىم، دەپ ئۆزۈمنى ئەيىبلەپ كېتەتتىم، ئۆي ئىگىسىدىن يوشۇرۇنچە ئاچقۇچ ياساتماقچى بولۇپ يۈرەتتىم، مېنى يەنە شۇ كويلارغا سالماقچىمۇسەن؟ ئاۋارە بوپسەن!

    تۆمۈر ئىشىك قاتتىق يېپىلدى. ئابدۇللا چۆچۈپ كەتتى. غەزەپتىن دىر-دىر تىترىدى، ئۇ بۇنداق مۇئامىلىنى كۈتمىگەنىدى. «ۋۇ ئەبلەخ، باندىت! دىلدارەنىڭ كۆڭلىنى پۈتۈنلەي ئېلىۋاپتۇ!» دەپ ئويلىدى ئابدۇللا پەلەمپەينى بىردىن -بىردىن بېسىپ چۈشكەچ. ئابدۇللا ئۆزى ئويلىغان مەقسىدىگە يېتەلمەي كۆڭلى غەش بولدى. كوچىغا چىقىپ، قاياققا مېڭىشىنى بىلەلمەي، ئويلىنىپ قالدى. بۇيەردىن كەتكۈسى كەلمەيۋاتقىنىنى ئىچ-ئىچىدىن سېزىپ چوڭقۇر خۇرسىندى. دىلدارە ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ جاڭجاللىشىپ كەتكەندىن بېرى، ئايالى ئۇنىڭغا بىردە ئىشىنىپ، بىردە ئىشەنمەي يۈرەتتى. شۇ سۆزلەر سەۋەبچى بولۇپ،ئەر-ئايال ئىككىسى يېقىندا يەنە شۇنداق قاتتىق سوقۇشۇپ قالدى: «مەن سىزگە ئىشەنمەيمەن، ئاشۇ ئايال ئۆيگە بىكارغا كېلەمدۇ؟» دەيتتى ئايالى مەۋلۇدە ئەدەپ. ئابدۇللا ئاخىرى تامدا ئېسىقلىق تۇرغان«قۇرئان»نى قولىغا ئالدى. ئۈچ-تۆت يىل بۇرۇن بىر ئاغىنىسى: «قۇرئان»نى قولۇڭغا ئېلىپ قەسەم قىلساڭ ئاياللار شەرتسىز ئىشىنىدۇ،- دېگەنىدى. ئۇ شۇ ئۇسۇلنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولدى.... مانا شۇنىڭدىن كېيىن ئەركىن بولۇپ قالغان ئابدۇللاھ دىلدارەنى ئىزدىمەك بولۇۋاتاتتى، ئارىلىقتا پولات چىقتى، ئۇ بېشىدا پولاتقا ئانچە كۆڭۈلشمىدى، كۆڭلىدە پولاتنى دىلدارە مېنى قىينايمەن، دەپ تاپقان بىر ئادىمى، دەپ ئويلىدى. ئەمما ئىشلار بارغانسىېرى ناچارلاشتى، ئۇنىڭ دىلدارەگە بولغان ئىنتىزارلىقى كۈچەيگەنسېرى دىلدارە شۇنچە يىراقلاپ كېتىۋاتاتتى، بولۇپمۇ دىلدارەنىڭ ئۆز ئۆيىدىن كۆچۈپ پولاتنىڭ ئۆيىگە بېرىشى ئۇنى رەشىك ئوتىدا پۇچىلاندۇردى. «شۇنچە يىل ئەر-ئايالدەك ئۆتۈپ... ئەمدى مۇشۇ بولدىمۇ ئاخىرى؟» دەپ ئويلاپ ئۆزىچە خورلۇق ھېس قىلدى ئابدۇللا. دىلدارەنىڭ ھەرىكەتلىرىنى ئۆزىنىڭ ئىززەت-غورۇرىغا تەگكەنلىك دەپ بىلدى. يۈتكەن مالنىڭ سېپى ئالتۇن دەپ، دىلدارەنىڭ قەدرى ئۆتۈلۈپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ ئاۋۋال پولاتنى سوراپ سۈرۈشتۈردى. كېيىن دىلدارەنىڭ ئىزىغا چۈشتى. ئاشتىن چىققان تاشتەك، بىردىن پولات پەيدا بولمىغاندا ئىدى. ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرى يەنە ئىزىغا چۈشۈپ كەتكەن بولاتتى. ئەمما بۈگۈن كېلىپ كۆردىكى، ئۇنىڭ ھەممە چوتلىرى خاتا سوقۇلغانىدى. ئۇنىڭغا زەھىرىنى چاچقان بۇ ئايالنىڭ ئەينى ۋاقىتتا چاپان پېشىگە ئېسىلىپ تۇرۇپ: «نېمە بولسا مەيلى، مېنى تاشلاپ كەتمىسىڭىزلا بولدى» دېگەن ھېلىقى ئايال بىلەن قانداق ئوخشاشلىقىنىڭ بارلىقىنى ئۇ قانداقلا ئويلاپ كاللىسىدىن ئۆتكۈزەلمىدى.

    ***********

    تۈن يېرىمدىن ئاشتى، ئادەملەر شېرىن ئۇيقۇدا ياتقان چاغدا كىمدۇر بىرى تۆمۈر ئىشىكنى ئاستا چەكتى. ئۇيقۇسى قېچىپ، ئەلەم ئۈستىدە ئولتۇرغان دىلدارە ئىشىك ئالدىغا باردى. «كىم» دېدى ئاستاغىنە. قاتتىقراق نەپەس ئېلىشتىنمۇ قورقۇپ.

    -مەن دىلدارە، مەن،- دېدى كىمدۇر بىرى پەس ئاۋازدا، دىلدارە پولاتنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپلا تونۇدى-يۇ، ئىشىكنى ئېچىشقا ئالدىرىمىدى، تۇتقۇچنى تۇتقان قوللىرى تىترەپ تۇراتتى.

    -بىلىمەن، مەندىن خاپا سەن،-دېدى يەنە پەس ئاۋازدا پولات،- ساڭا دېيىشىم كېرەك ئىدى. مېنى كەچۈر.

    -ئاچمايمەن،- دېدى دىلدارە يىغلامسىراپ،- تۆت كۈندىن بۇيان ئۆلۈپ قالاي دېدىم، قەيەردە يۈرگەن بولسىڭىز، ئاشۇيەرگە بېرىڭ.

    -دېلدار، مېنى كەچۈر، ئىشىكنى ئاچمىساڭ مۇشۇ يەردە ئولتۇرۇپ ساقلايمەن.

    -ئولتۇرۇۋېرىڭ!...مەن زادى نېمىڭىز سىزنىڭ؟ بىرئېغىز دەپ قويسىڭىز نېمىڭىز كېتەتتى؟ مەن بۇنى باشقىلاردىن ئاڭلىشىم كېرەكمىدى؟ ئۆيۈمنى بېرىپ قويۇپ، كاتتا ئىش قىلدىم دەپ ئويلاپ قالدىڭىزمۇ؟

    -دېلدارە، بولدى بەس!

    -بەرىبىر ئاچمايمەن ئىشىكنى...

    -مۇشۇ يەردە ئولتۇرۇۋېرىمەن، سەن قاچان ئىشىكنى ئاچقۇچە، ھېچ يەرگە كەتمەيمەن.

    -ئولتۇرۇۋېرىڭ....

    ئارىدىن ئىككى سائەتچە ۋاقىت ئۆتتى. ئىككىلىسى ھامان شۇ ئىشىكنىڭ يېنىدا ئىدى. پۈتۈن ۋۇجۇدى قۇلاققا ئايلىنىپ، بىر-بىرىنىڭ ھەرىكەت تىۋىشلىرىنى ئاڭلاپ تۇراتتى. «ئاپلا، يىغلاپتۇ-دە، دەپ ئويلىدى پولات،- ھەقىقەتەنمۇ بەك خاتا قىلدىم.» «ئەنە، ئىشىككە يۆلىنىپ ئولتۇردى،- دەپ ئويلىدى دىلدارە،- سوغۇق ئۆتۈپ قالماس-ھە؟! ئۇھ تارتىۋاتامدۇ نېمە؟»

    خېلىدىن كېيىن ئىشىكنىڭ قۇلۇپى شىرىق قىلىپ كىچىككىنە بۇرۇلغان ئاۋازى ئاڭلاندى، پولات ئولتۇرغان يېرىدىن ئېغىر بەدىنىنى كۆتۈرۈپ ئاستا تۇردى. يېرىم چېكىلگەن تاماكىنى ئالدىراپ ئۆچۈردى.

    -ساڭا كىمنىڭ خەۋەر بەرگىنىنى مەن بىلىمەن،- دېدى پولات ئىچكىرىگە كىرگەن زامان،- سەن.. بايا... ئېيتقىنىڭدىلا.. خىيالىمغا كەلدى. ئاشۇ، شۇنداقمۇ؟ ئاشۇ!

    دىلدارە ئۇنىڭ يۈزلىرىنىڭ قىزارغىنىنى كۆرۈپ كۆزلىرى قىزاردى. يىگىتنىڭ يۈزىگە قارىيالمىدى. دىلدارە مونچىغا كىرىپ يۈزىنى سوغۇق سۇدا يۇيدى. قۇلاقلىرىنىڭ كەينىنى سوغۇق سۇدا نەمدەپ بىردەم تۇرۇۋالدى. ئۆزىنى سەل بېسىۋېلىپ ئاۋۋالقى ھالىتىگە كەلگەندىن كېيىن پولاتنىڭ يېنىغا چىقتى.

