ئەنگلىيىلىكلەرنىڭ يەنە بىر يۈزى

يوللىغۇچى : ilchi يوللىغان ۋاقىت : 2007-04-12 20:05:00

ئەنگلىيىلىكلەرنىڭ يەنە بىر يۈزى ئاپتورى: فەن گوبىن ئەنگىلىيىنىڭ گېپى چىقسىلا دەرھاللا مۆتىۋەر، ئېسىلزادە، ئەدەب-قائىدىلىك، نازاكەتلىك كىشىلەر كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئال...

        ئەنگلىيىلىكلەرنىڭ يەنە بىر يۈزى

       ئاپتورى: فەن گوبىن

          ئەنگىلىيىنىڭ گېپى چىقسىلا دەرھاللا مۆتىۋەر، ئېسىلزادە، ئەدەب-قائىدىلىك، نازاكەتلىك كىشىلەر كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئالاھىدە گەۋدىلىنىپ تۇرىدىغان ئىسيانكار، ئىزدىنىش، ئۆز كۈچىگە تايىنىش ماھىيىتىغا سەل قارايمىز.
        19-ئەسىرلەردە ئاۋسترالىيىگە سۈرگەن قىلىنغان ئەنگلىيە مەھبۇسلىرىنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە ھەممىسى جىنايى ئىشلار جىنايىتى بويىچە ھۆكۈم كېسىلگەنلەر بولۇپ، كۆپ قىسمى ئوغرى، قاراقچى ۋە قاتىللار ئىدى. ئۇلار ئاۋسترالىيىگە بارغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ يەيدىغان-ئىچىدىغىنى قالمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا  بىپايان قۇملۇق ۋە جاننى ئالىدىغان قۇرغاقچىلىققا دۇچ كېلىدۇ، لېكىن ئۇلار بەل قويىۋەتمەيدۇ، بىر ئەسىردىن كۆپرەك توختىماستىن ئالغا ئىلگىرىلەش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ يەيدىغان-ئىچىدىغىنى بولۇپلا قالماستىن، ھەتتا ھوقۇق ۋە مەدەنىيەتمۇ بار بولدى.
        بىز قۇملۇقتىن كۆكلىگەن «كېرەكسىز» كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ئەنگىلىيىنىڭ ئەسلى تۇپرىقىدىكى كېيىنى ئەۋلادلار ھېچقانچە پەرقى يوق ئىكەنلىكىنى، ئوخشاشلا چوڭ سىياسىئونلارنىڭ، ئالىملارنىڭ ئوخشاشلا نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ چىققانلىقىنى، قۇملۇقتا قۇرۇلغان دۆلەتنىڭ ئوخشاشلا دۇنيادىكى ئىلغار دۆلەتلەر قاتارىدىن بولۇپ قالغانلىقىنى بايقايمىز. يەنە شۇ قېتىملىق «ماي گۈلى ناملىق» يىراققا سەپەرمۇ بار. ئەينى ۋاقىتتا، قىسمەن ئەنگلىيىلىكلەرنىڭ غايە-ئارزۇسى، ئەمەلىي تۇرمۇش، ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىرادىسى ئاددىي ئىدى، شۇنداق قىلىپ 1620-يىلى 9-ئايدا 102 نەپەر پرېسىئان خوتۇن-بالىلىرىنى ئېلىپ، 27 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بىر كېمىگە ئولتۇرۇپ، ياۋروپادىن ئامېرىكىغا سەپىرىنى باشلىغانىدى.  
         ئۇ ئىككى ئايلىق جاپا-مۇشەققەتنى تەسەۋۋۇر قىلىغى بولمايتتى، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلار پىلىموۋتتا قۇرۇلۇققا چىقىدۇ ھەمدە شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىدۇ. ئۇلار ئاشلىق يېتىشمەسلىك، كېسەللىك، ۋە ھېرىپ-چارچاش بىلەن قىلچە ھېسابلاشماستىن، بىر قىش ئاخىرلاشقىچە بولغان ئارىلىقتا 102 ئادەمدىن ئۆلگىنى ئۆلۈپ پەقەت 50 ئادەملا قالىدۇ، ئەمما ھېچقايسىسى ئۆكۈنۈش ۋە پۇشايمان قىلغانلىقى توغرىسىدا سۆز قىلمايدۇ. جاپا-مۇشەققەت ئۇلاردا ئەقىل-پاراسەتنى يېتىلدۈرىدۇ، ئۇلار يەرلىك ئىندىئان قەبىلىلىرى بىلەن ئىناق ئۆتىدۇ، ئۇلاردىن ئوۋچىلىق، بېلىق تۇرۇش ۋە تېرىقچىلىق قىلىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ ئاخىرىغىچە بەرداشلىق بېرىدۇ.
         1789-يىلى بۇ كىشىلەرنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى باشقا كۆچمەن مىللەتلەرگە ئوخشاشلا ئەنگىلىيىلىكلەرنىڭ كونتروللىقىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىل بولۇپ چىقىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ يەر ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولمايدۇ، ئىسمى ئۆزگەرتىلىپ ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى بولۇپ قۇرۇلىدۇ؛
        ئۇلار ئۆزىنى ئەنگلىيىلىك دەپ ئاتىماستىن، ئامېرىكىلىق دەپ ئاتاپ ھەممىنى باشتىن باشلىدى، ئۇلار ئەينى ۋاقىتتىكىلەردىنمۇ قالتىس قىلدى.
          1945-يىلى 7-ئايدا يۈز بەرگەن بىر ئىشمۇ بار، ئۇ ۋاقىتتا باش ۋەزىر چېر چىل تاغقا چىقىۋېتىپ ئۆزىنى خىزمەت كۆرسەتتىم دەپ پەخىرلىنىۋاتقان چاغدا، ئەنگلىيىلىكلەر ئۇنى تەخىتتىن چۈشۈرۈۋېتىپ، بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭغا پىكىر قىلىش پۇرسىتى بېرىپ، ئۇنىڭغا دۇنيادا مۇتلەق ئىش يوق ئىكەنلىكىنى، تۆھپىنى ھوقۇقنىڭ دەسمايىسى قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. شۇنىڭدەك چېر چىلنىڭ ئۆزىمۇ بۇ ئىشقا نىسبەتەن مۇنداق دېگەنىدى: «رەھبەر دېگەن مېھىر-شەپقەتلىك بولسا بولمايدۇ، ئۇ بىر قۇدرەتلىك مىللەتنىڭ بەلگىسى»، ئۇ يەنە مۇنداق «مېنىڭ ئۇرۇش قىلىشىم خەلقنىڭ مېنى ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈندۇر.»

     ئوقۇرمەنلەر ژۇرنىلى 2007-يىللىق 8-سانىدىن ئابلەت ئوسمان تەرجىمىسى

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-13 22:32:58]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق