رەقىبىڭىز تېخىمۇ جىددىيلىشىدۇ

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-05-13 18:37:32

كىچىك چېغىمدا يىراق بىر تۇغقىنىم دائىم ئوۋچىلىق ھەققىدىكى قىزىقارلىق ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرەتتى. ئۇ ھېكايىلەرنىڭ ئىچىدە بۆرە بىلەن تار يولدا دوقۇرۇشۇپ قالىدىغان ھېكايىگە قەۋەتلا ئامراق ئىدىم.


    رەقىبىڭىز تېخىمۇ جىددىيلىشىدۇ
    جۇ خەيلياڭ
    ئۆمەر ئامۇت تەرجىمىسى
     
    كىچىك چېغىمدا يىراق بىر تۇغقىنىم دائىم ئوۋچىلىق ھەققىدىكى قىزىقارلىق ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرەتتى. ئۇ ھېكايىلەرنىڭ ئىچىدە بۆرە بىلەن تار يولدا دوقۇرۇشۇپ قالىدىغان ھېكايىگە قەۋەتلا ئامراق ئىدىم.
    -ئەنسىرىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق،-دېگەنىدى تۇغقىنىم،-بۆرە سەندىنمۇ بەكرەك جىددىيلىشىدۇ. ئۇنىڭ كۆزلىرىگە مىختەك قادىلىپ تۇرۇۋال، كۆزۈڭنى ھەرگىز ئۇياق-بۇياققا قاچۇرما، جىددىيلەشكىنىڭنى قىلچە چاندۇرما. شۇ تەرىقىدە بىردەم تىكىلىپ قاراشقاندىن كېيىن، بۆرە ئۆزلىكىدىن قورقۇپ تىكىۋېتىدۇ.
    بۇ ئۇنىڭ ھەقىقىي كەچۈرمىشى ئىدى. بۆرە بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالغاندا ھەر قانچە قورقسىڭىزمۇ، غەيرىتىڭىزگە كېلىپ، جىددىيلىشىۋاتقانلىقىڭىزنى بۆرىگە چاندۇرۇپ قويمىسىڭىزلا ئاخىرقى غالىبلاردىن بولالايدىكەنسىز.
    -بۆرىمۇ جىددىيلىشىدىكەن، سەندىن بەكرەك جىددىيلىشىدىكەن. مۇتلەق شۇنداق ئىكەن،-دېگەنىدى تۇغقىنىم،-بۆرىنىڭ ھەرىكىتى ئۇنىڭ قەلبىگە ئاسىيلىق قىلدى.
    نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا بىر دوستۇم شەھەرلىك مەدەنىيەت سارىيى تەشكىللىگەن شاھمات مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، بىر باشتىن سۈرۈپ يەڭگىنىچە، ئۇتتۇر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىپ كەتتى. ئەمما كۆز ئالدىغىلا كېلىپ قالغان چېمپىيونلۇقنى تالىشىشقا كەلگەندە، تاللاش مۇسابىقىسى ۋە يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدىكىدەك ئۇنداق بىمالال بولالماي، ئەكسىچە جىددىيلىشىپ قارا تەرگە چۆمۈپ كەتتى.
    ئۇ كۈنى مەن ئىزچىل ئۇنىڭ يېنىدا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنى كۆرۈپ تۇرغانىدىم. ئۇ دەسلەپ خۇددى ئېلىشىپ قالغاندەك ئۇرۇقلارنى قارىسىغىلا ماڭغىلى تۇردى.
    ئەمما ئويلىمىغان يەردىن چېمپىيون بولدى.
    ئىشتىن كېيىن ئۇ ماڭا:
    -ئارىلىقتا نەچچە قېتىم بەل قويۇپ بېرىپ، يېڭىلگەنلىكىمگە تەن بېرەي دېگەنىدىم، كېيىن بېشىمنى كۆتۈرۈپ رەقىبىمگە شۇنداق قارىسام، ئۇنىڭ كۆزىدىن مەندىنمۇ بەكرەك جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكىنى بايقىدىم،-دېدى.
    شۇنىڭ بىلەن ئۇ قايتىدىن ئۆزىنى رۇسلاپ، بۇ قول شاھماتتا ئۇتۇپ چىقىپتۇ.
    ئىشلار ئەمەلىيەتتە مانا مۇشۇنداق ئاددىي.
    مەنبە: «تەرمىلەر» ژۇرنىلى 2013-يىللىق 4-سان
     ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئەسەر ئاللاقاچان ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونىغا يوللىنىپ بولغان! ئوكيان قامۇسىغا ئەگىشىپ سەرخىل مەزمۇنلاردىن ۋاقتىدا بەھرىمان بولۇڭ، ئىزدەش نامى: okyanqamus                                                                                       
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر رەقىب بۆرە مۇسابىقە