تاپشۇرۇلمىغان خەتلەر-22- پارچە خەت

يوللىغۇچى : Abral يوللىغان ۋاقىت : 2008-03-20 01:07:00

تاپشۇرۇلمىغان خەتلەر-22- پارچە خەت مۇستەقىل پىكىر قىلىش ئىزدىنىش قابىلىيىتى ھەققىدە سالام سابا: ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى ماڭا تەسىر قىلغان ئامىللار ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ ئۆزگىچە مائارىپ قۇرۇلمىسى ۋ...

    تاپشۇرۇلمىغان  خەتلەر-22- پارچە خەت

    مۇستەقىل پىكىر قىلىش ئىزدىنىش قابىلىيىتى ھەققىدە

    سالام سابا:
    ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى ماڭا تەسىر قىلغان ئامىللار ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ ئۆزگىچە مائارىپ قۇرۇلمىسى ۋە ئۇنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى رولى مەسىلىسى بولدى.
        ئالدىنقى قېتىمقى خەتلىرىمدە دېگىنىمدەك، ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورتاق بىر ئالاھىدىلىكى مۇستەقىل پىكىر قىلىش، ئۆزىنىڭ كۆزقارىشىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇش، ئۆزىگە خاس كۆزقاراشقا ئىگە بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىنى سۆزلەپ ئۆتكىنىم ئېسىمدە.
        دەسلەپ كەلگەن چاغلىرىمدا ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئوقۇتقۇچى ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرگە نىسبەتەن شۇنچىلىك ئەركىن، ئۆزىگە خاس كۆزقاراشلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا دادىللىق بىلەن ئىپادىلىشى مېنى ھەيران قالدۇرغان، ئۇلارنى ۋەتەندىكى كەمسۆز، تارتىنچاق ئوقۇغۇچىلىرىم بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئۇلاردىكى بۇ خىل مۇستەقىل پىكىر قىلىش ئۇسۇلىغا قايىل بولغان ئىدىم. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مەن بۇ خىل مۇستەقىل پىكىر قىلىش شۇنداقلا ئۆز كۆزقارىشىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويالايدىغان قابىلىيەتنىڭ ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلاردىكى ئورتاق ئالاھىدىلىك ئىكەنلىكىنى بارغانچە چوڭقۇر ھىس قىلىشقا باشلىدىم.
        ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ مۇستەقىل قارىشىدا چىڭ تۇرۇش، ئۆزى ئويلىغانلىرىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇش، ھەتتا ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ سىناپ بېقىشقا جۈرئەت قىلىش ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى.
        ئامېرىكا مەكتەپلىرىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇلارنىڭ مائارىپ قارىشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىكەن. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەبىئىي ئالاھىدىلىكى ۋە بۇ ئالاھىدىلىككە ماس ھالدىكى كەسپلەرنى تاللىشى ئۇلارنى تەربىيىلەشتىكى ئاساسى نىشان قىلىنىدىكەن. ئامېرىكا مائارىپىدا بۇ خىل تەربىيىلەش ئۇسۇلى باشلانغۇچ مائارىپىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن.
        ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئامېرىكا مائارىپىدىكى بۇ خىل ئۆزگىچىلىك مېنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى. ۋاشىنگىتونغا دەسلەپ بارغان چېغىمدا نەۋرە ھەدەمنىڭ ئۆيىدىكى كىتاب ئىشكاپىغا تىزىپ قويۇلغان ھەر خىل ساپال بۇيۇملار مېنى ئۆزىگە قاتتىق جەلپ قىلغان ئىدى. بۇلار بازاردا سېتىلىدىغان نەپىس بۇيۇملاردىن پەرقلىق ھالدا ياسىلىشى قوپال، ئەمما ئۇنىڭدىن ئۆزگىچە بىر خىل ئىجادىي قابىلىيەت سېزىلىپ تۇراتتى. مەن دېلفىن شەكلىدە ياسالغان كىچىك گۈل لوڭقىسىغا سەپ سالدىم، دېلفىن كۆككە قارىغىنىچە ئاغزىنى ئېچىپ تۇراتتى، ئۇنىڭ ئېگىلگەن قۇيرۇقى بىر تەرەپكە قىڭغىيىپ تۇراتتى... مېنىڭ بۇلارغا زوقلىنىپ قاراپ تۇرغىنىمنى كۆرگەن نەۋرە ئىنىم كۈلۈپ بۇلارنىڭ ھەممىسى نىگارەنىڭ ئىجادىيىتى، ئۇ مەكتەپنىڭ كۇلالچىلىق ئۆيىدە بۇلارنى ياساپ چىقىپتۇ. ماۋۇ كېنگۇرۇ ۋە ئۇنىڭ خالتىسىدىكى بالىسى، بۇ پاقا ۋە ئۇنىڭ قۇمچاقلىرى، بۇ ئاكۇلا بېلىقى... نەۋرە ئىنىم ماڭا كىتاب ئىشكاپىدىكى بۇ سەنئەت بۇيۇملىرىنى چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى. "بۇلارنىڭ ھەممىسىنى نىگارە ئۆزى ياسىغانمۇ؟" "ئەلۋەتتە ئۆزى ياسىغان نەرسىلەر، بۇ مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن مەخسۇس ئىجادىيەت ئۆيى قۇرۇلغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار بۇ يەردە ئۆزىنىڭ تەپەككۇرىغا تايىنىپ ئۆزى خالىغان نەرسىلەرنى ياسايدۇ." كېيىن نىگارە بىلەن بولغان سۆھبىتىم مېنى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بۇ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ۋەتەندىكى ئوخشاش ياشتىكى بالىلاردىن پەرقلىنىدىغان نۇرغۇنلىغان ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدۇردى. ئەمدىلا 16 ياشقا كىرگەن بۇ قىزدا بالىلارغا خاس ئوماقلىق ۋە ساددىلىقتىن باشقا يەنە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ ئۇرغۇپ تۇراتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى قىلچە تارتىنماستىن دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قوياتتى، ھەر ۋاقىت ئۆز كۆزقارىشىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىماقچى بولاتتى. ئۇ مەن بىلەن خۇددى چوڭ ئادەملەردەك رەسمىي پاراڭلاشتى. مېنىڭ ئوقۇش پىلانىمنى تەپسىلىي سورىدى، شۇنداقلا بۇ يەردە مەن يولۇقۇشۇم مۇمكىن بولغان بەزى قىيىنچىلىقلار ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلىشىم كېرەكلىكى ھەققىدىمۇ ئۆزىنىڭ خاس قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. ئۇ بۇلارنى ئوتتۇرىغا قويغان چېغىدا ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى مىسالغا ئېلىپ ماڭا ئامېرىكا جەمئىيىتى ھەققىدە بىر سائەتلىك دەرس ئۆتتى دېسەممۇ بولاتتى. كىچىككىنە قىزدىكى بۇ خىل مۇستەقىل قاراش مېنى شۇ چاغدا ھەيران قالدۇرغان ئىدى. نەۋرە ھەدەم قىزى ھەققىدە توختىلىپ "مانا بۇ ئامېرىكىچە تەربىيەنىڭ نەتىجىسى، بۇ يەردە بالىلار ئاشۇنداق ئۆزىنىڭ كۆزقاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويالايدۇ، كىچىكىدىن مۇستەقىل پىكىر قىلىش، مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگەن بولىدۇ، ئەمما بۇنىڭ زىيانلىق تەرىپىمۇ بار. بۇ يەردە بالىلارنى ۋەتەندىكىدەك ئاتا-ئانىنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان، چوڭلارنىڭ گېپىنى يىرمايدىغان، ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان قىلىپ تەربىيىلىگىلى بولمايدۇ؛ ئۇلار ئۆزىنىڭ ئويلىغىنى ۋە قىزىقىشى بويىچە ئۆزى ياقتۇرغان ئىشلارنى قىلىدۇ؛ گەرچە ئۇلارنىڭ بەزى ئىشلىرى ئاتا-ئانىلارنىڭ رايىغا باقمايدىغان، بىزنىڭ كۆزىمىزگە سىغمايدىغان ئىشلار بولسىمۇ، ئەمما بىز ئۇلارنى چەكلەشكە بەزىدە ئامالسىز قالىمىز. بالىلارغا ۋەتەندىكىدەك قاتتىق گەپ قىلىشقا بولمايدۇ، ئۇلارغا خۇددى چوڭلارغا مۇئامىلە قىلغاندەك باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۇلارنى گەپ بىلەن قايىل قىلىش كېرەك. راستىمنى دېسەم بەزىدە قىزىمنىڭ بەزى ئىشلىرى كۆڭلۈمگە ياقمىسىمۇ، ئەمما بېسىم قىلالمايمەن، پەقەت چۈشەندۈرۈش، قايىل قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىگە قايىل بولۇشىنى ئىستىمەكتىن باشقا ئامال يوق.
        شۇنداق، نەۋرە ھەدەم توغرا دەيتتى، بۇ يەردىكى بالىلار كىچىكىدىنلا ئاشۇنداق مۇستەقىل پىكىر قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلار ھەر ۋاقىت ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز پىكرىدە تۇرۇشقا، ئۆزىگە خاس قاراشنى يېتىلدۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرىدىكەن.
        كېيىنكى چاغلاردا ئۇنىۋېرسىتېت قارمىقىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە قىلغان بىر قېتىملىق تەكشۈرۈشۈم ئامېرىكا مائارىپى ھەققىدىكى تونۇشۇمنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.
        شۇ كۈنى ئالدىن كېلىشىۋالغان ۋاقىت بويىچە، مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ كەلدىم.
        ياشانغان مەكتەپ مۇدىرى جۇلىيانا بوش خانىم مېنى خۇشخۇيلۇق بىلەن كۈتۈۋالدى. ئىشخانا ئازادە بولۇپ، دەرىزە يېنىغا قاتار قىلىپ گۈل تەشتەكلىرى تىزىلغان ئىدى، مۇدىرنىڭ ئۈستىلىدە بىر قۇتىدا لىق شاكىلات كەمپۈت قويۇپ قويۇلغان ئىدى.
        --- شاكىلاتنى ياقتۇرامسىز، ياكى كەمپۈتنىمۇ؟ مەرھەمەت قىلىڭ!
        --- رەھمەت! مەن شاكىلاتنى بەك جىق يېمەيمەن، ئەمما كەمپىتتىن بىرنى يەي. ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتقاچ، مەن كەمپىتتىن بىر تالنى ئالدىم.
        --- بالىلار شاكىلات ۋە كەمپىتلەرگە تولىمۇ ئامراق، گەرچە ئۇلارنىڭ چىشىغا زىيان قىلسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئامراق نەرسىسىنى چەكلەشكە كۆڭلىمىز ئۇنىمايدۇ!
        --- شۇنداق، ئامېرىكىلىقلار تاتلىق-تۇرۇملارغا بەكلا ئامراق ئىكەن! مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنىڭ ھەممىسىدە كەمپىت ۋە شاكىلاتلار قويۇپ قويۇلىدىكەن. مېنىڭ جاۋابىم مۇدىرنى سۆيۈندۈرگەن بولسا كېرەك، ئۇ تولىمۇ خوش بولۇپ كەتتى.
        --- توغا دەيسىز، ئامېرىكىدا ھەرقانداق مۇلازىمەت ئورۇنلىرىدا شاكىلات ۋە كەمپىت بار، ئامېرىكىلىقلار تاتلىققا زىيادە ئامراقمىز، سىز بۇنىڭغا دىققەت قىلىپسىز-دە؟
        --- ئەلۋەتتە، ئۇنتۇپ قالماڭ، مەن ئۆرپ -ئادەتلەرگە قىزىقىمەن ئەمەسمۇ!
        سۆھبىتىمىز مانا مۇشۇنداق تولىمۇ تەبىئىي دوستانىلىك ئىچىدە باشلاندى! مۇدىرنىڭ قىزغىن مۇئامىلىسى، مەندىكى قورۇنۇشنى تۈگىتىپ ئۇنىڭ بىلەن ئەركىن سۆزلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. سۆھبەت تېمىسى ئۇلارنىڭ ئەركىن ھەم ئازادە شارائىت ئىچىدە بالىلارنى تەربىيىلەش ئۇسۇلى ھەققىدە بولدى.
        "بىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئارىسىدا ئۇنىۋېرسىتېتىمىزغا چەت ئەللەردىن ئوقۇشقا كەلگەن تەتقىقاتچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ پەرزەنتلىرى بىرقەدەر كۆپ، شۇڭا مەكتىپىمىزدە ئۇلارغا ئىنگلىز تىلى دەرسى باشقا دەرسلەرگە يانداشتۇرۇلۇپ ئۆتۈلىدۇ، ئۇلار دەسلەپتە ئازراق قىينالسىمۇ، لېكىن 3 ئايدىن كېيىنلا ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىمالال ئالاقە قىلالايدىغان ھالەتكە يېتەلەيدۇ، دەرسلەرنىمۇ ئۆزلەشتۈرۈپ بارىدۇ."
        "شۇنداق قىسقا ۋاقىت ئىچىدىمۇ؟" ئۇ مېنىڭ ھەيران قالغىنىمنى كۆرۈپ كۈلۈپ كەتتى.
        "ئەلۋەتتە، ئۇلارنى پۈتۈنلەي سۇدەك راۋان سۆزلىيەلەيدۇ، ھەممىنى تولۇق چۈشىنىپ كېتەلەيدۇ دېيەلمەيمەن، ئەمما ئۇلار ساۋاقداشلىرى بىلەن بىللە ئويناش، قىزىقارلىق كارتون فىلىملەرنى كۆرۈش، ھەر خىل ئويۇنلارنى ئويناش جەريانىدا تەبىئىي ھالدىلا تىل مۇھىتىغا ماسلىشىپ كېتەلەيدۇ. بىز ئەزەلدىن ئۇلارغا بېسىم قىلمايمىز، ھەممە ئىش بۇ بالىلارنىڭ ئۆز خاھىشى، قىزىقىشى بويىچە بولىدۇ.
        "ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسى ئېغىرمۇ؟ ئۇلارغا تاپشۇرۇق بېرىلەمدۇ؟"
        "ياق، دەرسنى ئېغىر دېگىلى بولمايدۇ، ئەمما تاپشۇرۇقلىرىمىز بار، كۆپىنچىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشى بويىچە ئۇلارغا ئائىلىدە ئۆزلىرى ياخشى كۆرگەن نەرسىلەرنىڭ مودېللىرىنى ياساش، ئۆزلىرىنىڭ ئويلىغىنى بويىچە خىياللىرىنى رەسىم قىلىپ سىزىش، ياكى ئۆز ئويلىغانلىرىنى يېزىش دېگەندەك تاپشۇرۇقلار بېرىلىدۇ.
        "ئۇلارنىڭ بۇ تاپشۇرۇقلىرىغا (پروجەكت)قانداق باھالار بېرىلىدۇ؟ بېكىتىلگەن ئۆلچەم دېگەندەك نەرسە بارمۇ؟ "ياق، مۇقىم بېكىتىلگەن ئۆلچەم يوق، مەسىلە ئۇلارنىڭ بۇ پروجېكتقا قىزىقىش-قىزىقماسلىقى، ئۆزلىرىنىڭ خاھىشى بويىچە بۇ تاپشۇرۇقنى ئىشلىگەن-ئىشلىمىگەنلىكىلا تەكشۈرۈلىدۇ، تاپشۇرۇقنىڭ سۈپىتى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. بىزنىڭ مەقسىدىمىز بالىلارنى "ئەقىللىق بالىلار" ياكى "دۆت بالىلار" دەپ دەرىجىگە ئايرىش ئەمەس، بەلكى ئۇلارغا ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى ئىپادىلىيەلەيدىغان ئۆز قىزىقىشى بويىچە ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدىغان پۇرسەت يارىتىپ بېرىشتۇر!" مۇدىر ماڭا ئوقۇغۇچىلار دەرس ئاڭلايدىغان سىنىپلارنى، ئۇلارنىڭ پائالىيەت ئويلىرىنى ھەم مەكتەپ قىرائەتخانىسىنى كۆرسەتتى...
        شۇ كۈنى مېنىڭ كۆرگەنلىرىم، مەندە مەڭگۈ ئۆچمەس تەسىر قالدۇردى دېسەم بولىدۇ. ھەممىلا جايدا ئاجايىپ بىر خىل ئازادە كەيپىيات، ئەركىن مۇھىت ئەكس ئېتەتتى... ئىختىيارسىز ۋەتىنىمىزدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئېسىمگە كەلدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆتۈرۈپ بولالمايدىغان يوغان سومكىلىرى، سىنىپتا ياغاچتەك قېتىپ ئولتۇرىدىغان ئوقۇغۇچىلار، كەچلىكى ئىشلەپ بولالمايدىغان تاپشۇرۇقلار، ياش ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ يېنىدا مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ ئۇلارغا ياردەملىشىپ تاپشۇرۇقنى تۈگىتىشى، دىققىتى چېچىلغان، ھارغان بالىلارنىڭ مۈگدەپ ئولتۇرۇشى...
        شۇنداق ھازىر مەكتەپلەردە مائارىپ ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، ساپا مائارىپى ۋە قوش تىللىق مائارىپ يولغا قويۇلىۋاتىدۇ... ئەمما بىز ساپا مائارىپىنى زادى قانچىلىك ئۆزلەشتۈردۇق؟ بالىلارنىڭ پائالىيەتلىرى كۆپەيدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇلارنىڭ سومكىلىرىدىكى كىتابلارمۇ كۆپەيدى... دەرسلىك كىتاب. پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى... تېخى سۆڭىكى قاتمىغان بۇ نارسىدە بالىلار ئېغىر سومكىلىرى دەستىدىن مۈكچىيىپلا قالاتتى... ھېلىمۇ ئېسىمدە، ئوغلۇمنىڭ سومكىسىنى ھەر كۈنى تەكشۈرۈپ تۇرىدىغىنىم، ئۇنىڭ دەرس سېتكىسىغا قاراپ كۈندىلىك كىتاب دەپتەرلىرىنى سېلىپ بەرسەممۇ سومكىنىڭ يەنىلا شۇنچە ئېغىرلىقى. ھېلىمۇ خۇداغا شۈكرى، ئوغلۇم ھەر ھالدا ئۆزلۈكىدىن ئوقۇشقا ئىشتىياق باغلىغان بالا بولغىنى ئۈچۈن ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ تاپشۇرۇق ئىشلەشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ باقمىدىم، تاپشۇرۇقلىرىنى ھەم ئىشلىشىپ بەرمىدىم... ئەمما بالىلىرىنى خەنزۇچە مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا بەرگەن دوستلىرىمنىڭ بالىلارنىڭ دەرسىگە يېتەكچىلىك قىلىمەن دەپ ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن چاغلىرىنى دائىم دېگۈدەك كۆرەتتىم.
        "رىقابەت دەۋرى بۇ، بالىلارغا ئۆگەتمىسەك ئۇلار يېتىشەلمەيدۇ، باشلانغۇچ مەكتەپتە نەتىجىسى 90 دىن تۆۋەن بولسا ئۇ ئوقۇغۇچىنىڭ كەلگۈسىدىن ئۈمىت كۈتكىلى بولمايدۇ!" مەن بىلەن تەڭ ياشتىكى خىزمەتدىشىمنىڭ بالىسىنى خەنزۇچە ئوقۇشقا بەرگەنلىكى ھەم خەنزۇچە مەكتەپلەرنىڭ تۈزۈمىنىڭ نەقەدەر قاتتىقلىقىدىن ماختىنىپ ئېيتقان بۇ سۆزى شۇ چاغدا جۇدۇنۇمنى ئۆرلەتكىنى ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن قايتۇرۇپ سورىغان سوئالىم ھېلىمۇ ئېسىمدە: "سىزنىڭچە بالىڭىزنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى ياخشى بولسىلا ئۇ ئىستىقباللىق بولارمۇ؟!"
        ئۇ سوئالىمنى جاۋابسىز قالدۇرغان ئىدى، ئەمما رەنجىگەنلىكى كۆزلىرىدىن چىقىپ تۇراتتى، بىردەمدىن كېيىن ئۇ ماڭا قاراپ: "ئەلۋەتتە ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە خەنزۇ تىلى سەۋىيىسىنىڭ ياخشى بولۇشى ھەممىنى بەلگىلىمەيدۇ، لېكىن بۇ بالىلار كېيىن قانداق قىلىدۇ؟ ۋەتىنىمىزدە ئادەم جىق، رىقابەت كۈچلۈك، ئۇلار نان تېپىپ يىيەلەرمۇ دەپ ئەنسىرەيمەن... شۇنداق، ۋەتىنىمىزدىكى ھەر بىر ئاتا-ئانىنىڭ ئەڭ چوڭ غېمى بالىلىرىنىڭ كەلگۈسىدە جان باقالىشىدىن ئەنسىرەش... مەيلى ياش ئاتا-ئانىلار بولسۇن، ياكى ياشانغان ئاتا-ئانىلار بولسۇن، ئوخشاش غەم ئوخشاش ۋەھىمە ھەممىنى ئەندىشىگە سالىدۇ... شۇڭا ۋەتەندىكى ئاتا-ئانىلىرىمىز غەمكىن بالىلىرىمىز ھارغىن...
        جۇلىيانا خانىم بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن قەلبىمنى ئاجايىپ مۇرەككەپ ھىسلار قىيناشقا باشلىدى...

    خوش ئامان بولۇڭ.

    ---- لالە

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق