يېزىلىقلار بىلەن شەھەرلىكلەرنىڭ پەرىقى

يوللىغۇچى : reyhan يوللىغان ۋاقىت : 2007-11-20 12:33:00

شەھەرلكلەر دېھقانچىلىق دورا زاۋۇتىنى يېزىغا قۇرىدۇ.يىزىلىقلار دىھقانچىلىق دورىسى چاچقان سەي-كۆكتاتلارنى شەھەرگە ئەكىرىپ ساتىدۇ. يېزىلىقلار ئىتنى تۈۋرۈككە باغلاپ قويۇپ ھويلا ئاراملىرىنى ساقل...

          شەھەرلكلەر دېھقانچىلىق دورا زاۋۇتىنى يېزىغا قۇرىدۇ.يىزىلىقلار دىھقانچىلىق دورىسى چاچقان سەي-كۆكتاتلارنى شەھەرگە ئەكىرىپ ساتىدۇ. يېزىلىقلار ئىتنى تۈۋرۈككە باغلاپ قويۇپ ھويلا ئاراملىرىنى ساقلىتىدۇ.شەھەرلىكلەر بالىسى ئورنىدا كۆرۈپ قوينىغا سولاپ باقىدۇ. يېزىلىقلار بايرام ئۆتكۈزگەندە جىددى ئۆيگە قايتىپ جەم بولىشىدۇ.شەھەرلىكلەربايرام ئۆتكۈزگەندە جىددى ئۆيدىن چىقىپ ساياھەت قىلىشىدۇ.

          شەھەرلىكلەر ماۋتەي،ۋۇلىياڭيې ھاراقلىرىنى ئېچىشىدۇ.يېزىلىقلار ئۇلار قۇرۇغداپ قويغان ھاراق بوتۇلكىللىرىنى يىغىپ كىچىك ھاراق زاۋۇتلىرىغا ساتىدۇ. شەھەرلىكلەر يېزىلىقلارغا «ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ئارقىلىق ياردەم بىرىدۇ.يېزىلىقلار شەھەرلىكلەرگە «ئىشلەمچىلىك قىلىش ئارقىلىق ياردەم بىرىدۇ. يىزىلىقلار تۇنجى قىتىم شەھەرگە كىرگەندە:«ۋاي-ۋۇي،نىمە دىگەن كۆپ ماشىنا بۇ دېيىشىدۇ.

          شەھەرلىكلەر تۇنجى قىتىم يېزىغا بارغاندا:«ۋاھ، نىمە دىگەن ساپ ھاۋا بۇ دېيىشىدۇ. شەھەرلىكلەر يولدىن ئۆتكەندە ئادەم ماشىنىغا يول بېرىشى كىرەك دەپ قارايدۇ. يېزىلىقلار يولدىن ئۆتكەندە ماشىنا ئادەمگە يول بېرىشى كىرەك دەپ قارايدۇ.

           شەھەرلىكلەر يېزىلىقلارنى جىسمانى ئەمگەك قىلدۇرۇش ئۈچۈن چاقىرتىدۇ.يېزىلىقلار شەھەرلىكلەرنى ئەقلى ئەمگەك قىلدۇرۇش ئۈچۈن تەكلىپ قىلىدۇ. (فىلىيەتۇنلار تاللانما ژورنىلى 2007-يىل 9-ئاي نەشىرىدىن ئىلىندى.)يوللانمىلىرىمنى ئىجادىيەت مۇنبىرىدىن باشقا يەرگە يۆتكەشكە بولمايدۇ!

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 17:30:15]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق