بارابارا- 1983-يىللىق نوبېل مېدىتسىنا مۇكاپاتى ساھىبى

يوللىغۇچى : Aptapperes يوللىغان ۋاقىت : 2008-09-11 19:30:00

بارا بارا ماكلىنتوك-Barbara McClintock [img]http://nobelprize.org/nobel_prizes/medicine/laureates/1983/mcclintock.jpg[/img] بارا بارا ماكلىنتوك(1902- 1992)ئامېرىكىلىق ئىرسىيەتشۇناس بۇلۇپ، ئۇ قوناق قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەردىكى « يۆتكىلدىغان ئىرسىيەت

    بارا بارا ماكلىنتوك-Barbara McClintock [img]http://nobelprize.org/nobel_prizes/medicine/laureates/1983/mcclintock.jpg[/img] بارا بارا ماكلىنتوك(1902- 1992)ئامېرىكىلىق ئىرسىيەتشۇناس بۇلۇپ، ئۇ قوناق قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەردىكى « يۆتكىلدىغان ئىرسىيەت گېنى تەلىماتى» نى ئوتتۇرغا قويغانلىقى ئۈچۈن، 1983-يىلى نوبىل فىزولوگىيە ۋە مېدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېىشكەن. بارا بارا 1902-يىلى ئامېرىكىنىڭ كوننىكتۇت شىتاتىنىڭ خاردفورت ناھىيىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، كىچىكىدىنلا باشقا بالىلارغا پەقەتلا ئوخشىمايتى. ئۇ قائىدە-يوسۇننىڭ ئۆزىنى باشقا بالىلاردەك چۈشەپ قويۇشنى خالىمايتى. ئاتا-ئانىسىمۇ قىزىنىڭ ئىش-ھەركىتىنىڭ قائىدە- يوسۇن دائىرسىدىن ھالقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلسىمۇ، بۇنى قىزىنىڭ باشقىلاردىن پەرىقلىندىغان تەرىپى، دەپ قاراپ چەكلىمەستىن، ئەكسىچە ئېھتىياتچانلىق بىلەن قوغدايتى. بارا بارا مەكتەپتە ئوقۇشنى خالىمايدىغان بۇلۇپ، ئاتا- ئانىسىمۇ ئۇنىڭ دەرس قالدۇرىشىغا يول قوياتتى. شۇنىڭ بىلەن، بارا بارا بىر مەۋسۇمدىن ئارتۇقراق دەرس قالدۇرغان. ئاتا-ئانىسى مەكتەپ مائارىپى بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى كىچىك بىر بۆلەك، بالا ھەركۈنى مەكتەپكىلا باغلىنىپ قالماسلىقى كېرەك، دەپ قارايتى. ئاتا-ئانىسى بالىسىنىڭ ئۆگەنگىنىنىڭ ئۇسۇل، يۇقىرى كۆتۈردىغىنىنىڭ ساپا بۇلۇشىنى، ھەرگىزمۇ قانچىلىك بىلىمنى يادلىغانلىقى بولماسلىقىنى ئۈمۈد قىلاتتى. شۇڭا، باشقا ئوقۇغۇچىلار تەييار بىلىملەرنى تەرتىپ بويىچە قۇبۇل قىلىش بىلەن يۈرگەن ۋاقتىدا، بارا-بارا مۇئەللىمدىن جاۋابىنى ئۆزى تېپىشقا رۇخسەت قىلىشنى ئۆتۈنەتتى. دىمىسىمۇ ئۇ تىرىشىپ- تىرمىشىپ توغرا جاۋاپنى ھامان ئۆزى تاپاتتى. ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆز رايىغا بېقىشى بىلەن بارا بارا ئۆزىنىڭ قىزىقىشىنى ئەركىن تەرەققى قىلدۇردىغان ئىمكانىيەتكە ئېرىشكەن. ئۇنىڭ باشقىلارنىڭ قانداق قارىشى بىلەن كارى يوق بۇلۇپ ، پەقەت ئۆزى توغرا دەپ قارىغان ئىشنى چوقۇم قىلاتتى ھەمدە ئۇنى بىر باشقا ئېلىپ چىقاتتى. بارا بارا ئوتتۇرا مەكتەپ ۋاقتىدىلا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشنى قارار قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بۇ ئويى ئاپىسىنىڭ قارشى تۇرىشىغا ئۇچىرغان.چۈنكى ئەينى چاغدا، كىشىلەر قىز بالىنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشىنىڭ ھاجىتى يوق، ئۆي ئىشىنى قىلىشنى، بالا بېقىشنى بىلسىلا بولدى، دەپ قارايتى. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان قىزلارنى كىشىلەر «غەيرى » ھېس قىلاتتى ئوغۇلارمۇ ئالىي مائارىپ تەربىيسى ئالغان قىزلارنى ئەمرىگە ئېلىشنى خالىمايتى. چۈنكى بۇنداق ئاياللار ھەمىشە ئۆز ئىنتىلىشلىرى بىلەن بۇلۇپ كېتىپ ،ياراملىق ئائىلە ئايالى بولالمايدۇ ددەپ قارىلاتتى. ئانىسى قىزىنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشىغا قوشۇلمايتى، چۈنكى ئۇ قىزىنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغاندىن كېيىن ئالىي مەكتەپ پروفېسورى بۇلۇپ، تۇرمۇشىنىڭ تاينى يوق، «غەيرى ئادەم » گە ئايلىنىپ قېلىشىنى خالىمايتى. لېكىن بارا بارا ئاپىسىنىڭ قوشۇلۇش -قوشۇلماسلىقى بىلەن ھېساپلىشىپ ئولتۇرماي ئۆز قارارى ئۈچۈن ھەركەتلىندۇ، ئۇ ئاپىسىنىڭ قوشۇلىشىنى كۈتمەيلا كاننىرا يېزا -ئگىلىك ئىنىستۇتىغا ئىلتىماس سۇنىدۇ ھەمدە ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزىشنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدىن باشلاپ ئالىي مەكتەپكە كىرىش تەييارلىقىنى باشلىۋېتىدۇ. يەنە كۈندۈزى خىزمەت تونۇشتۇرۇش ئورنىدا ئىشلەپ، ئالىي مەكتەپ خىراجىتى ئۈچۈن پۇل يىغىدۇ، قىزىنىڭ بىلىمگە بولغان ئىنتىلىشى ئاپىسىنى تەسىرلەندۈرگەنلىكتىن، ئاپىسى ئاخىرى يەنىلا قىزىنىڭ قوللىغۇچىسىغا ئايلىندۇ. كىچىكىدىنلا باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان قاراشقا ئىگە بارا بارا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئالاھىدە تەربىيلەش ئۇسۇلى نەتىجىسىدە، ئۆزگىچە يول تۇتۇپ، ئەنئەنىۋى قاراشتىن ئالاھىدە پەرقلىندىغان نەزىرىنىنى ئوتتۇرغا قويۇپ دەۋىرنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ. ئۇنىڭ بۇخىل نەزىريىسى سوغۇق مۇئامىلىلەردىن خالىي بولالمىغان بولسىمۇ ئەمما ئۇيەنىلا قەتئىيلىك بىلەن ئۆز يولىدا مېڭىپ، ئاخىر گۈزەل كەلگۈسىنى كۈتۈۋالىدۇ.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق