ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىدىن تەرمىلەر

يوللىغۇچى : Abral يوللىغان ۋاقىت : 2008-01-31 02:47:00

ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىدىن تەرمىلەرتولغىنىپ كوچاڭغا كىردىم،سېنى تاپتىم ئەۋرىشىم .يۈرەكىم زەرداب بولۇپ، قانغا ئۆرۈلدى كوز يېشىم .كېچە بولسا تاڭ ئاتمايدۇ ،قىيامەت بولغان ئوخشايدۇ .ئۇچاي دېسەم ئۇ...

    ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىدىن تەرمىلەر

    تولغىنىپ كوچاڭغا كىردىم،
    سېنى تاپتىم ئەۋرىشىم .
    يۈرەكىم زەرداب بولۇپ،
    قانغا ئۆرۈلدى كوز يېشىم .

    كېچە بولسا تاڭ ئاتمايدۇ ،
    قىيامەت بولغان ئوخشايدۇ .
    ئۇچاي دېسەم ئۇچالمىدىم ،
    قانىتىم سۇنغان ئوخشايدۇ .

    كۈتەرمەنمۇ-كۈتەرمەنمۇ ،
    شۇنچىمۇ كۈتەرمەنمۇ ؟
    ئالتۇن قارا كۆز يارنى  ،
    سۆيەلمەي ئۆتەرمەنمۇ ؟

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    يارىم مېنى چىللايدۇ ،
    بارسام ئەتە تىللايدۇ  ،
     تىللىسىمۇ تىللىسۇن ،

    يۈرەكىم يارغا قانمايدۇ !

    قارغاينى كېسىپ قويدۇم ،
    قۇرۇسا ئالارمەن دەپ .
    ئەتىمنى قوشۇپ قويدۇم ،
    بۇيرۇسا بارامەن دەپ  .

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

    مېنىڭ شۇ كۈنلەردىكى سېغىنىش ،ھىجران ئازابلىرىم بۇ قوشاقلارنى قايتا ئېسىمگە سالغىنى ئۈچۈن ،ماڭا ئوخشاش يۇرتىنى،ئۇرۇق-تۇغقان ،پەرزەنتلىرىنى سېغىنىپ ،ھىجران ئوتىدا تولغىنىپ ،مېھرى- مۇھەببەتكە تەشنا بولۇۋاتقان دوسلىرىمنىڭ كۆڭلى ئازراق بولسىمۇ ئەمىن تاپسۇن دەپ بۇ قوشاقلارنى بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ قويدۇم .

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق