قول ئېلىشىش( ھېكايە)

يوللىغۇچى : Arghu يوللىغان ۋاقىت : 2009-03-21 21:14:00

قول ئېلىشىش( ھېكايە) تاڭ جىفۇ ئۇ يىللاردا ئەسەبىيلىك ئەۋج ئالغان، ئادەم ناھىيىتى سەزگۈرلىشىپ تەلۋە، بىنورمال بولۇپ كېتىشكەن ئىدى. مەكتىۋىمىزگە بىر ئىشچىلار تەشۋىقات ئەترىتى چۈشكەن ئىدى.ئىشچل...

    قول ئېلىشىش( ھېكايە)

     تاڭ جىفۇ

         ئۇ يىللاردا ئەسەبىيلىك ئەۋج ئالغان، ئادەم ناھىيىتى سەزگۈرلىشىپ تەلۋە، بىنورمال بولۇپ كېتىشكەن ئىدى. مەكتىۋىمىزگە بىر ئىشچىلار تەشۋىقات ئەترىتى چۈشكەن ئىدى.ئىشچلار تەشۋىقات ئەترىتىنى ھەرگىز بىر سەنئەت تەشۋىقات ئەترىتىمىكىن دەپ قالماڭ، ئۇ يىللاردا تەشۋىقات ئەترىتىنىڭ باشلىقى مەكتەپنىڭ ئەڭ ئالى رەھبىرى ھېساپلىناتتى. ئەترەت باشلىقى لىن قوپال ئادەم ئىدى. ئۇنىڭ فامىلىسى ئەسلىدە ليۇ بولۇپ ليۇ شاۋچى بىلەن فامىلىداش بولغاچقا، كاپىتالىزىم يولىغا ماڭغان ئۇنسۇر دېگەن قالپاقنى كىيىپ قالماسلىق ئۈچۈن لىن غا ئۆزگەرتكەن ئىكەن. لىن بياۋ دېگەن مۇئاۋىن ئالىي قوماندان بولغاندىكەن لىن فامىلىسى ئەلۋەتتە بىخەتەر بولىدۇ_دە. لىن بياۋدىن چاتاق چىققاندىن كېيىن ئۇنىڭ فامىلىسىنى يەنە نېمىگە ئۆزگەرتكەنلىكىدىن تازا خەۋىرىم يوق. بىزنىڭ مەكتەپكە چۈشكەن چېغىدا ئۇنىڭ فامىلىسى ھەقىقەتەن لىن ئىدى. لىن ئەترەت باشلىقى مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن قىلغان تۇنجى ئىشى سۇن فامىلىلىك ھېندىنوزىيىلىك بىر مۇھاجىرنى تارتىپ چىقىرىش بولدى. بۇ كىشىنىڭ ئۈستىلىنىڭ تارتمىسىغا مۈشۈك باشلىق بىر قۇلۇپ سېلىنغان بولۇپ بۇنىڭغا ھېچكىم دىققەت قىلمىغان ئىدى. لېكىن بۇنى لىن ئەترەت باشلىقى كۆرۈپ قالدى_دە ئۇنىڭغا: − بۇ سېنىڭ رەئىس ماۋزېدۇڭ ئاتىمىزغا «زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلغىنىڭ». يۇڭ (ماۋزېدۇڭدىكى ماۋ)بىلەن مۈشۈك(مۈشۈكتىكى ماۋ) ئاھاڭداش، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قۇلۇپنىڭ تېگى قىزىل، مۈشۈك بېشى قارا رەڭلىككەن، رەئىس ماۋزېدۇڭنىڭ ئىزنىكىگە ئوخشاپ كېتىدىكەن. ئۇنىڭ مۇنداق دېيىشى بىلەن بىزمۇ ھەقىقەتەن شۇنداقكەن دېيىشىپ قالدۇق، ھەمدە بۇ ئەترەت باشلىقىنى ھەقىقەتەن قالتىس چاغلاپ كەتتۇق، ئاددى ئادەملەر كۆرەلمىگەننى بىر قاراپلا كۆرۈۋالدى، ھەمدە كەسكىنلىك بىلەن بىزنى قايىل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىك شۇ جايدىلا رەئىس ماۋزېدۇڭنى جان تىكىپ قوغداش روھى بىلەن بۇ مۇھاجىرنى كۆرەشكە تارتتۇق. ئەمما بۇ مۇھاجىر تەن ئالمايتى،ئۇ: − بۇ قۇلۇپنى يا مەن ياسىمىسام، نېمىشقا مەن «زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلغان» بولىدىكەنمەن؟− دەپ تۇرۇۋالدى. لىن ئەترەت باشلىقى ئۇنىڭغا: − سەن ياسىمىغان بىلەن ، بۇنى سېتىۋاپسەنغۇ، ئېيتە سەن نېمىشقا مۇشۇنداق نەرسىلەرنى سېتىۋالىسەن؟− دېدى، كۆرەش قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇ مۇھاجىرنى باشقىلارغا يالىتىپ بېرىپ ھاجەتخانا تازىلشقا سالدى. لىن ئەترەت باشلىقى ئىشچان ئادەم ئىدى، ئۇ كۈندۈزى مەكتەپكە كەلسىلا ئۇ_بۇ ئىشخانىلارنى تازىلايتى، سۈيىنى ئەكىرەتتى، مەشلىرىنى كولاپ كۆمۈرىنى سېلپ قوياتتى،ئەخلىتىنى تۆكەتتى_دە ئوقۇتقۇچىلارنى خىجالەتكە قوياتتى، شۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەن ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ تالىشىپ ئىش قىلىشاتتى. ھەر قېتىم مۇشۇنداق چاغدا لىن ئەترەت باشلىقى كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دەيتى: − ئازراق ئىشلىگەنگە ئادەم ئۆلۈپ قالمايدۇ، ئىش قىلىشنى خالىمىغانلار «شيۇجېڭ»غا يېقىنلاپ قالغانلاردۇر، − ھەممىمىزگە ئايانكى ، ئۇ شيۇجېڭجۇيىنى قىسقارتىپلا «شيۇجېڭ» دەيتى،كاپىتالىزىمنى قىسقارتىپ «كاپىتال» دەيتى. كۈز كۈنلىرىنىڭ بىرى ئىدى، تاڭ ئەمدى سۈزۈلەي دەپ تۇرغاندا مەكتەپ ئىنقىلابىي كومىتېتى ئوقۇتقۇچىلارنى جىددى يىغىنغا چاقىردى. ھەممەيلەن ئەمدىلا يىغىلىپ بولىشمىزغا لىن ئەترەت باشلىقى بىر قولىنى ئېگىز كۆتۈرگەن ھالدا شاپاشلاپ يىغىن زالىغا كىرىپ كەلدى. قاتتىق ھاياجاندىن بولسا كېرەك ئۇنىڭ يۈزلىرى قىزارغان، پىشانىسىدە مۇنچاق_مۇنچاق تەرلەر تەپچىپ، جاۋغايلىرى تىترەيتى.ئېگىز كۆتۈرىۋالغان قولىغا سۈزۈك سۇلياۋ خالتا كىيدۈرىۋالغان بولۇپ، ئەمدىلا يارىلانغاندەك قىياپەتتە كۆرۈنەتتى. بىز تازا ھەيرانلىق ئىچىدە تۇرغىنىمىزدا لىن ئەترەت باشلىقى كۆنۈپ كەتكەن تاڭشەن شېۋىسىدە مۇنداق دېدى: − يولداشلار، رەئىس ماۋزېدۇڭ ئاتىمىز يەنە ئەڭ يېڭى يوليورۇق تارقاتتى، ئۇنى سەل تۇرۇپ يەتكۈزىمەن. ھازىر دېمەكچى بولغىنىم، رەئىس ماۋزېدۇڭ بۇ نۆۋەت ئەڭ يېڭى يوليورۇق تارقاتقاندا بىزنىڭ ئۆلكىلىك ئىنقىلابىي كومىتېتتىكى باشلىقنى قوبۇل قىپتۇ، ئۆلكىلىك ئىنقىلابىي كومىتېتتىكى بۇ باشلىق قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ۋىلايەت دەرىجىلىك ئىنقىلابىي كومىتېتنىڭ باشلىقلىرىنى دەرھال يىغىنغا چاقىرىپ، رەئىس مازېدۇڭ بىلەن كۆرۈشكەن قولى بىلەن كۆپچىلىك بىلەن كۆرۈشۈپتۇ؛ ۋىلايەتنىڭ رەھبەرلىرىمۇ شۇ كېچىسىلا ھەر قايسى ناھىيە ئىشچىلار تەشۋىقات ئەترىرىتىنىڭ باشلىقلىرىنى يىغىپ،بىزلەر بىلەن بىرمۇ بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، ھەمدە بىزنىڭ دەرھال قايتىپ بېرىپ رەئىس ماۋزېدۇڭ ئاتىمىزنىڭ غەمخورلىقىنى دەرھال ھەممە كىشىلەرگە يەتكۈزۈشنى جېكىلىدى. پاھ! كۆپچىلىك قاتتىق ھەيرانلىق ئىچىدە بىرلا ۋاقىتتا ئەترەت باشلىقىنىڭ سۇلياۋ خالتا كىيدۈرۈلگەن قولىنى تالىشىپ قول ئېلىشماقتا ئىدى، ئۇنىڭ قولىنى مەھكەم تۇتۇشۇپ سىلكىشمەكتە ئىدى. ئەنە شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە مەن ئۆز قولۇمنىڭ بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى سەزدىم.گەرچە بىۋاستە رەئىس ماۋزېدۇڭنىڭ قولىنى تۇتالمىغان بولساممۇ، مۇشۇ دەقىقىنىڭ ئۆزىدە رەئىس ماۋزېدۇڭنىڭ ئىلاھىي قۇدرىتىنى سەزگەندەك بولدۇم. باشقىلارغا قارىسام ھەممەيلەن ئوخشاشلا ھاياجان ئىلكىدە لىن ئەترەت باشلىقى بىلەن كۆرۈشكەن قوللىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈشكەن،بەزىلىرى تېخى بايىلا گۆھەرتېپىۋېلىشقاندەك قول ياغلىق بىلەن قوللىرىنى ئورىۋېلىشقان ئىدى. يىغىن زالىدىكى ھەممەيلەن ھاياجان ئىلكىدە شاتلىققا چۈمگەن ھالدا بىر قولىنى ئېگىز كۆتۈرىۋېلىشقان بولۇپ، بۇ مەنزىرە بىراز غەلىتە كۆرۈنەتتى. ئەمما مەن بىر خىل ئۇلۇغلۇق ھېس قىلاتتىم، چۈنكى 700مىليون جۇڭگو خەلقى ئىچىدە قانچىسى بىزدەك مۇنداق بەختكە ئېرىشەلەيتى دەيسىز! چۈشتە ئۆيگە كەلسەم ئايالىم قورۇما قورۇۋاتقانكەن، مەن كىرىپلا ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇۋېلىپ ساق بەش مىنىۇتقىچە چىڭ تۇتۇپ سىلكىدىم ، ئۇ بىر ھەيرانلىق بىر قورقۇش ئىلكىدە تۇراتتى، شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭغا: − بۇ قولۇم ئەتىگەنكى قول ئەمەس، ھازىر بۇ قولغا رەئىس ماۋزېدۇڭ ئاتىمىزنىڭ ئامىتى قونغان،− مەن ھاياجانلانغانلىقىمدىن دەمەللىقتا ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈپ بولالمىدىم، ئايالىم ئاڭلىغانسېرى تېخىمۇ ھاڭۋېقىپ قېلىۋاتاتتى. مەن يەنە يۈگۈرۈپ بېرىپ ئوغلۇمنى كۆتۈرۈۋېلىپ ئۇنىڭ بۇدرۇق قوللىرىنى چىڭ تۇتۇۋېلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا: − ئوغلۇم، مېنىڭ بۇ قولۇم رەئىس ماۋزېدۇڭنىڭ قولىنى تۇتقان قولنى تۇتقان قولنى تۇتقان قول، ھازىر مەن سېنىڭ قولۇڭنى تۇتتۇم سېنىڭ قولۇڭمۇ رەئىس ماۋزېدۇڭنىڭ قولىنى تۇتقان قولنى تۇتقان قولنى تۇتقان قولنى تۇتقات قولغا ئايلاندى، سەن كىچىككىنە تۇرۇپ مانا مۇشۇنداق بەختكە ئېرىشتىڭ، بىزنىڭ ئائىلىمىز شەرەپلىك ئائىلە، ئېسىڭدە چىڭ تۇتقىنكى، چوڭ بولغاندا چوقۇم رەئىس ماۋزېدۇڭغا يېقىندىن ئەگىشىپ ئىنقىلاب قىل،− دېدىم. ئوغلۇم مۇنداق دېدى: − يەسلىدىكى مۇئەللىمىمىز بىزگە: رەئىس ماۋزېدۇڭ مۇنداق دەپ تەلىم بەرگەن: « ئىنقىلاب قىلىش مېھماندارچىلىق ئەمەس»، دېگەن. شۇنىڭ بىلەن مەن مۇنداق دېدىم: − توغرا ئېيتىسەن، سەن چوڭ بولغاندىن كېيىن مېھماندارچىلىق بىلەن بولماي ، چوقۇم ئىنقىلابلا قىلىشىڭ كېرەك. ئايالىمنىڭ قورۇمىلارنى قورۇپ بولۇپلا قولىنى يۇيغىلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ يۈگىرەپ بېرىپ توسۇماقچى بولغان بولساممۇ ئۈلگۈرەلمىدىم. − بۇ بەك ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولمامدۇ، سەن ئۇنىڭ قەدىرىگە يېتىشىڭ كېرەك ئىدى، مىڭ بىر مۇشەققەتتە رەئىس ماۋزېدۇڭنىڭ ئىلاھىي قۇدرىتىنى ئېلىپ كەلسەم ، ئۇنى يۇيىۋەتتىڭغۇ؟ − ساراڭ بولدىڭىزمۇ نېمە، قولىڭىزنى يۇمىغىنىڭىزنى بىر كۆرەي، − دېدى ئايالىم تېرىكىپ. بىر ھەپتە ئۆتتى، قوللىرىنى ئېگىز كۆتۈرىۋېلىشقان خىزمەتداشلىرىم ئاخىرى بەردەشلىق بېرىشەلمەي قوللىرىنى چۈشۈرۈشكەن ئىدى، ئەمما لىن ئەترەت باشلىقىنىڭ قولى يەنىلا ئېگىز كۆتۈرۈكلىك پېتى ئىدى. بىر ھەپتىدىن كېيىن بىر ئاخشىمى ناھىيىلىك ئىنقىلابىي كومىتېتتىن ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلىدى. قىزىق ئىشلار بولدىكەن ، كىشىنىڭ خىيالىغا كەلمەيدىغان. لىن ئەترەت باشلىقى بالدۇرلا ئۇخلايتى،كۈندە دېگۈدەك سائەت توقۇز يېرىم بولا_بولمايلا يېتىۋالاتتى. ئۇ كۈنىمۇ ئۇ يېتىپ بولغان ئىدى، يېرىم كېچىدە ئۇ تازا قاتتىق ئۇخلاۋاتقاندا، يۇقۇرىدىن : رەئىس ماۋزېدۇڭدىن ئەڭ يېڭى يوليورۇق چۈشۈپتۇ، ھەممە ئورۇندىكى ئىشچى_خىزمەتچىلەر يىغىپ نامايىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلسۇن، دېگەن ئۇقتۇرۇش كەلدى. قاتتىق ئۇخلاۋاتقان ئەترەت باشلىقى ئويغىتىلغاندىن كېيىن تېخى ئۇيقۇسى ئېچىلمىغاچقا: نېمە قىلىق بۇ؟ يوليورۇق دېگەننى كۈندۈزى چۈشەرمەي، يېرىم كېچىدە كىشىنى ئۇخلاتمىغىنى نېمىسى؟ دەپ تاشلىدى. ئەلۋەتتە، رەئىس ماۋزېدۇڭغا قاتتىق ھۆرمەتسىزلىك قىلىنغان بۇ خىل ئەھۋالنى ھېچكىمنىڭ يوشۇرۇپ قېلىشقا ھەددى ئەمەس ئىدى. نامايىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ناھىيىدىن ئادەم كېلىپ ئۇنى چاقىرتىپ كېتىشتى. مانا شۇ چاغدىلا ئۇ ئاندىن ئېسىگە كەلگەن ئىدى، ئۇ ئۆزىنىڭ دېگەن سۆزلىرىنى ئويلاپ قاتتىق پۇشمان قىلدى. ئەمما ئۇ مۇنداق دېدى: − سۆزنى خاتا قىلىپتىمەن، ئەمما رەئىس ماۋزېدۇڭغا بولغان مۇھەببىتىم ئۆزگەرگىنى يوققۇ، قەسەم قىلىمەنكى، ئۇرۇپ سۆڭىكىمنى چېقىۋەتسىمۇ «زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلىش» دېگەندىن ئەسەرمۇ چىقمايدۇ. ئۇ شۇنداق دېگەچ ئاللا توۋا قىلدى، ياشلىرى تۆكۈلۈپ قاتتىق يىغلىدى، ئىككى قولى بىلەن يېشىنى سۈرتۈپمۇ ئۈلگۈرمىدى، ئۇ يېشىنى سۈرتكەچ ھېلىقى قولىنى ئېگىز كۆتۈردى_دە: − مېنىڭ مۇشۇ قولۇمنى ۋىلايەتتىن قايتىپ كەلگەندىن بېرى 10 كۈن بولدى تېخى يۇيۇپ باقمىدىم، بۇمۇ مېنىڭ رەئىس ماۋزېدۇڭنى قاتتىق ھۆرمەتلىگىنىمدىن ئەمەسمۇ ؟ − دېدى. ئۈچ كۈندىن كېيىن ناھىيىلىك ئىنقىلابىي كومىتېتتىن ئادەم كېلىپ لىن ئەترەت باشلىقىنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ يىلتىزى قىزىل،نىيىتى دۇرۇس بولغاچقا، «زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلغان» دەپ بېكىتىلمەي،سېخقا چۈشۈرۈپ ئەمگەك قىلىشقا بۇيرۇپ، كېيىنكى ئىپادىسىگە قارىلىدۇ، دېيىلىپتۇ. شۇندىن ئېتىۋارەن، مەن ئۇ كىشىنى قايتا كۆرمىدىم،ئۇنىڭ كېيىن قانداق بولغىنىنىمۇ بىلمىدىم. ئەمما ئۇنىڭ يۈزلىرى قىزارغان، بىر قولىنى كۆتۈرگەن پېتى يىغىن زالىغا كىرىپ كەلگەندىكى قىياپىتى ماڭا چۇڭقۇر تەسىر قالدۇغانتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شۇنى چۈشىنىپ يەتتىمكى ۋاستىلىق ھالدا رەئىس ماۋزېدۇڭ بىلەن كۆرۈشكەن قولغا تاينىپ ھېچ ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقارغىلى بولمايدىكەن، لىن ئەترەت باشلىقىنىڭ ئاقىۋىتى مانا بۇنىڭ مىسالى. «تاللانغان مىكرو ھېكايىلەر» نىڭ 2005_يىل 17_سانىدىن ئارغۇ تەرجىمىسى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق