چۈنكى، بۇ جاي جەننەتكە ئەڭ يېقىن

يوللىغۇچى : rukiya يوللىغان ۋاقىت : 2014-11-17 16:11:18

-بىزنى بۇنچە ئېگىز جايغا باشلاپ ئېلىپ چىقىپ نېمە قىلماقچىدىڭىز؟ بىز بۇ يەرگە مەنزىرە كۆرگىلى كەلمىدۇق!-دەيدۇ.

      چۈنكى، بۇ جاي جەننەتكە ئەڭ يېقىن
    مۇمېي
    ئادىلجان سېيىت تەرجىمىسى
    2013- يىلى 10- ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، راك كېسىلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدىكى 70 ياشلىق ياشانغان بوۋاينى ئائىلىسىدىكىلىرى مېيىپلەر ھارۋىسى بىلەن بىر دوىتۇرخانىغا ئېلىپ كىردى. بوۋاي بۇ دوختۇرخانىنىڭ مېيىت ساقلاش ئۆيىنى كۆرۈپ باقماقچىدى.
    دوختۇرخانىنىڭ بىر سېستىراسى مويسىپىتنىڭ كېلىش مەقسىتىنى بىلگەندىن كېيىن، مويسىپىت ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى ياتاق بىناسىنىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋىتى، يەنى 13- قەۋىتىگە باشلاپ چىقتى. نەتىجىدە، مويسىپىتنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرى ھەم ھەيران، ھەم نارازى بولغان ھالدا:
    -بىزنى بۇنچە ئېگىز جايغا باشلاپ ئېلىپ چىقىپ نېمە قىلماقچىدىڭىز؟ بىز بۇ يەرگە مەنزىرە كۆرگىلى كەلمىدۇق!-دەيدۇ.
    سېستىرا سەل تېڭىرقاپ قالىدۇ- دە، ئارقىدىن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:
    -ئەلۋەتتە، بۇنى بىلىمەن، بىراق بىزنىڭ دوختۇرخانىنىڭ مېيىت ساقلاش ئۆيى دەل 13- قەۋەتتە! بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى چىرايلىق، قۇياش نۇرىنىڭ چۈشۈشىمۇ ئەڭ ياخشى،- دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
    ئارقىدىن سېستىرا مويسىپىت ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى دېرىزىسى بار كىچىك مېيىت ساقلاش ئۆيىگە باشلاپ كىرىدۇ، بۇ ئۆينىڭ ئىچى ئىنتايىن نەپىس ۋە ئىللىق بېزەلگەنىدى.
    مويسىپىت دېرىزىدىن سىرتنىڭ مەنزىرىسىگە قاراپ بىر ھازا تۇرۇپ كەتكەندىن كىيىن، ئائىلىسىدىكىلەرگە:
    -مېنىڭ مۇشۇ دوختۇرخانىدا ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغۇم بار، كۆيدۈرۈلۈشتىن بۇرۇن مېنى مۇشۇ قايغا قۇيۇڭلار...- دەيدۇ.
    بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، مويسىپىتنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرىنىڭ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش قۇيۇلىدۇ ھەمدە دوختۇرخانىغا كىرىش رەسمىيىتىنى بېجىرىدۇ.
    بۇ دوختۇرخانا نېمە ئۈچۈن مېيىت ساقلاش ئۆيىنى باشقا دوختۇرخانىلارغا ئوخشاش قاراڭغۇ، نەم ۋە زەي يەر ئاستى ئۆيىگە ياكى ئادەملەرنىڭ ئايىغى يەتمەيدىغان چەت، بولۇڭ- پۇچقاقلارغا ئورۇنلاشتۇرماي، ئەكسىچە ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋەتكە ئورۇنلاشتۇرىدۇ؟
    بۇنىڭغا قارىتا، دوختۇرخانا مەسئۇلى چۈشەنچە بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:
    -بۇ جاي جەننەتكە ئەڭ يېقىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇياش نۇرى يېتەرلىك، مۇھىتى گۈزەل، يەنە كېلىپ قىلچىمۇ زېرىكىشلىك ئەمەس.
    بۇ دوختۇرخانىنىڭ ئىسمى «كامىدا ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىسى»بولۇپ، توكيوغا يېقىن بولغان چىبا ناھىيەسىدىكى كامۇگاۋا شەھىرىگە جايلاشقان. كامۇگاۋا شەھىرىنىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسى 40 مىڭغا يەتمەيدۇ. ئەمما، بۇ دوختۇرخانىنىڭ كۆلىمى خېلى چوڭ بولۇپ، 400 دىن ئارتۇق دوختۇر، 900 دەك سېستىرا ۋە مۇناسىۋەتلىك خادىملار ئىشلەيدۇ، يەنە كېلىپ بىمارلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ. دوختۇرخانىنىڭ تىجارىتىمۇ ناھايىتى ياخشى، چۈنكى نۇرغۇن بىمارلار دوختۇرخانىنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ يىراق- يىراقلاردىن بۇ دوختۇرخانىغا كېلىدۇ. نۆۋەتتە بۇ دوختۇرخانا ياپونىيەدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ سودىسى ئومۇميۈزلۈك كاسات ئەھۋالدىمۇ، بىردىنبىر راۋاج تېپىۋاتقان دوختۇرخانىدۇر.
    («تەرمىلەر» ژۇنىلىنىڭ 2014-يىللىق 7-سانىدىن ئېلىندى)

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر جەننەت