جوڭگودا چىرىكلىكنى تىزگىنلىگىلى بولامدۇ ؟

يوللىغۇچى : Abral يوللىغان ۋاقىت : 2008-06-04 04:02:00

جوڭگۇ جېڭ شىياۋ يۈنى ئۆلتۈرۈش بىلەنلا چىرىكلىكنى تىزگىنلىيەلەمدۇ؟ئەسلى ئاپتۇرى:巩胜利،تەرجىمان :خەبەر قارىقاش 2007-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭ شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا خەلىق سوت مەھكىمىسى جوڭگۇ دۆلەتلىك...

    جوڭگۇ جېڭ شىياۋ يۈنى ئۆلتۈرۈش بىلەنلا چىرىكلىكنى تىزگىنلىيەلەمدۇ؟

    ئەسلى ئاپتۇرى:巩胜利،تەرجىمان :خەبەر قارىقاش

        2007-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭ شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا خەلىق سوت مەھكىمىسى جوڭگۇ دۆلەتلىك يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت ئىدارىسنىڭ سابىق ئىدارە باشلىغى جېڭ شىياۋ يۈ ئۈستىدىن بىرىنچى قېتىملىق ھۆكۈم چىقاردى: پارا ئېلىش جىنايىتى ئۈچۈن جېڭ شىياۋ يۈ گە ئۆلۈم جازاسى بىرىلىپ ، سىياسى ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىنسۇن، شەخىسنىڭ بارلىق مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنسۇن. خىزمەت ئورنىدا بىخەستەلىك قىلىش جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك 7يىللىق قاماق جازاسى بىرىلسۇن. ئىككى جىنايەت بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئۆلۈم جازاسى بىرىلىپ ، سىياسى ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىنسۇن، شەخىسنىڭ بارلىق مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنسۇن.  
    بېيجىڭ شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا خەلىق سوت مەھكىمىسىنىڭ جېڭ شىياۋ يۈنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشىدىكى قانۇنى ئاساس بولسا:"1997-يىلى 6-ئايدىن 2006-يىلى 12-ئايغىچە، جاۋاپكار جېڭ شىياۋ يۈ دۆلەت دورا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىغى، دۆلەت دورا نازارەت ئىدارىسىنىڭ باشلىغى، دۆلەت يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت ئىدارىسنىڭ باشلىغى بولۇشتەك قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، باشقىلارنىڭ ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلىپ، 8دانە دورا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىنىڭ دورا ۋە داۋالاش سايمانلىرىنى تەستىقلاش قاتارلىق جەھەتلەردە مەنپەئەت قوغلىشىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ كۆپ قېتىم، ئۆزى بىۋاستە ياكى ئايالى ۋە بالىلىرى ئارقىلىق يوقۇرقى ئورۇنلارنىڭ مەسئوللىرىدىن قوبۇل قىلغان پۇل ۋە ماددى بويۇملار 6مىليۇن 490مىڭ يۈەندىن ئاشقان". 
         جېڭ شىياۋيۈ دۆلەت يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت ئىدارىسنىڭ ئاساسلىق مەسئولى بولۇش سۈپىتى بىلە، ئەسلىدە دۆلەت ۋە خەلىق ئاتا قىلغان ھوقۇقنى ئەستايىدىل يۈرگۈزىشى، پاك دىيانەتلىك بىلەن ئىش قىلىشى لازىم ئىدى. لېكىن ئۇ دۆلەت ۋە خەلىق مەنپەئەتىگە پىسەنىت قىلماي، مۇناسىۋەتلىك كارخانىلارنىڭ مۇناسىۋەتلىق ئىجازەت كېنشكىلىرىنى بىجىرىش، دورا ئىمپورىت قىلىش، تىزىملاش، تەستىقلاش قاتارلىق تەرەپلەردە مەنپەئەت قوغلۇشۇپ، ئۆزى بىۋاستە ياكى ئايالى ۋە بالىلىرى ئارقىلىق كۆپ قېتىم پارا قوبۇل قىلىپ، دۆلەت خىزمەتچى خادىملىرنىڭ ئەمەلدە پاك بولۇشىغا ئېغىر دەرىجىدە دەخلى قىلدى، دۆلەت يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت ئىدارىسنىڭ نورمال خىزمەت تەرىۋىگە ئېغىر دەرىجىدە بوزغۇنچىلىق قىلدى. خەلىق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە ساغلامىلىق بىخەتەرلىگىگە زىيان سېلىپ، ئنتايىن قەبىھ بولغان ئىجتىمائى تەسىر پەيدا قىلدى، پارا ئېلىش سوممىسى غايەت زور، قىلمشى ئىنتايىن ئېغىر. خىزمەت ئۈستىدە بىپەرۋالىق قىلىش جىنايىتى بىلەن دۆلەت ۋە خەلىقنىڭ مەنپەئەتىنى غايەت-زور زىيانغا ئوچراتقۇزدى، قىلمشى ئىنتايىن ئېغىر، شوڭلاشقا قانۇن بويىچە يوقۇرقىدەك ئۆلۈم جازاسى بىرىلدى ` 
    1،"ئۆلۈم جازاسى"نىڭ جوڭگۇچە پىرىنسىپى 
         جېڭ شىياۋ يۈ جوڭگۇدىكى ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئىچىدە "ئۈلۈم جازاسى"غا ھۆكۈم قىلىنغان تۇنجى شەخىس. جېڭ شىياۋ يۈنىڭ چىرىكلىگىگە يېقىنلىشىپ قالىدىغان، پارا سوممىسى ئۇنىڭدىن ئازراق كۆپ بولغان (6مىليۇن770مىڭ يۈەن) ئۆلكىلىك پارتىكوم شۇجىسى لىيۇ فاڭ رېن مۇ مۇددەتسىز قاماق جاساسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.- 
    ئەمەل-مەرتىۋە ئۈستىدە توختالساق، جوڭگۇدىكى ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدارلار تەخمىنەن3000كىشى ئەتراپىدا (دەم ئېلىشقا چىققان ئۆلكە-مىنىستىر باشلىقلىردىن سىرىت ھەربىر ئۆلكە-شەھەردە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىلىك باشلىق4نەپەر، دەم ئېلىشقا چىققان ئۆلكە-مىنىستىر باشلىقلىرىدىن بولۇپ بىر ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتتىكى ئەمەلدارلار 50كىشىدىن ئاشىدۇ. ھازىر مەملىكىتىمىزدە31ئۆلكە-ئاپتونۇم رايون ۋە شەھەر بار) بولۇپ، مۇنداق "جوڭگۇچە ئالاھىدىلىك "كە ئىگە پارتىيە-ھۆكۈمەت ئېكىلوگىيىلىك شارائىتىدا ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىلىك باشلىقلارنىڭ "كاللىسىنى كېسىشتەك" ئەھۋاللار يولۇقماسلىقتەك ھادىسىلەرنىڭ يامراپ تۇرىشىنى نىمە دىگۈلۈك؟ جوڭگۇدا ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىلىك باشلىقلار ئىچىدە "كاللىسىنى كېسىلگەن" باشلىقلار دىن ھازىرغىچە بىرەرسىمۇ يوق. كاللىسى ئېلىنغان چېڭ كې جيې بولسا مۇئاۋىن زوڭلى دەرىجىلىك، كاللىسى ئېلىنغان خۇ چاڭ چىڭ ۋە ۋاڭ خۇئەي جوڭلار بولسا مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك. ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىلىكلەردىن بولغان لى جيا تىڭ،تيەن فېڭ شەن، خەن گۇي جى قاتارلىقلار بولسا "ئۆلۈم جازاسى كىچىكتۈۈرلۈپ"ئىجرا قىلىنىشقا كېسىلگەن.  
        چىرىكىلىشىش سوممىسى ئۈستىدە توختالغاندا جېڭ شياۋ يۈنىڭ چىرىكلىگى ئاران6مىليۇن490مىڭ يۈەن بولۇپ، جوڭگۇدىكى ئەمەلدارلىق سورۇنىدىكى ئاددىغىنە كىچىك ئىش خالاس ھازىرقى ئىش بولسا: جېڭ شياۋ يۈ يۇقۇرلاپ ئەرىز قىلامدۇ-يوق؟ ئەرىز قىلمىسا بېشىدىن ئايرىلىشىدا شەك يوق. يوقۇرلاپ ئەرىز قىلىپ كېسىمنى ئۆزگەرتىش جېڭ شياۋنىڭ ئېسىلىشىغا بولىدىغان بىردىن-بىر جېنىنى قۇتۇلدۇرىدىغان سامىنى بولۇپ قالىدۇ. يەنە كېلىپ جېڭ شياۋ يۈنىڭ تارىخى "پاكىت"لار ئارقىلىق ئۈزىنى ئاقلايدىغان بىردىن-بىر ھاياتلىق يولى بولۇپمۇ قالىدۇ. راستىنلا يوقۇرلاپ ئەرىز قىلىنغاندا ، جوڭگۇدىكى بارلىق ئۈلۈم جازاسى "كىچىكتۈرۈلۈپ" ئىجرا قىلىنغان "غايەت زور پارىخور"لارغا قوللىنىلغان قانۇن، تەدبىقلانغان نىزاملار بىلەن تەپسىلى سېلىشتۇرۇلسا جېڭ شياۋ يۈ ئەڭ بولمىغاندىمۇ ئۈلۈم جازاسى "كىچىكتۈرۈلۈپ" ئىجرا قىلىنىدىغان مۇقەررەر نەتىجىگە ئېرىشىدۇ. بۇ جوڭگۇدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم غايەت زور پارىخورلار بىلەن سېلشتۇرما قىلىشنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى. لېكىن بۇنىڭمۇ" توخۇنى ئۆلتۈرۈپ مايمۇنغا كۆرسىتش"تەك رۇلى _جوڭگۇدىكى چىرىكلىكنى جازالاش-باشقۇرۇشنىڭ تۈزۈلمە جەھەتتىكى سىرتقى ئىرادىسىنىڭ كەملىگىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى جوڭگۇدىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش "مۇئازىنىتى" ۋە ئىكولوگىيەلىك مۇھىتى ئاۋالقىدەكلا ئىنتايىن ئېغىر. بىر نورمال بولغان دۆلەتنىڭ "ئىكولوگىيىلىك موھىت" مۇئازىنىتى تۇزۇلمسى بەرپا قىلىشتا، ئىلگىىرىكىدەكلا ئاسمان ئىگىز-پادىشا يېراق، ھېچقانداق مەنزىلگە كۆز يەتمەيدۇ... 
          جېڭ شياۋ يۈنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى بولسا يېقىنىقى يىللار دىن بويانقى "پارىخورلوق"دىلولىرى ئىچىدىكى مۇھىم دىلولارنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ. ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىسىدىكى يوقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارغا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىش، جوڭگۇنىڭ يېقىنقى 40يىللىق تارىخىدا ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىش. بۇ جوڭگۇنىڭ قانۇن-نىزاملىرى تەڭشەلمىگەنلىكتەك ئالدىنقى شەرت ئاستىدا ئايرىم دىلولارنىڭ ئېغىرلىغى ياكى يوقۇرى قاتلامنىڭ ئورتاق تونۇشى ۋە سوتچىلارنىڭ ھۆكۈم قىلىش ئۆلچىمىدە غايەت-زور ئۆزگىرىش بولغانلىغىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ يەنە جوڭگۇ يوقۇرى قاتلاملىرىنىڭ چىرىكىلىككە قارشى تورۇش قارارى ۋە سالمىغىنىڭ تەۋرىنىپ تۇرىشى ۋە بىرتەرەپ قىلىش مۇئامىلىسىدە ئېگىز-پەسلىك ھەم ئوخشىماسلىقلارنىڭ كۆرۈلىشىدە ئەكىس ئېتىدۇ. يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىق ھادىسىسى قانچە ئېغىر بولغان دىلولار تېخىمۇ ئېنىق ھالدا يۇقۇرى-تۈۋەن، ئوڭ-سول تەۋرىنىپ تورىدۇ، تىگىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تېخىمۇ مۈشكۈل بولىدۇ. جوڭگۇ جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ جازا ئۆلچەش بەلگۈلىمىسى تارىخى ئويلىنىشچانلىققا ۋە پارىخورلۇقنى جازالاش ئارقىلىق سىناقتىن ئۆتۈشكە ھەقىقەتەن موھتاج بولۇپ تۇرماقتا.   
    2.جوڭگۇدىكى چىرىكلىكنىڭ ئىكولوگىيىلىك مۇھىتى  
          يەنە گەپنىڭ ئۈزىگە كەلسەك، بۈگۈنكى دۇنيادا چاشقانلارنىڭ ئۆزلىرىگە "گۈرۈچ يىمەسلىك"، ئاشلىق ئوغرىلىماسلىق قائىدىسىنى تۈزۈپ چىقىشى تەلەپ قىلىنسا....بۇنىڭ مۈمكىنلىگى قانچىلىك؟ بۇ ئارقىلىق جوڭگۇدىكى "چاشقانلار" نىڭ جاھاندا ئاشلىق ئوغرىلىماسلىغىغا، كىشىلەرگە زىيان يەتكۈزمەسلىككە كاپالەتلىك قىلغىلى بولامدۇ؟ ئىنسانلار ئارىسىدا،جۈملىدىن يەرشارىدا چاشقانلارنى "يوقۇتۇش"نىڭ بىردىن-بىر قانۇنىيىتى بولسا ئىكولوگىيەلىك مۇئازىنەت ھالىتىنى بەرپا قىلىپ، "چاشقانلار"نىڭ "كۈشەندىلىرى"نى يىتىشتۈرۈش ۋە يۆلەشتۇر. بۇمۇ ھەم ئىنسانلار ۋە يەرشارىدىكى بارلىق جانلىقلارنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ۋە داۋاملىشىشىدىكى زىددىيەتنىڭ ئورتاق تەرىپى بولۇپ، دۇنيامۇ دەل مۇشۇنداق زىددىيەتلەر ئىچىدە توسۇۋئېلىشقا بولمايدىغان دەرىجىدە تارىخى يوسۇندا ئالغا ئىلگىرلەپ ماڭىدۇ! 
         2006-يىلى، پەقەت 105دانە ناھىيە دەرىجىلىك، 17دانە ۋىلايەت دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئاپپاراتى تەسىس قىلىنغان ئەنخۇي ئۆلكىسى بىر تەرەپ قىلغان باشقارما دەرىجىلىكتىن يوقۇرى رەھبىرى كادىرلارغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم دىلوغا چېتشلىق ئادەم 91نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە نازارەت دەرىجىلىك كادىر11نەپەر، ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىلىك كادىر 1نەپەر، پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئەمىلى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلار 35نەپەر بولۇپ، پارتىيە-ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئىچىدىكى چىرىكلىكنى بىرتەرەپ قىلىش تارىخىدىكى ئەڭ يوقۇرى رىكورت يارىتىلغان. نازارەت دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ ۋەزىپىدە جىنايەت ئۆتكۈزۈش دىلولىرى تارىختىن بويانقى ئەڭ يوقۇرى سەۋىيىگە يەتكەن.(شىنخۇا تورى، 2007-يلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى، 08:11:10. مەنبەسى: "تەپتىش كۈندىلىك گىزىتى"- ئەنخۇي ئۆلكىسى ئۆتكەن يىلى بىرتەرەپ قىلغان ناھىيە-باشقارما دەرىجىلىكتىن يوقۇرى كادىر91نەپەر، بۇنىڭدىن نازارەت دەرىجىلىكتىن يوقۇرى كادىر12نەپەرگە يەتتى -ناملىق ماقالە). 2006-يىلى، پەقەت 107دانە ناھىيە دەرىجىلىك، 10دانە ۋىلايەت دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئاپپاراتى تەسىس قىلىنغان شەنشى ئۆلكىسى دىلو تۇرغۇزۇپ رازۋىتكا قىلغان پارىخورلىق ۋە ۋەزىپىدە بىپەرۋالىق قىلىپ ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش دىلولىرى1134پارچە، 1349نەپەر ئادەم بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە 1124نەپىرى پارىخورلۇقلوققا، 225نەپىرى ۋەزىپىدە بىپەرۋالىق قىلىپ ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىشقا چېتىلغان. بىرتەرەپ قىلىنغان پارىخورلۇق ۋە ۋەزىپىدە بىپەرۋالىق قىلىپ ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىشتا ئېغىر،ئالاھىدە، چوڭ دىلولار 400پارچە بولغان.(2007-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى 16:56:21.شىنخۇا تورى:"شەنشىدە ئۆتكەن يىلى 79نەپەر ناھىيە-باشقارما دەرىجىلىكتىن يوقۇرى كادىر ۋەزىپە جىنايىتىگە چېتىلىپ بىرتەرەپ قىلىندى" نامىلق خەۋەر). 
         جوڭگۇدىكى چىرىكىلىككە قارشى تۇرۇش يەنە بىر يوقۇرى چوققىدا، يىڭىدىن يامراش مەزگىلىدە تۇرىۋاتىدۇ. 2005-يىلى يىل ئاخىرىدا جوڭگۇنىڭ خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىدە پارتلىغان ئومۇمى دائىرىلىك چىرىكلىشىش دىلوسىغا، خېيلوڭجياڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت، ئۆلكىلىك ئەڭ يوقۇرى خەلىق سوت مەھكىمىسى، ئۆلكىلىك تەپتىش مەھكىمىسى قاتارلىق100دىن ئارتوق ئۆلكە دەرىجىلىك ئاپارات ، 13ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر ، 130ناھىيە دەرىجىلىك پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىكى بارلىق ئۆلكە،شەھەر،ناھىيە باشلىقلىرى ۋە ئۈچ دەرىجىلىك پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورۇنلىرنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قول ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەممىسى چېتىلغان بولۇپ،پەقەت پارتىيە تۈزۈمى ۋە دۆلەت قانۇنىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىغا ئوچرىغان مۇاۋىن نازارەت دەرىجىلىك پارتىيە-ھۆكۈمەت كادىرلىرىلا50دىن ئاشقان. بولۇپمۇ 2006-يىلى پارتلىغان شاڭخەي چېن لياڭ يۈ گوروھىدىكىلەرنىڭ چىرىكىلىشىش دىلوسى 1مىليارد300مىليۇن ئاھالىنىڭ مۇئازىنەت ھوقۇقى ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىرادىسىنى ئېلاجىسىز ھالەتكە ئەكەپ قويدى. لېكىن جوڭگۇدا بۇلارنىڭ ئالدىدا كاللىسىدىن ئايرىلغان مەملىكەتلىك خەلىق قۇرۇلتېيىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چېڭ كې جيې، جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ مۇاۋىن باشلىغى خۇ چاڭ چىڭ، ئەنخوي ئۆلكىسىنىڭ مۇاۋىن باشلىغى ۋاڭ خۇئەي جوڭ قاتارلىقلارنىڭ قانداق چۆچۈتۈش رۇلى بولدى؟ يەنە قانداق تارىخى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈنۈمى بولدى؟ خېيلوڭجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورۇنلىرنىڭ بىر پۈتۈن چىرىكىلىشىش دىلوسى، ئاتالمىش "قاتتىق زەربە بىرىش"،"دىكتاتورا" دىگەنلەرنىڭ تۈپتىن كېرەكسىزلىگىنى ۋە تۈزۈلمە كاۋاكلىرىنىڭ مەنبەلىك توسالغۇ ئىكەنلىگىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. نورمال بىر دۆلەتتىكى ئىكولوگىيەلىك مۇھىت تەرىپىدىن مۇازىنەت قىلىنغان "تەبىئەت"بەرپا قىلىشنىڭ لازىملىغىنى يەنە بىر قېتم ئىسپاتلىدى.
         مۇئازىنەت: بىرتەرەپتىن تۈزۈم ئارقىلىق ئۆز-ئارا چەكلەشنى كۆرسىتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن تارازىدا ئۆلچىگەندەك ئۆلچەمنىڭ مۈمكىنچىلىگىنى كۆرسىتىدۇ. تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى "تەبىئەت"تىكى ھايۋاناتلارنىڭ يىمەكلىك زەنجىرىدەك، قوياشنىڭ ئۆسۈملۈكلەر ۋە جانلىقلارغا بولغان "قوياش قانونى"-دەك__چوڭ تەبىئەتنىڭ "تەبىئەت قانۇنى" غا ئوخشاش ئىنسانلار ۋە يەرشارىغا ئوخشاش ئىكولوگىيەلىك مۇھىت بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ھازىرقى مەسىلە بولسا: "جوڭگۇچە ئالاھىدىلىك" ئاتالمىش "قوياش مۇئازىنىتى"نى بەرپا قىلالامدۇ-يوق؟ بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن ھايات بىلەن مامات ئوتتۇرىسىدىكى مۇئازىنەت قانۇنىيىتى يوق. ئۇندىن قالسا تارازىنىڭ ئىككى تەخسىسى ئىھىتىياجلىق بولغان، كەم بولسا بولمايدىغان، ئەڭ ئەقەللى ئۆلچەش مۇھىتى يوق. جوڭگۇدا ئىكولوگىيەلىك مۇھىت ۋە قانۇن-تۈزۈم موھىتى ئارقىلىق دۆلەت مۇئازىنىتىگە يىتىشنىڭ مەنزىلىگە ھېچبىر كۆز يەتمەيدۇ. جوڭگۇدىكى 30مىليومدىن ئوشۇق ۋەزىپىدە ئولتۇرىۋاتقان جېڭ شياۋ يۈلەر: سىلەر تۈزۈلمىنىڭ ئۆزىدىكى كىرىۋالغىلى بولىدىغان يوچۇقنى ھاڭدەك ئېچىپ قويۇپ، ھېچقانداق قانۇنى مەسئولىيەت، باشقۇرۇش مەسئولىيىتى، ئەخلاقى مەسئولىيەت ۋە "تەبىئەت قانۇنىيىتى"دىكى ئاپەتلەرنىڭ جازاسدەك مەسئولىيەتلەرنى ئۈستۈڭلەرگە ئېلىشمامسىلەر؟ بۇ ئاسماندىن چۈشكەن ئاپەتمۇ ياكى ئىنسانلار ئۆزى تېرىغان بالامۇ ؟ ناۋادا جېڭ شياۋ يۈلەرنى كۆپرەك ئۆلتۈرۈپلا جوڭگۇدىكى چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان بولسا، يەنە نەچچىنىڭ كاللىسى ئېلىنسىلا جوڭگۇنىڭ دۆلەت قىيىنچىلىغى ھەل قىلىنمامدۇ؟ *8U x?g< 
    شاڭخەي چېنلياڭيۈ گوروھىدىكىلەرنىڭ چىرىكلىشىشى، خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىدىكى پارتىيە-ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ چىرىكلىشىش دىلولىرىنىڭ مۇشۇنداق توسۇۋالغۇسىز ھالەتتە پارتلاپ چىقىشى،21-ئەسىرىدىن بويان يىڭىدىن يۈزبەرگەن ئوچىغا چىققان چىرىكلىشىش بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. خېيلوڭجياڭ ئۆلكىلىك سىياسى كېڭەشنىڭ سابىق رەئىسى خەنگۈيلىن ← جاۋخوڭيەن (خېيلوڭجياڭ ئۆلكىلىك كادىرلار نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى، ئۆلكىلىك پارتىكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىغى) ←مادې(خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسى، سۈيخۇا شەھەرلىك پارتىكومنىڭ سابىق شۇجىسى. سۈيخۇا شەھرى ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر بولۇپ، جاۋخوڭيەن ۋە خەنگۈيلىن لارنىڭ تايانىچ بازىسى) لارنى ئوق بېشى قىلغان پارتىيە-ھۆكۈمەت چىرىكلىشىش دىلوسىدا، خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىدىكى 300دىن ئوشۇق پارتىيە-ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئارقىمۇ-ئارقىدىن يېقىلدى(پارتىيە تۈزۈمى ۋە دۆلەت قانۇنى بويىچە جازالانغانلىغى كۆرسىتىلىدۇ). پەقەت سۈيخۇا شەھرىدىكى مادې نىڭ چىرىكلىشىش دىلوسىدا 40تىن ئوشۇق يەرلىك پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ "بىرىنچى قول" ئەمەلدارلىرى پۈتۈن سەپ بويىچە يىقلىشتى.ئۇنداقتا چىرىكلىشىشنىڭ قورققۇدەك نىمىسى قالدى؟ قورققۇدەك ھېچنىمىسى قالمىغاچقا يەنىلا ئىلگىرىكىلەرگە كېيىنكىلەر ۋارىسلىق قىلىپ، بىرسىدىن يەنە بىرسى تېخىمۇ چوڭ ھالەتتە چىرىكلىشىۋاتمامدۇ؟ شاڭخەي شەھرى ۋە خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ چىرىكلىشىش ھالقىسىدا پەقەت ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر باشلىغى، شەھەرلىك پارتىكوم شۇجىسى، نازىر، رايون باشلىغى قاتارلىقلاردىنلا30،50ئادەم ئارقا-ئارقىدىن يىقىلدى. بۇ ئىكولوگىيەلىك موھىت تۈزۈلمىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان مۇقەررەر ئاپەت، يەنە كېلىپ ھازىر ئۈزلۈكسىز يۈز بىرىۋاتقان، ئالدىنى ئېلىش ئەسلا مۈمكىن بولمىغان ئۈلۈمدىن قورقمايدىغان ئىكولوگىيەلىك موھىت ئاپىتى بولۇپ قالدى. 
         خەلقارادىكى ھوقۇقلۇق تارىخى سان-سىفىرلىق خولاسىلەرگە ئاساسلانغاندا ، بىر دۆلەتنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئومۇمى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 2000-5000دوللارغىچە بولغاندا، بۇ دۆلەتتىكى چرىكلىك قىلمىشلىرى ئاندىن رىكورت يارىتىدىغان ئەڭ يوقۇرى مەزگىلگە يىتىدىكەن. بۇ دۆلەتنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئومۇمى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 5000-10000دوللارغا يەتكەندە ياكى ئونىڭدىنمۇ ئاشقاندا ، پوقرالارنىڭ بىر پۈتۈن مەنپەئەتى ۋە ساپاسى ئاندىن چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ئالالايدىغان كۆچ شەكىللەندۈرەلەيدىكەن. جوڭگۇدا 2003-يىلىدىن باشلاپ تۇنجى قېتىم كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان دارامەت 1000دوللاردىن ئاشتى. بۇ دىگەنلىك تەرەققى قىلغان ئەللەر بېشىدىن ئۆتكۈزگەن چىرىكلىك يولىغا ئاساسلانغاندا، جوڭگۇ جەمىيىتى تېخى چىرىكلىكنىڭ ئەڭ يوقۇرى قىممتىگە يىتەلمىدى. بۇلاردىن كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا بولىدۇكى: جوڭگۇدا 2004،2005،2006-يىللىرى يۈزبەرگەن شاڭخەيدىكى توپلىشىپ چىرىكلىشىش دىلوسى، دۆلەت يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت ئىدارىسدىكى جېڭ شياۋ يۈ قاتارلىقلارنىڭ كوللىكتىپ چىرىكلىشىش دىلوسى، خۇنەن ئۆلكىسى چېن جوۋ شەھەرلىك پارتىيە-ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرنىڭ بىر پۈتۈن چىرىكلىشىپ غولاپ چۈشۈش دىلوسى، خېيلوڭجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە-ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرنىڭ بىر پۈتۈن چىرىكلىشىپ غولاپ چۈشۈش دىلوسى، جېجياڭ ئۆلكىسى نىڭبو شەھەرلىك پارتىيە-ھۆكۈمەت 1-،2-قول ئەمەلدارلىرنىڭ قايتا-قايتىلاپ چىرىكلىشىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە "پارتىيە-ھۆكۈمەتنى ۋەيران قىلىش" ئورۇنلىنىپ، جوڭگۇنىڭ60يىللىق تارىخىدىن بويانقى چىركلىشىشنىڭ ئەڭ يوقۇرى پەللىسى يارىتىلدى. بۇ كەلگۈسىدىكى جوڭگۇ ئۈچۈن ئېيىتقاندا پەقەت كىچىك باخشىنىڭ چوڭ باخشىنى ئۇچراتقىنىدەكلا ئىش، چوڭ كۆلەمدىكى چىرىكىلىشىش دەۋرى تېخى يىتىپ كەلگىنى يوق.  
         ئىنسانىيەت ياشاۋاتقان يەرشارىدا ھەرقانداق بىر نورمال "ئۇرۇق" ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان "سۇ" ۋە "تېمپۇراتۇرا" لا بولىدىكەن، كىممۇ ئۇنىڭ باھاردا بىخلىنىشى، ئۆسۈشى، چىچەك ئېچىشى ۋە مىۋە بىرىشىنى توسىيالىسۇن؟ بۇ قەتئى مۈمكىن ئەمەس!!! مىڭلىغان-تۈمەنلىگەن "چىرىكلىك"ئورۇقلىرى ئۈچۈن، تۈزۈلمە ئىچىدىكى دۆلەت تۈزۈلمىسى تەمىنلىگەن ئىكولوگىيەلىك مۇھىت: "تېمپۇراتۇرا" ۋە "سۇ" تەييار تۇرغان يەردە، پارتىيە-ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ چىرىكلىشىشىنى كىممۇ توسىيالايدۇ؟ كىممۇ ئولارنىڭ چىچەكلەپ مىۋە بىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ؟ زادى كىم....؟جاھاندا مۇشۇنداقمۇ ئىش بولامدۇ؟! بولىدۇ، بۇ تېخىمۇ ئاددى: ئەگەر "تېمپۇراتۇرا" ۋە "سۇ"دىن ئىبارەت ئىككى ئامىلنىڭ قايسىلا بىرىدىن ئايرىلسا، ھەرقانداق "ئۇرۇق"نىڭ بېخلىنىشى، ئۆسۈشى، چىچەكلىشى ۋە مىۋە بىرىشى مۈمكىن بولمايدۇ. بۇ ئىنسانلاردىنمۇ ئولۇغ بولغان "تەبىئەت قانۇنى". مۇشۇنىڭدەك ئولۇغ بولغان، شامالدا خورىماي، سودا توسۇلماي، تارىختىن بىرى رەڭ قاچۇرماي بۈگۈنگىچە كەلگەن "تەبىئەت قانۇنى"نىڭ پۈتۈن يەرشارى ۋە جوڭگۇ بويىچە كۆنىسىرى ئېغىرلىشىۋاتقان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش بۈيۈك ئىشىرىغا ئاز-تولا بولسىمۇ تارىخى مەنبەلىك ئىلھام بىرىش رولى بولارمۇ؟ _
         گوڭ شېڭ لى: ئاتاقلىق جوڭگۇ مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى، مالىيە-ئىقتىساد ۋە جەمىيەت ئوبزورچىسى. مۇئەللىپنىڭ ئىقتىساد-جەمىيەت تۈرىدىكى ماقالىلىرى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا كەڭ تۈردە ئېلان قىلىنغان...مۇئەللىپنىڭ بەزى ئالدىنىقى قاتاردىكى ماقالىلىرى خەلقارادىكى ۋە جوڭگۇدىكى ئىنچىكە مەسىلىلەرنى ئەكىس ئەتتۈرۈش بىلەن نام قازانغان....مۇئەللىپ "جوڭگۇچە يېزىق ۋە ھادىسىلەرنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ھەيدەكچىلىك قىلالايدىغان ئەڭ قورقۇنۇچلۇق كۈچكە ئىگە"-دەپ تەرىپلىنىپ كىلىۋاتىدۇ
    /
    -------------------------------------------------------------------------------------------------  

    ماقالە ئەسلى مەنبەسى :  
    http://blog.people.com.cn/blog/template/blog_template.html?log_id=1180443870985360&site_id=1234

>

 

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق