بەخت (لىپېيدۇڭ)

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-05-25 17:05:14

@font-face {font-family: UKIJ Tuz Tom; font-style: normal; font-weight: normal; src: url(UKIJTUZ0.eot); } * { font-family:UKIJ Tuz Tom;} بەخت لى پېيدۇڭئانارگۇل قاۋۇل تەرجىمىسى بىر يۈك كېمىسى دولقۇنلاپ تۇرغان ئاتلان

    بەخت

    لى پېيدۇڭ
    ئانارگۇل قاۋۇل تەرجىمىسى

     

       بىر يۈك كېمىسى دولقۇنلاپ تۇرغان ئاتلانتىك ئوكياندا كېتىپ باراتتى ، كېمە قۇيرۇقىدا ياللىنىپ ئىشلەۋاتقان بىر نېگىر بالا ئېھتىياتسىزلىقتىن ئۆركەشلەپ تۇرغان دېڭىزغا چۈشۈپ كېتىدۇ ، بالا ئاۋازىنىڭ بارىچە «قۇتقۇزۇڭلار» دەپ ۋارقىرىغان بولسىمۇ ، شىددەتلىك دولقۇن ئاۋازىدا كېمىدىكىلەرنىڭ ھېچقايسىسى ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمايدۇ ، كېمە ئاپئاق بۇژغۇنلارنى ھاسىل قىلغىنىچە بارغانسېرى يىراقلىشىشقا باشلايدۇ...
    ھاياتقا بولغان ئۈمىدۋارلىق بالىنى مۇزدەك سوغۇق سۇدا ئالغا قاراپ ئۈزۈشكە دەۋەت قىلىدۇ ، ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن بىر جۈپ كىچىككىنە قولىنى پۇلاڭلاتقىنىچە بېشىنى سۇ يۈزىگە چىقىرىپ كېمە كەتكەن تەرەپتىن كۆزىنى ئۈزمەيدۇ.
    كېمە بارغانسېرى يىراقلىشىپ ناھايىتى كىچىك كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ ، ئاخىرىدا پۈتۈنلەي كۆزدىن غايىب  بولۇپ ، پەقەت بىپايان چەكسىزلىكلا قالىدۇ . بالىمۇ بارغانسېرى ھالسىزلىنىشقا باشلاپ ، ئۈزگۈدەك ماجالى قالمايدۇدە ، ھايات قېلىشتىن ئۈمىدىنى ئۈزىدۇ . بۇ ۋاقىتتا ئۇ كېمە باشلىقىنىڭ مېھرىبان ، ئىللىق چىرايى ۋە ئاق كۆڭۈللۈك چىقىپ  تۇرغان كۆزلىرىنى يادىغا كەلتۈرۈپ «ياق ، كېمە باشلىقى مېنىڭ دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكىنىمدىن خەۋەر تاپسا چوقۇم كېلىپ مېنى قۇتقۇزىدۇ» دەپ ئويلايدۇ . شۇنىڭ بىلەن بالا قايتىدىن غەيرەتكە كېلىپ ئەڭ ئاخىرقى كۈچىنى ئىشقا سېلىپ يەنە ئالغا قاراپ ئۈزۈشكە باشلايدۇ...
    دەرۋەقە ، كېمە باشلىقى نېگىر بالىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بايقاپ «بالا چوقۇم دېڭىزغا چۈشۈپ كەتتى» دەپ پەرەز قىلىدۇدە ، كېمىنى ئارقىغا ياندۇرۇپ بالىنى ئىزدەشكە بۇيرۇق قىلىدۇ . بۇ ۋاقىتتا بىرەيلەن ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ: «بۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەن تۇرسا ، سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلمىگەن تەقدىردىمۇ ، ئاكۇلاغا يەم بولۇپ كەتكەندۇ» دەيدۇ . كېمە باشلىقى بىرپەس ئىككىلىنىپ قالىدۇ يۇ ، يەنىلا قايتىپ بېرىپ ئىزدەشنى قارار قىلىدۇ . يەنە بىرەيلەن: «بىر نېگىر شۇمتەك شۇنداق قىلىشقا ئەرزىمدۇ؟» دەيدۇ . كېمە باشلىقى ئۇنىڭغا «ئاغزىڭنى يۇم!» دەپ ۋارقىرايدۇ.
    ئاخىر ھېلىقى بالا چۆكۈپ كېتەيلا دەپ قالغان شۇ مىنۇتتا كېمە باشلىقى يېتىپ كېلىدۇ ۋە بالىنى قۇتقۇزۇۋالىدۇ.
    بالا ھوشىغا كەلگەندىن كېيىن يەردە تىزلىنىپ تۇرۇپ كېمە باشلىقىغا ئۆز رەھمىتىنى بىلدۈرگەندە ، كېمە باشلىقى بالىنى يۆلەپ تۇرۇپ:
      بالام ، سەن قانداقسىگە شۇنچە ئۇزۇن بەرداشلىق بېرەلىدىڭ؟   دەپ سورايدۇ . بالا:
      مەن سىزنىڭ چوقۇم كېلىپ مېنى قۇتقۇزۇۋالىدىغانلىقىڭىزنى بىلەتتىم،  دەيدۇ . كېمە باشلىقى:
      سەن قانداقسىگە مېنىڭ چوقۇم كېلىپ سېنى قۇتقۇزىدىغانلىقىمنى بىلىسەن؟  دەپ سورىغاندا ، بالا:
      چۈنكى مەن سىزنىڭ شۇنداق ئادەم ئىكەنلىكىڭىزگە ئىشىنەتتىم،  دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
    بۇ چاغدا چاچلىرى كۈمۈشتەك ئاقارغان كېمە باشلىقى نېگىر بالىنىڭ ئالدىدا گۈپپىدە تىزلىنىپ يىغلاپ كېتىدۇ ۋە «بالام ، مەن سېنى ئەمەس ، ئەكسىچە سەن مېنى قۇتقۇزدۇڭ ، مەن ئۆزۈمنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى بىر پەس ئىككىلىنىپ قالغانلىقىم ئۈچۈن نومۇس قىلىۋاتىمەن» دەيدۇ.
    ھەقىقەتەن بىر ئادەمنىڭ  باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىشىمۇ بىر خىل بەخت . باشقىلار ئۈمىدسىزلەنگەندە سىزنى يادىغا ئالسا ، سىزنىڭ ئۆزىنى قۇتقۇزالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشەنسە بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق بەخت بولمايدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.