ئانا تىلنى قوغداش ئۇرۇشى(فېڭشۈن)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-26 01:51:42

ئانا تىلنى قوغداش ئۇرۇشى 2002-يىلى قىشتا، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى كانادانىڭ تورۇنتو شەھىرىگە كۆچۈپ باردۇق. شۇ كۈنى كەچتە بىز كەچلىك تاماقنى ئەمدىلا يەپ بولۇشىمىزغا ئىشىك چىكىلدى. ئىشىكنى ئېچىپ...

    ئانا تىلنى قوغداش ئۇرۇشى



       2002-يىلى قىشتا، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى كانادانىڭ تورۇنتو شەھىرىگە كۆچۈپ باردۇق. شۇ كۈنى كەچتە بىز كەچلىك تاماقنى ئەمدىلا يەپ بولۇشىمىزغا ئىشىك چىكىلدى. ئىشىكنى ئېچىپ قارىۋىدىم، ئىشىك چەككۈچى چاچلىرى كۈمۈشتەك ئاقارغان ياشانغان بىر بودەك خانىم ئىكەن. خانىم تونۇشلۇق  بېرىپ ئىسمىنىڭ رايىس بولۇپ، فىرانسىيەلىك كۆچمەن ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ بىز كۆچۈپ كەلگەن بىنانىڭ ئاستىنقى قەۋىتىدە تۇرىدىغانلىقىنى  ئېيتتى. ئەتىسى كەچلىك تاماقتىن كېيىن، رايىس خانىم يەنە دەل تۈنۈگۈنكى چاغدا ئىشىكىمىزنى چەكتى، ئۇ ئالدى بىلەن سوۋغا سۈپىتىدە ئېلىپ كەلگەن بىر دەستە گۈلنى ماڭا بەرگەندىن كېيىن، ئارقىدىنلا خۇددى سېھىرگەرلەردەك سومكىسىدىن فىرانسۇز تىلىدا نەشىر قىلىنغان «شاھزادە» دىگەن كىتابنى چىقىرىپ، ئۇنى ئوغلۇمغا بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىر چەتتە قاراپ تۇرغان ئوغلۇم:
    -رايىس خانىم، مەن فىرانسۇزچىنى بىلمەيمەن، رەھمەت سىزگە،-دىدى ئەدەب بىلەن.
    -قوزام، بىلمىسەڭ بۇنىڭ كارايىتى چاغلىق،-دىدى رايىس خانىم ناھايىتى مۇلايىملىق بىلەن،-ھازىردىن باشلاپ مەن ساڭا ئۆگىتىپ قويسام بولىدۇ ئەمەسمۇ؟
    شۇندىلا ئېرىم ئىككمىز رايىس خانىمىنىڭ ھەقىقىي مۇددىئاسىنىڭ ئوغلىمىزغا فىرانسۇز تىلىنى ئۆگىتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۇق. ئەسلىدە رايىس خانىم پىنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، بىر تىل ئۆگىنىش مەكتىپىگە پىدائىي بولۇپ قاتنىشىپ، يېڭى كەلگەن كۆچمەنلەرگە فىرانسۇز تىلىنى ھەقسىز  ئۆگىتىپ قويۇۋاتقان ئىكەن.
    كېلىشكىنىمىز بويىچە ھەر كۈنى كەچلىك تاماقتىن كېيىن، رايىس خانىم دەل ۋاقتىدا ئۆيىمىزگە كىرىپ ئوغلىمىزنىڭ فىرانسۇز تىلىنى ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئوغلىمىزمۇ فىرانسۇز تىلىدا تۇرمۇشتا قوللىنىدىغان ئادەتتىكى سۆزلەرنى قىلالايدىغان بولدى. ئىككى ئايدىن كېيىن، ئوغلىمىزنى مەكتەپكە ئاپىرىپ بەردۇق. بىر كۈنى چۈشتە توساتتىن ئۆيىمىزنىڭ ئىشىك قوڭغۇرىقى جىرىڭلاپ كەتتى. ئىشىكنى ئېچىپ قارىسام، ئىشىك ئالدىدا چاچلىرى كۈمۈشتەك ئاقىرىپ كەتكەن «بالا چىراي» بىر بوۋاي تۇرۇپتۇ. بوۋاينىڭ ئىسمى تېڭيۈن جاۋنەن بولۇپ، بىز تۇرۇۋاتقان بىنانىڭ قارشى تەرىپىدىكى بىنادا تۇرىدىكەن.
    -ئاڭلىسام، ئوغلىڭىز يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپتە ئوقۇۋېتىپتۇ، مەن ئوغلىڭىزنى مەكتەپكە ئاپىرىپ-ئەكىلىشىڭىزگە ياردەملىشەيمىكىن دەيمەن، بۇنىڭغا قانداق قارايسىزكىن؟-دىدى تېڭيۈن ئەپەندى كۈلۈپ تۇرۇپ.
    «تېڭيۈن ئەپەندى سائەتلىك ئىشچى ئەمەستۇ» دەپ ئويلاپ تۇرۇشۇمغا، ئۇ خۇددى كۆڭلۈمدىكىنى بىلىۋالغاندەكلا ئەستايىدىللىق بىلەن، ئۆزىنىڭ ئوغلۇمنى مەكتەپكە خالىس ئاپىرىپ-ئەكىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئازراقمۇ ھەق ئالمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى. شۇنداق قىلىپ ئوغلىمىزنى مەكتەپكە ئاپىرىپ-ئەكىلىدىغان ۋەزىپىنى تىڭيۈن ئەپەندىگە تاپشۇردۇق.
    ھەش-پەش دىگۈچىلا روژدېستۋو بايرىمىمۇ يېتىپ كەلدى. بايرامنىڭ ھارپا كۈنى، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى بۇ ئىككى بوۋاي-مومايغا كۆڭلىمىزنى ئىزھار قىلىپ قويۇش ئۈچۈن بىرەر نەرسە سوۋغا قىلىشنى مەسلىھەتلىشىپ ئولتۇراتتۇق، ئويلىمىغان يەردىن تېڭيۈن ئەپەندى ئۆيىمىزگە كىرىپ كەلدى. ئۇ ئىگىزلىكى بىر مىتىردىن ئاشىدىغان بىر تۈپ روژدېستۋو دەرىخىنى دۈمبىسىگە يۈدۈۋالغانىدى. دەرەخنىڭ شاخلىرىغا ئوغۇل بالىلار ياخشى كۆرۈپ ئوينايدىغان ئويۇنچۇق تاپانچا، قوراشتۇرىدىغان ئويۇنچۇق دىگەنگە ئوخشاش نەرسىلەر ئېسىقلىق تۇراتتى. دەل شۇ چاغدا رايىس خانىممۇ ئوغلىمىزغا ئاتاپ ئۆز قولى بىلەن توقۇغان يۇڭ شەپكىدىن بىرنى كۆتۈرگىنىچە ئۆيگە كىردى. ئۇ  كىرىسلودا ئولتۇرغان تىڭيۈن ئەپەندىنى كۆرۈپلا ھەيران بولغان ھالدا:
    -تىڭيۇن ئەپەندى، سىز بۇ يەردە نىمە ئىش قىلىپ يۈرىسىز ؟-دەپ سورىدى. ئەسلىدە ئۇلار خېلى بۇرۇن تۇنۇشاتتىكەن.
    -بۇ بالىنى (ئوغلىمىزنى دىمەكچى) مەن بۇرۇنلا بايقىغان، سىز نىمىشقا ئۇنى مەندىن تارتىۋالماقچى بولىىسز؟-دىدى رايىس خانىم تېڭيۈن ئەپەندىگە ئاچچىقلاپ. تېڭيۈن ئەپەندىمۇ بوش كەلمىدى:
    -بالا يالغۇز سىزگىلا تەئەللۇق ئەمەس، ئۇ دىگەن كۆپچىلىكنىڭ...بىز بىر چەتتە تۇرۇپ ئۇلارنىڭ تالاش-تارتىشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىنلا، ئىشنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى چۈشەندۇق. ئەسلىدە رايس خانىم بىلەن تېڭيۈن ئەپەندى ھەر ئىككىسىلا تىل ئۆگىتىش مەكتىپىنىڭ پىدائىيلىرى بولۇپ، بىرى فىرانسۇز تىلىنى، يەنە بىرى ياپون تىلىنى ئۆگىتىشكە مەسئۇل ئىكەن. ئۇلار تېخىمۇ كۆپ بالىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلىنى ئۆگىنىۋېلىشىنى ئارزۇ قىلىدىكەن. ئۆز ئانا تىلىنى قىزغىن سۆيىدىغان بۇ ئىككى بوۋاي-موماي دائىم دىگۈدەك بىر بالىنى تالىشىپ مۇشۇنداق ئازارلىشىپ قالىدىكەن.
    شۇندىلا مەن تېڭيۈن ئەپەندىنىڭ ئوغلىمىزنى مەكتەپكە خالىس ئاپىرىپ- ئەكىلىشىنىڭ سەۋەبى، ئۆز ئانا تىلى بولغان ياپۇن تىلىنى ئوغلىمىزغا ئۆگىتىش ئىكەنلىكىنى بىلدىم .
    ئاشۇ كۈنكى سۈركىلىشتىن كېيىن، بۇ ئىككى بوۋاي-موماي ئۆز كارامەتلىرىنى ئىشقا سېلىپ، جېنىنىڭ بارىچە بىز بىر ئائىلە كىشىلەرنى ئۆزىگە تارتقىلى تۇردى. ئېرىم ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ ئاخىرى «كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان، زىخمۇ كۆيمەيدىغان» ياخشى بىر چارىنى ئويلاپ تاپتى. بۇنداق بولغاندا  ئوغلىمىز ھەم فىرانسوز تىلىنىمۇ ھەم ياپۇن تىلىنىمۇ ئۆگىنەلەيتتى.
    مەن قارارىمىزنى ئۇ ئىككەيلەنگە دېۋىدىم، ئۇلار قۇشۇلدى. بىراق، رايىس خانىم بۇنىڭدىن تازا خاتىرجەم بولالمايۋاتقاندەك:
    -ئىشەنچىلىك خەۋەرگە قارىغاندا-دىدى ئۇ،-مۇشۇ ئەتراپتا تۇرىدىغان بىر ئىسپان تىلى ئۆگىتىدىغان پىدائىينىڭ نەزىرىمۇ سىلەرنىڭ بالىغا چۈشكەندەك قىلىدۇ. سىلەر ئوغلۇڭلارنىڭ ئىسپان تىلى ئۆگىنىشىگە ھەرگىز يول قويماڭلار جۇمۇ.
    مەن ئۇنىڭغا ئوغلىمىزغا ئىسپان تىلى ئۆگەتمەسلىككە ۋەدە بەردىم. بۇ بىر مەيدان جېدەلدىن كېيىن مەن چۈشەنمىگەن ھالدا ئېرىمدىن،
    بۇ بوۋاي-موماي پىدائىيلار نىمانچە ئەستايىدىللىشىپ كېتىدىغانلىقىنى سورىۋىدىم.
    ئېرىم :
    -ئۇلار ئۆز ۋەتىنىنى سۆيىدۇ، مۇھىمى ئۆز مىللىتىنىڭ تىلىدىن پەخىرلىنىدۇ، شۇڭا ئۇلار تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى ئۆگىنىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ،-دەپ جاۋاپ بەرى.
    -مەنمۇ پىدائىيلار سېپىگە قېتىلىپ-دىدىم ئېرىمدىن بۇ سۆزنى ئاڭلاپ،-بۇ بىر مەيدان ئانا تىل ھۆكۈمرانلىقىنى تالىشىش جىڭىدە ئاشۇ قاڭشارلىق سېرىق چاچلارغا مېنىڭمۇ ئانا تىلىمنىڭ نەقەدەر يۈكسەكلىكىنى  ئوبدانراق بىلدۈرۈپ قويمىسام.
    يېڭى بىر يىلنىڭ باشلىنىشى بىلەن تەڭ، مەنمۇ خۇددى بوۋاي-موماي پىدائىيلارغا ئوخشاش ئۆزۈمنىڭ تىل ئۆگىتىش نىشانىمنى ئىزدەشكە كىرىشىپ كەتتىم.

    (مەنبە: «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ژورنىلىدىن  ئېلىندى)

    [abduhelil تەستىقلىدى . 2010-7-27 23:31:48]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.