بەلنى بىر ئېگىپلا 200 مىليون يېن تاپقان ئادەم

يوللىغۇچى : okyan يوللىغان ۋاقىت : 2014-04-10 16:05:43

بىر تال تەڭگە ئالدىدا بەزىلەر بېشىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئۆتۈپ كېتىشى، يەنە بەزىلەر بېلىنى ئېگىپ ئېڭىشىپ ئۇنى ئېلىۋېلىشى مۇمكىن.

    بەلنى بىر ئېگىپلا 200 مىليون يېن تاپقان ئادەم
    نيۇ شىزان
    پەرھات ئەمەت تەرجىمىسى

    ناۋادا بىر تەڭگە يەرگە چۈشۈپ كەتسە، سىز بېلىڭىزنى يادەك ئېگىپ ئۇنى تېرىپ ئالامسىز؟ توردا ئېلان قىلىنغان موشۇ مەزمۇندىكى بىر چاپلىما تولىمۇ قىزغىن بەس-مۇنازىرە پەيدا قىلدى، مۇنازىرىنىڭ نەتىجىسى نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۇنداق قىلمايدىغانلىقىنى دەلىللىدى. چۈنكى ھازىر بىرەر تال تەڭگىگە ھەقىقەتەن ھېچنەرسە سېتىۋالغىلى بولمايدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ بىلەن ھېچقانداق بىر ئىشنى قىلغىلى بولمايدۇ، شۇڭا بىرەر تال تەڭگىنىڭ بولۇش ياكى بولماسلىقى ئادەم ئۈچۈن مۇھىممۇ ئەمەس. ھالبۇكى، ياپونىيەدىكى ماۋرې نوۋېل ھەقىقىي مەنىدىكى پۇلنى كۆرسىلا كۆزىلىرى پارقىراپ كېتىدىغان ئادەم، ئۇ يەرگە چۈشۈپ كەتكەن تەڭگىنىلا ئەمەس، پاسكىنا سۇ چىقىرىش يولىغا چۈشۈپ كەتكەن تەڭگىنىمۇ ھېچ ئىككىلەنمەستىن سۈزۈۋالىدۇ، بۇ ساھەدە ئۇ ھەتتا «تەڭگە سۈزۈش شىركىتى»نى قۇرغان.
    2012-يىلى ماينىڭ بىر كۈنى ماۋرې نوۋېل ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىنىڭ قاراۋۇلخانىسى ئالدىغا كېلىپ ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققىنى تاپشۇرۇش ئۈچۈن ھەميىنىنى ئېچىشىغا، بىر تەڭگە قاراۋۇلخانىنىڭ ئالددىكى پاسكىنا سۇ چىقىرىش يولىغا چۈشۈپ كەتتى. ئۇ پاسكىنا سۇ چىقىش يولىغا چۈشۈپ كەتكەن تەڭگىگە قاراپ ئامالسىز بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ قالدى، چۈنكى پاسكىنا سۇ چىقىرىش يولىنىڭ ئېغىزى پولات ۋادەك بىلەن توسۇپ قويۇلغان ئىدى.
    ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، ماۋرې نوۋېل ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىغا قاراپ ماڭدى، ئۇنىڭ ئىشخانىسى بىلەن ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنىڭ ئارىلىقى خېلى بار ئىدى، بۇ يولدا ئۇ ئۇچرىغانلىكى پاسكىنا سۇ چىقىرىش يولى ئېغىزىنىڭ ھەممىسىگە سىنچىلاپ قاراپ باقتى. ئۇ ھەيران بولغان ھالدا شۇنى بايقىدىكى، پاسكىنا سۇ چىقىرش يولىدا پارىلداپ تۇرغان تەڭگىلەر بار ئىدى. بۇنى كۆرگەن ماۋرې نوۋېلنىڭ كۆز ئالدى يورۇپ كەتكەندەك بولۇپ قالدى ۋە كاللىسىغا مۇنداق ئوي كەلدى:«پۈتۈن توكيودا ھەر كۈنى ماڭا ئوخشاش ئېھتىياتسىزلىقتىن تەڭگىسىنى پاسكىنا سۇ چىقىرىش يولىغا چۈشۈرۈۋېتىدىغانلار ئاز ئەمەس، ناۋادا پۈتكۈل توكيودىكى پاسكىنا سۇ چىقىرىش يولىغا چۈشۈپ كەتكەن تەڭگىلەرنى سۈزۈپ چىقساق چوقۇم ئىنتايىن كۆپ بايلىققا ئېرىشىمىز!»
    شۇ خىيالغا كەلگەندىن كېيىن ئۇ ئىشتىن سىرتقى ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، ھەممىلا يەردە نەق مەيدان تەكشۈرۈشى ئېلىپ باردى، نۇرغۇن دوستىدىن مەسلىھەت سورىدى، بۇ جەرياندا ھەممە ئادەمنىڭ دېگۈدەك ئېھتىياتسىزلىقتىن تەڭگىسى پاسكىنا سۇ چىقىرىش يولىغا چۈشۈپ كېتىش تارىخى بارلىقىنى ھېس قىلدى. توكيونىڭ مەمۇرى باشقۇرۇش تەۋەلىكى 2158 كىۋادرات كىلومېتىر كېلەتتى، نوپۇسى 13 مىليوندىن ئاشاتتى؛ بۇنىڭغا توكيوغا يېقىن يوكوخاما، سەيتاما، چىبا قاتارلىق مەركىزىي شەھەرلەردىن تەشكىللەنگەن شەھەرلەر چەمبىرىكىدە ياشاۋاتقانلارنى قوشقاندا، نوپۇسى بىراقلا 35 مىليوندىن ئېشىپ كېتەتتى. بۇ كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ناۋادا تەڭ يېرىم ئادەم ئېھتىياتسىزلىقتىن تەڭگىسىنى پاسكىنا سۇ چىقىرش يولىغا چۈشۈرۈۋەتكەن بولسا، ئۇنداقتا بۇ توكيودىكى پاسكىنا سۇ چىقىرىش يولى غايەت زور بايلىق كانىغا ئايلانغان بولاتتى.
    ئۇ شىركەتكە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، دەرھال غوجايىنىغا ئىستېپانامە تاپشۇرۇپ خىزمىتىدىن ئىستېپا بەردى، بىر نەچچە كۈن ئالدىراش تەييارلىق قىلغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ سۈزۈش شىركىتىنى قۇردى، ھەتتا ھۆكۈمەت بەرگەن سۈزۈشكە رۇخسەت قىلىش گۇۋاھنامىسىنىمۇ ئالدى. پاسكىنا سۇ چىقىرىش يوللىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك سېسىقچىلىققا تولغان بولىدۇ، ئەمما ماۋې نوۋېل بۇ يەردە تولىمۇ خۇشال خىزمەت قىلدى. ھەر كۈنى ئۇ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرى خۇددى بىر توپ چاشقانلارغا ئوخشاش توكيودىكى پاسكىنا سۇ چىقىرىش يوللىرىدا كېزىپ، بىر تەرەپتىن ھۆكۈمەتكە ھەمدەملىشىپ پاسكىنا سۇ چىقىرش يولىنىڭ ئېتىلىپ قالغان يەرلىرىنى راۋانلاشتۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن تەڭگە سۈزۈش بىلەن بەنت بولدى. ھەممە ئىش ماۋې نوۋېل پەرەز قىلغاندەك بولماقتا ئىدى، بىر يىلدىن كۆپرەك تىرىشىش ئارقىلىق، ئۇلار توكيودىكى ھەر قايسى پاسكىنا سۇ چىقىرىش يوللىرىدىن 900 مىڭدىن كۆپرەك تەڭگە سۈزۈۋالدى، ئۇلارنىڭ قىممىتى 200 مىليون يىن (تەخمىنەن 12 مىليون يۈەنگە باراۋەر) غا يەتتى! غايەت زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئۇ بۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالمىدى، بەلكى ئوساكا، يوكوخاما ۋە سەيتاما شەھەرلىرىگە يۈرۈش قىلىپ، ئۇ يەردە «تەڭگە سۈزۈش شىركىتى»نىڭ ئىشلىرىنى يۈرۈشتۈرۈشكە تەييارلاندى.
    بىر تال تەڭگە ئالدىدا بەزىلەر بېشىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئۆتۈپ كېتىشى، يەنە بەزىلەر بېلىنى ئېگىپ ئېڭىشىپ ئۇنى ئېلىۋېلىشى مۇمكىن. يولدىن ئۆتۈۋاتقانلار گويا بىر شامالغا ئوخشايدۇ، بېلىنى ئېگىپ تەڭگىنى ئالغان ئادەم چوقۇم ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، نەچچە 100 مىليون يۈەنلىك قىممەت يارىتىشى مۇمكىن.
    مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى.
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ياپونىيە