گۈل تەبىرلىرى

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-28 08:39:25

گۈل تەدبىرلىرى ئاق ئەتىرگۈل - ساپلىق، ھۆرمەتنىڭ سىمىۋولى. قىزىل ئەتىرگۈل - مۇھەببەتنىڭ سىمىۋولى. ھال رەڭ ئەتىرگۈل - تۈنجى مۇھەببەتنىڭ سىمىۋولى. سېرىق ئەتىرگۈل - ئەپۇ سوراشنىڭ سىمىۋولى. ئەتىرگۈل...

    گۈل تەدبىرلىرى


    ئاق ئەتىرگۈل - ساپلىق، ھۆرمەتنىڭ سىمىۋولى.
    قىزىل ئەتىرگۈل - مۇھەببەتنىڭ سىمىۋولى.
    ھال رەڭ ئەتىرگۈل - تۈنجى مۇھەببەتنىڭ سىمىۋولى.
    سېرىق ئەتىرگۈل - ئەپۇ سوراشنىڭ سىمىۋولى.

    ئەتىرگۈلنىڭ سانىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىپادىلەيدىغان مەنىلىرى :
    بىر تال ئەتىرگۈل - قەلبىمدە پەقەت سىزلا بار.
    ئىككى تال ئەتىرگۈل - سىزمۇ ياخشى، مەنمۇ ياخشى.  توينىڭمۇ مەنىسى بار.
    ئۈچ تال ئەتىرگۈل - مەن سىزنى سۆيىمەن.
    تۆت تال ئەتىرگۈل - تونۇشقىنىمدىن خوشالمەن، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە سالامەتلىك، بەخت سىزگە يار بولسۇن.
    بەش تال ئەتىرگۈل - سۆيگۈنۈمگە پۇشايمىنىم يوق.
    ئالتە تال ئەتىرگۈل - مۇۋەپىقىيەتلىك، ئۇتۇقلۇق بولغانلىقىنىڭ سىمىۋولى.
    يەتتە تال ئەتىرگۈل - سىز بىلەن ئۇچىرشىشنى خالايمەن، مۇۋەپىقىيەت تىلەيمەن.
    سەككىز تال ئەتىرگۈل - قەدىرلەشنىڭ سىمىۋولى.
    10 تال ئەتىرگۈل - كامالەتكە يەتكەن.
    11 تال ئەتىرگۈل - چىن سۆيگۈ، بىر نىيەت، بىر مەقسەت.
    12 تال ئەتىرگۈل - قانائەتلىنەرلىك مۇھەببەت.
    19 تال ئەتىرگۈل - بىر ئۆمۈر، ئۆلگۈچە.
    20 تال ئەتىرگۈل - ئەبەدىلئەبەد سىزنى سۆيىمەن، مۇھەببىتىم ئۆزگەرمەس.
    24 تال ئەتىرگۈل - رومانتىك پۇراق.
    30 تال ئەتىرگۈل - مۇھەببىتىمنى قوبۇل قىلىڭ.
    33 تال ئەتىرگۈل - ئەبەدىلئەبەد ئۆزگەرمەسلىك.
    88 تال ئەتىرگۈل - تولۇقلاشقا تىرىشىمەن.
    99 تال ئەتىرگۈل - ئۆلگۈچە ئايرىلمايمىز.
    100 تال ئەتىرگۈل - مەڭگۈ بىللە ئۆتىمىز.
    365 تال ئەتىرگۈل - كۈندە سىزنى ياخشى كۆرىمەن.
    999 تال ئەتىرگۈل - ئەبەدىيلىككە تولغان چەكسىز مۇھەببەت.
    1001 تال ئەتىرگۈل - مەڭگۈ ئۆزگەرمەيمىز.
    ********************************************
    كونىن گۈلى - ئانىغا بولغان مۇھەببەت بىلەن بەخت تىلەشنىڭ سىمىۋولى.
    گۈلسۆسەر - كۈندىن- كۈنگە يوقىرى ئۆرلەشنىڭ سىمىۋولى.
    كۈركۈم گۈلى - گۈزەل تۇرمۇشنىڭ، بەخت سائادەتنىڭ سىمىۋولى.
    پەيسىمان قۇش گۈلى - ئېگىز ئۆرلەشنىڭ سىمىۋولى.
    جەننەت قۇش - ئەركىنلىككە، خوشاللىققا، قۇتلۇقلاشنىڭ سىمىۋولى.
    ئافرىقا جۇخار گۈلى - قىيىنچىلىقتىن قورقماسلىقنىڭ سىمىۋولى.
    بوتا كۆز - ئۇ دۇنيا، بۇ دۇنيا ئۇنتۇماسلىقنىڭ سىمىۋولى.
    مەڭگۈ ئەسلەشكە ۋوكىللىك قىلىدۇ.
    شېرىن گۈل - دوستلۇقنىڭ، مېھىر مۇھەببەتنىڭ سىمىۋولى.
    ياپۇنىيە جىنچاتقىلى - ئۇزۇن يىللىق ياشلىق باھارىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ سىمىۋولى. 

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر گۈل ئەتىرگۈل