    -ساڭا ئېيتقانىدىم ئۆيدىن قېچىپ كەتكىنىمنى،- دەپ گەپ باشلىدى  پولات. ئۇ ھاياجانلىنىپ تۇراتتى، ئۆيگە كىرگەندىن باشلاپ تىنىمسىز تاماكا چەكتى. بىرىنى چېكىپ بولار-بولماي يەنە بىرىنى تۇتاشتۇردى. ئۈستەلدىكى ئەينەك كۈلدان بىردەمنىڭ ئىچىدە تاماكا كۈلى ۋە تاماكا قالدۇقى بىلەن لىق توشتى.- قىلىدىغان خىزمەت يوق، تۇرىدىغان يەر يوق، بىر قانچە ۋاقىت ۋوگزالدا يېتىپ يۈردۈم. نەگىلا خىزمەت سوراپ بارسام ئالمىدى، ھەتتا تاكسى شوپۇرلۇقىغىمۇ ئالماي قويدى. نوپۇسىڭىزنى ئوڭشاپ كېلىڭ، كېيىن چاقىرتىمىز دەپ يولغا سېلىپ قويدى. ئۆيدىن ئازراق پۇل بىلەن چىققانىدىم، شۇ پۇلنى تۆت ئاي يەتكۈزدۈم. كاستيومۇمنى سېتىشقا مەجبۇر بولدۇم. كېيىن سائىتىمنى.... ئاخىرىدا ساتقۇدەك ھېچنىمەم قالمىدى. قورساق ئاچلىق ئادەمنى ھەر يەرلەرگە يۈگۈرتىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن مەمۇ شۇ «ئامىن» بولۇپ كەتتىم... بۇيولغا قانداق كىرىپ قالغىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەي قالدىم. بېشىدا ۋاقتىنچە دەپ ئويلىغانىدىم. بارغانسېرى بۇ ئىشتىن قول ئۈزەلمەي قالدىم. بىرىنچى قېتىم تۇتۇلۇپ قالغاندا، بەكمۇ قورققانىدىم، ھەتتا يىغلاپمۇ كەتكەنىدىم. ھاھاھا... يىغلىغانىدىم، راست! تۈرمە دېگەندە كۆز ئالدىڭدىلا ھەممە ۋەھشىيلىك،- پولات گەپ قىلىشتىن بىردىن توختاپ ئورنىدىن تۇردى. ئۇنىڭ چىرايى شۇ قەدەر ئۆزگۈرۈپ كەتكەنكى، دىلدارە قورقۇپ كەتتى. پولات ئۈستمۇ-ئۈست تاماكا چېكىپ ئۆزىنى سەل بېسىۋالدى. ئۇ جايىغا كېلىپ ئولتۇرغاندا ئۇنىڭ چىرايىدىكى قورقۇنچلۇق ئىپادە تامامەن يوقالغانىدى. ئورنىنى سۈر ئىگىلىگەنىدى. كۆزلىرىدە تەكەببۇرلۇق نۇرلىرى چاقنايتتى.شۇنداقتىمۇ سۆزلىرى بوغۇلغان بوغۇزىدىن تەستە چىقاتتى،- تۈرمىگە سولاپ قويۇشتى، ئۆزلىرىچە مۇشۇنداق قىلىپ تەربىيىلىمەكچى بولۇشتى-دە، - ئۇ خۇددى بىرسىنى زاڭلىق قىلغاندەك سوغۇق كۈلۈپ قويدى، ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن راۋان سۆزلەۋاتقان ئادەم بىردىنلا ئۈزۈپ-ئۈزۈپ دۇدۇقلاپ سۆزىنى داۋام قىلىشقا باشلىدى،- ئەقىل-ھۇشىنى تاپقۇزۇپ قويدۇق... شۇ كۇپايە... نېمە دېسەم بولر،ا ئىشقىلىپ ئەمدى بۇلار بۇنداق ئىشنى قىلماي، قول ئۈزىدۇ، دەپ ئويلىشىدۇ ئۇلار. ئەمما..... لېكىن ئۇلار خاتالاشقان بولىدۇ. بەك قاتتىق ئاداشقان بولىدۇ. مەن تۈرمىدە.... ئون كوي ئۈچۈن قامىلىپ كىرگەن. ئەمما ئۇ يەردىن چىققاندا بولسا قىلنى قىرىق يايىدىغان كەسپىي ئوغرى بولۇپ يېتىشىپ چىقتىم... ئۇ يەرنىڭ ياخشى تەرەپلىرىمۇ بار، ئۇنى بىرەر نەرسە دەپ چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ. ھاھاھا... ئەلۋەتتە ياخشى تەرەپلىرى بار... ساڭا قانداق چۈشەندۈرسەم بولار؟... ئۇ يەردىكىلەرقويۇپ بەرسەڭ بىر-بىرىنى بوغۇپ قۇيۇشقا ئارانلا تۇرىشىدۇ، ئەسەبىي... تۈڭلۈكتىن چۈشكەن نۇرغا قاراپ يۈرۈگۈڭ ئېزىلىدۇ، ئەركىنلىكنىڭ قەدرىگە يېتىسەن. قانچىلىق ۋاقىت ياتقىنىڭنى ئەسلەيسەن، ھەم يەنە قانچىلىك ۋاقىت قالغانلىقىنى ھېسابلايسەن.... بېشىدا سەل تەس بولىدۇ. خۇددى ۋاقىت توختاپ قېلىپ ماڭمايۋاتقاندەك ھېس قىلىسەن. كېيىن.... كۈنلەرنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ.... ھېسابلىشىڭمۇ ئاسانلىشىدۇ. ئۆزۈڭگە ئوخشاش مەھبۇسلار يولسۇزلۇق  قىلىپ بېشىڭنى يېرىپ قويسىمۇ، ئۇنچىلىك ئەلەم قىلمايدىغان بولۇپ كېتىسەن. بىراق.... سېنى ئادەم ئورنىدا كۆرمەيدىغان... ھايۋانغا مۇئامىلە قىلغاندەك  مۇئامىلە قىلىدىغان، سەللا خاتالىق قىلىپ سالساڭ، جېنىڭ چىقىپ كەتكۈچە خالىغانچە دۇمبالايدىغان گۇندىپايلارغا ئۆمۈرلۈك ئۆچ بولۇپ كېتىسەن.... چىرايىڭ نېمانداق تاتىرىپ كەتتى؟ قورقتۇڭمۇ؟ شۇڭا ساڭا بۇ گەپلەرنى دېمىگەنىدىم. ھازىر... ئازلا قالدى، تۈگەي دېدى. شۇنداق گۇندىپايدىن بىرسى بار ئىدى. يۈزىدىن زەھەر تېمىپ تۇرىدىغان. رەھىمسىز ۋە شەپقەتسىز ئىدى. كۆپ ئەمەس. شۇ... بىر –ئىككى قېتىم مېنىڭمۇ شۇنداق قاتتىق ئەدىبىمنى بەرگەن. يەردە ئۆلەر ھالەتتە ياتساممۇ: «مۇشۇ يەردىن ئامان-ئېسەن چىقىپ كەتسەم بىر كۈنى بولمىسا بىر كۈنى بوغۇزلىۋېتىمەن» دەپ قەسەم ئىچكەنىدىم. بۇ ئىشنى پەقەت ئۇنتۇيالمىغانىدىم. ئۈچ-تۆت ئاي بۇرۇن، مۇشۇ ئىشلىرىمدىن قول ئۈزىمەن دەپ، ئۆزۈمگە –ئۆزۈم ۋەدە بەرگەنىدىم. ئەمما ئۆزۈمنى يەنە تۇتالماي قالدىم. تۆت كۈن بۇرۇن يەنە بىر ئىشقا قول سېلىپ قالدىم. ئەزبىرايى.... سەن ئۈچۈن، سېنى خۇشال قىلماقچى ئىدىم. ئەپسۇسكى، بىر شېرىگىم ئىشنى چاندۇرۇپ قويدى، يېقىندا بىزگە قوشۇلغانىدى، بىرىنچى قېتىم بىز بىلەن بىللە چىقىشى ئىدى.... ئۇنىڭ كاساپىتىدە ئىككى شېرىكىم قولغا چۈشۈپ قالدى. نەگە ئاپىرىپ سولىدى، ئۇنى بىلمەيمەن... ئۈچ كۈن شۇلارنى ئىزلەپتىمەن. ئاسمانغا چىقىپ كەتتىمۇ، يا يەرگە كىرىپ كەتتىمۇ ... بىلمىدىم... بىلەلمىدىم...- پولات بېشىنى چاڭگاللىغان پېتى جىم بولۇپ قالدى. دىلدارە خۇددى روھىي چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك مىدىر-سىدىر قىلماي ئولتۇراتتى.

    -ئەمدى مېنى تاشلاپ كېتىسەن، شۇنداقمۇ؟- دېدى پولات تىترەك ئاۋازدا.

    -نېمىدەپ ئەمدى؟- سۇئالغا سۇئال بىلەن جاۋاب بەردى دىلدارە،- ئوغرى ئىكەن دەپمۇ؟ ئوغرىدا يۈرەك يوقمۇ، ئەجەبا؟

    -بار، ئاجايىپ بىر يۈرەك بار...- دەپ ھاياجانلىنىپ دېدى پولات ۋە ئېتىلىپ كېلىپ دىلدارەنى دەست كۆتۈرۈپ نەچچىنى پىرقىرىتىۋەتتى.

    -مەندىن نەپرەتلەنمەمسەن؟ نومۇس قىلمامسەن؟- دەپ سورىدى پولات ھەسىرەپ تۇرۇپ،

    -ياق. ھەرگىز... مەڭگۈ ئۇنداق قىلمايمەن... ئەمدى ھېچ نەرسىنى ئويلىمايمەن... ھېچ نەرسىنى خالىمايمەن... پەقەت سىز بىلەن ياشايمەن... مەڭگۈ بىللە ياشايمەن...

    ئۇ ئىككىسى قىيا-چۇيا قىلىشقىنىچە شۇنداق پىرقىرىدى. ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ سۆزلەشتى، قاقاھلاپ كۈلۈشتى... ئۇلار ئۆزىدىن باشقا ھەممىنى، ھەممە نەرسىنى ئۇنتۇشتى. سىرتتا جىمجىتقىنا ئاسمان ئاستا ئاقىرىپ تاڭ ئېتىشقا باشلىدى...

    ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتتى. بۇ بىر ھەپتە ئىچىدە ئابدۇللا يەنە ئىككى قېتىم دىلدارەنى ئىزدەپ كەلدى. ئاخىرقى قېتىم كەلگىنىدە دىلدارە ئۇنى ھەيدەپ تىللىدى. شۇنىڭدىن كېيىن خېلى بىر ۋاقىتقىچە ئابدۇللا بۇ يەردە كۆرۈنمىدى. دىلدارە ئابدۇللانىڭ خۇي-پەيلىنى ئوبدان بىلگەچكە، نېمىگىدۇر كۆڭلى غەش بولۇپ قالدى. «ئىپلاس، لالما مۈشۈك... پۇرسەت پايلاپ يۈرۈۋېتىپسەن-دە» دەپ ئويلىدى دىلدارە خۇدۈكسىرەپ. نېمىدىن خۇدۈكسىرەيتتى؟ ئۆزىمۇ بۇنى ئېنىق بىلمەيتتى.

    \

    -بۈگۈن ئىزىمغا چۈشۈشتى، -دېدى بىر كۈنى پولات داستىخان ئۈستىدە، -ئۇنىڭ چىرايى ھارغىن ۋە تەشۋىشلىك ئىدى،- تاسادىپىي سېزىپ قالدىم.

    ھېلىقى كۈندىكى سۆھبەتتىن كېيىن دىلدارەمۇ شۇنداقراق پەرەز قىلغانىدى. قاچانلا بولمىسۇن، بىرەر ئاي ياكى بىرەر يىلدىن كېيىن مۇشۇنداق ئىشنىڭ بولىدىغانلىقىغا تەييارلىق ھالەتتە ئىدى. شۇنداقتىمۇ بۇ گەپنى ئاڭلاپ يۈرىگى تارتىشقاندەك بولدى.

    -كۆزۈڭىزگە شۇنداقراق كۆرۈنۈپ قالدىمىكىن،-دېدى زورىغا دىلدارە.

    -كۆزۈمگە كۆرۈنمىدى، ئەمما شۇنداقلىقى ئېنىق... ياخشىسى بۇ يەرگە ۋاقتىنچە كەلمەي تۇراي. سەن ئەنسىرىمىگىن، پۇرسەت چىقسىلا سېنى كۆرگىلى كېلىمەن. ئۆتكەندە، ئۇنىڭ يېنىغا باردىم....

    -كىمنىڭ؟- دەپ سورىدى-يۇ، گەپنىڭ كىم ئۈستىدە بولغانلىقىنى دەررۇ ھېس قىلىپ يۈزى ياندى.

    -ئۇ ئەمدى سېنى ئاۋارە قىلمايدۇ، ئۆزىمىز سۆزلىشىۋالدۇق،- دېدى پولات. ئاندىن يانچۇقىدىن قەغەزگە ئورالغان بىر نەرسىنى چىقىرىپ، ئۈستەل ئۈستىگە قويدى،- كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇۋالاي، دەزمال سالغانمىدىڭ؟

    -ھەئە،- دېدى دىلدارە ۋە قەغەزگە ئورالغان نەرسىنى شەرەتلىدى،- نېمە بۇ؟

    -شۇنىڭ قايچىسى، چاچ كېسىدىغان، شۇ يەردە تۇرۇپتىكەن، چاندۇرماي ئېلىۋالدىم. لازىم بولۇپ قالار دەپ....

    پولات مەنلىك قاراپ قويدى. دىلدارە بۇ قاراشنىڭ مەنىسىنى چۈشەندى، بىراق ئۈن-تىنسىز تۇردى. ئاندىن پولاتنىڭ ئالماشتۇرۇپ سېلىپ قويغان كىيىملىرىنى يۇيۇش ئۈچۈن مۇنچىغا كىرىپ كەتتى. پولاتنىڭ كۆڭلى ئاغرىدى، كۈندەشلىكى تۇتۇپ، جەھلى قاتتى، ئەمما ئۆزىنى بېسىۋالدى. دىلدارە باشقىچە ئويلاپ قېلىپ، مەندىن نەپرەتلىنىپ قالمىسۇن دەپ ئويلاپ ئايالىنىڭ يېنىغا چىقتى ۋە ئاغرىنغان تەلەپپۇزدا دېدى:

    -مېنى بىرەر شۇملۇق ئىش قىلىپ قويارمىكىن دەپ ئويلاپ يۈرمىگىن. مۇشۇنداقلا كۆرۈشۈپ قويدۇم. ئەمما ساڭا شۇنى دەي، مەن ئۇ ئادەمگە پەقەتلا ئىشەنمەيمەن.

    دىلدارە گەپ-سۆز قىلمىدى، ئېڭىشكىنىچە پولاتنىڭ كىيىمىنى يۇيىۋەردى. كاللىسىدا بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى ئويلىماقتا ئىدى. خولۇم-خوشنىلارغا كۆرۈنمەي تېزراق چىقىپ كېتىش ئۈچۈن تەرەددۇت قىلىۋاتقان پولاتنى دىلدارە سۇئال بىلەن توستى:

    -ھېلىقى شېرىكىڭىز تېپىلمىدىمۇ؟ قېچىپ كەتكەن ھېلىقى يېڭى شېرىكىڭىزچۇ؟

    -ھە، ياق تېخى،- دەپ جاۋاب بەردى پولات.

    -ئەگەر.. مۇشۇنداق بولىۋەرسە... باشقا بىر ئىسىم قوللىنامسىز-يا؟ بەرىبىر ئىسپات-دەلىللەرنىڭ ھەممىسى سىزدە  بولغاندىكىن؟

    پولات يالت قىلىپ دىلدارەگە قارىدى. ئايال ئۇنىڭدىن كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ تۇراتتى. پولات ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن كۆيگەن، ئۆرتەنگەن، تېپىرلىغان، ئارامسىزلانغان يۈرەكنىڭ ئەكسىنى كۆرگەندەك بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ كۆزلەردە بىپايان، چەكسىز كەتكەن بىر نەپرەتنىڭمۇ مۇجەسسەملەنگەنلىكىنى سەزدى. پولات جاۋاب بەرمەي جىملا چىقىپ كەتتى.

    ئۇ شۇ كەتكەنچە قايتىپ كەلمىدى. خېلى ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ياشلا بىر يىگىت ئۇنى ئىزدەپ كەلدى ۋە پولاتنىڭ قولغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى دېدى. يەنە بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ ياش يىگىت يەنە كەلدى ۋە پولاتنىڭ دېلوسى ئۈستىدىن سوت قىلىنىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ھازىر ئابدۇللا دېگەن ساتىراچلىق قىلىدىغان شېرىكى بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ كەلدى. كېتىش چېغىدا ئۇ يىگىت يەنە كېلىدىغانلىقىنى، مۇھىم خەۋەرلەر بولسا يەتكۈزۈپ تۇرىدىغانلىقىنى، ئەگەر مۇبادا بەك زۆرۈر ئىش بولۇپ قالسا، دۇرۇس، بەكلا زۆرۈر ئىش بولۇپ قېلىپ ئۇنى ئىزدەيدىغان ئىش چىقىپ قالسا، نەدىن تاپسا بولدىغانلىقىنى ئېيتىپ خوشلاشتى. مېھماننى ئۇزىتىپ كىرگەن دېلدارە ئۈستەل ئۈستىدە بېلى باغلانغان پۇل بىلەن بىر پارچە خەتنىڭ تۇرغىنىنى كۆرۈپ، يۈگۈرۈپ بېرىپ خەتنى ئاچتى، خەت پولاتنىڭ پۇچۇركىسى ئىدى: «مېنى كۈت، ئەزىزىم!»

    (گۈليارە تۇرسۇن تەرجىمىسى)

    \

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.