ھېچنەرسە ئاخىرلاشمىدى

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-04-11 18:08:36

ئەمەلىيەتتە كۈندۈز ئاخىرلاشمايدۇ قوزام، ئۇ باشقا جايدا قايتا باشلىنىدۇ، ئالتۇن ن قۇياش شۇ جايدا جانلىقلارغا نۇر ئاتا قىلىدۇ، بۇ چاغدا بىزنىڭ بۇ يەردە كېچە باشلىنىدۇ. يادىڭدا بولسۇن قوزام، دۇنيادا ھېچنەرسە ئاخىرلاشمايدۇ


    ھېچنەرسە ئاخىرلاشمىدى

    خۇڭ مېي

     
    ئالتۇندەك قۇياش پۈتۈن بىر كۈنلۈك نۇرىنى چېچىپ بولدى، شۇڭا كۈندۈزمۇ ئاخىرلىشىپ قالاي دېدى. كۈندۈزنىڭ پاتلا كېتىپ قالىدىغانلىقىنى سەزگەن بالا بەكلا بىئارام بولدى، چۈنكى ھازىرلا ئانىسى كېلىپ ئۇنىڭغا «كەچلىكىڭ خەيرىلىك بولسۇن قوزام!» دەيدۇ.
    نېمىشقا كۈندۈز چوقۇم ئاخىرلىشىشى كېرەك ئانا؟-دېدى بالا ئانىسىغا مۆلدۈرلەپ قاراپ.
    -پەقەت شۇنداق بولغاندىلا كېچە باشلىنىدۇ بالام.
    -كۈندۈز ئاخىرلاشقان چاغدا قۇياش نەگە كېتىدۇ؟
    -كۈندۈز... ئەمەلىيەتتە كۈندۈز ئاخىرلاشمايدۇ قوزام، ئۇ باشقا جايدا قايتا باشلىنىدۇ، ئالتۇن ن قۇياش شۇ جايدا جانلىقلارغا نۇر ئاتا قىلىدۇ، بۇ چاغدا بىزنىڭ بۇ يەردە كېچە باشلىنىدۇ. يادىڭدا بولسۇن قوزام، دۇنيادا ھېچنەرسە ئاخىرلاشمايدۇ.
    -ئانا، راستىنلا ھېچنەرسە ئاخىرلاشمامدۇ؟
    -شۇنداق، ھېچنەرسە ئاخىرلاشمايدۇ، ئۇ باشقا جايدا باشقىچە ئۇسۇلدا باشلىنىدۇ.
    بالا بۇ چاغدا يوتقانغا كىرىپ بولغانىدى، مېھرى بۇلاق ئانىسى ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتى.
    -شامال چىقىپ توختىغاندىن كېيىن ئۇ قەيەرگە بېرىۋالىدۇ ئانا؟
    -ئۇ باشقا جايدا ھۇشقىتقىلى كېتىدۇ، ئاشۇ جايدىكى دەرەخ شاخلىرى ئۇنى كۆرۈپ ھاياجان بىلەن تەلپۈنىدۇ، يۇمران يوپۇرماقلار ئۇنى قارشى ئېلىپ چاۋاك چالىدۇ.
    -يامغۇر توختىغاندىن كېيىن ئۇ نەگە بېرىۋالىدۇ؟
    -بۇ چاغدا ئۇ بۇلۇتلار قوينىغا كىرىپ ئارام ئالغاچ، يەنە بىر قېتىم يامغۇر بولۇپ يېغىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىدۇ، ئوغلۇم.
    -ئۇنداقتا ئانا، دەل-دەرەخلەرنىڭ يوپۇرمىقى ئالتۇن رەڭگە كىرىپ شېخىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن نەگە كېتىدۇ؟
    -ئۇلار ئۆزىنى ياشارتقان ئانا تۇپراقنىڭ باغرىغا سىڭىپ كىرىپ، يېڭى بىر ئەۋلاد يوپۇرماقنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىگە كۈچ قوشىدۇ.
    -ئەمما ئانا يوپۇرماقلار شېخىدىن ئايرىلغان چاغدا زادى قانداق نەرسە ئاخىرلاشقان بولىدۇ؟-دېدى بالا خىيال سۈرۈپ،-كۈز پەسلى ئاخىرلاشقان بولامدۇ-يا؟
    -شۇنداق،-دېدى ئانا كۆڭۈل قويۇپ جاۋاب بېرىپ،-كۈز پەسلى بارلىق نېمەتلىرىنى خۇددى سېخى ساخاۋەتچىلەردەك بىزگە تۆكۈپ بېرىپ ئاخىرلىشىدۇ، بىراق قىش پەسلى باشلىنىدۇ بالام.
    -ئۇنداقتا ئانا، قىش پەسلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنچۇ؟
    -قىش پەسلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن،-دېدى ئانا ئوغلىنىڭ يۇمران چاچلىرىنى سىلاپ،-يىغىلغان قارلار ئېقىن بولىدۇ، قۇشلار قايتىپ كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن باھار پەسلى باشلىنىدۇ.
    -ھەقىقەتەن ھەممە نەرسە ئاخىرلاشمايدىكەن،-دېدى بالا تاتلىق كۈلۈمسىرەپ.
    -بۈگۈن مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن، ئۇخلا باتۇرۇم،-دېدى ئانا بالىنىڭ يوتقىنىنى قىمداپ قويۇپ،-تاڭ ئېتىپ ئويغانغىنىڭدا تولۇن ئاي باشقا بىر جايغا بېرىپ يېڭى بىر كېچىنى باشلايدۇ، ئالتۇن قۇياش قايتىپ كېلىپ، بىزگە يېڭى بىر كۈندۈزنى ئاتا قىلىدۇ.
    مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.