ئېگىز پاشىلىق ئاياغ -- ئاياللارنىڭ ئۆزىنى سۆيۈشى ۋە خارلىشى

يوللىغۇچى : yesimen يوللىغان ۋاقىت : 2009-05-09 01:04:00

ئېگىز پاشنىلىق ئاياق ئاياللارنىڭ ئۆزىنى سۆيۈشى ۋە خارلىشى ئېگىز پاشنىلىق ئاياق ئاياللار گۈزەللىكنى گەۋدىلەندۈرىدىغان ئەڭگۈشتەر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاياللارنىڭ زىلۋالىقىنى ئاشۇرۇپ تۇرىدۇ. بى...

        ئېگىز پاشنىلىق ئاياق

          ئاياللارنىڭ ئۆزىنى سۆيۈشى ۋە خارلىشى ئېگىز پاشنىلىق ئاياق ئاياللار گۈزەللىكنى گەۋدىلەندۈرىدىغان ئەڭگۈشتەر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاياللارنىڭ زىلۋالىقىنى ئاشۇرۇپ تۇرىدۇ. بىر جۈپ ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنىڭ ئاياللارنى شۇنچىۋالا جەلىپ قىلىۋالغۇدەك زادى نېمە ئالاھىدىلىكى بار؟ ئۇ ئاياللارنىڭ قايسى پسىخىك تەلىپىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ؟ ئاياللىق سېھرىي كۈچنىمۇ؟مودىلىقىمۇ؟ياكى ئىشەنچ، ھەتتا ھوقۇقنىمۇ؟ ۋە ياكى ئاياللارھوقۇقىنى تەرغىب قىلغۇچىلار ئېيتقاندەك، ئاياللار سالامەتلىكىگە بولغان تەھدىت ۋە چەكلىمىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەمدۇ؟ بەلكىم ھەربىر ئايالغا نىسبەتەن ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنىڭ ئەھمىيىتى ئوخشىماسلىقى مۇمكىن، ئەمما ئۇلارنىڭ ئېگىز پاشنىلىق ئاياغقا چوڭقۇر مېھرى بار. مەيلى قەدىمدە ياكى ھازىرقى دەۋردە بولسۇن،ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنى ئاياللار ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ. قەدىمكى گرېتسىيىدە ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ ئاياللارنىڭ ئاياللىق سېھرىي كۈچى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىدى. شەرەنداز ئاياللار بۇ نۇقتىنى بەك ئېنىق تونۇپ يەتكەن، ئۇلار ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنى كىيىپ ماڭغاندا جاراڭلىق ئاۋازنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتى، چۈنكى ئۇ ئاۋاز كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھېس قىلدۇراتتى. ھازىر ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ ئاياللار تۇرمۇشىدىكى زۆرۈر تۇرمۇش بۇيۇمىغا ئايلىنىپ قالدى. ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيگەندىن كېيىن ئاياللار خۇددى ئەرلەرنى تېخىمۇ بەكرەك جەلپ قىلىدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. ئامېرىكا ئارمىيىسىدىكى بىر مىليون 500 مىڭدەك ئەسكەردە «سۇ ئۈزۈش كىيىمى كىيگەن گۈزەل» گرابلنىڭ سۈرىتى بار. سۈرەتتە ئۇ سۇ ئۈزۈش كىيىمى بىلەن ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيگەن. بىر ئەسىردىن بېرى گۈزەللىك تاللاش مۇسابىقىسىگە تاللانغان گۈزەللەر سۇ ئۈزۈش كىيىمى بىلەن ئانچە ماسلاشمايدىغادەك كۆرۈنىدىغان ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ بىلەن سەھنىدە ئۇيان - بۇيانغا تولغىنىپ مېڭىۋاتىدۇ، ھەتتا ئەنگلىيىنىڭ دۇنياغا داڭلىق مارافونچە يۈگۈرۈش تەنھەرىكەتچىسى رادىكلۇنىڭ 10 سانتىمېتىر ئېگىزلىكتىكى ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ بىلەن شۇ ئۈزۈش كىيىمى كىيىپ چۈشكەن سۈرىتى«كۆزەتچىلەر تەنھەرىكەت ئايلىق ژۇرنىلى» نىڭ مۇقاۋىسىغا بېرىلگەن. ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ مودا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. مودىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنىڭ شەكلىدىمۇ نۇرغۇن ئۆزگىرىش بولدى. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-70- يىللىرىدا ياۋروپا بىلەن ئامېرىكىدا تىزغا كەلگۈدەك ئۇزۇن خرۇم ئۆتۈك مودا بولدى، ئۇ پۇتنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ناھىتى ياخشى گەۋدىلەندۈرگەن. 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرى مەلىكە دىئاننانىڭ دەۋرى بولۇپ، ئۇ ئاياغنىڭ پاشنىسىنى ئېگىزلەتكۈزۈپ ئۆزىنىڭ تەكشى ھەم گۈزەل پۇتىنى نامايان قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىش تېخىمۇ مودا بولغان.1993- يىلى قارا تەنلىك دەرىجىدىن تاشقىرى مودېل نائومى كانبىر 22 سانتىمېتىر ئېگىزلىكتىكى كېرى ئايىغىنى كىيىپ، كىيىم مودېلى سەھنىسىگە چىققاندا ئەرلەر بىلەن ئوخشاش ئېگىزلىكتە بولغان. ئەپسۇسلىنارلىقى، دەل شۇ دەقىقىدە ئۇ سىرتتىن قوشۇلغان ئېگىزلىكنى كونترول قىلالماي سەھنىدە يىقىلىپ چۈشكەن. نەرسە - كېرەك سېتىۋېلىش ئاياللارنى قاتتىق جەلپ قىلغاندەك، ئېگىز پاشنىلىق ئاياغمۇ ئاياللارغا چەكسىز پسىخىكىلىق قانائەت ئېلىپ كېلىدۇ. مانا بۇ ئاياللارنىڭ ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنىڭ سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، ئۇنىڭدىن مېھرىنى ئۈزەلمەسلىكىنىڭ بىر سەۋەبدۇر. پسىخولوگلار بۇنى ئاياللارنىڭ ئۆزىگە مەپتۇن بولۇش بىلەن ئۆزىنى خارلاش ئوتتۇرىسىدىكى مەڭگۈلۈك زىددىيەت دەپ چۈشەندۈرىدۇ. ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيگەندە، بەدەن تىك تۇرغاچقا، ئادەم تەبىئىي ھالدا ئۆزىنى چىرايلىق ھېس قىلىدۇ. ئىنچىكە ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنى كىيگەن ئاياللارنىڭ يول ماڭغاندا تولغىنىپ تۇرغان ساغرىسى كىشىنى تولىمۇ جەلپ قىلىدۇ. ئاياللار 30 ياشتىن ئاشقاندا، ئەۋزەللىك تۇيغۇسىنى يوقىتىدۇ، ئەمما سېھىرلىك ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ چىرايلىق ھەم مودا بولغاچقا، ئۇلارنى تېخىمۇ ياش، تېخىمۇ جەلپكار كۆرسىتەلەيدۇ. شۇغىنىسى، بۇ خىل ئاياغ ھەقىقەتەن ئادەمنى ھاردۇرۇۋېتىدۇ. ئېنىقكى، ئۇ خىزمەتچى ئاياللار ئۈچۈن ئىشلەنگەن ئەمەس، شېغىل يولدا ماڭىدىغان ئاياللارغا تېخىمۇ ماس كەلمەيدۇ. ئۇ رېئاللىققا تەۋە ئەمەس، چۈنكى ئۇنىڭدا بىر خىل ئارمانىي تۈس بار. ئاشۇ ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيگەن ئاياللار ئۆيدىن چىققاندا ئولتۇرغۇدەك پۇرسەت چىقسىلا ئايىغىنى سالىدۇ، بىردەمدىن كېيىن يەنە كىيىدۇ. پەقەت يۇمشاق قىزىل گىلەم ئۈستىدە بىر قانچە قەدەم ماڭالايدۇ، خالاس. ئۇلار بىزگە ئوخشىمايدۇ، ئۇلار ھەقىقەتەن بۇ ئاياغنى كىيىپ يول مېڭىشقا موھتاج ئەمەس. ئىستېمالچى بولغان سىلەر ئويلاپ باقتىڭلارمۇ؟ئۇ نەرسىلەرنىڭ بىزگە زادى نېمە ئەھمىيىتى بار؟ بىز ئاياللارنىڭ ئۆزىنى ئېگىز لىتىش ئۇسۇلىنى ئەيىبلىمەكچى ئەمەس. بۇمۇ بىر خىل تونۇش ۋە تونۇلۇشتىكى ئىجتىمائىي ئىستراتېگىيە. مودا قوغلىشىشتىن ئۆزىنى كونترول قىلالمايدىغانلارغا نىسبەتەن، ئۇ ئۇزاق مۇددەت ئۆزبەدىنىنىڭ مۇھىم قىسمىنى ئازابلايدىغان ئىش، خالاس. «تەرمىلەر» ژۇرنىلدىن ئېلىندى جىمميې جىل تەرجىمە قىلغۇچى:گۈلئازات تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق