چەت ئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، دەرسلىك كىتابلىرىدىكى ئون چوڭ خاتالىقنى ئ

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-23 16:55:58

چەت ئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، دەرسلىك كىتابلىرىدىكى ئون چوڭ خاتالىقنى ئاشكارىلىدىيېقىندا چەت ئەلدە خېلىلا نامى بار ئەرلەر ژۇرنىلى ‹‹ monolith ›› دا: دەرسلىك كىتابلىرىدىكى ئون چوڭ خاتالىق ئاشكارا...

    چەت ئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، دەرسلىك كىتابلىرىدىكى ئون چوڭ خاتالىقنى ئاشكارىلىدى

     

    يېقىندا چەت ئەلدە خېلىلا نامى بار ئەرلەر ژۇرنىلى ‹‹ monolith ›› دا:   دەرسلىك كىتابلىرىدىكى ئون چوڭ خاتالىق ئاشكارا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
       1 – خاتالىق: ئېينىشتېيننىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ناچار ئىدى.
    ھازىر كەڭ تارقالغان قاراشقا تۈپتىن ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، ئېينىشتېيىن باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا ئۆگىنىش نەتىجىسى ناچار ئەمەس، بەلكى ئەلا ئىكەن. بۇنداق قاراشنىڭ تارقىلىشىغا ھەممە كىشىنىڭ كىچىك ۋاقتىدا ئوقۇش نەتىجىسى ئوتتۇراھال بالىنىڭ چوڭ بولغاندا ئوخشاشلا ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىغا ئائىت ھېكايىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى سەۋەب بولغان. لېكىن، نۇرغۇن ئاتا – ئانىنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇكى، ئېينىشتېيىن 12 يېشىدا دىففېرېنسىئال ۋە ئىنتېگرالنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشكە باشلىغانىكەن.
       2 – خاتالىق: چاشقان ئىرىمچىككە قەۋەتلا ئامراق .
    چاشقان نېمىشقا ئىرىمچىك يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ؟ چاشقان ئۇۋىسىدا پىششىقلاپ ئىشلەنگەن سۈت بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، چاشقان خاسىڭ مۇرابباسى، ئارپا قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى بەكرەك ياخشى كۆرىدۇ. بەزى چاشقانلار ھەتتا سۈت شېكىرىگە زىيادە سىزىمچان كېلىدۇ. بۇنداق چاشقانلار ئىرىمچىك يېسە ئۆلىدۇ. چاشقان ئىرىمچىك يېيىشكە قەۋەتلا ئامراق، دېگەن خاتا قاراشقا پۈتۈن دۇنيا خەلقى ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان "مۈشۈك بىلەن چاشقان" ناملىق كارتون فىلىم سەۋەب بولغان.
       3 – خاتالىق: ناپولېئون پاكار ئىدى.
    تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بويى بەش فۇت يەتتە ديۇيم  (تەخمىنەن 1.70 مېتىر) كېلىدىغان ناپولېئون ئەينى ۋاقىتتا فرانسىيىدە ئوتتۇرا بوي ھېسابلىنىدىكەن. ناپولېئوننىڭ پاكار، دەپ قارىلىشىغا ئىلگىرىكى خاتىرىلەر سەۋەب بولغان. ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ "ديۇيم" غا بولغان قارىشى ئوخشاش ئەمەس بولۇپ، فرانسىيىدە قوللىنىلىدىغان "ديۇيم" ئەنگلىيىدە قوللىنىدىغان " ديۇيم" دىن ئۇزۇن بولىدۇ. ئەنگلىيىلىكلەر ناپولېئوننىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ناپولېئوننىڭ بويى بەش فۇت ئۈچ ديۇيم (1.60 مېتىر) كېلىدۇ، دەپ تەشۋىق قىلغانىكەن.
        4 – خاتالىق: لامپۇچكىنى ئېدىسون كەشپ قىلغان . 
     توماس ئېدىسوننىڭ زېھنى ھەقىقەتەن بەك ئۆتكۈر. لېكىن، لامپۇچكا ئېدىسوننىڭ كەشپىياتى ئەمەس. ئېدىسوندىن بۇرۇن جوزېف سۋان قاتارلىقلار ئىپتىدائىي لامپۇچكىنى ياسىغان. لېكىن، سودىغا ئىشلىتىدىغان تۇنجى لامپۇچكىنى ھەقىقەتەن ئېدىسون ياسىغان.
        5 – خاتالىق: چاشقانلارنىڭ تىك ياردىن كوللېكتىپ سەكرەپ ئۆلۈۋېلىشى .
    كوللېكتىپ ئۆلۈۋېلىش ئاڭلىماققا تەدرىجىي تەرەققىياتنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئوخشايدۇ، ئۇ مەلۇم تۈرنىڭ كۆپىيىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. لېكىن، چاشقانلار بۇنداق تەدرىجىي تەرەققىيات ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، دىسنېي شىركىتى كىشىلەرگە مۇشۇنداق چۈشەنچە بەرگەن. بۇ شىركەت سۈرەتكە ئالغان ھۆججەتلىك فىلىم "ئاقدالا" دا نۇرغۇن چاشقاننىڭ تىك يارغا چىقىپ كوللېكتىپ ئۆلۈۋالغانلىقى تەسۋىرلەنگەن. بۇ فىلىم چوڭ ئۇتۇق قازانغان. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىللە، كىشىلەردە خاتا تۇيغۇ پەيدا قىلغان.
        6 – خاتالىق: شىمالىي ۋە جەنۇبىي يېرىم شاردا سۇنىڭ ئېقىش يۆنىلىشى ئوخشاش بولمايدۇ .
    مەيلى شىمالىي يېرىم شاردا ياكى جەنۇبىي يېرىم شاردا بولسۇن، تەرەت تۇڭىدىكى سۇ باشتىن – ئاخىرئوخشاش يۆنىلىشتە ئايلىنىپ تەرەت تۇڭىنى تازىلايدۇ. تەرەت تۇڭىدىكى سۇنىڭ يۆنىلىشى شىمالىي يېرىم شاردا ياكى جەنۇبىي يېرىم شاردا بولغانلىق سەۋەبىدىن ئۆزگەرمەيدۇ.
        7 – خاتالىق: ئىنسانلار ئادەمسىمان مايمۇندىن ئۆزگەرگەن .
    مەيلى چارلىز دارۋىن بولسۇن ۋە ياكى باشقا داڭلىق تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىچىلىرى بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئىنسانلار شىمپانزە، گورىللا ۋە ھازىر مەۋجۇت بولغان ئادەمسىمان مايمۇندىن ئۆزگەرگەن، دېمىگەن. ئۇلار پەقەتلا مايمۇنلار بىلەن ئىنسانلار بىر ئورتاق ئەجدادتىن تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ ئۆزگەرگەن، ۋەھالەنكى، ئۇلارنىڭ ئورتاق ئەجدادى بۇنىڭدىن بىرنەچچە مىليون يىل ئىلگىرى يوقالغان، دېگەن.
     
        8 – خاتالىق: شىمالىي ياۋروپا قاراقچىلىرى مۈڭگۈزلۈك دۇبۇلغا كىيەتتى
    كىنو ياكى ھەجۋىي رەسىملەردە شىمالىي ياۋروپا دېڭىز قاراقچىلىرى ئادەتتە مۈڭگۈزلۈك دۇبۇلغا كىيگەن قىياپەتتە سۈرەتلىنىدۇ. لېكىن، ئۇلارنىڭ باش بېزەكلىرىدە ياكى دۇبۇلغىسىدا ھېچقانداق مۈڭگۈز بايقالمىغان. ئەمەلىيەتتە، ئەينى چاغلاردا شىمالىي دېڭىز قاراقچىلىرى ئۆلسە، ئۇنىڭ كىيگەن دۇبۇلغىسى ۋە مۇڭگۈزدىن ياسالغان جام قوشۇپ دەپنە قىلىنىدىكەن. ۋەھالەنكى، بۇ نەرسىلەرنى بايقىغانلار شىمالىي ياۋروپا دېڭىز قاراقچىلىرىنى مۈڭگۈزلۈك دۇبۇلغا كىيىدىكەن، دەپ ئويلاپ قالغان.
        9 – خاتالىق: كولومبو يەر شارىنى تۈزلەڭلىك، دەپ قارىغان
    مىلادىدىن بۇرۇنقى 240 – يىللىرى بەزىلەر يەر شارى يۇمىلاق بولۇشى مۇمكىن، دەپ قىياس قىلىشقا باشلىغان (ئەينى ۋاقىتتا، مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشى يەر شارى داسقا ئوخشايدۇ، دەپ قارايتتى). 1492 – يىلى كولومبو يەر شارىنى ئايلىنىش سەپىرىنى باشلىغاندا، نۇرغۇن كىشى يەر شارىنىڭ يۇمىلاق ئىكەنلىكىنى بىلىپ بولغانىدى. مۇشۇنداق بولسىمۇ، ئۇ يەر شارىنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى توغرىسىدا سەل قايمۇقۇپ قالغاچقا، كارىب رايونىنى ھىندىستان، دەپ ئويلاپ قالغان.
        10 – خاتالىق: تىلنىڭ ئوخشاش بولمىغان قىسمى ئوخشاش بولمىغان تەمنى تېتىيدۇ
    ئەمەلىيەت تىلنىڭ ھەرقايسى ئورۇنلىرىدىكى تەم سەزگۈچى ھۈجەيرىلەرنىڭ ھەرخىل تەملەرنى تېتىيالايدىغانلىقىنى، تىل تەم سەزگۈچى ھۈجەيلىرىنىڭ تۇيغۇنلۇق دەرىجىسىنىڭ ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. مەسىلەن، قەھۋە ئىچسەك، تىلىمىزنىڭ ھەرقايسى ئورۇنلىرى ئوخشاشلا ئۇنىڭ ئاچچىق تەمىنى سېزىدۇ.

     

    [hotanboy تەستىقلىدى . 2010-9-25 11:18:26]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.