ئىبرەتلىك ھىكايىلەر 3

يوللىغۇچى : Nazaket يوللىغان ۋاقىت : 2007-04-14 12:09:00

بايلىق ، مۇۋەپپىقىيەت ۋە مۇھەببەت ئاپئاق ساقاللىرى مەيدىسىگە چۈشۈپ تۇرغان ئۈچ بوۋاي بىر ئايالنىڭ ھويلىسى ئالدىدا ئارام ئېلىۋاتاتتى. بۇ ئۈچ بوۋاينىڭ بىرى « بايلىق » ، بىرى « مۇۋەپپىقىيەت » ،...

    بايلىق ، مۇۋەپپىقىيەت ۋە مۇھەببەت

           ئاپئاق ساقاللىرى مەيدىسىگە چۈشۈپ تۇرغان ئۈچ بوۋاي بىر ئايالنىڭ ھويلىسى ئالدىدا ئارام ئېلىۋاتاتتى. بۇ ئۈچ بوۋاينىڭ بىرى « بايلىق » ، بىرى « مۇۋەپپىقىيەت » ، يەنە بىرى « مۇھەببەت » ئىدى. ئايال ئۇلارنى ئۆيگە تەكلىپ قىلىۋىدى، ئۇلار قاقاھلاپ كۈلگىنىچە ئايالغا « رەھمەت » ئېيتتى . ھەم ئازىراقمۇ مىدىرلاپ قويمىدى .

    ئايال بۇ ئىشتىن تېڭىرقاپ تۇرۇپ قېلىۋىدى ، ئۈچەيلەن ئايالغا :

    _ بىز ئۈچىمىز بىرلا ۋاقىتتا بىر ئۆيگە تەڭ كىرەلمەيمىز. سىز بېرىپ ئۆيىڭىزدىكىلەر بىلەن ئويلىشىپ كۆرسڭىز ، سىلەر ئۈچىمىزنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن بەك كىمگە ئېھتىياجلىق ؟- دېدى .

    ئايال ئۆيگە كىرىپ ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئېيتتى. ئېرى بۇنى ئاڭلاپ ھەم ھەيران ھەم خۇش بولغان ھالدا :

    _ راستىنلا شۇنداق بولسا، بىز بايلىق بوۋاينى ئۆيگە تەكلىپ قىلىپ ، ئۆيىمىزنى بايلىق بىلەن توشقۇزايلى ، - دېدى .

    ئايالى بۇنىڭغا قوشۇلمىدى :

    _ سۆيۈملۈكۈم ، بىز  نېمىشقا مۇۋەپپىقىيەت بوۋاينى تەكلىپ قىلمايمىز ؟ قىلغان ئىشىمىزنىڭ ھەممىسى مۇۋاپپىقىيەتلىك بولسا، ئۇ ۋاقىتتا تېخىمۇ ياخشى بولمامدۇ ؟- دېدى

    بۇ ۋاقىتتا كېلىنى سۆز قىستۇرۇپ : « بىز يەنىلا مۇھەببەت بوۋاينى تەكلىپ قىلايلى، ئۇنى تەكلىپ قىلىپ ئائىلىمىزنىڭ ھەممە يېرىنى قويۇق مۇھەببەت بىلەن توشقۇزايلى » دېدى.

    _ ئۇنداقتا كېلىنىمزنىڭ دېگىنىچە بولسۇن ، - دېدى ئەر - خوتۇن كېلىنىگە قاراپ باش لىڭشىتقان ھالدا .

    شۇنىڭ بىلەن ئايال ئۆيدىن چىقىپ مۇھەببەت بوۋاينى ئۆيگە كىرىپ مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلدى. كىم بىلسۇن ، مۇھەببەت بوۋاي ئورنىدىن تۇرۇش بىلەن تەڭلا ، مۇۋەپپىقىيەت بوۋاي بىلەن بايلىق بوۋايمۇ تەڭ ئۇنىڭغا ئەگەشتى . ئايال ئەجەبلەنگەن ھالدا سورىدى :

    _ بىز تەكلىپ قىلغىنى « مۇھەببەت » تۇرسا ، سىلەر ئىككىڭلارنىڭ ئەگىشىۋالغىنى قانداق گەپ ؟

    ئۈچ بوۋاي خۇشال بولغان ھالدا جاۋاب بەردى :

    _ قەيدەردە مۇھەببەت بولسا ، شۇ يەردە بايلىق ھەم مۇۋەپپىقىيەتمۇ بولىدۇ .

    « كىروران » ژورنىلىدىن ئېلىنغان .

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق