يالغان بولسىمۇ…
تۈرۈكچىدىن زەيتۇنشېخى تەرجىمىسى
قېقىپ پېشىڭنى كەتسەڭدە بۇ دىياردىن
مىنى ھەم كۆتۈرەرسەن ئۇنداقتا.
كۆلگەڭنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىغا يۇشۇرنارمەن
بىر ئۆمۈر سەندىن ھۇزۇر ئالارمەن.
ئاجرىتالمايسەن مېنى ئىچىڭدىن
كۆزۈڭدە رەڭ، يۈزۈڭدە زىناق
باغرىڭدا ئاتەش بولىمەن، سەندە كەزگەن…
*********************************
چىقاركەن ئىشىكنى ئۇچۇق تاشلا
تاقالمىسۇن لازىم بۇلۇر قايتاركەن.
كۈندۈر چىراقنى ئۆچۈرمەستىن
قايتىپ كەل، مەن سېنىڭدىن چۈشمەستىن
چاقچاق ياكى يالغان بولسۇن
ئىشەنمىسەممۇ ئىشىنىمەن سەن سۆزلىسەڭ…
*******************************
قوڭۇر تاغلىرىڭدىكى ئاپئاق-ئاپئاق
مۇزقايماق قارلەيلىللىرىمۇ
مېھرىڭ بىلەن سىلا ئاستا-ئاستا
ئىسسىت يەنە مۇزتۇتقان شۇ يۈرۈگۈمنى
ئۇرما سۈبھى-تاڭلىرىمغا بىر زالىم كەبى
تولما كۆزلىرىمگە يامغۇر مىسالى
كۆزلىرىمدىن سىرغىساڭ ئەگەر
سۆيگۈڭنىمۇ كۆتۈر يامغۇر بىلەن
ياغ تاغلىرىمغا، ياغ باغلىرىمغا.
يالغاندىن بولسىمۇ، ياغارمەن ، دېگىن
ئىشەنمىسەممۇ ئىشىنىمەن
سەن سۆزلىسەڭ ئەگەر بىر قېتىم…
*******************************
ئۈمۈدۈم پەردىسىنى يېپىۋەتمە
ھىچ بولىسا بىر بۇرجىگىنى ئوچۇق قوي.
قۇياشنى تۇسۇپ ئەتىنى قاراڭغۇدا قويما
ئۈمۈدلىرىم دائېما قۇياش بىلەن ئېچىلسۇن.
سوزغىن قوللىرىڭنى يۇلتۇزلارغا
تۇتالمىساڭمۇ
يالغان بولسىمۇ،
تۇتىمەن دېگىن بىر قېتىم...
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەر
ئەگەر قەلەم ھەقىقى بولمىسىمۇ، سىز يەنىلا يېزىقچىلىق قىلامسىز؟
2011-07-23ئىستانبۇلدا «قۇرئان ۋە ئىلىمنىڭ ھەقىقەتلىرى» مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
2011-05-16