ئارزۇ ۋە رېئاللىق

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-04-12 17:05:03

11:30 دا ئېسىل پىكاپىدا ئولتۇرۇپ تەنتەربىيە سارىيىغا بېرىپ، پۇتبول مۇسابىقىسى كۆرسە، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كوماندا 7:0 نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلسا؛


    ئارزۇ ۋە رېئاللىق

    لى دۇڭمېي
    دىلئارام باھاۋىدىن تەرجىمىسى

    ئەرلەرنىڭ ئارزۇسىدىكى بىر كۈن

     
    10:00 دا ئورنىدىن تۇرۇپ چېچىنى ياسىسا؛
    10:10 دا ھاجەتخانىغا كىرىپ گېزىت كۆرسە، ئاندىن ساقىلىنى ئالسا؛
    11:00 دە كارىۋاتتىلا ناشتا قىلسا، ناشتىسىدا كالا گۆشى، تورت ۋە قەھۋە بولسا؛
    11:30 دا ئېسىل پىكاپىدا ئولتۇرۇپ تەنتەربىيە سارىيىغا بېرىپ، پۇتبول مۇسابىقىسى كۆرسە، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كوماندا 7:0 نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلسا؛
    14:00 تاماقتىن كېيىن، بۇ يىللىق دۇنيا گۈزىلى بىلەن دېڭىز ساھىلىدا ئاپتاپقا قاقلىنىپ، مۇڭداشسا؛
    15:00 تە شىركەت خادىمى شىركەت پاي چېكىنىڭ يەنە ئىككى ھەسسە ئۆرلىگەنلىكى توغرىسىدىكى مۇھىم ھۆججەتنى ئەكېلىپ ئۇنىڭغا قول قويغۇزسا؛
    16:00 دا چېنىقىش كۇلۇبىغا بېرىپ، بەدەن چېنىقتۇرسا، ئۇنىڭ تولغان مۇسكۇللىرى ھەممىنى ھەيران قالدۇرسا، قىزلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋېلىپ تېلېفون نومۇرىنى سورىسا؛
    17:00 دە ئاغىنىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن ساننا مۇنچىسىغا بارسا، ئۇ يەردە قىزىل ھاراق ئىچكەچ تايلاندچە ئۇۋىلاشتىن بەھرىمەن بولسا؛
    18:30 دە شەخسى ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ لاسۋىگاسقا بارسا؛
    19:00 دا خىلتون مېھمانسارىيىغا بېرىپ غىزالانسا؛
    19:30 دا قىمارخانىغا بېرىپ قىمار ئوينىسا، ئۇتقان پۇلى تاغدەك دۆۋىلىنىپ كەتسە؛
    22:00 دە كەچلىك خەۋەرلەرنى، پۇتبول چولپانلىرى توغرۇلۇق ئۇچۇرلارنى كۆرسە؛
    23:00 تە ئۈچ ساھىبجامال بىلەن رومانتىك يۇيۇنۇپ چىقسا؛
    00:30 دا گۈزەل كۈتكۈچى قىز بىر ئىستاكان پىۋە ئەكىرىپ بەرسە؛
    01:00 دە راھەتلىنىپ ئۇيقۇ دېڭىزىغا غەرق بولسا؛
    ئەرلەرنىڭ رېئال بىر كۈنى
    06:00 دە سائەت قوڭغۇرىقى جىرىڭلايدۇ. بۇ نەرسىنى قايسى جىن تەپكەن ساراڭ ئىجاد قىلغان بولغىيدى؟!
    06:30 دا كېچىكىپ قالغانلىقىنى بىلىپ، كارىۋاتتىن سەكرەپلا قوپىدۇ.
    06:40 تا دەرھال ئىشتىنىنى كىيىدۇ، ئالدىراشچىلىقتا قەھۋەنى ئىستاكانغا تۆكۈپ، قايناقسۇنى كۈلدانغا قۇيىدۇ، ئىچكەندىن كېيىنلا ئاندىن تەمىنىڭ باشقىچە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ.
    06:50 تە پاكىز پايپىقىنى تاپالمايدۇ، ئايىغىنىڭ ئىچىدىكى مۈشۈك پوقىنى كۆرۈپ ئاچچىقىدا مۈشۈكنى بىر تېپىدۇ.
    07:00 دە ساقىلىنى ئالغاندا كېسىۋالغان يېرىگە چاپلاش ئۈچۈن پىلاستىر ئىزدەيدۇ.
    07:30 دە ئۆيدىن ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ چىقىپ بېكەتتە ئاپتوبۇس ساقلايدۇ، ئۇزاققىچە ساقلىسىمۇ ئاپتوبۇس كەلمەيدۇ.
    08:00 ئاپتوبۇسقا قىستىلىپ ئاران چىقىۋالىدۇ، ئاپتوبۇستا ئولتۇرىدىغانغا ئەمەس تۇرىدىغانغىمۇ جاي چىقمايدۇ.
    08:30 دا ئاپتوبۇستىن ئاران چۈشۈۋېلىپ، ھاسراپ-ھۆمۈدەپ ئىشخانىغا كىرىپ، مۇھىم بىر ھۆججەتنىڭ ئۆيدە قالغانلىقىنى ئېسىگە ئالىدۇ.
    13:00 تە چۈشلۈك دەم ئېلىشتا، دۇكاندىن ئالغان بولكىسىنى چىشلىگەچ ئەمدىلا تور ئويۇنىنى ئېچىشىغا، غوجايىننىڭ ئارقىدا تۇرغىنىنى كۆرىدۇ. غوجايىن قاپىقىنى تۈرۈپ ئۇنىڭغا ۋەزىپىنى تېزرەك پۈتكۈزۈشنى تاپشۇرىدۇ ۋە بۇ ئايلىق مۇكاپاتنى تۇتۇۋالىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
    17:00 دە بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى تۈگىتىپ «ئۇف» دەيدۇ.
    17:30 دە كومپيۇتېرغا ۋىرۇس كىرىپ، بىر كۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان ئىشى يوق بولىدۇ.
    17:40 تا ئاغىنىسىنىڭ كەچلىك تاماقنى بىللە يېيىش تەكلىپىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىدۇ، ئاندىن تۇيۇقسىزلا قېينئانىسىنىڭ ئۆيگە كېلىدىغانلىقى يادىغا يېتىدۇ.
    18:00 دە ئۆيگە كېلىپلا ئايالىنىڭ كوتىلداشلىرىنى ئاڭلايدۇ، ئاندىن ئەخلەت تۆكىدۇ، پولنى سۈرتىدۇ.
    19:00 دا قېيىنئانىسى كېلىدۇ، كۆڭلىدە: «مۇشۇ قېينئانا دېگەننى كىم ياراتقان بولغىيدى» دەپ ئويلايدۇ.
    19:30 دا قېيىنئانىسى ئۇنىڭغا: «قىزىمنىڭ چىرايى سارغىيىپ كېتىپتۇ، كۆپرەك ساياھەتكە ئاپىرىڭ» دەيدۇ. يەنە تېخى نوركا پەلتۇ ئېلىپ بېرىشنى بۇيرۇيدۇ.
    21:00 دە كەچلىك خەۋەردە ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان پۇتبول كوماندىسىنىڭ 7:0 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويغانلىقىنى ئاڭلايدۇ.
    22:00 دە ئولتۇرۇپ ماتېرىياللىرىغا قاراپ، مېڭىسى توختاپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ-دە، بىر بوتۇلكا پىۋا ئىچىدۇ.
    00:00 دە قېيىنئانىسىنىڭ دەم ئېلىشى ئۈچۈن ياندىكى ئۆينى راسلاپ بېرىدۇ.
    00:30 دە ئۇياققا ئۆرۈلۈپ، بۇ ياققا ئۆرۈلۈپ مىڭ تەستە ئۇخلاپ قالىدۇ.
    مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
     
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.