بالزاك(1799-1850)-فىرانسىيە يازغۇچىسى

يوللىغۇچى : AQURUK يوللىغان ۋاقىت : 2007-12-13 18:03:00

ئونۇرودې بالزاك -Honore de Balzac ئونۇرى دى بالزاك 19-ئەسىردىكى ياۋرۇپا تەنقىدىي رىيالىزىم ئەدىبىياتىنىڭ ئۇلۇق ۋەكىلى. گەرچە بالزاك نۇقۇل ئىقتىسادى تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈنلا يېزىقچىلىق قىلغان بولسىم...

    ئونۇرودې بالزاك -Honore de Balzac

        ئونۇرى دى بالزاك 19-ئەسىردىكى ياۋرۇپا تەنقىدىي رىيالىزىم ئەدىبىياتىنىڭ ئۇلۇق ۋەكىلى. گەرچە بالزاك نۇقۇل ئىقتىسادى تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈنلا يېزىقچىلىق قىلغان بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ ئەسەرلىرى دۇنيادا زور تەسىر قوزغىغان. بالزاك 1799--يىلى فىرانسىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى تۇر شەھرىدە تۇغۇلغان بولۇپ ئاتىسى 50تىن ھالقىغان ئۆي جاھازلىرى سودىگىرى، ئاپىسى ساران پىئېر بولسا ئەمدىلا 18 ياشقا كىرگەن، بانكىر ئائىلىسىنىڭ قىزى ئىدى. ئائىلە ئىەقتىسادىنىڭ ياىشى بولمىغانلىقى بالزاكنى كۆڭۈلدىكىدەك ئائىلە مۇھەببىتىگە ئېرىشتۈرمىگەن، ئەمما بالزاكنىڭ كىتاپ ئوقۇش ھەۋىسى ئۇنىڭ ئەدەبى تالانتىنىڭ جۇش ئۇرۇشىغا تەسىر كۆرسەتكەن. بالزاك 1814-يىلى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە پارىژغا كۆچۈپ كەلگەن. 1816-يىلى فارىژ ئۇنىۋېرىستىنىڭ قانۇن مەكتىۋىدە قانۇنشۇناسلىقتا ئوقۇغان ۋە بۇ مەزگىلدە قوشۇمچە ئەدەبىيات دەرسىنى ياندىن ئاڭلاپ ئەدەبىيات باكلاۋېرلىقىنى ئالغان. بالزاك دەسلەپتە ئادۇۋكات ۋە جامائەت گۇۋاھلىقى خادىمى بولغان، كېيىن سودا بىلەنمۇ شۇغۇللانغان ئەمما تۈزۈك نەتىجە قازىنالمىغان. 20يېشىدىن باشلاپ ئانچە تاينى بولمىغان ئۇششاق ھىكايىلەرنى ۋە «كىرومۋېل» دىگەندەك تىياتىرلارنى ئېلان قىلغان، نەشرىياتچىلىق ۋە باسما كەسپى بىلەنمۇ شۇغۇللانغان، ئەمما 1829-يىلى 30 ياشقا كىرىپ قالغان بالزاك پۈتۈن ئىشلىرىدا زىيان تارتىپ قەرزدار بولۇپ قالغان. دەل شۇ يىلى ئېلان قىلىنغان«1800-يىلىدىكى بىرىتانى» ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكتىن، نەشرىيات سودىگىرى بالزاكنىڭ رومان يېزىپ بېرىپ قەرز تۆلشىگە ماقۇل بولغان، بالزاكنىڭ قەرز ئۈچۈن يېزىلغان تۇنجى رومانى «ساغرا تېرە» نىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەنلا ئالقىشقا ئېرىشىپ ئەڭ بازارلىق كىتاپ بولۇپ قالغان، بالزاكنىڭ دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى ئورنىمۇ شۇنىڭدىن كېيىن مۇستەھكەملەنگەن. شۇنىڭدىن كېيىن بالزاك 90دىن ئارتۇق ئەسەردىن تەركىپ تاپقان، ياۋرۇپا ئەدىبىيات تارىخى، ھەتتا دۇنيا ئەدىبىيات تارىخىدىكى ئۇلۇق ۋە پارلاق نامايەندە ھىساپلانغان «ئىنسان كومىدىيىسى» ناملىق توپلىمىنى يېزىشنى باشلىغان، 1839-يىلىدىن تاكى ۋاپات بولغۇچە فىرانسىيە يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ھەيئىتى بولۇپ ئىشلىگەن. بالزاك ئەسەرلىرى 19-ئەسىردىن ئىلگىركى فرانسىيە جەمىيىتى، بولۇپمۇ پارىژنىڭ يۇقىرى قاتلام جەمىيىتىنىڭ ئوبرازلىق تارىخى بولۇپ قالغاچقا بالزاك فىرانسىيە جەمىيىتىنىڭ كاتىۋى دەپ نام ئالغان . ئۇ فىرانسىيە كاپىتالىزىمنىڭ 1816-يىلىدىن 1848-يىلىغىچە بولغان مەزگىل ئىچىدە ئاقسۆڭەكلەر جەمىيىتىگە كۈنسايىن زەربە بېرىشكە باشلىغانلىغىنى خۇددى يىلنامىدەك يىل تەرتىپى بويىچە تەسۋىرلەپ بېرىدۇ. ئۇ رىئالىزىملىق پىرىنسىپ بويىچە ،فرانسىيە جەمىيىتىنى كەڭ ھەم چوڭقۇ تىپىكلاشتۇرۇپ بەرگەن ئۇلۇق رىئالىست ئۇستاز يازغۇچىدۇر. كىتاپخان ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغاندا ، بەدىئى جەھەتتىن ئىستىتىەك زوق ئېلىپلا قالماي، بەلكى تارىخ ،سىياسەت ،قانۇن جەھەتلەردىنمۇ بىلىم ئالايدۇ. بالزاك ھەقىقى بەدىئى تالانت ئىگىسى بولۇپ، ئىجادىيەتلىرىدە ئۇنىڭ كامالەتكە يەتكەن بەدىئى تالانتى گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ، ئۇ تىپىك مۇھىت تۈرلۈك -تۈمەن خىل پۇرسۇناز ئبرازلىرىنى يارىتىش بىلەن باشقىلارغا مول تەجرىبىلەرنى ئاتا قىلدى. ئىنسان كومىدىيىسى بىر جەمىيەت قامۇسى بولۇپ، 19-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى فرانسىيە جەمىيىتى، بولۇپمۇ يۇقىرى قاتلام جەمىيەتنىڭ يىلنامە تۈسىدىكى سۈرەتلەر توپلىمىدۇر . بالزاكنىڭ پىلانى بويىچە «ئىنسان كومىدىيسى »137 پارچە رومان ،پوۋىست ۋە ھىكايىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك ئىدى ،لېكىن ئەزرائىل ئۇنىڭ قەلىمىنى بەكلا بالدۇر تارتىۋالغانلىقتىن ،ئۇ پەقەت 91 پارچە ئەسەر يازىدۇ. بالزاك ئىنسان كومىدىيسىنى «ئۆرپ ئادەتلەر تەتقىقاتى» ،«پەلسەپە تەتقىقاتى»،«تەھلىل تەتقىقاتى» دىگەن ئۈچ قىسىمغا بۆلگەن ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئۆرپ ئادەتلەرنىڭ مەزمۇنى ئەڭ كەڭ بولۇپ، ئۇنىڭغا كىرگۈزۈلگەن ئەسەرلەرمۇ ئەڭ كۆپ. بالزاك ئەسەرلىرىنىڭ ئومۇمى نامىنى «ئىنسان كومىدىيىسى» دەپ قويۇشتا ، دانتىنىڭ «ئىلاھ كومىدىيىسى»دىن ئىلھام ئالغان . دانتىنىڭ ئىلاھ كومىدىيىسى نىڭ سەھنىسى «ھەۋزى كەۋسەر» ،«جەننەت» ،«دوزاق» بولۇپ، بالزاكنىڭ يازغىنى كىشىلىك ھايات سەھنىسىدىكى كومىدىيە ئىدى. ھازىرغىچە بالزاكنىڭ پەقەت ياش ۋاقىتلىرىدا يازغان «ساغرا تېرە» دىن ئىبارەت بىرلا رومانى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئونۇرى دى بالزاك