چاچ ۋە پوزىتسىيە

يوللىغۇچى : yesimen يوللىغان ۋاقىت : 2009-06-11 01:31:00

چاچ ۋە پوزىتسىيە ئاپتور ۋېي خۇامىڭ بىر ئايال ئەتىگەندە ئەينەككە قاراپ ، ئۆزىنىڭ ئۈچ تاللا چېچى قالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆز - ئۆزىگە : ‹‹ھېچقىسى يوق، بۈگۈن چېچىمنى بىر تال قىلىپ ئۆرۈۋالسام بولغۇدە...

    چاچ ۋە پوزىتسىيە

    ئاپتور ۋېي خۇامىڭ

     بىر ئايال ئەتىگەندە ئەينەككە قاراپ ، ئۆزىنىڭ ئۈچ تاللا چېچى قالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆز - ئۆزىگە : ‹‹ھېچقىسى يوق، بۈگۈن چېچىمنى بىر تال قىلىپ ئۆرۈۋالسام بولغۇدەك›› دەپتۇ - دە، چېچىنى ئۆرۈپ، بۇ كۈننى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزۈپتۇ.
        ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە ئۇ يەنە ئەينەككە قاراپ ئۆزىنىڭ ئىككى تاللا چېچى قالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆز - ئۆزىگە:‹‹ ھېچقىسى يوق، بۈگۈن چېچىمنى ئىككى تەرەپكە ئايرىۋالسام بولغۇدەك›› دەپتۇ - دە، چېچىنى ئىككى تەرەپكە ئايرىپ، بۇ كۈننىمۇ خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزۈپتۇ.
        ئۈچىنچى كۈنى ئەتىگەندە ئۇ ئەينەككە قاراپ ئۆزىنىڭ بىر تاللا چېچى قالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆز - ئۆزىگە:‹‹ھېچقىسى يوق، بۈگۈن چېچىمنى بىرلا قىلىپ بوغۇۋالسام بولغۇدەك›› دەپتۇ- دە، چېچىنى بىر بوغۇپ، بۇ كۈننىمۇ خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزۈپتۇ.
        تۆتىنچى كۈنى ئەتىگەندە ئۇ ئەينەككە قاراپ بىر تالمۇ چېچى قالمىغانلىقىنى كۆرۈپتۇ دە، خۇشال ھالدا:‹‹ بەك ياخشى بولدى، بۇنىڭدىن كېيىن چاچ تاراپ يۈرمەيدىغان بولدۇم›› دەپتۇ.
          زىلەيخا ئەزىز تەرجىمىسى --‹‹تەرمىلەر›› ژۇرنىلىدىن ئىلىندى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق