ئوغلۇمغا خەت

يوللىغۇچى : Ezize يوللىغان ۋاقىت : 2011-07-21 21:32:26

ئوغلۇمغا خەت ۋاسىلىي ئالىكساندىروۋىچ سوخۇمىلىنىسكىي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەشھۇر پېداگوگىكى، ئۇ ھايات چېغىدا رۇسىيە فېدېراتسىيىسى مائارىپ پەنلىرى ئاكادېمىيىسى، سوۋېت ئىتتىپاقى مائارىپ پەنلىرى...

     

    ئوغلۇمغا خەت
     
     
       ۋاسىلىي ئالىكساندىروۋىچ سوخۇمىلىنىسكىي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەشھۇر پېداگوگىكى، ئۇ ھايات چېغىدا رۇسىيە فېدېراتسىيىسى مائارىپ پەنلىرى ئاكادېمىيىسى، سوۋېت ئىتتىپاقى مائارىپ پەنلىرى ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاخبارات ئاكادېمىيىكى، سوتسىيالىزم ئەمگەك قەھرىمانى بولغان. ئۇنىڭ «قەلىمىمىزنى پەرزەنتلىرىمىز ئۈچۈن تەقدىم قىلايلى»، «پۇقرالارنىڭ تۇغۇلۇشى» قاتارلىق ئەسەرلىرى ئۇكرائىنا دۆلەت مۇكاپاتى، ئۇكرائىنا مائارىپ جەمئىيىتى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. «ئوغلۇمغا خەت» ناملىق بۇ ئەسەر يۇقىرىقى ئىككى ئەسىرى بىلەن قوشۇلۇپ ئۇنىڭ تىرىلۇگىيىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆيدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل تۇرمۇشقا قەدەم قويغان ئوغلى بىلەن كىشىلىك ھايات ھەققىدە سالام خەت شەكلىدە پاراڭلاشقان. ئۇنىڭ بۇ خەتلىرى روھى ئەخلاق توغرىسىدىكى مەزمۇنلار، يۈكسەك ئېستېتىكىلىق تۇيغۇلار بىلەن تويۇنغان. بۇ سۇخۇبىلنىسكىنىڭ مۇھەببەت ھەققىدە ئوغلىغا يازغا 17- پارچە خېتىدۇر.
     
     
       ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، قەدىرلىك ئوغلۇم!
     
       خېتىڭنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئۇزاق ئويلاندىم، شۇڭا ۋاقتىدا جاۋاپ خەت يازالمىدىم. ساۋاقدىشىڭ بىلەن مەلۇم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئۇياتسىزلىقىغا نەپرىتىڭلارنى بىلدۈرۈپسىلەر، مەن سىلەرنىڭ بۇ ھېسياتىڭلارنى قۇۋۋەتلەيمەن. مۇھەببەتنىڭ روھىي پاكلىقى كىشى قەلبى ئۈچۈن بىر ئەينەك. مۇبادا بىر كىشى پىسخىكا، ئېستېتىكا، روھىي ۋە ئەخلاق جەھەتتە ئۆزىگە پاسكىنا نەرسىلەرنى يۇقتۇرۇۋالسا، ئۇنداقتا ئۇ- شۇ كىشىنىڭ نۇمۇسىسىز، پەسكەش ئادەم ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇنداق ئىكەن، ئۇ ياخشى پۇقرا ئەمەس، شۇنداقلا ئۇنى توغرا يولدىكى ئادەم دېگىلىمۇ بولمايدۇ.كىشىنى جۇشقۇن دۇنيا بىلەن يېقىنلاشتۇرۇپ تۇرىدىغان ئامىللارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئالىيجاناپ خاراكتېردۇر. ئاقىلانىلىك بىلەن ئىرادە روھى تۇرمۇشتىن ئىبارەت بۇ ساھەدە ھېسسىياتنىڭ ئالاھىدە ھوشيار قورۇقچىسىدۇر. بۇ جەھەتتە مەن بەزى يازغۇچى ۋە سىياسىي ئوبزورچىلارنىڭ كۆز قاراشلىرىغا قوشۇلمايمەن. ئۇلارچە بولغاندا، ھېسسىياتقا بۇيرۇق بەرگىلى بولمايدۇ، ئادەم بولغاندىكىن، يات جىنىسلارنىڭ مەپتۇنكارلىقىدىن ئۆزىنى قاچۇرالمايدۇ. بۇ جىنسى تۇيغۇلارنى ئەركىگە قويۇۋېتىش ئۈچۈن قىلىنغان بىر ئۇرۇنۇش. ۋ.ئى.لېنىن ئىلگىرى «مۇھەببەت ئەركىنلىكى» نى ئۆتكۈر تەنقىد قىلغان. ھايات قەسىرىگە ئەمدىلا قەدەم قويغان ياشلار ئۈچۈن «ھېسسىيات بىرىنچى» دەيدىغان بۇ نەزىرىيە بەكمۇ زىيانلىق. بىر ئادەم يات جىنىسلارنىڭ جەلىپكارلىقىدىن ساراسىمگە چۈشۈشتىن ئىلگىرى، قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىنى قەلب گۈزەللىكى ئارقىلىق مەپتۇن قىلىۋالغانلىقىنى تونۇپ يېتىشى، ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا روھى جەھەتتىن باغلىنىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىشى كېرەك. ئاشۇ شەرت-شارائىت ھازىرلانغاندىلا مۇھەببەت مۇستەھكەم سەمىمىي بولىدۇ. مۇھەببەت چىن بولسا، ئەقىل ھېسسىياتقا ھەمدەم بولۇپ روھىي قۇدرەتنى ئۇرغۇتىدۇ؛ ئەخلاقىي جەھەتتە قەلب ھەرىكىتىنى يۈكسەكلىككە ئىگە قىلىدۇكى، ھەرگىزمۇ ھېسسىياتنى ئىنچىكە ھېساب-كىتابنىڭ ، لوگىكىلىق ئانالىزنىڭ ئورنىغا چۈشۈرۈپ قويمايدۇ. بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمگە روھىي جەھەتتىن باغلانغاندا ئىدىيىۋى ھېسسىيات  ئۆز ئارا ئۆتۈشىدۇ-دە، مۇھەببەت يۈكسەكلىككە ئىگە بولىدۇ.
     
       سەن قۇرامىڭغا يېتىپ قالدىڭ، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئەتە-ئۆگۈنلا دادا بولىسەن، شۇڭا بۇ گەپلەرنى ساڭا ئوچۇق-يورۇقلۇق بىلەن دەۋاتىمەن. دادا بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مېنىڭ مۇشۇنداق قىلىش مەسئۇلىيىتىم بار. ئەگەر ئوغۇل بەدئەخلاق بولسا، جەمئىيەتنىڭ شۇ ئوغۇلنىڭ دادىسىنى «جەمئىيەتكە بولغان مەجبۇرىيىتىڭنى نېمىشقا ئادا قىلمىدىڭ؟» دەپ سوراق قىلىش ھەققى بار. چۈنكى، ھەر بىر پۇقرانىڭ ئاساسلىق ئىجتىمائىي مەجبۇرىيىتى ۋەتەنگە ھەقىقىي ياراملىق بىر ئوغلاننى تەقدىم قىلىش. «دادا» بۇ تولىمۇ يۈكسەك بىر ئىسىم، ئوغلۇم. بۇنى ھەرگىز ئۇنتۇمىغىن.
     
       ساڭا شۇنى دېمەكچىمەنكى، جىق ياشلار ئۆزىگە شاللاقلىقتەك مەرەز خۇينى تۇقتۇرۇۋالدى، بۇ مېنى بەك پەرىشان قىلىدۇ. قىز-يىگىتلەر كوچىلاردا كېتىۋېتىپ كۈپكۈندۈزدە ئادەم بار-يوق دېمەي بىر-بىرىگە ئېسىلىشىدۇ، گاھىدا تېخى ئوچۇق-ئاشكارا سۆيۈشۈپ كېتىدۇ. بىر قېتىم مەن بىر قىزدىن: «ئەتراپىڭىزدا شۇنچە جىق ئادەم تۇرسا ئازراقمۇ خىجىل بولمامسىز؟»دەپ سورىسام، ئۇق قىز قىلچە تەپ تارتماي: «مۇھەببەتنىمۇ يوشۇرۇش كېتەمدۇ؟» دەپ جاۋاب بەردى.
    بۇ نېمىدېگەن ئەخمىقانە جاۋاب-ھە! ئۇ تەن جەھەتتە پىشىپ-يېتىلىگىنى بىلەن ئەخلاق جەھەتتە قىلچە تەييارلىقى يوق قىز ئىكەن. تۇنجى تۇيغۇسغا بويسۇنۇپ ھاياجان بىلەن ئىش كۆرۈش ئەخمىقانىلىك بولىدۇ. ئەسلىدىنلا مەخپى تۇتۇلىدىغان ھېسسياتلار كوچا-كويلاردا خەقلەرنىڭ كۆزىچىلا ئاشكارىلانسا ئەخمقانىلىق، رەسۋالىق بولمامدۇ؟! بىر بالا 18 ياشنىڭ قارىسىنى ئېلىپلا قىزلارغا كۆيۈپ-پىشىپ يۈرسە، ئۇلار بىلەن قۇچاقلىشىپ، سۆيۈشۈپ يۈرسە، بۇ شاللاقلىق بولماي نېمە؟ چىن مۇھەببەت بىر ئۆمۈر بۈيۈك، مۇقەددەس مەجبۇرىيەت ۋە مەسئۇلىيەتنى ھازىرلىيالىغان كىشىلەر ئاندىن مەشۇقىنى سۆيۈشكە ھەقلىق بولىدۇ، ئەنە شۇندىلا مەشۇقىنىڭ يولدىشى، پەرزەنتلىرىنىڭ دادىسى بولالايدۇ. ھېسسىياتقا بېرىلگەن، زېرىكىشلىكتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈنلا بولغان مۇھەببەت مېنى نەزىرىمدە شاللاقلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
     
       ئېسىڭدە بولسۇن، مۇھەببەت-بىرىنچى بولۇپ سۆيگەن ئادىمىڭگە، ئۇنىڭ تەقدىرىگە، ئۇنىڭ كەلگۈسىگە بولغان بىر خىل مەسئۇلىيەتتۇر. ھۇزۇر ئېلىشنىلا كۆزلەپ مۇھەببەتلەشكەن كىشى شاللاقتۇر، ئىپلاستۇر. مۇھەببەت ئالدى بىلەن تەقدىم قىلىشتۇر، ئۆز قەلبىدىكى كۈچ-قۇدرەتنى سۆيگەن ئادىمىگە تەقدىم قىلىش، ئۇنى بەختلىك قىلىش دېمەكتۇر.
     
       ئوغلۇم، ئېسىڭدىن چىقارما، ئەر بىلەن ئايالنىڭ ھاياتىدىكى ئەخلاقىي پاكلىق ئۇلارنىڭ تويدىن بۇرۇنقى مۇناسىۋىتىنىڭ خاراكتېرى تەرىپىدىن، مۇشۇ مۇناسىۋەتتە ھازىرلىغان پىسخىكىسى بىلەن مەنىۋى، ئېستېتىكىلىق ۋە ئەخلاقىي ئامىللار تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. مۇھەببەتتىكى ئاتالمىش «تېتىپ بېقىش» بىلەن «مول تەجرىبىلىك» بولۇشتىن ئوتتىن قورققاندەك قورقۇش كېرەك. مۇھەببەتلەشكەنلەر تويدىن بۇرۇن پىسخىكا ۋە روھىي مۇناسىۋەت جەھەتتە قانچىكى پاك، ئالىيجاناپ بولسا، تويدىن كېيىن ئەر كىشىنىڭ ئەخلاقىي مەجبۇرىيىتى شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ. قىزلارنىڭ ئالدىدا ئەخلاقىي مەجبۇرىيىتىنى ئۇنتۇلۇپ قالمايدىغان، قىزلارنىڭ كەلگۈسىگە مەسئۇل بولالايدىغان يىگىتلەرلا ھەقىقىي ئەر بولالايدۇ. پاك مۇھەببەت ياشلارنى روھىي جەھەتتىن پىشىپ-يېتىلدۈرىدۇ؛ چىن بولمىغان، ئىچ پۇشۇقى تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان مۇھەببەت ئوغۇل بالىنى تاپتىن چىقىرىدۇ.
     
       ئاشىق-مەشۇقلار ئارىسىدىكى روھىي ئالاقىنىڭ ئەڭ چوڭ ھۇزۇرى بىر-بىرىنى ئەقلى ۋە گۈزەللىك جەھەتتىن ئۆز ئارا تولۇقلاشتا، يېڭىچە روھى ۋە گۈزەل خىسلەتنى تەدرىجى چۈشىنىش ۋە ئۈزلۈكسىز بايقاشتا، شۇنداقلا بىر -بىرىنىڭ ئېسىل تەرەپلىرىنى ئۆز ئارا قوبۇل قىلىشنى ئارزۇلاشتا، ئەنە شۇلا بىر-بىرى ئۈچۈن تەقدىم قىلىشتۇر. چىن مۇھەببەتكە، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە جاپادىمۇ-ھالاۋەتتىمۇ بىرىگە بولالايدىغان مۇھەببەتكە كىم ئىنتىلمەيدۇ؟ ئەمسە بۇ نېمە تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ؟ ئەلۋەتتە كىشىنىڭ توختاۋسىز تەرەققىي قىلىشى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ئاپاڭ بىلەن توي قىلغىنىمىزغا پات ئارىدا 25 يىل بولىدۇ... مەن ھەر قېتىم ئۆيدىن ئايرىلىپ نەچچە كۈندىن كېيىن ئۇنى كۆرگىنىمدە قەلبىم بىر لەھزە ھاياجانغا چۆمىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن - دۇنيادا بىردىنبىر سۆيگەن ئادىمىم بولغان بۇ ئايالنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئۆزۈممۇ دەپ بېرەلمەيدىغان يېڭىچە بىر نەرسىنى كۆرىمەن. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن يېڭىچە بىر خىل گۈزەللىك بالقىپ تۇرىدۇ. روھىي دۇنيانىڭ مول بولۇشى ھېسسىياتنىڭ كۆپ خىللىقىدا ئەكس ئېتىدۇ، كىشىنىڭ كۆز نۇرى بولسا ئاشۇ ھېسسىياتلارنى بىۋاستە نامايان قىلىپ تۇرىدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ھېسسىيات كەمچىل بولىدىكەن، تۇنجى كۆرۈشۈشتە كىشىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغان گۈزەل چىرايمۇ كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن غۇۋالىشىدۇ، جەلىپكارلىقىنى يوقىتىدۇ. ھۆرگۈلدەك بىر ئېچىلىپلا توزۇپ كېتىدىغان، تاشقى قىياپەتكىلا شەيدا بولغان مۇھەببەت، گۈزەل چىرايدىن، سەرۋى قامەتتىن ھۇزۇر ئىزدەيدىغان كىشىلەر ھامان داغدا قالىدۇ.
     
       ئېسىڭدە بولسۇن ئوغلۇم، مەخسۇس «مۇھەببەت ئىلىمى» دەيدىغان نەرسە يوق، لېكىن ئىنسانىي خىسلەت دەيدىغان بىلىم بار. كىمكى مۇشۇ جەھەتتىكى بىلىملەرنى ئىگىلەيدىكەن، شۇ پىسخىكا، ئېستېتىكا، روھىي ۋە ئەخلاق جەھەتتە تەييارلىقنى ياخشى قىلغان بولىدۇ. بۇ- بىر كىشىنىڭ خىسلىتىگە نىسبەتەن ئەڭ قاتتىق سىناقتۇر. ۋ.ئى. لېنىن كلارا سېتكىن بىلەن سۆھبەتلەشكەندە: «مۇھەببەتتە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، ئۆزىنى چەكلەش بولۇشى كېرەك» دەپ تەكىتلىگەن. بۇ جەھەتتە ئاساسلىق رول ئوينايدىغىنى بىز ئەرلەرمىز. ئەرلەر ھېسسىياتنى كونترول قىلىشنى بىلىشى كېرەك. گېپىمگە قۇلاق سال ئوغلۇم، بىر-بىرىگە ئاشىق بولۇشقان ئىككى ئادەم جىسا قىلىشسا، ئۇلار ئەخلاق جەھەتتە روھىي يېقىنچىلىقتا بولىدۇ، بىر-بىرىنى ھۆرمەتلىشىدۇ. بىرگە ئۆتۈش ئۈچۈن تەرەددۇتلىنىدۇ. ھامان بىر-بىرىنى قوللاش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى چۈشىنىدۇ. بىلىش كېرەككى، تويدىن بۇرۇن يىگىتلەرنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋېلىشى روھىي دۇنياسى مول، ساداقەتمەن، زېرەك قىزلارنى خورلۇق ھېس قىلدۇرىدۇ، سەسكەندۈرىدۇ.
     
       ئوغلۇم، شۇنى بىلىۋالغىنكى، ياشلىق پەيتلىرىدىكى بەخت ئەڭ شېرىن بولىدۇ، مۇھەببەتمۇ ئەنە شۇ چاغدا ئەڭ پاك، كۆڭۈلدىكىدەك بولىدۇ.روھىيىتى مول كىشىلەر بۇنداق مۇھەببەتتىن ئايرىلىپ قېلىشنى ئەسلا خالىمايدۇ. يىگىت بىلەن قىز ئۇچراشقاندا، ھەر ئىككىلىسىدە سەمىمىيلىك ۋە غۇرۇر تۇيغۇسى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن، ئۇلار جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ئىبارەت بۇ چېگردىن ئۆتۈپ كەتمەيدۇ. بۇ، ھەرگىزمۇ ئۇلاردا ئاشۇنداق ئىستەكنىڭ بولمىغانلىقىدا ئەمەس، ئۇلاردىمۇ شۇنداق ئىستەك ناھايىتى قىزغىن ھەم كۈچلۈك بولىدۇ. لېكىن، ئۇلار روھىي جەھەتتىن يېقىنلاشماي تۇرۇپ جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەخلاقىي جەھەتتە دۇرۇس ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ يەتكەن. بۇنداق بۈيۈك مۇھەببەتتە روھىي جەھەتتىن يېقىنلىشىش ۋاقتى ناھايىتى ئۇزۇن بولىدۇ، ئۇلارمۇ شۇ ۋاقىتنى قەستەن ئۇزۇنغا سوزۇيدۇ، نەتىجىدە بۇ ئۇلارغا غايەت زور بەخت ئاتا قىلىدۇ.
     
       ئوغلۇم، سەن «ياشاش ھەرگىزمۇ ئېتىز-دالىلارنى كېزىشكە ئوخشىمايدۇ» دېگەن ماقالىنى ئاڭلىغان بولغىيتىڭ. بىر كىشىنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنىڭ قانداقلىقى ئۇنىڭ ئائىلىۋى تۇرمۇشتا قانداق ئادەم ئىكەنلىكىدە ئىپادىلىنىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، جەمئىيىتىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئائىلىدىن باشقا جايلاردا كىشىلەرگە ناھايىتى ئالىيجاناب، قەيسەر تەسىر بېرىدۇ-يۇ، ئۆيگە كىرگەندە رەزىل، شەخسىيەتچى، زوراۋان قىياپىتىنى ئاشكارىلايدۇ. يەنە بەزىلەر روھىي تەرەققىيات سەۋىيىسى جەھەتتە توي قىلىش تەييارلىقىنى قىلچە ھازىرلىمىغان، ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە ئېلىشىپ-تېگىشى ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئەخلاققا خىلاپلىق  قىلىش قىلمىشى، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ ھاياتى ئۈچۈن قىلىنغان بىر جىنايەت. بەزىلەر نىكاھنى ئۆزىنىڭ چەكلىمىسىز قاندۇرىدىغان تەبئىي ئېھتىياجى قاتارىدا كۆرىدۇ. ئەخلاقىي جەھەتتە تاپتىن چىققان بەزى ياشلار نىكاھنى تويدىن بۇرۇن مەلۇم نەرسىدە ئېرىشەلمىگەن ھوقۇققا ئېرىشىش دەپ قارايدۇ. بۇنداق نىكاھ قانۇنى مۇناسىۋەتكە ئىگە بولسىمۇ، زەئىپلەشكەن مەنىۋى مۇناسىۋەتنى مۇستەھكەملىيەلمەيدۇ.
     
       ئېسىڭدىن چىقارما ئوغلۇم، كىشىلەر تويدىن كېيىن قانۇنىي، ماددىي مەسئۇلىيەتلەرنى ئۆتەپلا قالماي يەنە ئەخلاقىي مەسئۇلىيەتنىمۇ ئۈستىگە ئالىدۇ. كىشىنىڭ مەنىۋىيىتىنىڭ مول بولۇش-بولماسلىقى ئائىلىۋى مۇناسىۋەت تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. بەزىدە ياش ئەر-خوتۇنلار دەسلەپكى نەچچە ئايدا «ئۈمىدسىزلىك» كە پاتىدۇ، «رومانتىك مۇھەببەتلىرى» يوقالغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا مىجەزدە كېلىشەلمەسلىك كېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ۋە كونكرېت مەزمۇنى خىلمۇ خىل بولىدۇ. ئۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب بىرلا: ياشلار توي قىلغاندىن كېيىن، مۇھەببەت تەن ۋە روھ جەھەتتىن يېقىنلىشىشتىكى توسالغۇنى پۈتۈنلەي سۈپۈرۈپ تاشلىدى، دەپ قارايدۇ ۋە چەكسىز بەختتىن ھوزۇرلىنىش بىلەن بۇلۇپ كېتىپ، ئوبرازلىق، شېرىن سۆزلەرنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. مۇھەببەت يالقۇنى يېقىلغۇنىڭ ياخشى بولۇشىنى- تۇرمۇشنىڭ مەنىۋى جەھەتتىن مول بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. مۇبادا ئاشۇنداق يېقىلغۇ بولمايدىكەن، مۇھەببەت ئۆچۈپ قالىدۇ ياكى ئوت ئالماي تۈتەپ تۇرۇۋېلىپ، ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھاۋاسىنى بۇلغايدۇ.مۇھەببەتتە يەنە مەنىۋى تۇرمۇش مول بولۇشى كېرەك، ئەنە شۇندىلا ئائىلە مۇستەھكەم بولىدۇ.
     
       يەنە شۇلار ئېسىڭدە بولسۇن، ياشلار تويدىن كېيىن مۇھەببەتتىن ھوزۇرلىنىشتىنىمۇ بەكرەك مۇھەببەتنى مۇستەھكەملەشكە سەل قارىماسلىقى كېرەك. تۇرمۇشتا مەنىۋى بايلىق زاپاس تۇرمايدىكەن، جىنسى مۇناسىۋەتنى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشى مۇمكىن بولماي قالىدۇ... ئائىلىۋى تۇرمۇشنىڭ مەلۇم باسقۇچىدا ئەر-ئايال مەنىۋى جەھەتتىن توساتتىن قاتتىق چاڭقاقلىق ھېس قىلىدۇ، ئۇلار سۆيگەن ئادىمىگە بۇرۇنقىدەك مەنىۋى ئوزۇق ئاتا قىلالمىغاندا، ئائىلىۋى تۇرمۇش ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىپ بېرەلمىگەندە بەزىدە ھەتتا مۇنداق ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ: تويدىن ئىلگىرى بىردەم ئايرىلغىنىغا چىداشماي قالغان بولسا، تويدىن كېيىن بىر-بىرىنى كۆرسىلا خۇيى تۇتىدىغان بولۇپ قالىدۇ، مانا بۇ ھال ئائىلىۋى تۇرمۇشنى بەجايىكى دوزاخقا ئايلاندۇرىدۇ. لېكىن، شۇ سەۋەبلىك جىمى بولغۇلۇق بالىغا بولىدۇ. بۇنى ئېسىڭدىن چىقىرىپ قويساڭ بولمايدۇ. بىر پۇقرا بولغان ئىكەن، ئالدى بىلەن جەمئىيەتكە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك، لېكىن، بالا- دەل بىزنىڭ كەلگۈسىمىزدۇر. ئېسىڭدە بولسۇن ئوغلۇم، ئەگەر سەندە ئائىلە قۇرۇش ئىستىكى پەيدا بولغان بولسا، «پۇقرالىق مەجبۇرىيىتىمنى ياخشى ئاددا قىلدىممۇ-يوق» دەپ ئۆزۈڭنى ئوبدان تەكشۈرگىن.
     مەنىۋى بايلىق يارىتىشتا كامىل كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىرىنچى، ئىككىنچى قېتىملىق مۇھەببەت بولمايدۇ، مۇھەببەت ئۇلار ئۈچۈن پەقەت بىر قېتىملا بولىدۇ. سەن مۇشۇ سۆزنى ئۆزۈڭدە ئەڭ تولۇق نامايان قىلغان غايىچىلەردىن بولغىن. «ئۇ شاختىن بۇ شاخقا قونۇپ ئۆز ھېسسىياتىنى ئىسراپ قىلىۋاتقان ئاشۇ ئۈجمە كۆڭۈل كىشىلەر ئاخىرى ئۆزىنىڭ بىر دىۋانە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ.» بۇ سۆزنى- ئو. گونچارنىڭ «بايراقدار» ناملىق رومانىدىكى باش پېرسۇناژ بۇرانىسكىي ئېيتقان. ئۇ- ئەخلاقىي پاك، مۇھەببىتىگە سادىق بىر ئەر. ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىدە چۇڭقۇر بىر ھەقىقەت بار، ئەگەر سەن ھەقىقىي بىر يىگىت بولساڭ، سۆيگەن ئادىمىڭنىڭ ۋۇجۇدىدا مەنىۋى بايلىق يارىتالىساڭ، ئۇ ھالدا سەن ئۇزۇن يىلدىن بېرى چىن دىلىڭدىن سۆيگەن ئادىمىڭنى ھەرگىز تاشلىمايسەن. مەن ساڭا يەنە بىر قېتىم دەي ئوغلۇم: چىن مۇھەببەت ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ھەرگىز سۇسلاپ قالمايدۇ. ئەكسىچە تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. مەن قەلبىمنىڭ بىر قىسىمىنى سۆيگەن ئادىمىمنىڭ ۋۇجۇدىدا قالدۇرسام، ئۇ ماڭا گۈزەل قەلبى ۋە مەنىۋى جەلىپكارلىقىنى ئاتا قىلىدۇ، ئىككىمىز بىر بولۇپ ياراتقان بايلىق ئىككىنچىلەپ يارالمايدۇ. مەنىۋى تەرەققىياتىمىز، ئەقلىمىز ۋە ھېسسىياتىمىزنىڭ تەڭ موللىشىشى، بالا، ئائىلىنىڭ شەرىپى، غۇرۇر، ئەنئەنە، ئۆتمۈشكە بولغان سېغىنىشلىرىمىز، شېئىرىي تۇيغۇغا باي ياشلىق باھارىمىز، ياشلىق ھېسسىياتلىرىمىزنىڭ پاك-بىغۇبارلىقى...شۇلارنىڭ ھەمىسى مۇشۇ بايلىق ئىچىگە مۇجەسسەملەشكەن بولىدۇ. ئەنە ئاشۇلار قەلىبتە چۇڭقۇر ئىز قالدۇرىدۇ، شۇڭا ئېغىز مەنىۋى ئازابنى باشتىن كەچۈرمەي تۇرۇپ يېڭى تۇرمۇشنى باشلىغىلى بولمايدۇ. ئەر ياكى ئاياللار بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ قالسا، بەزىدە ئۆمۈر بويى ئۇنى ئۇنتۇيالمايدۇ. ئۇنىڭدا يېڭىچە ھېسسىياتلار پەيدا بولمايدۇ، بۇ ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس ھەم رومانتىك تۇيغۇمۇ ئەمەس. بەلكى ئىنسانىي خىسلەتنىڭ چۇڭقۇر ئىپادىسى. كىشى چىن دىلىدىن سۆيگەن مەھبۇبىسى قەلبىگە مەھكەم ئورناپ، جېنى ھەم تېنى بىلەن مەھكەم بىرلىشىپ كەتكەندە سۆيگەن يارىنى ئۇنتۇيالمايدۇ.
       ھەي، خېتىم بەك ئۇزىراپ كەتتى. بىلىمەن ئوغلۇم، سەن نەسىھەتلىرىمگە بويۇن تولغىمايسەن. دېگەن ھەر بىر ئېغىز گەپلىرىمنى ئوبدان ئويلانغىن، ئۆزۈڭنى ھەر جەھەتتىن ياخشى تاۋلىغىن.
     
       خەير، قەدىردان ئوغلۇم! بىرىنچى مايدا ئۆيگە كېلىپ كېتەرسەن، بىر كۈن تۇرۇپ كەتسەڭمۇ مەيلى.
       زەبەردەستلىك، قەيسەرلىك ساڭا ھەردەم يار بولغاي!
     
    سېنى سۆيۈپ ھەم قۇچاقلاپ
                                              داداڭدىن!
     
    تەرجىمە قىلغۇچى: ھەزرىتى ئەلى بارات
    مەنبە:شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ژۇرنىلى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.